ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

رەھبەرلىك ئىقتىدارى دېگەن نېمە؟

رەھبەرلىك ئىقتىدارى دېگەن نېمە؟

ۋاقتى: 2016-06-15 ئاۋاتلىقى: 1404 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 رەھبەرلىك ئىقتىدارى دېگەن نېمە؟

 

رەھبەرلىك ئىقتىدارى دېگىنىمىز: ھوقۇقنى دەستەك قىلىش ئەمەس، بەلكى باشقىلارنىڭ ئەركىن  ئىشلىشىگە ھوقۇق بېرىشنى كۆرسىتىدۇ.

كىچىككىنە غەلبىنى بىرەر ئادەم ئۆزى ئەجىر قىلىپمۇ قولغا كەلتۈرەلەيدۇ، لېكىن ،ئاخىرقى ھېسابتا مۇۋەپپەقىيەت ئېلىپ كېلىدىغان ئۇلۇغ  غەلىبىنى تەنھا تىرىشچانلىققا تايىنىپ قولغا كەلتۇرگىلى بولمايدۇ. بۇنداق غەلبىنى قولغا كەلتۇرۇش ئۇچۇن ،باشقىلارنىڭمۇ كۇچ چىقىرىشىغا توغرا كېلىدۇ. سىز  باشقىلارنى مەلەم نىشانغا يېتىش ئۈچۈن بىرلىكتە ئىشلەشكە سەپەرۋەر قىلغىنىڭىزدا، ئۆزىنىڭىزمۇ رەھبەرلەر قاتارىدا ئورۇن ئالغان بولىسىز، قىلغان ئىشلىرىڭىزنىڭ غەلبىگە ئېرىشىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشى ئۆزىڭىزنىڭ رەھبەرلىك سەۋىيەسىگە باغلىق بولۇپ قالىدۇ.

 

رەھبەرلىك ئىقتىدارى دېگەن زادى نېمە؟ ناپالىئون خېئول مۇنداق دەيدۇ: رەھبەرلىك ئىقتىدارى دېگەنلىك –غايىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارىدۇر، كەڭ مەنىدىن ئېيىتقاندا بۇ توغرا.


بىرەر رەھبەر ئۆز غايىسىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرىمەن دەيدىكەن، ئىنتايىن مۇھىم بىر ئامىلغا  يەنى باشقىلارنى ئۆزى بىلەن بىللە ئىشلەيدىغان قىلىشقا دىققەت قىلىشى كېرەك. رەھبەر بولغۇچى ئۆز تىرىشچانلقىىغىلا ئەمەس ،باشقىلارنىڭمۇ تىرىشچانلىغىغا تايىنىپ غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغان بولۇشى  كېرەك. مەن رەھبەر دېگىنى بىلەن ئۇنىڭغا ئەگىشىدىغان ئادەم بولمىسا دېگىنى كۆپۇككە ئايلىنىدۇ.


رەھبەرلىك ئىقتىدارى دىگەن ئاتالغۇنىڭ ئەڭ ياخشى تەبىرى: رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى-    تەسىر قىلىش كۇچى دېگەنلىكتۇر. ھەقىقى رەھبەر بولغۇچى باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ، باشقىلارنى ئۆزىگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان قىلىدۇ، باشقىلارنى ئۆزى بىلەن بىر قاتاردا بىرلىكتە ئىشلەيدىغان قىلالايدۇ، ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى ئۆزى بىلەن ماسلىشىپ، ئۆز غايىسىنى، نىشانىنى، ئېرىشمەكچى بولغان مۇۋەپپەقىيىتىگە قاراپ قەدەم تاشلاشقا رىغبەتلەندۈرەلەيدۇ ۋە ئۇلارغا كۇچ-قۇۋەت ئاتا قىلالايدۇ.


رەھبەرلىك ئىقتىدارى دېگىنىمىز:-ئالدى بىلەن بىر كىشىنىڭ ئۆزگىچىلىگى ۋە كۆزىتىش ئىقتىدارى، شۇ كىشىنىڭ ئەڭ يادرولۇق تەرىپى ھېسابلىنىدۇ. رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى تەتقىق قىلىدىغان  مۇتەخەسسىس فېرىد.شىمىس مۇنداق دىگەن:رەھبەرلەر سەپنىڭ ئالدىدا شۇنداقلا باشتىن-ئاخىر  سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىشى كېرەك،ئۇلار ئۆزى ئوتتۇرغا قويغان ئۆلچەم بويىچە ئۆزىگە تەلەپ قويۇشى، شۇنداقلا باشتىن-ئاخىر ئاشۇ ئۆلچەم بويىچە ئۆزىگە تەلەپ قويۇشنى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىشى لازىم. ياخشى رەھبەرلەر ئۈزلۈكسىز ئىلگىرلەيدىغان، تەرەققى تاپىدىغان،ئۆگىنىدىغان كىشىلەردۇر، ئۇلار رەھبەرلەر تۆلەشكە تېگىشلىك بەدەلنى تۆلەشنى خالايدۇ، ئۆز سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ، نەزەر دائىرسىنى كېڭەيتىدۇ، يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ھەرخىل زۆرۈر قۇربانلارنى بېرەلەيدۇ،ۈئۇلار ئۆز تىرىشچانلقى ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر كىشىگە ئايلىنىدۇ.



ياخشى ئەخلاقلىق، پەزىلەتلىك، ئىشەنچلىك   ئادەمنىڭ ،ئەخلاق-پەزىلىتى يوق ئادەمگە قارىغاندا رەھبەر بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن، لېكىن ياخشى ئەخلاق-پەزىلەتكە ئگە بولۇش بىلەنلا ياخشى رەھبەر بولغىلى بولمايدۇ. بۇ پەزىلەتلەرنى كىشىلەر بىلەن چىقىشالايدىغان       ئىقتىدار بىلەن بىرلەشتۈلەيدىغان بولۇشى كېرەك. رەھبەر بولغۇچى كىشىلەر بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشى،باشقىلارغا غەمخورلۇق قىلىشى،باشقىلار بىلەن سىردىشالايدىغان ھەم ئۇلارنىڭ   ئاكتىپلىقىنى قوزغىتالايدىغان بولۇشى لازىم. ئاكتىپ روھىي ھالەتتە بولۇش،كىشىلەر بىلەن ئالاقىلىشىشى ۋە باشقىلارنىڭ ئاكتىپلىغىنى قوزغاش رەھبەرلىك قابىلىيىتىنى شەكىللەندۈرىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى.


رەھبەرلەرنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى:


بىر ئادەم مۇۋاپقىىيەت قازىنىش، بايلىق يارىتىشتا چوقۇم ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان  شۇ كەسىپنىڭ ئەھلى بولۇشى كېرەك.


دۇنيادا ئىككى خىل تىپتىكى ئادەم بولىدۇ،بىرى رەھبەرلىك قىلغۇچى ،يەنە بىرى بولسا ئەگەشكۈچى.خىزمەتكە كىرىشكەن ۋاقتىڭىزدا ئۆزىڭىز تاللىغان كەسىپتە بىرەر رەھبەرلىك قىلغۇچى ياكى ئەگەشكۈچى بولۇش-بولماسلىق مەسىلىسىدە چوقۇم بىر قارارغا كېلىشىڭىز كېرەك. بۇ يەردىكى  پايدا-مەنپەئەت پەرقى ناھىيىتى چوڭ، گەرچە نۇرغۇن ئەگەشكۈچى خاتا ھالدا رەھبەرلىك قىلغۇچى بىلەن ئوخشاش ھەق ئېلىشنى ئارزۇ قىلسىمۇ لېكىن ئۇلارنىڭ رەھبەرلىك قىلغۇچى بىلەن    ئوخشاش ھەق ئېلىشىغا قىلچە ئاساسى يوق.


ئەگەشكۈچى بولۇش نومۇس قىلغۇدەك ئىش ئەمەس، يەنە بىر تەرەپتىن ئېيىتقاندا ، ئەگەشكۈچى بولۇشنىڭ ھىچقانداق پەخىرلىنىدىغان يېرى يوق. نۇرغۇن رەھبەرلەر ئىشنى ئەگەشكۈچى بولۇشتىن باشلىغان، ئۇلار دەسلىپىدە ئەقىللىق ئەگەشكۈچى بولغانلىقى ئۈچۈن كېيىن داڭلىق رەھبەر بولالىغان. ئەقىل-پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ رەھبەرگە ئەگەشكەن كىشى ئىقتىدارلىق رەھبەر بولالايدۇ، بۇنداق ئەھۋال  ناھايىتى كەم ئۇچرايدۇ.رەھبەرگە يېقىندىن ئەگىشىپ ماڭغان كىشى تولا ھاللاردا ناھايىتى تېزلا رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرىدۇ،ئەقىللىق ئەگەشكۈچىنىڭ نۇرغۇن ئۈستۈنلۈكى بولىدۇ، بۇ ئۇنىڭ رەھبەر بولغۇچىدىن نۇرغۇن بىلىم ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدىغانلىقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


رەھبەر بولغۇچىلارنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى:


1.تەۋرەنمەيدىغان غەيرەت-شىجائەت بولۇشى كېرەك.
بۇنداق غەيرەت-شىجائەت ئۆزىدىن ۋە ئشلەۋاتقان كەسپىدە ئىگەللىگەن بىلىمىدىن شەكىللىنىدۇ. ئىشەنچ ۋە غەيرىتى كەمچىل بولغان رەھبەرنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇشنى خالايدىغان ئەگەشكۈچى بولغان ئەمەس، بۇنداق رەھبەرنىڭ ئەقىللىق ئەگەشكۈچىگە ئۇزاق ۋاقىت قوماندانلىق قىلالىشىمۇ تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس.


2.ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى بولۇشى كېرەك.
ئۆزىنى كونترول قىلالمىغان ئادەم مەڭگۈ باشقىلارنى كونترول قىلالمايدۇ. رەھبەر بولغۇچى ئۆزىنى كونترول قىلىشتا ئەگەشكۈچىلەرگە ئۇلگە بولسا ئەگەشكۈچىلىرى تېخىمۇ ئەقىل تېپىپ رەھبىرىنى دورايدۇ.



3.كۈچلۈك ھەققانىيەت تۇيغۇسى بولۇشى كېرەك.
ھەرقانداق رەھبەر ئادىل، ھەققانىيەت تۇيغۇسىدا بولمىسا، قول ئاستىدىكىلەرگە رەھبەرلىك قىلالمايدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ.


4.قەتئى تەۋرەنمەيدىغان ئىرادە بولۇشى كېرەك.
ھەرقانداق ئىشتا دېلىغۇل بولىدىغان كىشى ئۆزىنى مۇئەييەنلەشتۈرەلمەيدۇ، باشقىلارغىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا رەھبەرلىك قىلالمايدۇ.


5. ئىجرا قىلغىلى بولىدىغان كونكرېت پىلان-تەدبىرى بولۇشى كېرەك.
مۇۋەپپەقىيەتلىك رەھبەرلىك قىلغۇچى ئۆز خىزمىتىنى ياخشى پىلانلىشى ھەم پىلان بويىچە ئىشلىشى لازىم. ۋاقىتلىق چارە-تەدبىرگىلا تايىنىۋېلىپ، رىئال، كونكرېت پىلان بولمىسا، بۇنداق رەھبەر پالىقى يوق كېمىچىگە ئوخشاپ قالىدۇ. بۇنداق كېمىچى كۇنلەرنىڭ بىرىدە غەرىق بولماي قالمايدۇ.


6.ئېرىشكىنىدىنمۇ كۆپرەك بەدەل تۆلەيدىغان روھ بولۇشى كېرەك.
رەھبەر بولغۇچى ئۈچۈن پايدىسىز ئاقىۋەتنىڭ بىرى-تۆھپە قوشۇشتۇر. بۇنداق توھپە قوشۇش رەھبەر بولغۇچىدىن ئۆزى مەسئۇل بولغان خىزمەتنى قول ئاستىدىكىلەرگە قارىغاندا ئۆزىگە تېخىمۇ قاتتىقراق تەلەپچان بولۇشنى شەرت قىلىدۇ.


7.باشقىلارنى جەلپ قىلالايدىغان مىجەزى بولۇشى كېرەك.
ھورۇن،چېچىلاڭغۇ،قوپال كىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك رەھبەرلىك قىلغۇچى بولالمايدۇ، رەھبەرلىك قىلغۇچى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇشى كېرەك. ئەگەشكۈچىلەر مىجەزىدە تۇرلۈك نۇقسان بار، ئىناۋىتى    يوق رەھبەرنى ھۆرمەت قىلمايدۇ.


8.ئەھۋالنى تەپسىلىي، تولۇق ئىگىلىشى كېرەك.
مۇۋەپپەقىيەتلىك رەھبەرلىك قىلغۇچىنىڭ ئۆزى رەھبەرلىك قىلىۋاتقان ئورۇننىىڭ تەپسىلى ئەھۋالىنى ئىگىلىشى زۆرۈر.



9.قول ئاستىدىكىلەرنى تولۇق چۈشىنىشى كېرەك
مۇۋەپپەقىيەتلىك رەھبەرلىك قىلغۇچى چوقۇم قول ئاستىدىكىلەرگە ھېسداشلىق قىلىشى، ئۇلارنى چۇشىنىشى، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ئامالنىڭ بېرىچە ھەل قىلىپ بېرىشى لازىم .


10.كۇچلۇك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولۇشى كېرەك
مۇۋەپپەقىيەتلىك رەھبەرلىك قىلغۇچى قول ئاستىدىكىلەرنىڭ يېتەرسىزلىكى ۋە خاتالىقىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالايدىغان بولۇشى لازىم. ئەگەر مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئىتتەرسە ئۇ رەھبەرلىك خىزمىتىنى داۋاملىق ئىشلىيەلمەيدۇ. ئەگەر قول ئاستىدىكىلەر خاتالىق ئۆتكۇزسە بۇ ئۇنىڭ لاياقەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنداق رەھبەر ئاخىرقى ھېسابتا مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى ئويلىشىپ قويۇشى كېرەك.


11.ھەمكارلىشىپ ئىشلەش روھىغا ئىگە بولۇشى كېرەك
مۇۋەپپەقىيەتلىك رەھبەرلىك قىلغۇچى باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلەش پىرىنسىپىنى بىلىشى  ۋە شۇ پىرىنسىپ بويىچە ئىشلىشى، قول ئاستىدىكىلەرنىڭمۇ شۇنداق قىلىشى توغرىسىدا نەسھەت قىلىشى لازىم. رەھبەرلىك قىلغۇچى كۈچكە موھتاج، كۈچ ھەمكارلىشىشقا موھتاج.


12.كەسكىن قارار چىقىرىش ئىقتىدارى بولۇشى كېرەك.
تېزلىكتە قارار قارار چىقىرىش ئىقتىدارى-رەھبەرلىك قىلغۇچى ھازىرلاشقا تېگىشلىك مۇھىم شەرتلەرنىڭ بىرى. رەھبەرلىك قىلغۇچى ئېنىق، مۇھىم نىشانغا ئىگە بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە ئۇنىڭدا شۇ نىشانغا يېتىدىغان ئېنىق پىلان بولۇشى، ھەرقانداق ئەھۋالدا كەسكىن قارار چىقىرالايدىغان   بولۇشى لازىم.


13.خىزمەتچىلەر بىلەن ئالاقىلىشىشقا ماھىر بولۇشى كېرەك
ئالاقىلىشىش دىگىنىمىز بىر كىشىنىڭ يەنە بىر كىشىگە ئۇچۇر يەتكۈزۈشى ھەم چۈشىنىشكە ئېرىشىش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ. رەھبەر بولغان كىشى ھەر كۈنى ئالاقىگە تايىنىپ بۇيرۇق ۋە كۆرسەتمىلەرنى چۈشۈرۈپ ،كوللېكتىۋىزىملىق ئاڭنى تىكلەيدۇ ھەم ھەر خىل ئۇچۇرلارنى يىغىدۇ. رەھبەر  بولغۇچى خىزمەتچىلەر بىلەن ،ئۆزىدىن يۇقىرى باشقا رەھبەرلەر بىلەن ۋە باشقا مۇھىم تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىلىشىش مۇناسىۋىتىنى ساقلىشى لازىم. رەھبەرلىك قىلغۇچى خىزمەتچىلەر بىلەن ئۇنۈملۈك ئالاقە ئورنىتىپ، ئىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىرنەچچە نۇقتىغا دىققەت قىلىشى لازىم:



(1) ھوقۇقىنى پەش قىلىپ باشقىلار بىلەن دەتالاش قىلماسلىقى لازىم. ئەگەر كاللىڭىزدا «كىم     سېنىڭ باشلىقىڭ ئىكەلىكىنى كۆرسىتىپ قويىمەن» دەيدىغان ئوي بولىدىكەن، ئۇنداقتا يېنىڭىزدىكىلەرنى جېدەلگە سېلىپ قويىسىز، سىز ئامال قىلىپ ئۆزىڭىنىڭ ھەم خىزمەتچىلىرىڭىزنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى نۆۋەتتە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەنى ھەل قىلىشقا قارىتىڭ،بۇ ئاساسى باشقۇرغۇچىنىڭ تەلىپى  بولماستىن ،بەلكى ئوبيېكتىپ مۇھىتنىڭ تەلىپىدۇر.


(2)پەشنى قېقىپ كارى بولماسلىق پوزىتسىيىسى تۇتۇشتىن ساقلىنىش لازىم. سىز خىزمەتچىلەردىن ۋەزىپىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشنى ھەم بۇيرۇقنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلغاندا ئانچە-مۇنچە چاقچاق قىلىپ قويسىڭىز بولىدۇ، ئەمما ۋەزىپە ئېنىق بولۇشى، مۇھىم ئىشلارنى  ئىگىلىشىڭىز لاىم.


(3)سۆز-ھەرىكەتكە دىققەت قىلىش لازىم. كۆپ ساندىكى خىزمەتچىلەر مۇنداق بىر پاكىتنى،يەنى رەھبەر بولغۇچىنىڭ خىزمىتى بۇيرۇق ۋە ئەمىر-پەرماننى يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت دېگەن پاكىتنى قوبۇل قىلالايدۇ، بۇ جەرياندا كېلىپ چىققان تالاش-تارتىشلار بۇيرۇق، ئەمىر-پەرماننى يەتكۈزۈش شەكلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا ئىدىيەنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان سۆز-ئىبارىنى تاللاشقا ھەم تەلەپپۇزغا دىققەت قىلىش لازىم.


(4)خىزمەتچىلەر ھەممىنى چۈشەندى دەپ قالماسلىق لازىم. خىزمەتچىلەرنى سوئال سوراشقا رىغبەلەندۇرۇش ھەم ئۇلارغا مەسىلىلەرنى قايتا-قايتا چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق خىزمەتچىلەرنىڭ چۈشىنىشىنى مۇستەھكەملەش لازىم.


(5)ئۇقۇشماسلىقنى ۋاق تىدا بايقاش لازىم. خىزمەتكە ئەۋەتكەندە زارلانغان، ۋايسىغان خىزمەتچىلەرنىڭ ۋەزىپىنى ئورۇندىشىغا ئېنىق كۆرسەتمە بېرىش لازىم، خاتا قىلغىنىنى تۈزىتىشتىن بۇرۇن خىزمەتچىلەردە ئارازىلىق ياكى خاتا چۈشەنچە بار-يوقلىقىنى بايقاش لاىم.


(6)بۇيرۇقنى بەك كۆپ بېرىۋەتمەسلىك لازىم.
قالايمىقان بۇيرۇق چۈشۈرۈش ياخشى نەتىجە بەرمەيدۇ. شۇڭا چۈشۈرگەن بۇيرۇق قىسقا، نىشانلىق، چۈشىنىشلىك، سەمىمى بولۇشى لازىم، ئىمكانىيەت   يار بەرگەندە خىزمەتچىلەر بىر بۇيرۇقنى ئورۇنداپ بولغاندىن كېيىن يەنە بىر بۇيرۇقنى چۈشۈرۈش لازىم.



(7)ئېھتىياجلىق ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش لازىم.
ئوخشاش بولمىغان خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇرەككەپلىك دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ. ئىشچىلارغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا ،ئۇلار ئېھتىياجلىق ماتېرىيالمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، يېشى چوڭراق ئىشچىلار زۆرۈر ئەمەس دەپ قارىغان ماتېرىياللار  يېڭى ئىشچىلار ئۈچۈن پايدىلىق ماتېرىيال بولۇشى مۇمكىن.


(8)بۇيرۇقنىڭ بىردەك بولماي قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.
سىز خىزمەتچىلەرگە بىرەر ئىشنى بۇيرۇشنى ئويلىشىۋاتقاندا، باشقا ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلارنىڭ بۇيرۇق چۈشۈرگەن-چۈشۈرمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ، ئۇنىڭدىن باشقا بۇيرۇقنىڭ ۋاقتى، ئوبيېكتى بىر-بىرىگە زىت كەلمىسە، بىردەكلىكنى ساقلاڭ.


(9)ئۆزى بىلەن ماسلىشالايدىغان خىزمەتچىلەرنىلا تاللىماسلىق لازىم.
بەزى كىشىلەر ئەسلىدىنلا  ھەمكارلىشىپ ئىشلىيەلەيدۇ، لېكىن بەزى كىشىلەرنى ھەر قېتىم بىرەر ئىشقا بۇيرىغىنىڭىزدا چاتاق چىقماي قالمايدۇ. كۆڭۈل قويۇپ ئشلەيدىغانلارغىلا ئىش يۈكلەپ، ئىشنى بېجىرمىكى تەس كىشىلەرگە سەل قارىماسلىق لازىم. بۇنداق قىلسىڭىز زىتلىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز.


(10)كىشىلەرنى ئامال بار تەنقىد قىلماسلىق لازىم. خىزمەتچىلەرنى ئۆزى قىلىشنى خالىمايدىغان  ئىشلارنى قىلدۇرۇش ئارقىلىق جازالاش خەتەرلىك. ئامال بار بۇنداق ئىشلارنى قىلماسلىق لازىم. گەرچە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرەرسىنى ئۆچ كۆرسىڭىز ياكى ئاداۋىتىڭىز بولسىمۇ، خىزمەتچىلەر مۇۋاپىق خىزمەتكە قويۇلۇشنى ئارزۇ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.


(11)ئەڭ مۇھىمى ئوت بىلەن ئويناشماسلىق لازىم.
خىزمەتكە يېڭىدىن تەيىلەنگەن بەزى باشقۇرغۇچىلار بەزى چاغلاردا ھوقۇقى بىلەن ماختىنىدۇ. ياشتا چوڭراق باشقۇرغۇچىلار نىسبەتەن ئۈمىدۋار كېلىدۇ، ئۇلار خىزمەتچىلەرنى ئۆزى بىلەن ھەمكارلىشىشىقا ياكى ئۆزىنى ھۆرمەتلەشكە زورلاشنىڭ  ئۆزىنى ئوتقا ئىتتەرگەنلىك بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ.



(12)كۆڭۇل قويۇپ ئاڭلاش لازىم.
بۇنىڭدا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش زۆرۈر


1)باشقىلار سىزگە دېمەكچى بولغان گەپنى قىياس قىلماسلىقىڭىز ھەم خىزمەتچىلەرنى ئۆزى دىمەكچى بولغان ئىشنى سىزنى چۈشىنىدۇ دەيدىغان ئويغا كەلتۈرۈپ قويماسلىقىڭىز لازىم. گەرچە سىز بۇ ئىشنى ھەقىقەتەن بىلسىڭىزمۇ.


2) گەپنى بۆلۈۋەتمەسلىك.
باشقىلارنىڭ گېپىنى سۆزلەپ بولۇشىنى كۈتۈش لازىم. ئەگەر بەك ئالدىراش بولسىڭىز، ياكى ۋاقىت بەلگىلەڭ ياكى باشقا ۋاقىتتا ئەھۋالنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى ئىگىلەش توغرىسىدا كاپالەت بېرىڭ.


3)كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشىنىشى لازىم. خىزمەتچىلىرىڭىزنىڭ ئۆز گېپىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدىغانلىغىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىڭىز لازىم. بۇ ئادەتتە پاراڭلاشقاندىن زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ.


4)ناھايىتى تېز ئىنكاس قايتۇرماسلىق لازىم.
بىر گەپنى ئاڭلاپلا ئىنكاس قايتۇرۇشقا ئالدىراپ  كەتمەسلىك لازىم.
بۇنداق قىلىش ئەھۋال تېخى ئايدىڭلاشمىغان ئەھۋالدا ئورۇنسىز سۆزلەپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشىنى بىلمەكچى بولۇۋاتقىنىڭىزدا ،سەۋرچان بولسىڭىز، يۈزەكى جاۋاپ بېرىپ قويۇشتىن ساقلىنالايسىز. قول ئاستىڭىزدىكىلەرنىڭ ئايىقى چىقمايدىغان ئاڭلىغىنىڭىزدا پەم بىلەن سوئال قويۇپ ،پاراڭنىڭ تېمىسىنى يۆتكىسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر خىزمەتچىلەر  ھەقىقىي ئەھۋالنى ۋە شىركەتنىڭ سىياسىتىنى چۈشەنمىگەن بولسا ،ئامال قىلىپ چۈشەندۈرۈڭ.


14.خىزمەتچىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ماختاش كېرەك.
سوغۇق قان ۋە كەسكىن بولۇش تولا  ھاللاردا ئەكسىچە نەتىجە بېرىپ قويۇشى مۇمكىن. بۇنداق ۋاقىتتا، يۈزتۇرانە ئىلھام بېرىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ قول ئاستىنىڭىزدىكىلەرگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلھام بەرسىڭىز، ئۇلارنى ماختىسىڭىز ناھايىتى ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلەيسىز.
بۇيرۇق ۋە سۈيلەش تەلەپپۇزى بىلەن كىشىلەرنى ئىشقا بۇيرىغاندا، بەزىدە ھەقىقەتەن ئۈنۈمى بولغاندەك قىلسىمۇ، لېكىن ئىشنىڭ ياخشى ئىشلىنىشى ناتايىن، چۈنكى ماختاش، بولۇپمۇ يۈزتۇرانە ماختاش قول ئاستىدىكىلەرنىڭ يۈز-ئابرويىنى كۆتۈرۈپلا قالماي، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى كۇچەيتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىشنى تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى ئىشلەيدىغان بولىدۇ.



15.خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىشقا جۈرئەت قىلىش كېرەك.
ھىچ نەرسىنى دەماللىققا بەلگىلىگىلى بولمايدىغان ئەھۋال ئاستىدا، كىشىلەرنىڭ خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىش روھى ئىنتايىن كەم ئۇچرايدىغان بايلىقتۇر. باشقۇرۇش ئىلمى نەزىيەسى بويىچە ئېيىتقاندا ، ئامالسىز قېلىش، ئۇچۇر مۇكەممەل بولماسلىقنى يېڭىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئامالى –شۇ ئورۇندا خەتەرگە  تەۋەككۇل قىلىدىغان ئستراتېگىيەچى چىقىشى كېرەك.


دۇنيادا تۈپ-تۈز كەتكەن مۇۋەپپەقىيەت يولى بولغان ئەمەس، بازارنىڭ ئەھۋالى كۈندە دېگۈدەك ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، بەزى نەرسىلەرنى تولا ھاللاردا مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ، شۇڭا شىددەتلىك سودا دېڭىزىدا ئەركىن-ئازادە ئۈزەي دىسىڭىز، خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىدىغان غەيرەت-شىجائەتكە ئىگە بولۇڭ. بەزىلەر ھەتتا: مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئاساسلىق ئامىلى خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىش، ئادەم بولغان ئىكەنسىز، خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىشنىڭ ھەقىقىي ئەھمىيىتىنى بىلىۋېلىڭ ھەم ئۇنى بېيىشنىڭ مۇھىم پىسخىلوگىيەلىك شەرتى قىلىڭ دەپ قارايدۇ.


مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە تىجارەت ئەزەلدىن تىجارەتچى ئۈچۈن خىرىس، باشقىلارنى يېڭىپ غەلبە قىلسام دەيدىغان خىرىس. شۇڭا سودىدا ھەممە كىشىدە كۈچلۈك رىقابەت     ئېڭى بولۇشى كېرەك. «كۆزۇڭ يەتكەن ئىكەن،يۇرەكلىك ئىشلە» دېگەن گەپ سودا ساھەسىدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تەجرىبىسى ھېسابلىنىدۇ. 


ئامەت باتۇر كىشىلەرنى قارشى ئالىدۇ.خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىش كىشىلەردە ئىپادىلىنىدىغان غەيرەت ۋە كۈچ. دىئالىكتىك ماتېرىيالىزىم كىشىلەرگە: خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىشنىڭ غەلىبە قىلىشقا ھەمرا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، خەتەرلىك يەردە ئامەت بار، ئاجايىپ نەتىجە يارىتىش نىيىتىدە بولسىڭىز، خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىڭ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى ئارزۇ قىلسىڭىزمۇ، خەتەرگە تەۋەككۇل قىلالمىسىڭىز، ئۇلۇغۋار نىشانغا قانداق يېتەلەيسىز؟ غەلبە قىلىشنى ئويلىسىڭىزمۇ، خەتەردىن قورقسىڭىز، ئاچقۇچلۇق پەيتتە پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويىسىز، چۈنكى خەۋپ-خەتەر ھەمىشە پۇرسەت بىلەن چېتىشلىق بولىدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېيىتقاندا خەتەر قانچە چوڭ بولسا، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ پۇرسىتىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ.



نامراتلىقتىن بېيىشقا يۈرۈش قىلىشتا، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش كېرەك، كىشىلەر تولا ھاللاردا پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ، كىشىلەر ھاياتىدا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشى لازىم. ھەددىدىن زىيادە   ئېھتىيات قىلغاندىمۇ پۇرسەت قولدىن كېتىدۇ. ئەتراپىڭىزدىكى ئاجايىپ نەتىجە قازانغان كىشىلەرنىڭ سىزدىن ئەقىللىق بولۇشى ناتايىن، بۇ يەردە ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئۇلارنىڭ سىزدىن جۇرئەتلىك بولغانلىغىدا. ئەلۋەتتە، خېيىم-خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىش ھەرگىزمۇ خەتەرگە ئۆزىنى بىھۇدە تۇتۇپ بېرىش دېگەنلىك ئەمەس، خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىدىغان غەيرەت ۋە شىجائەت ئوبيېكتىپ ۋە رېئال بولغان ئىلمىي تەھلىل ئاساسىدا بولۇشى لازىم. ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىش، سۇبيېكتىپ تىرىشچانلىقنى جارى قىلدۇرۇش، خېيىم-خەتەر ئىچىدىن ئۈنۈم يارىتىش سودىگەرلەر ھازىرلاشقا تېگىشلىك ساپا، بۇ كىشىلەر دائىم ئېيتىدىغان شىجائەت بىلەن پاراسەتنىڭ بىرلەشتۈرۈلىشىدۇر.


  16.رەھبەرلەر ئىجادكار بولۇشى كېرەك.
رەھبەرلەر ھەر ۋاقىت ئىجادكار بولۇشى ھەم خىزمەتچىلەرنى يېڭى چارىلەرنى تېپىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى لازىم. رەھبەرلەر دائىم كۆپچىلىككە يېڭى قاراش، يېڭى تۈرتكە ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن بۇنداق كوللېكتىپ ئالغا باسالمايدۇ ۋە تەرەققى قىلالمايدۇ.


رەھبەرلەر ھازىرقى ھالەت بىلەن قانائەتلىنىپ قالسا،كۆپچىلىكمۇ قانائەتچان بولۇپ قالىدۇ-دە، چېكىنىش كېلىپ چىقىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ رەھبىرىڭىزنى شۇنداق ئادەم دەپ پەرەز قىلساق ،بۇ  ھەقىقەن ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ئەھۋال.


تونۇش ياكى يۈزەكى تونۇش مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە، ئىجادكارلىق بارلىققا كېلىدۇ، شۇڭا ئجادكارلىق يۈزەكى پىكىر يۈرگۈزۈش ئەمەس. سەزگۈرلۈكنى تاسادىپىي بارلىققا كېلىدۇ دەپ قارىماسلىق لازىم. ئۇ سىزنىڭ قەلبىڭىزدە بولىدۇ،سىز ئۇنى خېلى بۇرۇنلا يېتىشتۈرۈپ كەلگەن.


رەھبەرلىك شەكلى ئىككى خىل بولىدۇ، بىرىنچى خىلى، قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ماختىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىش، بۇ ئەڭ ئۈنۈملۈك رەھبەرلىك. ئىككىنچى خىلى، قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ماختىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشەلمەسلىك، بۇنداق رەھبەرلىك ھوقۇقىغا تايىنىش ئاساسىدىكى رەھبەرلىك ھېسابلىنىدۇ.
سانسىز تارىخى پاكىتلار ھوقۇقىغا تايىنىپ رەھبەرلىك قىلىپ ھوقۇقنى ساقلاپ كېلىۋاتقان رەھبەرلەرنىڭ ئۇزاققا بارمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. مۇستەبىتلەرنىڭ ناھايىتى تېزلا گۇمران بولۇپ تەخىتتىن چۈشۈشى بۇنىڭ مۇھىم پاكىتى، بۇ خەلقنىڭ ھوقۇقىغا تاينىپ ئادەم باشقۇرىدىغان رەھبەرگە ئۇزاق ۋاقىت ئەگەشمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ناپالىئون، مۇسسۇلىن، گېتلىر قاتارلىقلار ئەنە شۇ تىپتىكى ھوقۇقىغا تايىنىپ ئەلنى سورىغان تىپلاردۇر، ئۇلارنىڭ ھوكۈمرانلىقى ئاللىبۇرۇن ئاياقلاشتى.


قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ماختىشى ۋە قوللىشىغا سازاۋەر بولغان رەھبەر ،ئۇزاق مەزگىل ھوقۇق تۇتالايدىغان رەھبەردۇر.
   

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى