ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئەقىللىقلار كوللېكىتىپنىڭ رولىغا ئەھمىيەت بېرىش

ئەقىللىقلار كوللېكىتىپنىڭ رولىغا ئەھمىيەت بېرىش

ۋاقتى: 2016-06-06 ئاۋاتلىقى: 634 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «ئىلھاملاندۇرۇش ئارقىلىق خىزمەتچىلەرنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىش» بۇ يەردە!

 ئەقىللىقلار كوللېكىتىپنىڭ رولىغا ئەھمىيەت بېرىش


1982-يىلى، گايتىسنىڭ سۈرىتى ئامېرىكا «پۇل» ژورنىلىنىڭ مۇقاۋىسىغا بېسىلدى. ژورنالدا گايتسىقا مۇنداق باھا بېرىلگەن: «سىز ئۇنى ياخشى كۆرسىڭىز بولىدۇ، ئۇنىڭدىن نەپىرەتلەنسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەمما سىز ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ سەل قارىماڭ». دەرۋەقە بۇ يۇقىرى پەن-تېخنىكا ئەزىمەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان زات ئىلگىرىمۇ ھەم بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ھالدا يىپ-يېڭى بولغان بىر دەۋىرگە قوماندانلىق قىلماقتا.


بۈگۈنكى كۈندە، ھەممە ئادەم دېگۈدەك گايتىس ۋە مىكروسوفتنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى ئېتىراپ قىلىشىدۇ، مۇنەۋۋەر ئىختىساس ئىگىلىرى شەك- شۈبھسىزكى گايتىسنىڭ تېز سۈرئەتتە يۇمشاق دېتال ساھەسىنىڭ خوجىسىغا ئايلىنىالىشدىكى ئەڭگۈشتەرىدۇر. بىر قېتىم گايتىس مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، مۇخبىرنىڭ سوئالىغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: «مىكروسوفت شىركىتىدە ئەقىللىق كىشىلەر كۆپ بولغاچقا، مىكروسوفتنىڭ ئىختىساسلىق خادىملار جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى  يېڭى بىر دەۋرنى بارلىققا كەلتۈردى. »


گايتىسنىڭ جاۋابى بىر ھەقىقەتنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. گايتىس ھەمىشە بازار دېرىكتورى ياكى باشقا مۇئاۋىن لېدىرلارغا قارىغاندا ئەقىللىق  ئىنژېنېرلارغا قىزغىن مۇئامىلە قىلىدۇ، چۈنكى ئەقىللىقلەر كوللېكتىپىلا ئۇنىڭ شىركەتنىڭ ئىستراتېگىيىسىنى ۋە مەھسۇلاتىنى لايىھەلىشىگە ياردەم بىرىدىغان ھەقىقى كەسىپ ئەھلىدۇر. مىكروسوفتنىڭ دەسلەپكى تەرەققىيات باسقۇچىدىن تارتىپ، گايتىس مۇنداق بىر نۇقتىنى ھېس قىلىپ يەتكەن: ئەينى ۋاقىتتا بىل. گايتىس شىروكىس شىركىتىنىڭ كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى چارلىز. سىمونىيني تەكلىپ قىلىپ، ئۇنى مىكروسوفتنىڭ يېزىق بىرتەرەپ قىلىش يۇمشاق دېتالىنى تەتقىق قىلىشىغا ياردەملەشتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ مۇتەخەسسىس مىكروسوفت ئەقىللىقلەر كوللېكتىپىنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلانغان. 1981-يىلدىن باشلاپ، شىروكىس شىركىتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى 10يىل ئىچىدە، سىمونىي ئىزچىل تۈردە مىكروسوفتنىڭ ئەمەلىي قوللىندىغان يۇمشاق دېتاللىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئېچىشقا كۈچ سەرپ قىلدى. كۆپ پىلان(Multiplan)، Word، Excel قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ  يېتەكچىلىك قىلىشى ئارقىسىدا تەتقىق قىلىنىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان يۇمشاق دېتاللار بولۇپ، ئۇ «مىكروسوفت باش  پروگرامما تۈزۈش ئۇستازى» دەپ ئاتالغان.


نۆۋەتتىكى مىكروسوفت ئەقىللىقلەر كوللېكتىپى  يېڭىلار بىلەن كونىلار ئارىلىشىپ كەتكەن كوللېكتىپ بولۇپ، ئەزالىرى شىركەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرى، ئالىي دەرىجىلىك تەتقىق قىلىپ ئاچقۇچىلار ۋە  پروگرامما دىرېكتورلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ كوللېكتىپنىڭ يادروسى 10 نەچچە ئادەمدىن تەركىب تاپقان، ئۇلار ھالقىلىق مەھسۇلاتلار ساھەسىنى باشقۇرىدۇ ۋە شىركەتنىڭ  يېڭى تەدبىرلىرىنى بەلگىلىشىگە مەسئۇل بولۇپ، بىرەسمىي نازارەتچىلەر گۇرۇپپىسنى تەشكىللەش ئارقىلىق، ھەربىر ئادەمنىڭ خىزمىتىنى باھالاپ چىقىدۇ.



بۇنىڭدىن باشقا، يەنە نۇرغۇنلىغان ھەرقايسى تۈرلەردە خىزمەت قىلىدىغان ئالىي دەرىجىلىك تېخنىك خادىملار بار بولۇپ، ئۇلار ئەقىللىقلەر كوللېكتىپنىڭ سىرتقى قېپىنى ھاسىل قىلغان. بەزىلەر شىركەتنىڭ مەرتىۋىلىك پىشقەدەملىرى بولۇپ، مىكروسوفت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر مۇشۇ يەردە خىزمەت قىلغان. ئەمما تېخىمۇ كۆپلىگەن ئەزالار بولسا، رەقىب شىركەتلەردىن كەلگەن ياكى شەخسلەر كومپيۇتېر ساھەسىدىن باشقا ساھەدىكى  يېڭى تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرىدۇر. گەرچە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا، بەزى ئادەملەر ھازىر مىكروسوفتتا بولمىسىمۇ، ئۇلار ئىلگىرى گايتىسكە ياردەملىشىپ مىكروسوفت مەشغۇلات  سىستېمىسى ۋە ئىنتېرنېت تورى تەرەققىيات ئىستىراتېگىيىسگە  يېتەكچىلىك قىلىپ، مىكروسوفتنىڭ كەسپى ئىشلىرىنى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەنىدى،
ھازىر مىكروسوفتنىڭ باش لېدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان سېتىۋ بالمېر ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرى مىكروسوفتنىڭ «كۆزنەك» مەشغۇلات  سىستېمىسى تۈرى كېچىكتۈرلۈپ تاماملاشقا ئامالسىز قالغان ۋاقىتتا، يەنى بىر دۆۋە يىغىشتۇرغىلى بولمايدىغان ئەسكى يايمىغا ئايلانغان ۋاقىتتا، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، تەتقىق قىلىپ ياساش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالدى ھەم مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا كۆزنەك مەشغۇلات  سىستېمىسىنى بازارغا سالالىدى.


نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى سېتىۋىن. خاۋكىڭغا شاگىرىت بولغان مۇئاۋىن لېدىر ناسىن. مىرخود پۇرۇستون   ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا دوكتورى بولۇپ، مىكروسوفت شىركىتى ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتقان تېخنىكا بازىرى ۋە كەلگۈسى يۆنىلىشىنى بىلەلمەسلىك خەۋپىگە دۇچ كەلگەن ۋاقىتتا، شىركەتنى ئىستىراتېگىيلىك ئىدىيە ئامبىرى بىلەن تەمىنلىدى. ئۇ مىكروسوفتنى كەلگۈسىگە يېتەكلەيدىغان پاراخوت رولچىسدۇر. ناسىن. مىرخود مىكروسوفتقا كىرگەندىن كېيىن، گايتىسنىڭ مۇرەككەپ بولغان بىيۇروكرات شەكىلىدىكى تەشكىلىي باشقۇرۇش يۈكىدىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، IBM نىڭ 4 تۈرلۈك ئاساسى مىزانىنى مىكروسوفتقا  ئېلىپ كىردى، شۇ ئارقىلىق مىكروسوفتتا ئىستىراتېگىيلىك بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. تور مەنزىلى شىركىتى بىلەن  ئېلىپ بېرىلغان تور رىقابىتىدە، مىرخودنىڭ باشقۇرۇش جەھەتتىكى بىر يۈرۈش ئىسلاھاتلىرى ھەل قىلغۇچ  خاراكتېرلىك رول ئوينىدى.
پائۇل. فۇلايسنا 1994-يىلى مىكروسوفتقا كىرىشتىن ئىلگىرى، بىر كومپيۇتېر ئىجتىمائىي تەشكىلاتىنى باشقۇرىدىغان، مىكروسوفتتىن ئەڭ رازى بولمايدىغان خېرىدارلارنىڭ بىرى ئىدى. مىكروسوفتقا كىرگەن ئەشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، ئامال قىلىپ شىركەت مەدەنىيىتىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشتى، ئۇ ئەڭ ئالدى بىلەن پەزىلەتكە ئەھمىيەت بەردى. فۇلايسىنا شىركەتنىڭ. NET تور مۇلازىمىتى ۋە تۇنجى بولۇپ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى يۇمشاق دېتال كەسپىنى بازارغا سېلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.


مىكروسوفتنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى كەسپىنى باشقۇرۇشنى فۇلايسىنا ئۆتكۈزۈۋالغاندىن باشلاپ، سانلىق مەلۇمات ئامبىرى كەسپى بىر يىلدا 50 مىليون دوللار پايدا يارىتىشتىن يىلىغا نەچچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرى پايدا يارىتىشتەك تەرەققىياتقا ئېرىشتى. فۇلايسىنا ھازىر شىركەت مۇدىرىيىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەربابنىڭ بىرىگە ئايلاندى.
بۇنىڭدىن باشقا، مىكروسوفت ئەقىللىقلەر كوللېكتىپىنىڭ سىرتىدىكى بەزى شەخسلەرمۇ ئۈزلۈكسىز تۈردە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تۆھپىلەرنى قوشۇپ، يۈرەكلىك ھالدا تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش پەيدا قىلالىغاچقا، باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئەتىۋارلاندى. يۇمشاق دېتال تەتقىقاتنىڭ جەريانىنى پىششىق بىلىدىغان كىرىس. پىدس 1981-يىلى مىكروسوفتقا كىرگەندىن باشلاپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپMS-DOS 2. 0، Microsoft Mouse1. 0، PC Word1. 0ۋە «كۆزنەك 1. 0»تۈرلىرىگە  پروگرامما تۈزگەن. كېيىنكى 5يىل ۋاقىتتا، ئۇ «Excel»نىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش دىرېكتورىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. پىدىس  يېڭىچە تەتقىق قېلىپ ياساش تېخنىكىسىنى قوللانغاچقا Excel 3. 0 نى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتىن پەقەت 11 كۈن كېچىكىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بازارغا سالالىغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يەنە Wordمەھسۇلاتىنىڭ ئىجرائىيە باش دىرېكتورلۇق ۋەزىپىسنى ئۈستىگە ئېلىپ، مىكروسوفت ئۈچۈن نەچچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرى پايدا يارىتىپ بەردى.



2003-يىلى 2-ئايدا، «مىكروسوفت يۇقىرى سەۋىيىلىك كومپيۇتېردا بىر تەرەپ قىلىش بويىچە ئىلمىي مەسلىھەتچىلەر كومىتېتى»نىڭ رەسمى قۇرۇلۇشى، مىكروسوفت بىلەن ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ بىرلىشىپ  يېڭى بىر قەدەمنى تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بەردى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى داڭلىق ئۇنىۋىرىستېتلارنىڭ كومپيۇتېر بىخەتەرلىكى ۋە يۇمشاق دېتال تەتقىق قىلىش ساھەسىدىن كەلگەن ئالدىنقى قاتاردىكى ماھىرلار ۋە 5 نەپەر مۇستەقىل خىزمەت قىلىدىغان قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى مىكروسوفتنىڭ مەھسۇلات بىخەتەرلىكى ۋە شىركەتنىڭ پۈتۈن دۇنيا تەرەققىيات ئىستىراتېگىيىسى جەھەتتىكى مەسلىھەتچىلىرىگە ئايلاندى. ئۇلارنىڭ ئەجرىگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن، مىكروسوفت شىركىتى كومىتېت ئەزالىرى تۇرۇشلۇق   ئۇنىۋېرسىتېتىلارنى مەلۇم مىقداردا پەن-تەتقىقات خىراجىتى بىلەن تەمىنلىدى.
تۇنجى قېتىم تاللانغان مەسلىھەتچىلەر تالاش-تارتىش بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان بەزى مەسلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەجبۇر بولدى ۋە بىرتەرەپ قىلدى. بىراق بۇ خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسى شىركەتنىڭ ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى  سىستېمىسى ئارقىلىق  ئېلىپ بېرىلىدىغان بولغاچقا، يۈزتۇرانە يىغىن ئېچىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى.


مەسلىھەتچىلەر مىكروسوفتنىڭ «كۆزنەك» مەھسۇلاتلىرىنى كۈچەيتىش، ھەمدە شۇنىڭغا ئالاقىدار بولغان IE، Office ئىشخانا يۇمشاق دېتالى قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى جەھەتتە قولغان كەلتۈرگەن خىزمەتلەردىكى ئىلگىرلەش ئەھۋاللىرىنى ئاڭلاپ ئۆتكەن بولۇپ، مىكروسوفت شىركىتى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۇشۇ خىزمەتلەرنىڭ ئىلگىرلەش ئەھۋالىغا بولغان قايتۇرما ئىنكاس پىكىرىنى ئاڭلاشنى ئۈمىد قىلماقتا، شۇ ئارقىلىق مىكروسوفت «يۆنىلىش  خاراكتېرلىك خاتالىق»تىن ساقلىنىش مەقسىدىگە يەتمەكچى. گەرچە بۇنىڭدىن كېيىن مەزكور مەسلىھەتچىلەر كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان ھەرخىل تەكلىپلەرنىڭ ھەممىسى مىكروسوفت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ كەتمىسىمۇ، ئەمما مىكروسوفت شىركىتى ئۇلار بەرگەن ھەربىر تەكلىپنى ئەستايدىللىق بىلەن ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، شۇڭا بۇ تەكلىپلەر مىكروسوفتنىڭ توغرا يۆنىلىشنى تېپىۋېلشى ئۈچۈن سەل قاراشقا بولمايدىغان ئىلگىرى سۈرۈش رولىغا ئىگە.
بۇنىڭدىن شۇنى   كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، گايتىس قوزغىغان باشقىلارنىڭ مېڭىسىنى ئارىيەتكە ئېلىش ھەرىكىتى مىكروسوفت شىركىتىدە يەنىلا غايەت زور رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. مىكروسوفت نۆۋەتتە بۈگۈنكى ئۇچۇر تېخنىكا دەۋىرنىڭ يۇقىرى تېخنىكا ساھەسىدىكى نۇرغۇنلىغان نوپۇزلۇق مەسلىھەتچى زاتلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرغان بولۇپ، بۇنى ئىختساسلىقلار مىغ-مىغ بولۇپ كەتتى  دېيىشكە بولىدۇ. شۇنى ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇكى، ئۈزلۈكسىز تۈردە كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى ئىشلەپچىقىرىش كەسپىدە ئىلگىرى كۆرلۈپ باقمىغان سۈرئەتتە دەۋىر ئالمىشىشنىڭ ئىشقا ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كەسپى ساھەدىكى ئەڭ  يېڭى بىر يۈرۈش ئۆلچەملەرنى بېكىتىشتىن ئىبارەت بۇ بىر  مەيدان يەرشارىلاشقان  يېڭى تېخنىكا ئىنقىلابىنى قوزغاش جەريانىدا، دەل مۇشۇ كۆزگە كۆرۈنگەن شەخسلەر ھەل قىلغۇچ  خاراكتېرلىك رول ئوينىدى. يەنە دەل مۇشۇ ئەقىللىقلەر كوللېكتىپى پەردە ئارقىسىدا مەشغۇلات قىلغاچقا، مىكروسوفت شىركىتى تەرەققىيات جەريانىدا ئىزچىل بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمىدى.

---------------------------------

داۋامى ھەر كۈنى بىر تېما شەكلىدە يوللىنىدۇ....

ئالاھىدە ئەسكەرتىش:

مەزكۇر «بىل.گايتىسنىڭ تولۇق تەرجىمىھالى» ناملىق كىتاب تەرجىمان ئەنۋەر تۇردىنىڭ ئالاھىدە رۇخسىتى بىلەن قايتا تەھرىرلىنىپ ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىدا ئېلان قىلىندى، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ، ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى