ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئۇششاق ئىشلارنى كىم قىلاركى دەپ تۇرماي، ئۆزىڭىز قىلىۋەتكىنىڭىز تۈزۈك

ئۇششاق ئىشلارنى كىم قىلاركى دەپ تۇرماي، ئۆزىڭىز قىلىۋەتكىنىڭىز تۈزۈك

ۋاقتى: 2016-06-18 ئاۋاتلىقى: 599 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 بېشى « جېدەللەشكەنلەرگە سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ» بۇ يەردە!

 

ئۇششاق ئىشلارنى كىم قىلاركى دەپ تۇرماي، ئۆزىڭىز قىلىۋەتكىنىڭىز تۈزۈك

 

ئەگەر بىز دېگۈدەك ئېھتىياتچان بولمايدىكەنمىز، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى مەسئۇلىيەت مەسىلىسىدە ناھايىتى ئاسانلا ئاغرىق – ئاداۋەت پەيدا قىلىپ قويىمىز. روھىي ھالىتى ئوبدان بولغاندا، كىشىلەر ھەر كۈنى خۇشال – خۇرام خىزمەت، ئۆگىنىش قىلىدۇ. كۆڭلى باشتىن – ئاخىر خاتىرجەم بولىدۇ، ئۆزىنىڭ ھەر كۈنى قىلغان ئىشىغا قارىتا «كۆڭلىدە سان بولىدۇ»، ئالغىنى بىلەن بەرگىنىنىڭ ھېسابىنى زىغىرلاپ كەتمەيدۇ، ھېچكىم بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. لېكىن، سىز چۆچۈگەن ھالدا شۇنى بايقايسىزكى، كۆڭلىڭىز خاتىرجەم بولمىغاندا، ئۆزىڭىزنىڭ بىر كۈندە يۈز خىل، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ جىق ئىش قىلغانلىقىڭىزنى ئېنىق ئېسىڭىزدە تۇتالايسىز.


ئەگەر كاللىڭىزغا كىرىۋالغىنى كىمنىڭ نېمە ئىش قىلغانلىقى، كىمنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىش قىلغانلىقى، مەن بىرەر ئىش قىلىشىم كېرەكمۇ – يوق، مەن قانچىلىك ئىش قىلدىم دېگەندەك ئەھمىيىتى يوق، تۇتامغا چىقمايدىغان ئىشلار بولغان بولسا، شۇلارنى دەپ ئۆز پايدا – زىيىنىڭىزنىڭلا غېمىگە پېتىپ قالىسىز، سەرلەپ – مىسقاللاپ ھېسابلىشىسىز، شۇنىڭ بىلەن روھىڭىز تېخىمۇ چۈشۈپ، ئاۋارىچىلىكىڭىز تېخىمۇ كۆپىيىپ كېتىدۇ، ئاغرىنىپلا يۈرىسىز. بىر ئادەملەرگە باھا بېرىدىغان مۇنداق سۆزلەرنى دائىم ئاڭلاپ تۇرىمىز: «چوڭ ئىشلار قولىدىن كەلمەيدۇ، كىچىك ئىشلارنى ياراتمايدۇ»، «نەزىرى ئۈستۈن، ھالى بوش»... بۇنداق ئادەملەر ساماندەك كۆپ. بۇنداق ئادەملەرنىڭ «چوڭى قولىدىن كەلمەسلىك، كىچىكىنى ياراتماس»لىقىدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇلار ئىشنى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ قىلىشقا، ئۆز ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇشقا سەل قارىغان.


شۇڭا، بىئارام بولۇشتىن ساقلىنىشنىڭ بىردىنبرى ئۇسۇلى بۇنداق ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئەرزىمەس كىچىك ئىش دەپ قاراش. ھەدېسىلا «تازلىقنى كىم قىلىۋېتەر» دېگەننى ئويلىماي، بەلكى «بۇ ئىشنى مەن قىلىۋەتسەم، ئائىلىدىكىلەر بىردەم بولسىمۇ كۆپرەك ئارام ئېلىۋالىدۇ» دېگەننى ئويلاش كېرەك. مۇشۇنداق ئىشلار سىزگە خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىغىمۇ خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ.



شۇڭا، كەيپىياتىڭىزنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، بەزى ئىشلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۆپرەك قىلسىڭىز، ئەمگەك جەريانىدا ئۆزىڭىزنى چېنىقتۇرسىڭىز، ئەرزىمەس ئىشلارنى قىلغاندىن كۆپ ياخشى. ئەمەلىيەتتە، قىلغان ھەر بىر كىچىك ئىشىڭىزنى بۇلجۇڭ گۆش ۋە سۆڭەكنى ھەرىكەتلەندۈرۈش، بەدەن چېنىقتۇرۇش دەپ بىلسىڭىز، روھىڭىز كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ، چارچىغانلىقىڭىزنى بىلمەي قالىسىز. تازىلىقنى قىلىپ بولۇپ، ئەمگەكتىن ئىلگىرى ۋە كېيىنكى ئەھۋالغا نەزەر سالسىڭىز، بىر خىل ئازادە نەتىجە تۇيغۇسى تەبىئىي رەۋىشتە پەيدا بولىدۇ. ئائىلىدىكى ئۇششاق ئىشلارنى مانا مۇشۇنداق قىلسىڭىز، زېرىكىشلىك ھېس قىلمايسىز.
تەكلىپىمنى قوبۇل قىلسىڭىز، تېخىمۇ نۇرغۇن ئىشلارنى خۇشاللىق بىلەن قىلىسىز. ئېھتىمال بۇ ئىشقا قارشى پىكىردە بولارسىز، ئەمما بۇنداق قارشى پىكىردە بولۇش ئەلۋەتتە بىر خاتالىق ھېسابلىنىدۇ. بۇ خاتالىق «ئەڭ مۇھىمى سىزنىڭ توغرا قىلغانلىقىڭىز ‹كەڭ قورساقلىق قىلغانلىق ئەمەس› » دېگەنگە ئوخشايدۇ. ئەمەلىيەتتە، كۆپىنچە ھاللاردا سىزنىڭ توغرا قىلغان – قىلمىغانلىقىڭىز ئانچە مۇھىم ئەمەس، يەنى سىزنىڭ تۇغقانلىرىڭىز ياكى خىزمەتداشلىرىڭىز بىلەن قانچە قېتىم ئارتۇق تازىلىق قىلغانلىقىڭىزنى سېلىشتۇرىشىڭىز ئوخشاشلا مۇھىم ئىش ئەمەس. تازىلىقنى كىم قىلىش كېرەك؟ دېگەن ئىشقا باش قاتۇرۇپ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلغاندىن كۆرە، ئۆزىڭىز دەرھال قىلىۋەتكىنىڭىز تۈزۈك.


مۇشۇنداق ئۇششاق ئىشلار تۇرمۇشىڭىزغا ئازراق كاشىلا بولسا، شۈبھىسىزكى تېخىمۇ مۇھىم ئىشلارنى بىر ياقلىق قىلىشقا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت چىقىرالايسىز.
-------------------------------------------------

«ئادەم بولۇش ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى