ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بىر – بىرىڭلارغا زۇلۇم قىلماڭلار

بىر – بىرىڭلارغا زۇلۇم قىلماڭلار

ۋاقتى: 2016-01-03 ئاۋاتلىقى: 397 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «‹ئىچىم تىتىلدايدىغان بولۇپ قالدىم› دەپ قاقشىماڭ» بۇ يەردە!

 

 بىر – بىرىڭلارغا زۇلۇم قىلماڭلار

 

بۇ تەدبىر ئىككىلا ئادەم بىللە تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ئەھۋالغا تازا ئۇيغۇن كېلىدۇ. بۇمۇ ئىككى ئادەم بىللە تۇرغاندا دائىم يۈز بېرىدىغان ھادىسە، ئىككىڭلار مەيلى بىللە خىزمەت قىلىڭلار ياكى كۈن بويى ئۆيدىن چىقماي ئولتۇرۇڭلار، بەرىبىر ئاز – تولا ۋاقىت چىقىرىپ بولسىمۇ كەچتە جەم بولۇپ، بىر – بىرىڭلارغا «ئېچىنىشلىق ھېكايە»ڭلەرنى سۆزلەپ بېرىسىلەر.


ئومۇمەن ئېيتقاندا، بۇنداق سۆھبەتلەر كۈندۈزى يۈز بەرگەن نۇرغۇن پاجىئەلىك ۋەقەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. سۆھبەتنىڭ ئاساسىي تېمىسى بۇ بىر كۈندە قانداق ھېرىپ – چارچىغانلىقىڭلار، قانچىلىك تاپا – تەنىگە ئۇچرىغانلىقىڭلار، خەقنىڭ غەزەپلىك ئالىيشلىرى، تۇرمۇشنىڭ قانچىلىك قىيىنلىقى، ئەڭ ناچار بىر قېتىملىق تەجرىبە، ئەڭ قىيىن ۋاقىتلار، ئاۋارىچىلىك تېرىغان بالىلار، ئادەمنىڭ دەردىگە دەرمان بولمايدىغان خوجايىن قاتارلىقلار بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق قىلىشىمىز ھەمراھىمىزنى تۇرمۇشىمىزدىكى ئاچچىق – چۈچۈك ئىشلاردىن خەۋەردار قىلىشتىن ئىبارەت.


بۇنىڭ ياخشى ئادەت ئەمەسلىكىگە مېنى ئىشەندۈرىدىغان نۇرغۇن سەۋەبلەر بار. بىرىنچىدىن، بىز كۆپ ساندىكى ئادەملەرنىڭ ھەر كۈنى ئۆزىمىز ياخشى كۆرىدىغان ئادەم بىلەن بىللە بولىدىغان قىممەتلىك ۋاقتىمىز بەك ئاز. ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، كۈندۈزى يۈز بەرگەن ئىشلارنى تەكرارلاۋەرگەن بىلەن گۈزەل كېچە ياراتقىلى بولمايدۇ. كەچتە كۈندۈزى يۈز بەرگەن ئىشلارنى يەنە مۇھاكىمە قىلىش بىر قېتىملىق ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشنى قايتا باشتىن كەچۈرۈپ، ئۆزىمىزگە چۈشىدىغان بېسىمنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەنگە، روھىي كەيپىياتىمىزدا قايتا داۋالغۇش پەيدا قىلغانغا باراۋەر؛ ئىككىنچىدىن، مۇھىم نۇقتىنى كۈندۈزى يۈز بەرگەن يۈزەكى ۋەقەلەرگە مەركەزلەشتۈرىۋېلىش بىر خىل ئۆز – ئۆزىنى ئېتىراپ قىلىش ھېسابلىنىدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇ سىز ئۇچىرغان بېسىم ۋە قىيىنچىلىقلارنى داۋاملىق سەمىڭىزگە سېلىپ تۇرىدۇ. ھەمدە سىزگە ئىشىنىڭ شۇنداق خەتەرلىك، ئېغىر ۋە ھەسرەتلىك ئىكەنلىكىنى تونۇتىدۇ. بۇنداق يۈزەكى تەسىرنى تۈگىتىشنىڭ ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلى بىر – بىرىگە زۇلۇم قىلماسلىق ياكى بۇنداق ئۆتۈش ۋاقتىنى ئىمكانقەدەر ئازايتىش. شۇنداق قىلسىڭىز كىشىلىك ھاياتنىڭ بىردىنلا گۈزەللىشىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز. لېكىن، بۇ كىشىلىك ھاياتىڭىزدا ئېچىنىشلىق ئەھۋاللار يۈز بەرمەيدۇ دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى سىز ئاشۇنداق قىلغاندا ئېرىشكەن ئۈنۈمىڭىز ئەسلىدىكى ئېچىنىشلىق ئەھۋالدىنمۇ پاجىئەلىك بولىدۇ دېگەنلىك. بۇ يۈزەكى كەيپىياتىڭىزنى تۈگەتكەندىلا كىشىلىك ھاياتىڭىز يارقىنلىشىدۇ. ھاياتىڭىزدىكى قىممەتلىك ھەم سۆيۈنەرلىك ئىشلارنى ناھايىتى ئاسانلا يادىڭىزغا ئالىسىز، سىزنى كۆرەڭلىتىدىغان ئىشلار قەلبىڭىزنى ياشنىتىدۇ. مۇھىم نۇقتىنى كۈندۈزى يۈز بەرگەن كۆڭۈللۈك ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرگەن ۋاقتىڭىزدا، ھەمراھىڭىزنىڭمۇ سىزگە قاراپ ئۆزگەرگەنلىكىنى بايقايسىز. نۇرغۇن كىشىلەر مۇھىم نۇقتىنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، مۇھىم نۇقتىنى ئاكتىپ جەھەتلەرگە مەركەزلەشتۈرگەندە، تۇرمۇش قىزىقارلىق ئۆتۈپلا قالماستىن، بەلكى كۆڭۈللۈك ئىشلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغانلىقىنى بايقىغان.



مېنىڭ كۆڭلىڭىزدىكى ھەمراھىڭىز بىلەن ئورتاقلاشماڭ دېمەكچى ئەمەسلىكىمنى چۈشىنىشڭىزنى سورايمەن. كۆڭلىڭىز ئارامىدا بولمىغان بەزى كۈنلەردە ئۆزىڭىزنىڭ ھېس قىلغانلىرىنى ھەمراھىڭىز بىلەن ئورتاقلىشىشقا ھەقىقەتەن موھتاج بولىسىز. مەن بۇ يەردە ئېيتىۋاتقان تەدبىردە باشقا نەرسىلەرمۇ خېلىلا كۆپ. سىزنىڭ ئاشۇنداق خاھىشلاردىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇنداق ناچار كەيپىياتقا ئورتاقلىشىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرىۋالغاندىن كۆرە، بەزى تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، بۇنداق كەيپىياتنى ئىمكانقەدەر ئازايتىپ، ئۇنى بىر كېچىلىك گەپنىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويماسلىق كېرەك. دەرۋەقە، سىز ھېسسىياتىڭىزنىڭ سەمىمىي بولۇشىنى ئۈمىد قىلىسىز، لېكىن ئەگەر سىز بەزى يۈزەكى خىياللىرىڭىزنى چۆرۈپ تاشلىسىڭىز كۆپ نەپ ئالغانلىقىڭىزنى بايقايسىز. بىر گەپنى ھەمراھىڭىزغا ئېيتىشتىن ئىلگىرى ئۆزىڭىزدىن: «مەقسىتىم نېمە؟»، «بۇ خەۋەرنى ئۇنىڭ بىلەن ئورتاقلاشسام، كېچىلىك كەيپىياتىمىزنى بۇزامدۇ ياكى كۆڭلىمىزنى ئاچامدۇ، بۇ خەۋەر بىزنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرامدۇ ياكى بىزگە تۇرمۇشنىڭ تېخىمۇ غۇربەتچىلىكىنى ھېس قىلدۇرامدۇ؟» دەپ سوراپ بېقىڭ.


مەن ھەممەيلەننى تۇرمۇشنىڭ بەزىدە قىيىن بولىدىغانلىقىنى ھەمدە ئادەمنى چارچىتىپ ھالىدىدىن كەتكۈزىۋېتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ دەپ ئويلايمەن. ھەر بىر ئادەمنىڭ ھاياتلىقتىكى بەزى مۈشكۈلاتلارغا ھەر كۈنى روبىرو تۇرۇشنى بىلىدىغانلىقىغىمۇ ئىشىنىمەن. مەسىلە بۇ دەرد – ئەلەملەر بىلەن ئورتاقلىشىشنىڭ راستىنلا سىزگە ياردىمى بولارمۇ؟ ئۇ ئىشلىرىڭىزنى ئوڭغا تارتارمۇ؟ راستىنلا ئۇنىڭدىن بىرەر نەپ چىقارمۇ؟ دېگەن گەپتە. گەرچە بەزىدە مەنمۇ باشقا ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئوخشاش كۆڭۈلسىز ئىشلاردا ھەمراھىم بىلەن ئورتاقلىشىشتىن ۋاز كېچىشنى گۇناھ ھېس قىلساممۇ، لېكىن بۇنداق قىلىشنىڭ ئۆزۈمگە قىلچە مەززىسى يوق، ئازراقمۇ ئازادىلىكى بولمىغان كېچە پەيدا قىلىپ بېرىدىغانلىقىم تېخىمۇ ئېنىق.


راستتىنلا سىناپ بېقىڭ. كېلەر قېتىم كۈندۈزى يۈز بەرگەن پاجىئەلىك ئىشلارنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئويلىغىنىڭىزدا ئورتاقلاشمايلا قويۇڭ. دېمەكچى بولغانلىرىڭىز ئىچىڭىزدىلا سېسىپ كەتسۇن. مەن ئويلايمەنكى، قەلبىڭىزگە ھەقىقىي بەرھەم بېرىدىغان باشقا ئىشلارنىڭمۇ شۇنىڭ بىلەن پۈتۈپ قالغانلىقىنى پات پۇرسەتتە بىلىپ قالىسىز.
-------------------------------------------

«ئادەم بولۇش ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى