ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئېلېكتىرون ساھەسىدىكى ھارماس چەۋەنداز

ئېلېكتىرون ساھەسىدىكى ھارماس چەۋەنداز

ۋاقتى: 2016-03-16 ئاۋاتلىقى: 888 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

رايونىمىزنىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كەسىپلىرى كۈنسېرى راۋاجلىنىۋاتقان، ھەممە دېگۈدەك ئېلېكتىرونلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، شىنجاڭ مۇئەللىم ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەخمەتجان ئەپەندى بىلەن سۆھبەتلەشتۇق. تۆۋەندە شۇ سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتى بېرىلدى.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەخمەتجان! مۇئەللىم ئېلېكتىرون شىركىتى ئوبدانلا تەسىر كۈچكە ئىگە بولغان بولسىمۇ، سىز ھەققىدە بىلىدىغانلار كۆپ ئەمەس. شۇڭا ئاۋال تەرجىمىھالىڭىز بىلەن ئورتاقلاشساق.
مەن 1976-يىلى قەشقەر شەھىرىدە بىر ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلدۇم. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قەشقەردە ئوقۇدۇم. 1990-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە شىنجاڭ ئاشلىق مەكتىپىنىڭ ئاشلىق-ماي پىريۇم كەسپىدە ئوقۇدۇم. 1994-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە قەشقەر شەھەرلىك ئاشلىق ئىدارىسىدە ئاشلىق-ماي پىريۇم قىلىش، ساقلاش، سېتىش ۋە ئىشخانا كاتىباتلىق قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىدىم. 2000-يىللىرىنىڭ باشلاپ رايونىمىزدىكى ئاشلىق كارخانىلىرىدا ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغانلىقتىن، ئۆز ئالدىمغا ئىگىلىك تىكلەش، تىجارەت قىلىش ئارزۇسىدا ئىشتاتىمنى توختىتىپ ئىدارەمدىن يېنىپ چىقتىم. ئۆز قىزىقىشىمغا ئاساسەن 2000-يىلىدىن 2003-يىلى ئاپرېلغىچە قەشقەر شەھىرىدە كومپيۇتېر مۇلازىمەت ئورنى ئاچتىم. 2003-يىلى 4-ئايدا ئۆزۈمنىڭ كومپيۇتېر جەھەتتىكى بىلىمىمنى تولۇقلاش، يېڭى ساھەلەردە ئۇتۇق قازىنىش مەقسىتىدە ئۈرۈمچىگە كەلدىم. ھەمدە 2003-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە ئۈرۈمچى، قەشقەر، شېنجېن قاتارلىق جايلاردا كومپيۇتېر ۋە ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار تىجارىتى بىلەن شۇغۇللاندىم. 2007-يىلى 5-ئايدا شىنجاڭ مۇئەللىم ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ چىقتىم.
 
كەسپىڭىز ئېلېكتىرون كەسپى بىلەن ئالاقىسىز كەسىپكەن، ئەھۋالدىن قارىغاندا ئېلېكتىرون كەسپىگە كىرىش جەريانىڭىز ئۇنچە ئاسانغا چۈشمىگەندەك تۇرىدۇ. بىزگە مۇشۇ ھەقتە سۆزلەپ بېرەمسىز؟
دەرۋەقە مەن ئېلېكتىرون كەسپىدە ئوقۇمىغان، كومپيۇتېرنى ئۆزلۈكۈمدىن ئۆگەنگەن. مېنىڭ بۇ ساھەدە ئىگىلىك تىكلىشىمگە يەنىلا كىچىكىمدىن باشلاپ تىلغا بولغان قىزىقىش ئاساسىي رول ئوينىدى. ئېسىمنى بىلگىنىمدە ئانام تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئىكەن، دادام دەسلەپ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، كېيىن مائارىپ مەمۇرىي خىزمىتىگە ئالمىشىپتىكەن. كىچىكىمدىن ئانامنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولغانلىقىدىن كىتابقا بولغان ھېرىسمەنلىك ئىچىدە چوڭ بولدۇم. باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان مەزگىللەردىمۇ تىل جەھەتتىكى ۋە ماتېماتىكا جەھەتتىكى نەتىجىلىرىم ئالاھىدە ئىدى. چوڭ بولغانسېرى بىر ئوقۇتقۇچى بولۇش ئارزۇيىغا كەلدىم. تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ ئوتتۇرا تېخنىكوم ئىمتىھانىغا قاتناشتىم. نەتىجەم ئالاھىدە يۇقىرى بولسىمۇ، شۇ چاغدىكى پىلانلىق قوبۇل قىلىش شارائىتىدا ئۆزۈم ئارزۇ قىلغان مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنالمىدىم. قوبۇل قىلىنغان ئوتتۇرا تېخنىكومدا خەنزۇ تىلى ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى قىزىقىپ ئۆگەندىم. كومپيۇتېر ۋە ئېلېكتىرون ساھەسىگە بولغان قىزىقىشىممۇ مۇشۇ جەرياندا شەكىللەندى دەپ قارايمەن.
#p#
شۇ چاغدا ھەپتىدە ئاران ئىككى سائەتلىك (بىر سائەت نەزەرىيە، بىر سائەت ئەمەلىيەت) كومپيۇتېر دەرسى بار ئىدى. مەكتىپىمىزنىڭ كومپيۇتېر ئۆيى يېڭىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، شارائىتى خېلىلا يامان ئەمەس ئىدى، 20-30 دەك كومپيۇتېردا ساۋاقداشلار بىلەن DOS مەشغۇلات سىستېمىسىدىكى بۇيرۇقلارنى ئۆگىنەتتۇق، ساۋاقداشلارنىڭ قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى ئىدى. كېيىن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە ئورۇنلاشـتىم. بىر مەزگىل ئۆگەنگەن كەسپىمدە خىزمەت قىلغان بولساممۇ، كومپيۇتېر ۋە تىلغا بولغان قىزىقىشىم توختاپ قالمىدى، داۋاملىق  تىرىشىپ ئۆگەندىم.
90-يىللارنىڭ ئاخىرى رايونىمىز تەۋەسىدىمۇ كومپيۇتېر ئىشلىرى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر كومپيۇتېر شىركەتلىرى قۇرۇلدى ھەمدە ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ كومپيۇتېردا بىر تەرەپ قىلىنىشى قاتارلىق جەھەتلەردە بەلگىلىك نەتىجىلەر قولغا كەلدى.
شۇ رېئاللىق ماڭىمۇ تەسىر كۆرسەتتى: 1996-يىللىرى ئۆزۈم پۇل چىقىرىپ كومپيۇتېردىن بىرنى سېتىۋالدىم. بۇ كومپيۇتېر كېيىنكى ئۆگىنىشىمدە تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. ئارىلىقتا كومپيۇتېرىم بۇزۇلۇپ قالغانلىقتىن بۇنى ئوڭلاش ئۈچۈن كۆپ ئىزدەندىم. كومپيۇتېر ئۇستىلىرىنى ئىزدىدىم. ئۆزۈم سىستېمىلىرىنى ئىزدەپ تېپىپ سىستېمىلىرىنى قايتا-قايتا قاچىلىدىم. مۇشۇ باھانىدە كومپيۇتېر قاتتىق دېتال ۋە يۇمشاق دېتالىغا مۇناسىۋەتلىك خېلى كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم. بۇ بىلىملىرىم ھازىرغا قەدەر ئەسقېتىپ كېلىۋاتىدۇ. كېيىن قەشقەر شەھىرىدە ئېچىلغان بىر قانچە كومپيۇتېر كۇرسلىرىغا قاتنىشىپ، كومپيۇتېر مەشغۇلات سىستېمىسى، ئەمەلىي قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللار، ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش دېتاللىرى، پروگرامما تىللىرى بىلەن تونۇشتۇم ھەم ئۆگەندىم. 2000-يىلى ئۆيدىكىلەر ۋە دوستلىرىمنىڭ مەدەت بېرىشىدە ئۆزۈمنىڭ ئۆگەنگەن ۋە توپلىغان بىلىملىرىم ئاساسىدا 50 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ كومپيۇتېر مۇلازىمەت ئورنى ئاچتىم. شۇ چاغلاردا دۇكاننىڭ كۆلىمى كىچىك، كومپيۇتېر بىلىمىم يېتەرلىك بولمىسىمۇ بىر قىسىم كومپيۇتېر دەسلەپكى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ دەسلەپكى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، كومپيۇتېر قاتتىق ۋە يۇمشاق دېتاللىرىنى سېتىش، كومپيۇتېر ئاساسىي بىلىملىرىدىن تەربىيىلەش ۋە بەت ياساش، باسمىچىلىق قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قىلىپ بەلگىلىك ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈم ياراتتىم. مۇشۇ جەرياندىكى مۇھىم خىزمەتلىرىمىزنىڭ بىرسى خەنزۇ تىلى تەرجىمە-تەھرىر مۇلازىمىتى بولدى.
2003-يىلى ئاپرېلدا ئۆزۈمنىڭ كومپيۇتېر بىلىمىمنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش، يېڭىدىن ئىگىلىك تىكلەش ئۈمىدىدە ئۈرۈمچى شەھىرىگە كەلدىم. گەرچە ئۆزۈمنىڭ مۇنتىزىم ئورۇنلاردا كومپيۇتېر بىلىمىمنى تولۇقلاش مەقسىتىم بولسىمۇ ئۇنىڭغا شارائىت بولمىدى، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئىستىكى تۇغۇلۇپ، بۇ ساھەدە ئىگىلىك تىكلەش، تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ پۇرسەتكە ئېرىشىش مەقسىتىدە بىر قىسىم دوستلىرىم بىلەن 2003-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە 3 يىل جەرياندا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شېنجېن، گۇاڭجۇ، جۇڭشەن، بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلەرگە بېرىپ ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى بىلەن تونۇشتۇق، تەتقىق قىلدۇق، ھەمدە نۇرغۇن شىركەت-كارخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، مىللىي تىل يېزىقىمىزنى ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلاردا قوللىنىش، ئۆز ئانا تىلىمىزدا ئېلېكتىرون مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ئۈستىدە ئىزدەندۇق. دەسلەپكى كومپيۇتېر ئۆگىنىش ۋە مۇلازىمەت ئورنى ئېچىش جەريانىدىكى ئۈچ يىل كومپيۇتېردا دەسلەپكى بىلىملىرىگە ئىگە بولۇش، ئۆگەنگەنلەرنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىش، پىششىقلاش مەزگىلى بولغان بولسا، كېيىنكى ئۈچ يىل ۋاقىت مۇشۇ ئۆگەنگەنلەر ئاساسىدا يېڭى بىلىملەرگە ئېرىشىش، ھەمدە يېڭى يول ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئىگىلىك تىكلەشكە تەييارلىق قىلىش جەريانى بولدى. 2005-يىلىنىڭ ئاخىرىدا «مۇئەللىم» تاۋار ماركىسىنى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن تىزىمغا ئالدۇردۇم. 2006-يىلى سېنتەبىردىن باشلاپ شىنجاڭ مۇئەللىم شىركىتىنى قۇرۇش پىلانغا ئېلىندى. ھەمدە جىددىي ھالدا شىركەت قۇرۇشتىكى مەبلەغ، ئېلېكتىرون لۇغەت ئىشلەپچىقىرىشتىكى ماتېرىيال ۋە لۇغەت ئامبىرى تەييارلاش، قاتتىق ۋە يۇمشاق دېتاللارنى تاللاش، ئۆرنەك ئېلىش، سىناش، بازار تەكشۈرۈش، ئىچكىرىدىكى زاۋۇتلار بىلەن ئالاقىلىشىش قاتارلىق خىزمەتلەر باشلىنىپ كەتتى. ئىشخانا ئىجارىگە ئېلىنىپ، ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوملارنى پۈتتۈرۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان بىر قىسىم ياشلارنى  تەشكىللەپ ئىشقا كىرىشىپ كەتتۇق.
 #p#
مۇئەللىم شىركىتى قاچان، قەيەردە قۇرۇلدى؟ شىركەت قۇرۇش جەريانىدىكى رىيازەتلىرىڭىزنى سۆزلەپ بەرسىڭىز، شىركەت قۇرماقچى بولغانلارغا ئاز-تولا پايدىسى تەگسە ئەجەب ئەمەس.
شىنجاڭ مۇئەللىم ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا شىركىتى 2007-يىلى 4-ئايدا ئۈرۈمچىدە قۇرۇلدى.
ھەممىمىزگە مەلۇم، يىگىرمە بىرىنچى ئەسىرنىڭ قوڭغۇرىقى چېلىنىشى بىلەن پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا تەرەققىيات، ئالغا بېسىشنىڭ گۈدۈكى ياڭرىدى. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئىقتىسادىي تۇرمۇشنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى سودا، مەدەنىيەت، پەن-تېخنىكا ئالاقىسىمۇ قويۇقلاشتى. جۈملىدىن رايونىمىزنىڭمۇ ئىچكىرى ئۆلكە ۋە چەتئەللەر بىلەن بولغان ئالاقىسىمۇ كېڭىيىپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ پەن-تېخنىكا ئۆگىنىش، تىل ئۆگىنىش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، سودا ئالاقىسى، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشقا بولغان ئېھتىياجىمۇ ھەسسىلەپ ئاشتى. رايونىمىز مائارىپ سىستېمىسىدا قوش تىللىق ئوقۇتۇشنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خەنزۇ تىلى، ئىنگلىز تىلى ۋە باشقا دۇنياۋى تىللارنى ئۆگىنىشى دەۋرنىڭ تەخىرسىز تەلىپىگە ئايلاندى.
پەن-تېخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى، كومپيۇتېر، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنىڭ قاتتىق دېتال ۋە يۇمشاق دېتال سىستېمىسىنىڭ يېڭىلىنىشى تېزلەتتى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىستېمالچىلارنىڭ تىل ۋە مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىدىغان، ئۆزى ئىخچام، ياندا ئېلىپ يۈرۈشكە قۇلاي ئېلېكتىرون لۇغەت، يانداش ئۆگەتكۈ، دەرسلىك ئوقۇتقۇ قاتارلىق مەھسۇلاتلار بارلىققا كەلدى. بۇ مەھسۇلاتلار دەسلەپتە ئاددىي سۆزلۈك ئىزدەش ئىقتىدارىنى ئاساس قىلغان، ئېكرانى رەڭسىز، ئىقتىدارى ئاددىي ھالەتتىن تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ نۆۋەتتىكى ئىقتىدارى كومپيۇتېر كۆزنەكلىك مەشغۇلات سىستېمىسىغا تەقلىد قىلىنغان، سىغىمى يۇقىرى، سۈرئىتى تېز، ئاۋاز-سۈرئەت-يېزىق بىرلەشتۈرۈلگەن، تىل ئۆگىنىشنى ئاساس، دەرسلىك ئۆگىنىشنى قوشۇمچە قىلغان يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق مەھسۇلاتقا  ئايلاندى.
شىركىتىمىز مانا مۇشۇنداق تەرەققىيات ئارقا كۆرۈنۈشىدە، مىللىي تىل يېزىقتىكى ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلارنى ئىچكىرى ئۆلكە ۋە چەتئەللەردىكى ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلار بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ، بازارنى مۆلچەرلەش ئارقىلىق «مۇئەللىم» ماركىسىدىكى ئېلېكتىرون لۇغەت ۋە دەرسلىك ئوقۇتقۇ مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىش  ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۇق.
#p#
شىركەت قۇرۇلغاندىن بۇيان خېلى كۆپ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدۇق. ئەڭ قىيىن مەسىلە تېخنىكا مەسىلىسى بولدى. ھەممىمىزگە مەلۇم نۆۋەتتە جەمئىيىتىمىزدىكى ھەر قانداق ساھەدە ئۇتۇق قازىنىش ئۈچۈن چوقۇم مەھسۇلات ئىقتىدارى ۋە سۈپىتىنى ياخشىلاپ، بازارنى ياخشى مۆلچەرلەش كېرەك. مۇئەللىم شىركىتى قۇرۇلغان مەزگىلدە باشقا شىركەتلەر ئاللىبۇرۇن بۇ ساھەدە كۆلەم ۋە بازارنى شەكىللەندۈرگەن چاغلار ئىدى. بىراق بىزنىڭ قارىشىمىزچە يەنىلا تەرەققىيات ئاستا، پۇرسەت كۆپ، خەلقىمىزنىڭ ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلارغا بولغان ئېھتىياجى يۇقىرى ئىدى. مەھسۇلاتنىڭ تېخنىكىلىق يۇمشاق دېتال مەسىلىلىرىدە ئۆزۈمنىڭ مۇنتىزىم ئوقۇغان كەسپىي كومپيۇتېر بولمىغانلىقتىن كۆپ قىينالدىم. ئۇچرىغان قىيىن مەسىلىلەرنىمۇ بۇ ساھەدىكى بىلىم ئىگىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش، پىكىر ئېلىش، مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ھەل قىلىپ كەتتىم. توختاۋسىز تېرىشىش ئارقىلىق تۇنجى مەھسۇلاتىمىزدا بىر قانچە خىل ئالاھىدە ئىقتىدار ۋە تېخنىكىلارنى ئىشقا ئاشۇردۇق. مەسىلەن: 32 خانىلىك،Unicode  ئىچكى يادرولۇق مەشغۇلات سىستېمىسى، ئۇيغۇرچە ئېلكىتاب كۆرۈش ئىقتىدارى، ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە-ئىنگلىزچە ئۈچ تىللىق لۇغەت ئىزدەش، سۆزلەم تەلەپپۇز ئىقتىدارى، كومپيۇتېردىن ماتېرىيال چۈشۈرۈش،SD  كارتا ئارقىلىق سىغىمنى ئاشۇرۇش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق ئىقتىدارلار. ھەمدە مەھسۇلات بازارغا سېلىنىپ قىسقىغىنا 4 ئاي ئىچىدە مەھسۇلاتنىڭ يۇمشاق دېتال نەشرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تۈرلۈك ئىقتىدارلارنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈردۇق، لۇغەت سۆزلۈك ئامبىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتتۇق. مەھسۇلات قاتتىق ۋە يۇمشاق دېتال سۈپىتىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، خېرىدارلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلدۇق. مەھسۇلات ئارقىلىق بازارنى ۋە ئىستېمالچىلار يېتەكلەپ، ئىستېمالچىلارنى ئانا تىلىمىزدىكى ئېلېكتىرون لۇغەت ئىشلىتىش پۇرسىتىگە  ئىگە قىلدۇق.
مېنىڭ قارىشىمدا مەھسۇلات كارخانىنىڭ جېنى، ئىقتىدارلىق ۋە سۈپەتلىك مەھسۇلات بولمايدىكەن، كارخانا رىقابەت مۇھىتىدا ئۇزۇن مۇددەت پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ. بىز بۇ تەرەپكە شىركىتىمىز قۇرۇلغان 4 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ كەلدۇق. مەھسۇلات پىلانلاش، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ۋە سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت ئىشلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ئەستايىدىللىق  بىلەن ياخشى ئىشلىدۇق.
يەنە بىر قىيىن مەسىلە ئىشلەپچىقىرىش مەسىلىسى بولۇپ، تېخنىكىسى يۇقىرى، مەھسۇلات ئىقتىدارىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالايدىغان ئىشەنچلىك كارخانىنى ئىزدەپ تېپىپ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشتا خېلى قىينالدۇق. ھەممەيلەنگە مەلۇم ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتلەرنى رايونىمىز شىنجاڭ تەۋەسىدە ئىشلەپچىقارغىلى بولمايدۇ، زاۋۇت ۋە تەتقىق قىلىش ئورۇنلىرى ئاساسەن ئىچكىرى ئۆلكىدە. بۇنداق كارخانىلار گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە بىر قەدەر كۆلەملەشكەن بولۇپ، سانى بىر قەدەر كۆپ، بازارنى ئىگىلەش دەرىجىسىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى، بىز بۇ جەھەتتە نۇرغۇنلىغان كارخانىلار بىلەن كۆرۈشتۇق ۋە كېڭەشتۇق. بۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ كۆلىمى كىچىك، ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى تۆۋەن ئىدى، بىز بۇلارغا ئىشەنچ قىلالمىدۇق، بەزىلىرىنىڭ تېخنىكىسى يۇقىرى، مەھسۇلاتى ئىشەنچلىك بولسىمۇ مەھسۇلات باھاسى يۇقىرى، چەتئەللەرگە مال ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلار ئىدى، بۇ بىزنىڭ نۆۋەتتىكى بازار ئېھتىياجىمىزغا ئۇيغۇن كەلمىدى. بەزىلىرى دىگىۋار سانىنى ئاز كۆردى ياكى تەلەپنى يۇقىرى قويۇپ بىز بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالىمىدى ياكى خىلمۇ-خىلمۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېلىشەلمىدۇق. بىز توختىماستىن ئىزدىنىش، سۆزلىشىش، ئۆزىمىزنى بىلدۈرۈش ئارقىسىدا مەملىكىتىمىزدىكى خېلى ئالدىنقى قاتاردىكى ئېلېكتىرون لۇغەت ۋە يانداش ئۆگەتكۈ ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانا بىلەن توختامنامە تۈزدۇق ھەمدە ھازىرغا قەدەر ئۇلار بىلەن ئىشەنچلىك سودا مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ بۇ ساھەدىكى يولىمىزنى ئاچتۇق. بۇ ئارقىلىق مەھسۇلاتىمىزنىڭ سۈپەتلىك ۋە يۇقىرى ئىقتىدارلىق ئىشلىنىشىگە، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت ئىشلىرىغا پۇختا ئاساس ياراتتۇق.
ئۇنىڭدىن باشقا مەبلەغ، بازار ئېچىش، شىركەت باشقۇرۇش جەھەتتە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغان بولساقمۇ، كەڭ خەلقىمىزنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىدە بۈگۈنكىدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق دەپ  قارايمەن.
 #p#
مۇئەللىم شىركىتى قاچاندىن باشلاپ مەھسۇلات بازارغا سالدى؟ ئۇلار قايسىلار؟ شىركەتنىڭ كوزىر مەھسۇلاتىنى دەپ بېرەلەمسىز؟
شىركىتىمىز 2007-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى روزى ھېيتتا تۇنجى مەھسۇلاتىنى بازارغا سالغاندىن بۇيان ھازىرغا قەدەر جەمئىي 10 خىل ئېلېكتىرون لۇغەت، يانداش ئۆگەتكۈ، ئوقۇغۇچىلار كومپيۇتېرى، چەكمە ئوقۇتقۇ قاتارلىق بىر يۈرۈش مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سالدۇق. بۇلار تۇنجى ئەۋلاد  EL828 تىپلىق ئۈچ تىللىق ئېلېكتىرون لۇغەت،EL108  ئوقۇغۇچىلار لۇغىتى، مۇئەللىم كىتاب ئوقۇغۇچ،EL100  تىپلىق «ھەمراھ» ئوقۇغۇچىلار ئېلېكتىرون لۇغىتى،M868  تىپلىق سېزىمچان ئېكرانلىق ئېلېكتىرون لۇغەت،M630  تىپلىق «تەرجىمان» ئېلېكتىرون لۇغىتى،M900  تىپلىق «تىلچى» يانداش ئۆگەتكۈ،EL818  تىپلىق كۆپ تىللىق ئېلېكتىرون لۇغەت، A5 ئوقۇغۇچىلار كومپيۇتېرى،M100  تىپلىق «پەرۋاز» چەكمە ئوقۇتقۇ قاتارلىقلار.
بۇلارنىڭ ئىچىدىكى شىركىتىمىزنىڭ تۇنجى مەھسۇلاتى بولغان EL828 تىپلىق ئېلېكتىرون لۇغەت پىروگرامما سىستېمىسى ۋە قاتتىق دېتالىغا مەملىكىتىمىزدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئىلغار ئېلېكتىرون تېخنىكىسى قوللىنىلغان بولۇپ، مۇكەممەل لۇغەت ئىزدەش ئىقتىداردىن باشقا MP3 ناخشا-مۇزىكا ئاڭلاش، ئۇيغۇرچە ئېلكىتاب كۆرۈش، كۆپ خىل تىللاردىكى يېزىقلارنى قوللاش ئىقتىدارى، TTS ئاپتوماتىك تەلەپپۇز سىستېمىسى ئارقىلىق خەنزۇچە، ئېنگلىزچە لۇغەت سۆزلۈكى ۋە تېكىستلەرنى تەلەپپۇز قىلىش، ئاۋازلىق تېكىست، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى شەخسلەر ياردەمچىسى ئىقتىدارى، كومپيۇتېردىن ماتېرىيال چۈشۈرۈش، پىروگرامما نەشرى ۋە ئىچكى ماتېرىياللىرىنى ئەلالاشتۇرغىلى بولۇش قاتارلىق بۆسۈش خاراكتېرلىك بىر يۈرۈش ئىقتىدارغا ئىگە ئىدى. بۇ مەھسۇلات بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان كومپيۇتېر يۇمشاق دېتال ۋە ئېلېكتىرون ساھەسىدىكى ئالىم-مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا، شۇنداقلا كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ تاللاپ ئىشلىتىشىگە ئېرىشتى.
M868 تىپلىق ئېلېكتىرون لۇغەت 2008-يىلى 10-ئايدا بازارغا سېلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تۇنجى رەڭلىك، سېزىمچان ئېكرانلىق ئېلېكتىرون لۇغەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئۇيغۇرچە خاتىرە قالدۇرۇش، ئۇيغۇرچە ناخشا تېكىستىنى كۆرسىتىپ بېرىش، كۆپ تىللىق ئېلكىتاب، رەسىملىك لۇغەت، سىن قويغۇ، ئۈنئالغۇ، ناخشا-مۇزىكا قويغۇچ قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئالاھىدە ئىقتىدارلىرى بىلەن ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلار ئىچىدە مىللىي تىل-يېزىقلارنىڭ سىڭدۈرمە مەشغۇلات سىستېمىسىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى ھەمدە بۇ ساھەدىكى تەرەققىياتنى تېزلەتتى دەپ  ئېيتىشقا بولىدۇ.
2010-يىلى 7-ئايدا ئىلگىرىكى ئۈچ يىلدىكى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى مۇجەسسەملىگەن، تەرەققىي قىلدۇرغان ئاساستا يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرچە، قازاقچە، خەنزۇچە، ئېنگلىزچە سىستېمىلىق، كۆپ خىل تىللىق يېڭى بىر ئەۋلاد سېزىمچان ئېكرانلىق يانداش ئۆگەتكۈ ۋە ئېلېكتىرون لۇغىتىمىزنى بازارغا سالدۇق. ھەمدە بۇ مەھسۇلات ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قازاقچە، قىرغىزچە، ئەرەبچە قاتارلىق مىللىي تىل يېزىقلارنىڭ سىڭدۈرمە مەشغۇلات سىستېمىسىدىكى مەھسۇلاتلاردا قوللىنىشىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈردۇق.
#p#
2010-يىلى قۇربان ھېيتتا بازارغا سېلىنغان مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلار كومپيۇتېرى شىركىتىمىزنىڭ يەنە بىر يېڭى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتى بولۇپ، 7 ديۇملۇق سېزىمچان ئېكران، ئۆلچەملىك كۇنۇپكا تاختىسى، ئوپتىك مائۇس، G4 لىق ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلگەن، ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ سكاننېرلاپ كىرگۈزۈلگەن دەرسلىكلىرىنى چەكمە ئوقۇتۇش، ماس قەدەملىك دەرس تەكرارلاش، ئالاھىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىن دەرسخانىسى، مول ئىككىنچى دەرسخانا ئىقتىدارلىرى، ئوقۇغۇچىلار كۇتۇبخانىسى، ئېلېكتىرون لۇغەت، ئەقىل ئويۇنى قاتارلىق ئىقتىدارلىرى نۆۋەتتىكى قوش تىل ئوقۇتۇشىدا ئاتا-ئانىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىپ، پەرزەنتلەرگە قۇلايلىق ئېلىپ كەلگۈسى.
2011-يىلى 1-مايدا بازارغا سالغان پەرۋاز چەكمە ئوقۇتقۇسى ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇنجى چەكمە ئوقۇتقۇ بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ماتېماتىكا، ئەدەبىيات، خەنزۇ تىلى، ئىنگلىز تىلى دەرسلىك كىتابلىرىنى چەكمە ئوقۇتۇش، لۇغەت ئىزدەش، ئاۋازلىق چۆچەك-ھېكايىلەر، فلەش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە. بۇ مەھسۇلات 5 ياشتىن 14 ياشقىچە بالىلارغا مۇۋاپىق كېلىدىغان چەكمە ئوقۇتۇش  مەھسۇلاتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
 
شىركەت قۇرۇلۇپ بۈگۈنگە قەدەر شىركەتنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ۋە باشقا تەرەپلەردە قانداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۈڭلار؟
شىركىتىمىز تەرەققىيات مۇساپىمىزدە مەھسۇلات ئىقتىدارىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق ياراتقاندىن باشقا ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدىمۇ كۆرۈنەرلىك نەتىجە ھاسىل قىلدۇق. نۆۋەتتە شىركىتىمىزدە يۇمشاق دېتال ئېچىش بۆلۈمى، ماتېرىيال تۈزۈش-تەھرىرلەش بۆلۈمى، مالىيە-ئىستاتىستىكا بۆلۈمى، ئېلان-ئىستراتېگىيە بۆلۈمى، سېتىش بۆلۈمى، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت بۆلۈمى قاتارلىق بۆلۈمچىلەر تەسىس قىلىندى ياكى شىركەت باشقۇرۇش تۈزۈملىرى بارغانسېرى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. مۇقىم ئىشلەۋاتقان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ سانى 25 كە يەتتى. ھەر قايسى جايلاردىكى سېتىش ۋە مۇلازىمەتنى قانات يايدۇرۇش يۈزىسىدىن ۋاكالىتەن سېتىش نۇقتىلىرىنى تەسىس قىلىپ سېتىش ۋە سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت ئىشلىرىنى ياخشى ئېلىپ باردۇق. نۆۋەتتە شىركەت باشقۇرۇشىدىكى مەخسۇس سېتىش ئورنى 7 گە، ۋاكالىتەن سېتىش نۇقتىلىرى 50 كە يېقىنلاشتى. يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق شىنخۇا كىتابخانىسى بىلەن تىجارەت ھەمكارلىقى ئورنىتىپ، ھەر قايسى جايلاردىكى شىنخۇا كىتابخانىلىرىنىڭ سىفىرلىق مەھسۇلاتلار سېتىش رايونىدا پۇكەي تەسىس قىلدۇق.
#p#
شىركىتىمىز 3 يىلدىن بۇيان ئۆز-ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، رايونىمىزدىكى ھەر قايسى مەكتەپلەردە مائارىپنى قوللاپ، خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنى ئېلىپ باردۇق. مەكتەپتە ياخشى ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى رىغبەتلەندۈردۇق ۋە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قولىمىزنى سۇندۇق. بۇ مۇناسىۋەتتە سەرپ قىلغان ماددىي بۇيۇم ۋە نەق پۇل 100 مىڭ يۈەندىن  ئاشتى.
 
ئېلېكتىرون كەسپى نىسبەتەن يۇقىرى تېخنىكا، كۆپ مەبلەغ تەلەپ قىلىدىغان كەسىپ. شۇ سەۋەبلەرگە كۆرە شىنجاڭدىكى ئېلېكتىرون كارخانىلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئاساسەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ياسىلىدۇ. بۇنىڭدا تېخنىكىلىق سەۋەبتىن باشقا سەۋەبلەرمۇ بارمۇ؟ ئويلىغانلىرىڭىزنى سۆزلەپ  بەرسىڭىز.
توغرا، ئېلېكتىرون كەسپىي يۇقىرى تېخنىكىنى ئاساس قىلغان، تەرەققىيات سۈرئىتى تېز، يۇقىرى تېخنىكا ۋە كۆپ مەبلەغ تەلەپ قىلىدىغان كەسىپ. نۆۋەتتە شىنجاڭدىكى مىللىي ئېلېكتىرون كارخانىلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئاساسەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ياسىلىۋاتىدۇ. بۇنداق بولۇشىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئېلېكتىرون مەھسۇلات كارخانىلىرىنىڭ مۇشۇ ساھەدىكى تېخنىكا ۋە كۆلەم جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقى، مەھسۇلات پۈتۈپ چىقىش تەننەرخىنىڭ تۆۋەنلىكى ھەم بۇ شەھەرلەرنىڭ جۇغراپىيەلىك جايلىشىشى، ئىختىساسلىقلارنىڭ توپلىنىشى كارخانىلارغا پايدىلىق شارائىت ياراتقان دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. مەسىلەن: گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شېنجېن شەھىرىنى مىسال ئالساق، جۇغراپىيەلىك ئورنى جەھەتتىن ئېلېكتىرون كەسپىي تەرەققىي قىلغان ياپونىيە، كورىيە، شياڭگاڭ، تەيۋەن، مالايسىيا، سىنگاپور قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارغا يېقىن ياكى ئالاقىسى قويۇق، بۇنداق ئەۋزەللىك تېخنىكا ۋە ئۇچۇر قوبۇل قىلىش، ئىختىساسلىقلار جەلپ قىلىش، يۇمشاق دېتال ئېچىش، يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئىختىرا قىلىشقا كەڭرى مەيدان ھازىرلىغان. دۆلەتنىڭ بۇ جەھەتتىكى قوللاش سالمىقى ۋە سېلىنمىسىمۇ ئالاھىدە زور. نۆۋەتتە بۇ شەھەرنى دۆلىتىمىزنىڭ ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش بازىسى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. شىنجاڭ رايونىغا كىرىۋاتقان كومپيۇتېر ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىن كىرىدۇ. رايونىمىز شىنجاڭدا بولسا ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ۋە ئىختىساسلىق خادىملار يوق دېيەرلىك، بار بولدى دېگەندىمۇ تېخنىكا ئالماشتۇرۇشى ۋە يېڭىلىنىشى بىر قەدەر ئاستا، شۇڭا دەۋرگە ئەگىشىپ يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى ۋە كۈچى نىسبەتەن ئارقىدا دەپ ئويلايمەن. شۇ سەۋەبلىك نۆۋەتتە شىركىتىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئىچكى ئۆلكىلەردە ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، بىراق، ئىشىنىمەنكى شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ساھەدىكى تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ بۇ ساھەدىكى بوشلۇق چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلالايدىغان ۋە ئىشلەپچىقىرالايدىغان مىللىي  كارخانىلىرىمىز كۆپلەپ بارلىققا كېلىدۇ.
 #p#
سىزچە شىنجاڭ ئېلېكتىرون بازىرىدا قانداق مەسىلىلەر ساقلىنىۋاتىدۇ؟ مۇئەللىم نامىدىكى ئېلېكتىرون كارخانىسىنىڭ مەسئۇلى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ھەققىدە قانداق قاراشلىرىڭىز  بار؟
دۆلىتىمىزدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىغاندا مىللىي تىل يېزىقىمىزدىكى ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلار تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولۇپ، بۇ ساھەدە بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. لېكىن بۇ ساھەدە مەلۇم يېتىشسىزلىكلەر مەۋجۇت دەپ  قارايمەن.
ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلارنىڭ يۇمشاق دېتالىنى ئېچىش شىركەتلىرىمىز يوق دېيەرلىك ياكى بار بولسىمۇ يۇمشاق دېتاللارنى بىر تۇتاش پىلانلاش ئىقتىدارى تۆۋەن، شىركەتلەرنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى قېلىپلاشمىغان، ئىختىساسلىقلار ئاز. ھەممەيلەنگە مەلۇم، يۇمشاق دېتال ئېلېكتىرون مەھسۇلاتنىڭ جېنى، يۇمشاق دېتال بولمايدىكەن قاتتىق دېتال ھەرىكەت قىلالمايدۇ. مىللىي تىل يېزىقىمىزدىكى ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىمىزغىمۇ چوقۇم ئىلغار بولغان يۇمشاق دېتاللار ھازىرلىنىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن كەسىپلەشكەن يۇمشاق دېتال شىركەتلىرى قۇرۇلۇشى كېرەك. شۇڭا ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلارنىڭ تەرەققىياتىدا يۇمشاق دېتال پروگراممىچىلىرىنىڭ رولى ئالاھىدە چوڭ دەپ قارايمەن. مەيلى كومپيۇتېر ساھەسىدە بولسۇن مەيلى باشقا ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلار ساھەسىدە بولسۇن مىللىي تىل يېزىقىمىزدىكى يۇمشاق دېتاللار ئارقىلىق ئۆز تىلىمىزنى ساقلاپ قىلىشقا ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، مىللىي ئېلېكتىرون بازىرىنى يېتەكلەشكە، ئىستېمالچىلارنى كۆپەيتىپ، يېڭىدىن-يېڭى كارخانىلارنى قۇرۇپ چىقىشقا پايدىلىق ئىمكانىيەت يارىتىلىدۇ.
بۇنىڭ ئۈچۈن ئېلېكتىرون كارخانىلار پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، نۆۋەتتىكى ئەۋزەل شارائىتتىن تولۇق پايدىلىنىپ تەرەققىيات سۈرئىتىمىزنى تېخىمۇ تېزلىتىپ، مۇستەقىل يۇمشاق دېتال ئېچىش سەۋىيەسى ھازىرلاپ، خەلقىمىز ياقتۇرىدىغان يۇقىرى ئىقتىدارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشىمىز كېرەك.
 #p#
مۇئەللىم شىركىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلانلىرى، شىركەتنىڭ شۇ پىلانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا قىلىدىغان ئەمگەكلىرى ھەققىدە سۆزلەپ بەرسىڭىز.
شىركىتىمىز بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات يولىدا، ئالدى بىلەن شىركىتىمىزنىڭ زامانىۋى ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تىرىشىمىز، ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، شىركىتىمىزنىڭ پەن-تېخنىكا ئەمەلىي كۈچىمىزنى ئاشۇرىمىز. يېقىن كەلگۈسىدە ئۆزىمىزنىڭ كۆلەملەشكەن يۇمشاق دېتال ئېچىش ئورگىنىنى قۇرۇپ چىقىپ، مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشتىكى مۇستەقىل ئىقتىدارىمىزنى يېتىلدۈرىمىز. دۆلىتىمىز ۋە دۇنيادىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى ئۈلگە قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى مەھسۇلاتىمىزنىڭ سۈپىتى ۋە ئەمەلىي كۈچىنى ئۆستۈرىمىز. بازار دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭ بازىرىنى جانلاندۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقا قوشنا مەملىكەتلەرگە مەھسۇلاتىمىزنى كېڭەيتىمىز. سېتىش ۋە سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتنى تېخىمۇ ياخشىلاپ خەلقىمىزگە ئەمەلىي  جاۋاب قايتۇرىمىز.
مەھسۇلات ئىقتىدارى جەھەتتە نۆۋەتتىكى كۆپ تىللىق لۇغەت ئامبىرىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ماس قەدەملىك ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، مىللىي تىل يېزىقىمىزغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى ئىقتىدارلارنى مەھسۇلاتىمىزغا سىڭدۈرۈپ، دەۋرگە خاس ۋە يۇقىرى ئالاھىدىلىككە ئىگە يۇمشاق دېتال ئىقتىدارىنى بەرپا قىلىمىز.
شىركىتىمىزنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىنى ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىپ، مىللىي تىل يېزىقىمىزدىكى ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلارنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بۇ ساھەدىكى باشلامچى كارخانىغا ئايلىنىشقا تىرىشىمىز.
 
* زىيارەت قىلغۇچى: كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتى
----------------------------------------
بۇ ماقالە كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى شىركىتىنىڭ ئالاھىدە ئىجازىتى بىلەن «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش»ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى. رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى