ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن بەلگىلىمە بويىچە ئەمگەكچىگە مائاش تارقاتمىسا ياكى ئىقتىسادىي تولۇقلىما بەرمىسە، تۆلەم پۇلىنى قوشۇپ تۆلىشى كېرەكمۇ؟
يانفوندا كۆرۈش
ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن بەلگىلىمە بويىچە ئەمگەكچىگە مائاش تارقاتمىسا ياكى ئىقتىسادىي تولۇقلىما بەرمىسە، تۆلەم پۇلىنى قوشۇپ تۆلىشى كېرەكمۇ؟
جاۋاب: ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇندا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرەرسى كۆرۈلسە، ئەمگەك مەمۇرىي تارماقلىرى بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە ئەمگەك ھەققى، ئىسمىنا ھەققى ياكى ئىقتىسادىي تولۇقلىمىنى بېرىشكە بۇيرۇيدۇ؛ ئەمگەك ھەققى شۇ يەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولسا، كەم قىسمىنى بېرىشى كېرەك؛ بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكىچە تۆلىمىسە، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇننى تۆلەشكە تېگىشلىك پۇلنىڭ %50دىن يۇقىرى %100دىن تۆۋەن ئۆلچەم بويىچە ئەمگەكچىگە تۆلەم پۇلى قوشۇپ تۆلەشكە بۇيرۇيدۇ:
1.ئەمگەك توختامىدىكى كېلىشىمگە ياكى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ۋاقتىدا تولۇقى بىلەن ئەمگەكچىگە ئەمگەك ھەققىنى بەرمىسە؛
2.شۇ يەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن ئۆلچەم بويىچە ئەمگەكچىگە مائاش بەرسە؛
3.ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ ئىسمىنا ھەققى بەرمىسە؛
4.ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىپ ياكى ئاخىرلاشتۇرۇپ، «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئەمگەكچىگە ئىقتىسادىي تولۇقلىما بەرمىسە.