ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

خىزمەتتىكى ۋاقىتتا بىر تاغ، خىزمەتتىن ئايرىلغاندا بىر ئابىدە بولۇش

خىزمەتتىكى ۋاقىتتا بىر تاغ، خىزمەتتىن ئايرىلغاندا بىر ئابىدە بولۇش

ۋاقتى: 2016-05-24 ئاۋاتلىقى: 876 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مەن بۇرۇن نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ خىزمەتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئىلگىرىكى شىركىتىنى ئۇنداق ناچار، بۇنداق ناچار دەپ قاقشىغىنىنى ئاڭلىغان ئىدىم. بەزىلىرى خوجايىننىڭ ئەخلاق-پەزىلىتىدە مەسىلە بار دېسە، بەزىلىرى شىركەت تۈزۈمىدە مەسىلە بار دەيتتى، يەنە بەزىلىرى بولسا مۇئاشى ئاز دەيتتى. مانا بۇ كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ شىركەتتىن ئايرىلىشىنىڭ سەۋەبى، توغرىراق قىلىپ ئېيتقاندا باھانىسى! 
ئۇلار ئىلگىرىكى شىركەتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن ناھايىتى مەردانىلىك بىلەن باشقا شىركەتكە خىزمەت ئىزدىگىلى بارىدۇ، تېخى بەزىلەر يۈز تۇرانە ئىمتىھاندىلا بۇرۇنقى شىركەتنىڭ ھەر خىل ئادىلسىزلىقلىرىنى ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كېتىدۇ.
مەن 2011-يىلىدىن باشلاپ شىركەت دىرېكتورلۇقىغا ئۆسكەن، شۇنىڭدىن باشلاپ يۈز-تۇرانە ئىمتىھانغا تەكلىپ قىلغان ئادەم نەچچە مىڭغا يەتتى، مەن ئۆزۈمنى بەك تەجرىبىلىك دېيەلمەيمەن، ئەمما ئەڭ بولمىغاندىمۇ بىر قىسىم كىشىلەر ھازىرغىچە تۈنۈگۈنكىدەك ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. مەن قانداقتۇر ئۇلارنى تەنقىلىمەكچى ياكى ئۇ ئادەملەر بولمايدۇ دېمەكچى ئەمەس. پەقەت بىر خىزمەتچى قوبۇل قىلغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن كۆپچىلىك بىلەن ئۆز تەجرىبەمنى بەھرلەنمەكچى، شۇ ئارقىلىق خىزمەتچى قوبۇل قىلغۇچى دىرېكتورلار ۋە خوجايىن بولغۇچىلارنىڭ پىسخىكىسىدىن كۆپچىلىكنى خەۋەردار قىلماقچى. 
بىرىنچى خىلدىكى ئادەملەر، خىزمەتتە نەتىجە قازىنىشتىن بۇرۇن باشلىق بىلەن شەرتلەشمەڭ، چۈنكى خىزمەت نەتىجىسى سىزنىڭ شەرت قويىدىغان بىردىنبىر ئاساسىڭىز، شۇڭلاشقا تېخى نەتىجىڭىز بولمىغان ئاساستا شەرتنى ئوتتۇرىغا قويماڭ.
ھەر قانداق بىر شىركەتنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش چىقىمى بولىدۇ، مەسىلەن خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش چىقىمى، تەربىيەلەش چىقىمى، باشقۇرۇش چىقىمى، ماتېرىيال چىقىمى قاتارلىقلار. شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپىنچە شىركەتلەر خىزمەتچى تەكلىپ قىلغاندا ئەڭ مۇۋاپىق ھەم شىركەتنىڭ ئەڭ ماس كېلىدىغان خادىم قوبۇل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئۇلار مۇۋاپىق دەپ قارىغان خىزمەتچىگە يولۇققاندا ھەر خىل ئاماللار بىلەن ئۇلارنى تۇتۇپ قېلىشنى ئويلايدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا شىركەت ئۈچۈن ھەر بىر ئادەم بىر بايلىق.
#p#
ئىختىساس ئىگلىرى شىركەتكە كىرگەندىن كېيىن شىركەت ئۇلارنى تېزراق شىركەت ئۈچۈن بايلىق ۋە پايدا ياراتقۇزۇش مەقسىتىدە، ۋاقىت چىقىرىپ ئۇلارنى ئۆز ئورۇنلىرىغا ماسلاشتۇرىدۇ، ھەتتا ھەر خىل چىقىم چىقىرىپ ئۇلارنى تەربىيەلەيدۇ. لېكىن مۇشۇ ۋاقىتتا نۇرغۇن خىزمەتچى قالايمىقان ئويلاشقا باشلايدۇ، خاتالاشماڭلار، شىركەتنىڭ سىزنى ئىختىساس ئىگىسى دەپ قارىشى ئۇلارنىڭ سىز بۇرۇن دېگەن نەتىجىلىرىڭىزگە ئىشەنگەنلىكى. سىز ھەقىقىي نەتىجە يارىتىشتىن بۇرۇن شىركەت سىزنى ئىزچىل كۆزىتىدۇ، چۈنكى شىركەت دېگەن شىركەت، ساخاۋەت ئورۇنلىرى ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىختىساس ئىگىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، بىرىنچى قەدەمدە نەتىجىڭىزنى كۆرسىتىشىڭىز كېرەك، بۇ ئۆز ئىقتىدارىڭىزنى نامايەن قىلىشتىن باشقا يەنە باشلىق بەرگەن ئىش ھەققىگە قايتۇرغان جاۋابىڭىز بولىدۇ.
ئىككىنچى خىل ئادەملەر، ھاياتلىق سەپىرىنىڭ تۇنجى قەدىمىدىلا ئۆزىڭىزگە دۈشمەن پەيدا قىلىۋالماڭ.
ئەمدىلا ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقوغۇچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن كۆڭلىڭىزدە بىر نۇقتا ئېنىق بولسۇن، ئەمدىلا جەمئىيەتكە قەدەم قويغان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ شىركەتكە نىسبەتەن ھىچقانداق ئەمەلىي قىممىتى يوق، پەقەت بىر تال شەلۋەرەپ كەتكەن دېپلوملا بار. ئەگەر شىركەت سىزنى ئىشلىتىپ تەربىيەلەشنى خالىسا بۇ شىركەتكە رەھمەت ئېيتىشىڭىز كېرەك، چۈنكى بىر ئادەمنى تەربىيەلەشكە كېتىدىغان چىقىم ناھايىتى كۆپ بولىدۇ.
بەزى شىركەتلەر يېڭى ئادەملەرنى تەربىيەلەشكە ئامراق، چۈنكى يېڭى كىشىلەرنىڭ تەلىپى ئاز، ھەم بىر قەدەر ساددا. ئادەتتە 2000 يۈەن مائاش بىلەن تەكلىپ قىلغىلى بولىدۇ، مۇۋاپىقراق، ئەستايىدىل خىزمەتچىگە يولۇققاندا شىركەت پايدا ئالىدۇ. لېكىن بۇنداق ئادەم تولىمۇ ئاز.
نۇرغۇن كىشىلەر قىزغىنلىقىغا تايىنىپلا شىركەتكە كىرگەندىن كېيىن ھەمىشە  ئۆزىنىڭ خىزمەتكە ئىلتىماس قىلغاندىكى ۋەدىسىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. ھەدېسىلا شىركەتتىن قۇسۇر ئىزدەيدۇ، كىچىككىنە سەۋەنلىك تۈپەيلى شىركەتنى ئىستىقبالى يوق قاتارىغا چىقىرۋېتىدۇ، ياكى بىرەر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانغىلا شىركەتتىن كېتىدۇ. خىزمەتتىن كەتكەن بولسىڭىز بولۇپتۇ، ئەمما باشقىلارنىڭ ئالدىدا توختىماي ئۇ شىركەتنى تىللاۋەرمەڭ، چۈنكى ئۇ شىركەت دەسلەپتە راستىنلا سىزنى ئىشلەتمەكچى ئىدى، پەقەت سىزنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتىڭىز ئۇلارنى رازى قىلالمىدى، ياكى ئۆزىڭىزنىڭ دەسلەپكى ۋەدىڭىزدە ئېيتقانغا يېتەلمىدىڭىز.
#p#
ئەينى چاغدا شىركەتكە كىرىشنى ئۆزىڭىز قارار قىلغان ئىكەنسىز، ئۇنىڭ مەلۇم سەۋەبى بار، ئۇ شىركەتنى تىللىغىنىڭىز ئەمەلىيەتتە ئۆزىڭىزنىڭ بۇرۇنقى تاللىشىڭىزنى تىللىغىنىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ ئەينى چاغدىكى ئەخماقلىقىڭىزنى ئېتىراپ قىلغانلىقىڭىز.
ئەلۋەتتە، بۇنداق ئادەملەر ھەر ھالدا ياخشى، ئادەمنىڭ ئەڭ ئاچچىغىنى كەلتۈرىدىغىنى 3-6 ئايغىچە خىزمەت قىلىپلا كېتىدىغانلىرى. شىركەت بىر ئادەمنى تەربىيەلەش ئۈچۈن شۇ 3-6 ئايغىچە ۋاقىت كېتىدۇ، شىركەت سىزنى ئەمدى قاتارغا قوشۇلدى، ئەمدى شىركەت ئۈچۈن ئۈنۈم يارىتىدۇ دەپ تۇرغاندا سىز كېلىپ شىركەتكە ئاسىيلىق قىلسىڭىز، بۇنى قانداق چۈشەندۈرۈش كېرەك؟ بۇنداق چاغدا، ئەگەر سىز شەخسىي سەۋەبلىك داۋاملىق ئىشلەشكە ئامالسىز قالسىڭىز باشلىق بىلەن پىكىرلىشىپ بېقىڭ، ئۇنىڭ چۈشىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈڭ، ئۇنىڭ تەربىيەلىگىنىگە رەھمەت ئېيتىڭ، ھەرگىز مائاش ۋە ھەقنى تىلغا ئالماڭ. چۈنكى باشلىقنىڭ كۆڭلىگە ئايان سىزگە مۇئاش بېرىش-بەرمەسلىك ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچقانچىلىك ئىش ئەمەس. ئەگەر ئۇ خۇشال بولسا، كېيىنچە سىز بىلەن باشقا ئىشلاردا ھەمكارلىشىشى ياكى سىزگە قايتا پۇرسەت بېرىپ قىلىشىمۇ مۇمكىن. قورقۇنچلۇق بولغىنى نۇرغۇن كىشىلەر بۇ قائىدىنى بىلمەيدۇ، شىركەتتىن ئايرىلغاندا خوجايىننىڭ ھەق بەرمەسلىكىدىن قورقۇپ ھەر خىل ئاماللار بىلەن ھەق ئېلىشقا تىرىشىدۇ، ھەتتا خوجايىنغا تەھدىت سالىدىغانلارمۇ بار. بۇنداق قىلسىڭىز ئاخىرىغا كەلگەندە زىيان تارتىدىغىنى يەنىلا ئۆزىڭىز، گەرچە قانۇن ئەمگەكچىلەرنى قوغدىسىمۇ، لېكىن ئۇ ھەربىر ئادەمنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدىمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قىينايدىغان ۋاقتى ئۇزۇن. ئەڭ مۇھىمى  ھاياتلىق سەپىرىڭىزنىڭ تۇنجى قەدىمىدىلا ئۆزىڭىزگە دۈشمەن پەيدا قىلىۋالماڭ.
ئۈچىنچى، خىزمەتتىكى ۋاقىتتا  بىر تاغ، خىزمەتتىن ئايرىلغاندا بىر ئابىدە بولۇش
نۇرغۇن كىشىلەر باشلىق دېگەن بىر ئەخلەت، شىركەت تۈزۈمى نامۇۋاپىق دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ناھايىتى نورمال ھادىسە. بىز باشلىقنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ ئويلىساق ئەمەلىيەتتە باشلىققىمۇ ئاسان ئەمەس. ئۇلار ئۆز نىشانى ئۈچۈن ئىلگىرىكى بارلىق دەسمايىسىنى چىقىرىپ بۇ شىركەتنى قۇردى. خىزمەتچىگە ۋەدە بەرگەن مائاشنى بېرىش ئۈچۈن باشلىقلار بەزىدە تەييار چۆپ يەپ كۈن ئۆتكۈزىدۇ، ئاي ئاخىرىدا خىزمەتچىلەرنىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىش، ئۆز قوشۇنىنى تېخىمۇ ئىتتىپاقلاشتۇرۇش  ئۈچۈن ئۇ ئەسلى ئۆيىدىكىلەرگە ئەۋەتىشكە تېگىشلىك بولغان پۇل بىلەن قول ئاستىدىكىلەرنى ساياھەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشى مۇمكىن.
#p#
شۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەتچىمۇ خوجايىنغا ئوخشاش پۈتۈن كۈچى بىلەن شىركەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك. ئەگەر شىركەت تەرەققىي قىلسا ئاز-تولا ۋىجدانى بار ئادەمنىڭ ھەممىسى بۇنداق بىللە كۈرەش قىلغان دوستلىرىنى قەدىرلەيدۇ. ئەگەر شىركەت ۋاقىتلىق ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرسا، ھەرگىزمۇ ئاسانلىقچە شىركەت بولالماي قالدى، مۇئاشمۇ بېرەلمەيدۇ، بۇنداق شىركەتتە ئىشلەش ياشلىقنى ئىسراپ قىلغانلىق دەپ ئويلىماڭ ھەم بۇنداق ۋاقىتتا ئاسانلىقچە شىركەتنى تاشلاپ كەتمەڭ.
 
شىركەتتىن كەتسىڭىزمۇ ھېچقىسى يوق، مەن يەنىلا باشلىق بىلەن ئوبدانراق پاراڭلىشىپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. راستىنلا كەتكەن تەقدىردىمۇ ھەر ئىككى تەرەپنىڭ كۆڭلى ئازادىرەك بولىدۇ، كېيىنچە بەلكىم دوست بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. ھەرگىزمۇ شىركەتتىن تۇيۇقسىز كەتمەڭ، تېخىمۇ بەك خوجايىنغا تەھدىت سالغۇچى بولماڭ. بۇنداق بولغاندا ئۆزىڭىزگە بىر دۈشمەن پەيدا قىلىپلا قالماي يەنە ۋىجدانىڭىزمۇ ئازابلىنىشى مۇمكىن. شىركەتنىڭ ئەينى چاغدا سىزنى ئىشلىتىشى، تەربىيەلىشى سىزنىڭ ئۆزىگە پايدا ئېلىپ كېلىدىغانلىقىڭىزغا ئىشەنگەنلىكىدە، ئەگەر شىركەتنىڭ ھېچقانداق مەبلىغى قالمىسا، بۇنىڭدا سىزنىڭ ئازراق مەسئۇلىيتىڭىزمۇ يوقمۇ؟ بەلكىم مەن قىلىشقا تېگىشلىكنىڭ ھەممىنى قىلدىم، شىركەتنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىشى باشلىقنىڭ ياخشى باشقۇرالمىغانلىقىدا دېيىشىڭىز مۇمكىن. گەپ بۇنداق بولغان ئىكەن، سوراپ باقاي، شىركەتنىڭ مەسىلىسىنى كۆرگەندە سىز نېمە قىلىۋاتقان؟
بىر خىزمەتچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن خىزمەتتىكى ۋاقىتتا  بىر تاغ، خىزمەتتىن ئايرىلغاندا بولسا بىر ئابىدە بولۇشىڭىز كېرەك. بۇنداق ھاياتلىق يولى ماڭغانسېرى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. چۈنكى كىشىلىك مۇناسىۋەت دېگەن بايلىق.
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى