ئېلىمىزدە 2-قېتىملىق ئىگىلىك تىكلەش دولقۇنى قاچان كۆتۈرۈلگەن؟
ۋاقتى: 2015-11-15
ئاۋاتلىقى: 647 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
«ئېلىمىزدە تۇنجى قېتىملىق ئىگىلىك تىكلەش دولقۇنى قاچان كۆتۈرۈلگەن؟» بۇ يەردە!
ئېلىمىزدە 2-قېتىملىق ئىگىلىك تىكلەش دولقۇنى قاچان كۆتۈرۈلگەن؟
ئېلىمىزدە 2-قېتىملىق ئىگىلىك تىكلەش دولقۇنى قاچان كۆتۈرۈلگەن؟
ئېلىمىزدە ئىككىنچى قېتىملىق ئىگىلىك تىكلەش دولقۇنى يولداش دېڭ شىياۋپىڭنىڭ جەنۇبنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىدىن كېيىن كۆتۈرۈلدى دېيىشكە بولىدۇ. دېڭ شىياۋپىڭ شۇ قېتىم جەنۇبنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، قىلغان مۇھىم سۆزىدە: «ئۈچكە پايدىلىق بولۇش ئۆلچىمى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خۇسۇسىي ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم داغدام يول ئېچىپ بەردى.
يولداش دېڭ شىياۋپىڭ مەسىلىنى مۇنداق ئوتتۇرغا قويغان: «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە دادىل قەدەم تاشلىيالماي، ئالغا ئىلگىرلەشكە جۈرئەت قىلالمىدۇق. ھە دېسىلا كاپتالىزمنىڭ نەرسىلىرىنىڭ كۆپىيىپ كېتىپ، كاپتالىزم يولىغا مېڭىپ قېلىشتىن قورقتۇق. يەنى «سوتسىيالىزمنىڭمۇ ياكى كاپتالىزمنىڭمۇ؟» دېگەن مەسىلىنى ئاساسلىق ئورۇنغا قۇيۇۋالدۇق. ئەمەلىيەتتە، بۇنىڭغا ھۆكۈم چىقىرىشتا، سوتسىيالىستىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، سوتسىيالىستىك دۆلەتنىڭ ئونۋېرسال دۆلەت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق ياكى پايدىلىق ئەمەسلىكىگە قاراش كېرەك. ‹ئۈچكە پايدىلىق بولۇش›نىڭ ئۆلچىمى رېئال ئەھمىيەتكە ۋە قاراتمىلىققا ئىگە ئسلاھات، ئېچىۋېتىش جەريانىدا كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىنى ئۇزاق مۇددەت چۈشەپ كەلگەن بەزى كونا قاراشلار يەنىلا ئۇلارنىڭ خىزمىتى ۋە تونۇشقا تەسىر كۆرسەتمەكتە. بەزى كىشىلەر ئسلاھات جەريانىدا ‹سوتسىيالىزم› پىرىنسىپىدىن چەتنەپ كېتىش سەۋەبلىك ئالغا ئىلگىرىلىيەلمىگەنلىكىدىن ئەندىشە قىلماقتا. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بولسا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جەريانىدا مەيدانغا كەلگەن بەزىبىر يېڭى ئەھۋال، يېڭى ھادىسە ۋە يېڭى شەيئىلەرنى ‹سوتسىيالىزمنىڭ دېيىش كېرەكمۇ ياكى كاپتالىزمنىڭ دېيىش كېرەكمۇ؟›دەپ گاڭگىراپ قېلۋاتىدۇ. بۇ خىل دوگمىچىلىق ۋە تەجرىبىۋازلىق غەربىي ئۇمۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا ئېغىر دەرىجىدە توسقۇنلۇق قىلدى». دېمەك، يولداش دېڭ شىياۋپىڭ ئوتتۇرغا قويغان «ئۈچكە پايدىلىق بولۇش ئۆلچىمى»كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسەنى يەنە بىر قېتىم ئازاد قىلدى.