ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قانداق ئەھۋال ئاستىدا ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن ئەمگەكچىنى ئەمگەك كۈچى ئەۋەتكەن ئورۇنغا قايتۇرۇۋەتسە بولىدۇ؟

قانداق ئەھۋال ئاستىدا ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن ئەمگەكچىنى ئەمگەك كۈچى ئەۋەتكەن ئورۇنغا قايتۇرۇۋەتسە بولىدۇ؟

ۋاقتى: 2014-08-04 ئاۋاتلىقى: 557 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

قانداق ئەھۋال ئاستىدا ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن ئەمگەكچىنى ئەمگەك كۈچى ئەۋەتكەن ئورۇنغا قايتۇرۇۋەتسە بولىدۇ؟

جاۋاب: «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچىدە مۇشۇ قانۇننىڭ 39-ماددىسى ۋە 40-ماددىسىنىڭ 1-، 2-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللار بولسا، ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن ئەمگەكچىنى ئەمگەك كۈچى ئەۋەتكەن ئورۇنغا قايتۇرۇۋەتسە بولىدۇ، ئەمگەك كۈچى ئەۋەتكەن ئورۇن مۇشۇ قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئەمگەكچى بىلەن بولغان ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ.

39-ماددىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئەمگەكچىدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرەرسى كۆرۈلسە، ئەمگەكچى بىلەن تۈزگەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ:
1. سىناق قىلىپ ئىشلىتىش مەزگىلىدە قوبۇل قىلىپ ئىشلىتىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقى ئىسپاتلانسا؛
2. ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇننىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلسا؛
3. ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، شەخسىي مەنپەئەتىنى كۆزلەپ كۆز بويامچىلىق قىلىپ، ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇنغا ئېغىر زىيان ئېلىپ كەلسە؛
4. ئەمگەكچى ئوخشاش بىر ۋاقىتتا باشقا ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، مۇشۇ ئورۇننىڭ خىزمەت ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەن بولسا، ياكى ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەسكەرتكەندىن كېيىنمۇ ئۆزگەرتىشنى رەت قىلغان بولسا؛
5. ئالداش، مەجبۇرلاش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ياكى قارىغۇنى ياردا قىستاپ، قارشى تەرەپنى ئۆزىنىڭ ھەقىقىي خاھىشىغا خىلاپ ھالدا ئەمگەك توختامى تۈزۈشكە ياكى ئەمگەك توختامىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىغانلىقى سەۋەبلىك ئەمگەك توختامى ئىناۋەتسىز بولغان بولسا؛
6. قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنغان بولسا؛
7. 40-ماددىسىنىڭ 1-، 2-تارماقلىرىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرەرسى كۆرۈلسە، ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن مۇددەتتىن 30 كۈن بۇرۇن يازما شەكىلدە ئەمگەكچىنىڭ ئۆزىگە ئۇقتۇرۇش قىلغان ياكى ئەمگەكچىگە بىر ئايلىق مائاشنى ئارتۇق بەرگەندىن كېيىن، ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ: (1) ئەمگەكچى كېسەل بولۇپ قېلىپ ياكى خىزمەتتىن غەيرى سەۋەب بىلەن يارىلىنىپ، بەلگىلەنگەن داۋالىنىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن ئەسلىدىكى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنالمىسا، ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرغان خىزمەت بىلەنمۇ شۇغۇللىنالمىسا؛ (2) ئەمگەكچى خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىسا، تەربىيەلەش ياكى خىزمەت ئورنىنى تەڭشەشتىن كېيىن يەنىلا خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىسا.
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى