ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

خىزمەتچىلەرگە تولۇق ئىشنىش كېرەك

خىزمەتچىلەرگە تولۇق ئىشنىش كېرەك

ۋاقتى: 2016-03-15 ئاۋاتلىقى: 763 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


مىكروسوفت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە شىركەت خىزمەتچىلىرى ئاساسلىقى يۇمشاق دېتال تەتقىق قىلغۇچى خادىملاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، مۇستەقىلچانلىق ۋە ئىدىيەچىلىك تەكىتلىنەتتى. شۇڭا ھەربىر ئادەمگە ئەڭ چوڭ تەرەققىيات پۇرسىتى بېرىش مىكروسوفتنىڭ ئالاھىدىلىكى ئىدى. مىكروسوفتنىڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئادەم ئىشلىتىش سىياسىتى سەۋەبىدىن، مىكروسوفتتىكى خادىملارنىڭ ساپاسى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە ئىلھام بولۇشاتتى، بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن كوللېكتىپنىڭ ئىپادىسىمۇ ئىنتايىن ياخشى بولاتتى. گايتىس خىزمەتچىلەرگە يېتەرلىك بوشلۇق  بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز رولىنى ۋە يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئەڭ زور چەككىچە جارى قىلدۇرۇشىنى بەكمۇ خالايدۇ. 
نۇرغۇنلىغان شىركەتلەردە تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللار يۈز  بېرىپ تۇرىدۇ: 
شىركەت  يېڭى بىر خىزمەت بىناسىغا يۆتكەلگەن ۋاقىتتا، بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھەربىر خىزمەتچىنىڭ ئىزنەك تاقىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن، مەلۇم بىر كۈنى ئېلان تاختىسىدا ناھايىتى ئۇزۇن يېزىلغان بىر تالاي قائىدە-تۈزۈملەرنى كۆرىسىز، شىركەت ئۆز خىزمەتچىلىرىنى خۇددى ئەقلىي ئىقتدارى تۆۋەن بالا ياكى مەھبۇس قىلىۋالغان، ئەجىبا خىزمەتچىلەر بۇنىڭدىن غەزەبلەنمەسمۇ؟ بۇنداق شىركەتلەر پەقەت ھەرخىل قائىدە-نىزاملار تۇرغۇزۇلسىلا، دۆت ئادەمنىڭمۇ خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغانلىقىغا، شۇنداقلا بارلىق خىزمەتچىلەرنى بويسۇندۇرغىلى بولدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. بۇ خىل چەكلەش بىلەن قوغدىنىشنى پايدىلىق ئىشلاردىن مۇھىم بىلىدىغان شەكىل-چارىلەرنى ھەممە جايدا ئۇچراتقىلى بولىدۇ. 
ئەمما گايتىس ئەزەلدىن بۇنداق قىلىپ باقمىدى، ئەكسىچە مۇرەككەپ ئىشلارنى ئاددىيلاشتۇرۇپ كەلدى، چۈنكى ئۇ خىزمەتچىلىرىمنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ئەقىللىق، ئۇلارغا ئىشنىشىم، خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆزىگە قارار چىقارغۇزۇشۇم كېرەك دەپ قارايدۇ. ئەگەر شىركەتتە مەلۇم بىر خىزمەتچى قانۇنغا بويسۇنمىسا، گايتىس پەقەت مۇشۇ بىر خىزمەتچىنىلا بىرتەرەپ قىلىدۇ، ھەرگىزمۇ بارلىق خىزمەتچىلەرنى بىرتاياقتا ھەيدىمەيدۇ. 
گايتىسنىڭ باشقۇرۇشىنىڭ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان بىر ئالاھىدە يېرى شۇكى، ئۇ خىزمەتچىلەرگە تولۇق ھوقۇق بېرىدۇ. بۇ مىكروسوفتنىڭ ئالاھىدە بولغان تارىخىي، مەدەنىيىتى بىلەن  مۇناسىۋەتلىك. مىكروسوفتنىڭ خىزمەتچىلىرى ئۆزلىرىگە بېرىلگەن خىزمەت ھوقۇقى بويىچە ھەرقانداق قارارنى چىقارسا بولىدۇ، شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ ئىستراتېگىيە بەلگىلىشى، قارار چىقىرىشى ئىنتايىن تېز. ھەرقېتىم خىزمەتچىلەر بىرەر تۈرلۈك تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان ۋاقىتتا، يەنە چوقۇم شۇنىڭغا ماس بولغان، ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدىغان لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ۋە بۇ لايىھەنىڭ ئارتۇقچىلىق، يېتەرسىزلىك تەرەپلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈشى كېرەك. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت-خىزمەتچىلەرنىڭ تەپەككۈر قىلىش ئىقتىدارىنى مەشىقلەندۈرۈشتۇر، ئەگەر ئىشتىن بۇرۇن يۈز  بېرىپ قېلىش ئېھتىماللىقى بولغان بارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىپ بولسا، ئەسلىدىكى لايىھە مەغلۇب بولغان ئەھۋالدا، ئورنىنى ئالالايدىغان لايىھەدىن دەرھال پايدىلانغاندا، ئامالىسىز قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. 
مىكروسوفت شىركىتىنىڭ كارخانا مەدەنىيىتى «نەتىجىگە، ۋەدىگە ۋە سۈپەتكە مەسئۇل بولۇش» نى تەكىتلەيدۇ. ھەربىر خىزمەتچى خىزمەت جەريانىدا چوقۇم تولۇق يولغا قويغىلى بولىدىغان نىشاننى تۇرغۇزۇشى ھەم نىشانىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك، ئەگەر نىشاننى ئوروندىيالىسا، شىركەت تەرىپىدىن مۇكاپاتلىنىدۇ، ئەگەر نىشاننى ئورۇندىيالمىسا مۇناسىپ ھالدىكى جازالاشنى قوبۇل قىلىدۇ. مىكروسوفتتا، مەھسۇلات تەتقىق قىلىشقا نىسبەتەن خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسىدە مەڭگۈ قانائەت ھېس قىلمايدىغان روھ بولۇپ، ئۇلار ھەمىشە مەھسۇلاتنىڭ يەنە ئۆزگەرتىدىغان جايلىرى بار، ھەرگىزمۇ پەقەت «يېتەرلىك بولدى» دا قانائەتلىنىپ قالسام بولمايدۇ، چوقۇم «ئەڭ ياخشى» بولۇشقا يېتىشىم كېرەك دەپ ئويلايدۇ. مانا بۇ مىكروسوفتنىڭ باشتىن-ئاخىر مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى. 
مىكروسوفت تەتقىقات يۇرتىدا، شىركەت ئەزەلدىن خادىملارغا تەتقىقات مۆھلىتى  بەلگىلەپ بەرمەيدۇ. تەتقىقات مۆھلىتى پەقەت تەتقىق قىلىنىدىغان مەھسۇلاتقا مەسئۇل تېخنىكا خادىم تەرىپىدىنلا بەلگىلىنىدۇ. «ھەقىقي تەتقىقاتقا ھەرگىزمۇ مۆھلەت بەلگىلىگىلى بولمايدۇ، چۈنكى ھەممىسى ناتونۇش نەرسە، ئەمما مەھسۇلات ئېچىشقا چوقۇم مۆھلەت بەلگىلىنىشى كېرەك. مانا بۇ مەھسۇلات تەتقىق قىلىش بىلەن مەھسۇلات ياساشنىڭ ئاساسلىق پەرقى. ئەمما، ئەگەر مەن ئىككى يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپمۇ ھېچقانداق تەتقىقات نەتىجىسىگە ئېرىشەلمىسەم، بۇ تېمىنى بىر ياخشى تېما بولمىسا كېرەك دەپ قارايمەن ھەم ئۇنىڭدىن دەرھال ۋاز كېچىمەن.» دەيدۇ گايتىس. 
مىكروسوفتنىڭ باش تېخنىكا ئەمەلدارى بات گايتىسنىڭ خىزمەتچىلەرگە ئىشىنىش جەھەتتىكى تەدبىرلىرىگە نىسبەتەن ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە. 52 ياشلىق بات گايتىسنىڭ شەخسەن ئۆزى يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئېلىش ئارقىلىق مىكروسوفتقا كىرگەن ھەم بەلگىلىك دەرىجىدىكى ئازادە خىزمەت مۇھىتىغا ئېرىشكەن. شۇندىن كېيىن، گايتىسلا ئۇنىڭدىن ئاز-ساندا بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدا تەلىم بېرىشنى سورىغاندىن باشقا، ھېچكىم دېگۈدەك ئۇنى ئاۋارا قىلىپ باقمىغان. «مىكروسوفت شىركىتى ماڭا ھېچقانداق ۋەزىپە تەقسىم قىلمىدى، تەتقىقاتىمغىمۇ مۆھلەت بەلگىلەپ بەرمىدى، بۇ يەردە مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئۆزۈم قىزىقىدىغان بەزى مەسلىلەرنى تەتقىق قىلسام بولىدۇ. بەزىدە، گايتىس كېلىپ مەندىن جاۋاب بەرمەك قىيىن بولغان سوئاللارنى سورايدۇ. يەنى زور سىغىملىق مۇلازىمىتېرنىڭ پۈتكۈل قۇرۇلمىسى زادى قانداق بولۇشى كېرەك؟ دېگەندەك. ئادەتتە مەن بۇنىڭغا ئوخشاش مەسلىلەرگە دەرھاللا جاۋاب بېرەلمەي، بىر-ئىككى ئايدىن كېيىن ئاندىن جاۋاب بېرىمەن، گايتىسكە جاۋاب بېرىش ئۈچۈن ماتېرىياللارنى ۋە تەپەككۈر يولۈمنى رەتلەپ چىقىشىم كېرەك. »دەيدۇ-بات. 
بۇ خىل تولۇق ئىشىنىش ئاستىدا، باتنىڭ جاپالىق بولغان مەھسۇلات ئېچىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىنىڭمۇ، شۇنداقلا چىگىش بولغان مەمۇرى باشقۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىنىڭمۇ ھاجىتى يوق بولۇپ، پەقەت خاتىرجەم ھالدا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئىلىم-پەن تەتقىقاتىنىلا قىلسىلا بولدى. كۆپلىگەن ۋاقىتلاردا ئۇ مىكروسوفت تەتقىقات يۇرتىدا تۇرىدۇ، بىر قانچە ئاي، ھەتتا بىر-ئىككى يىلغىچە تەتقىقات نەتىجىسى چىقمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ مۇئاشى ۋە پايچېكى نىسبىتى ھەرگىز تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ. بۇ خىل ئازادە خىزمەت مۇھىتىنىڭ جەلپ قىلىشى بىلەن شېرلى، بالمېر، سىمونىي، لەيتىۋىتون. . . قاتارلىق زور بىر تۈركۈم ئەزىمەتلەر مىكروسوفت بايرىقى ئاستىغا توپلىنىپ، گايتىسنى ئورىدى. «بۇلار ھەممەيلەن يۇقىرى دەرىجىدىكى مۇتەپەككۈرلەر. »-گايتىس ئىنتايىن پەخىرلەنگەن ھالدا باشقىلارغا شۇنداق دەيدۇ. 
ئەلۋەتتە بۇ خىل ئىشەنچكە ئالماشقىنى ھەرگىزمۇ خىزمەتچىلەرنىڭ ئەتىدىن-كەچكىچە كۈنىنى بىكارغا ئۆتكۈزۈشى ئەمەس. مىكروسوفتتا خىزمەتچىلەر ئۆز تالانتىنى جارى قىلدۇرۇش، غايىسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشتا يېتەرلىك بوشلۇق ھەم ئەركىنلىككە ئېرىشكەچكە، ئۇلارنىڭ خىزمەت ئۈنۈمى ئەكسىچە تېخىمۇ چوڭ بولغان. باتنى مىسالغا ئالساق، مىكروسوفتقا كەلگەن دەسلەپكى 4 يىلدا، ئۇ 6 تۈرلۈك زور تەتقىقات نەتىجىسىنى روياپقا چىقارغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسىغا مەخپى شىفىر ئورنىتىش پىروگراممىسىنىڭ تور دۇنياسىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ئىنتايىن زور بولدى. 
شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا، گايتىس يەنە خىزمەتچىلەرنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە قاتناشتۇرۇشقا، ھەرۋاقىت بىرىنچى سەپتىكى خىزمەتچىلەرنىڭ يۈرەك سۆزىنى ئاڭلاشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، بىرىنچى سەپتىكى خىزمەتچىلەرنى شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇش ئارقىلىق، قارار بەلگىلەش ھوقۇقنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلىشىپ قېلىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان بازار ئىنكاسىنىڭ ئاستا بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىدۇ. بازارنىڭ ئەھۋالىنى ئەڭ بالدۇر چۈشىنىدىغان بىرىنچى سەپتىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشى بولغاچقا، ھەددىدىن زىيادە تويۇنۇپ كەتكەن بازاردىمۇ، مىكروسوفتتىن ئىبارەت بۇ چوڭ «پىل»  كېپىنەككە ئوخشاش يەنىلا لەرزان پەرۋاز قىلالايدۇ. 
شىركەتتە، ئىستراتېگىيەلىك زور تەڭشەش ۋە مۇھىم ئىشلار يۈز بەرگەن ۋاقىتتا، گايتىس بىلەن بالمېر ئالىي دەرىجىلىك دىرېكتورلارنىڭ پىكىرىنى ئالغاندىن باشقا، يەنە ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى ئارقىلىق شىركەتتىكى پۈتكۈل خىزمەتچىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرىدۇ، باش شىتابتا چاقىرىلغان  مۇناسىۋەتلىك يىغىنلار توردا بىۋاسىتە تارقىتىلىدۇ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خىزمەتچىلەر توردا پىكىر يوللاش قاتارلىق تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق يىغىنغا قاتناشسا، پىكىر ئالماشتۇرسا بولىدۇ. 
بۇ جەرياندا، مىكروسوفتنىڭ خىزمەتچىلىرى ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى يوللاش ياكى تور يىغىنىغا قاتنىشىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ھەقىقي «خوجايىن»دەك ھېس قىلىشىدۇ. بۇنداق زور ۋەقەگە  مۇناسىۋەتلىك بولغان بارلىق خىزمەتچىلەر، كەسپى ۋەزىپىسىنىڭ قانچىلىك يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلار ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى تېزىملىكگە كىرگۈزۈلىدۇ، كۆپچىلىك ئۆزىنىڭ پىكىرىنى تولۇق بايان قىلسا بولىدۇ، ئەزەلدىن كۆرۈشۈپ باقمىغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا بىر-بىرىنىڭ شەخسى كۆز-قارىشىنى بىلىشىدۇ. ئەگەر مەلۇم بىر ئىش تۈپەيلى يىغىنغا قاتنىشالمايدىغان بولسا، يىغىندىن بۇرۇن ياكى يىغىندىن كېيىن ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى ئارقىلىق ئۆز كۆزقارىشىنى ۋە قارارىنى كۆپچىلىككە ئۇقتۇرۇپ قويسىمۇ بولىۋېرىدۇ، بۇ خىل ئۇسۇللار مىكروسوفتنىڭ قارار بەلگىلەش تەرتىپىنى تېزلەشتۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى يەنە يىغىن سەپىرى ۋە يىغىن كۆلىمى تۈپەيلىدىن يىغىنغا قاتنىشىدىغان خىزمەتچىلەرنىڭ چەكلىنىپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، بۇ خىل يىغىن ئېچىش شەكىلىدە دەرىجىسى ئوخشاش بولمىغان خىزمەتچىلەرمۇ ئەركىن-ئازادە ھالدا ئۆز پىكىرىنى ھەقىقىي بايان قىلسا بولىدۇ. 
ئۆز خىزمەتچىلىرىگە تولۇق ئىشىنىش، شىركەتنىڭ ئىستىقبالىنى توغرا بولغان مەھسۇلات ۋە پۇرسەتكە، دوغا تىكىش-گايتىسنى تۇشمۇتۇشتىن ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بازاردىمۇ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا سەپنىڭ ئەڭ ئالدىدا ماڭغۇزدى. ئەگەر ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە بولغان تولۇق ئىشنىش بولمىغان بولسا، دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن «كۆزنەك» مەشغۇلات  سىستېمىسى قورساقتىلا تۇنجۇقۇپ قالغان بولار ئىدى. 80-يىللارنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، مىكروسوفت بىلەن IBM شىركىتى OS/2 مەشغۇلات   سىستېمىسىنى بىرلىشىپ تەتقىق قىلىش توغرىسىدا كېلىشىمنامە ئىمزالايدۇ، ئەمما ئىككى نەپەر ئادەتتىكى  ئىنژېنېرنىڭ بۇنىڭغا نىسبەتەن باشقىچە پىكىرى بولغاچقا، ئۇلار بىۋاسىتە گايتىسكە ئېلېكتىرونلۇق خەت ئەۋەتىپ ئۆز پىكىرلىرىنى ئىنكاس قىلىپ، شىركەتنىڭ OS/2 نى تەتقىق قىلىشتىن ۋاز كېچىپ، داۋاملىق ھالدا ئۆزىنىڭ «كۆزنەك» پىلانىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇ پىكىر ئەڭ ئاخىرىدا شىركەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ، شۇڭلاشقا بۈگۈنكى «كۆزنەك»  سىستېمىسى بولغانىدى. 
ئۇنىڭ ئۈستىگە، ناھايىتى ئازساندىكى كىشىلەرلا مىكروسوفتنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ دەل مىكروسوفتنىڭ مەغلۇبىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن قوبۇل قىلغانلىقىدىن كەلگەنلىكىنى بىلىدۇ. مانا بۇمۇ مىكروسوفتنىڭ خىزمەتچىلىرگە تولۇق ئىشەنگەنلىكىنىڭ بىر خىل ئىپادىسى. نۇرغۇنلىغان چوڭ كارخانىلاردا مەغلۇب بولۇشقا يول قويۇلمايدۇ، ھەتتا كۆپلىگەن خىزمەتچىلەرنىڭ ئاقىلانە پىلانلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ مەغلۇب بولۇشى ناتايىن بولسىمۇ، ئەمما خىزمەتچىلەر يەنىلا ھەقىقىي ئەھۋالنى  دېيىشكە پېتىنالمايدۇ. پەقەت ھەممە ئىشنى ئىزچىل ئارقىغا سۆرەيدۇ خالاس. مىكروسوفتتا دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، مەغلۇبىيەت بىر خىل ئارزۇ ھېسابلىنىدۇ، باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەر مەخسۇس ئىلگىرى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، ئۇنىڭغا مەسئۇل بولۇشقا جۈرئەت قىلالىغانلارنى ئۆستۈرىدۇ، چۈنكى ئۇلار مەغلۇبىيەتتىن ساۋاققا  ئېرىشكىلى بولدىغانلىقىنى بىلىدۇ. 
------------------------
داۋامى ھەر كۈنى بىر تېما شەكلىدە يوللىنىدۇ....
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
مەزكۇر «بىل.گايتىسنىڭ تولۇق تەرجىمىھالى» ناملىق كىتاب تەرجىمان ئەنۋەر تۇردىنىڭ ئالاھىدە رۇخسىتى بىلەن قايتا تەھرىرلىنىپ ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىدا ئېلان قىلىندى، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ، ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى