ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

«ئەمگەك قانۇنى» بىلەن سېلىشتۇرغاندا، «ئەمگەك توختام قانۇنى» بەلگىلىگەن ئەمگەك توختامى چوقۇم ھازىرلاشقا تېگىشلىك ماددىلار قايسى مەزمۇنلارنى چىقىرىۋەتتى؟

«ئەمگەك قانۇنى» بىلەن سېلىشتۇرغاندا، «ئەمگەك توختام قانۇنى» بەلگىلىگەن ئەمگەك توختامى چوقۇم ھازىرلاشقا تېگىشلىك ماددىلار قايسى مەزمۇنلارنى چىقىرىۋەتتى؟

ۋاقتى: 2016-07-13 ئاۋاتلىقى: 421 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

«ئەمگەك قانۇنى» بىلەن سېلىشتۇرغاندا، «ئەمگەك توختام قانۇنى» بەلگىلىگەن ئەمگەك توختامى چوقۇم ھازىرلاشقا تېگىشلىك ماددىلار قايسى مەزمۇنلارنى چىقىرىۋەتتى؟


1. ئەمگەك ئىنتىزامى ماددىسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. سەۋەبى ئەمگەك ئىنتىزامى ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇننىڭ قائىدە-تۈزۈمىگە تەۋە، «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ 4-ماددىسىدا ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇننىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىنى بېكىتىشى ۋە ئۆزگەرتىشى توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلغان، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچىنىڭ ئەمگەك توختامىدا ئالايىتەن كېلىشىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.


2. ئەمگەك توختامىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان شەرت ماددىسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇننىڭ ئەمگەك توختامى مۇددىتىنىڭ چەكلىمىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، خالىغانچە ئەمگەك توختامىنى ئاخىرلاشتۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، «ئەمگەك توختام قانۇنى» «ئەمگەك قانۇنى»دىكى ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىنى توختىتىشقا كېلىشسە بولىدىغان بەلگىلىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئەمگەك توختامىنى توختىتىشنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن قىلمىش ئىكەنلىكىنى، پەقەت قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللارغا ئۇيغۇن بولغاندىلا ئاندىن ئەمگەك توختامىنى توختاتقىلى بولىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى.


3. ئەمگەك توختامىغا خىلاپلىق قىلىش مەسئۇلىيىتى ماددىسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇننىڭ كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش ماددىسىنى قالايمىقان ئىشلىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، «ئەمگەك توختام قانۇنى» پەقەت قانۇن بويىچە كېلىشكەن تەربىيەلەش مۇلازىمەت مۇددىتى ۋە رىقابەتتىكى كەسپلەردىن چەكلەش ماددىسىدىلا، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەكچى بىلەن خىلاپلىق ھەققى توغرىسىدا كېلىشەلەيدۇ دەپ بەلگىلىدى.
 

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى