ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بىل. گايتىسنىڭ ئەقىلى ئىقتىدارلىق داچىسى

بىل. گايتىسنىڭ ئەقىلى ئىقتىدارلىق داچىسى

ۋاقتى: 2016-07-20 ئاۋاتلىقى: 663 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «بىل. گايتىسنىڭ كىچىكىدىن تارتىپ ئەمەل قىلىپ كەلگەن11 تۈرلۈك تۇرمۇش مىزانى» بۇ يەردە!

 

بىل. گايتىسنىڭ ئەقىلى ئىقتىدارلىق داچىسى


 گايتىس ئۆز ئىگىلىكىدە ئاز-تولا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەندىن كېيىن، يۇرتىغا قايتىشنى ئويلىغان، ئۇ ئالدى بىلەن شىركەت باش شىتابىنى سىئاتىلغا يۆتكەپ كەلگەن، ئاندىن 97 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ ئۆيىنى گۈزەل سىئاتىل شەھىرىنىڭ سىرتىغا ئورونلاشتۇرۇپ، داۋاملىق ھالدا 11 يەردىن ئۆي سېتىۋالغان. گايتىسنىڭ ئۆيى سىئاتىلدىكى ۋاشىنگىتون كۆل بويىغا جايلاشقان بولۇپ، شەھەر ئىچىدىن ئاپتۇموبىل بىلەن 25 مىنۇتتىلا بارغىلى بولىدۇ. بۇ زور مىقداردىكى مەبلەغ بىلەن يەتتە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنىپ سېلىنغان چوڭ تىپتىكى ئېسىل تۇرالغۇ ھازىرقى زاماندىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تۇرالغۇنىڭ نامايەندىسى بولۇپلا قالماستىن، يەنە مەنزىرلىك كۆرۈنۈش ھېسابلىندۇ. ئۇنىڭ كۆل بويى رايوندىكى داچىسنىڭ يەر كۆلىمى 6600 كۋادىرات مېتىر بولۇپ، داچىنىڭ پۈتۈن لايىھەسى مۇنداق: ئۈچ يۈرۈش ئاشخانا، 60 ئىنگىلىزچىسى چوڭلۇقتىكى بىر سۇ ئۈزۈش كۆلى، 20 كىشىلىك كىچىك كىنوخانا، يۈز كىشى سىغقۇدەك مەجلىسخانا، بىر كومپيۇتېر مەركىزى، 28 دانە ئالىي دەرىجىلىك ئاپتوموبىل توختىتىشقا بولىدىغان يەر ئاستى ئۆيى، 14 مىڭ پارچە كىتابنى ساقلىغىلى بولدىغان بىر ئېغىز قىرائەتخانا، يەنە بىر ئويۇنچۇق ئويناش ئۆيى، بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۆيى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان.


سۇ يۈزىدىن گايتىسنىڭ ئۆيىگە قارىغاندا، كۆل بويىدىكى باشقا داچىلاردىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئۆي ئىچىنىڭ ھەممە يېرى زامانىۋىلىشىش دەرىجىسىنى نامايەن قىلغان. تۇرالغۇنىڭ چوڭ ئىشىكىگە سېنزور ئورنىتىلغان بولۇپ، كومپيۇتېر ھەرتۈرلۈك ھاۋارايى كۆرسەتكۈچلىرىگە ئاساسەن، ئۆي ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ۋە شامال ئۆتۈشۈش ئەھۋالىنى تىزگىنلەيدۇ. پۈتكۈل قۇرۇلۇش ئوخشاش بولمىغان ئىقتىدارغا ئاساسەن 12 رايونغا بۆلۈنگەن: كىرش-چىقىش ئېغىزلىرىنىڭ ھەممىسىگە كومپيۇتېر ئورنىتىلغان بولۇپ، زىيارەتچىلەر كىرىپ-چىقىشتا شەخسى ئۇچۇرى، يەنى بارماق ئىزىنى زىيارەت قىلىش ماتېرىيالى قىلىپ كومپيۇتېردا ساقلاپ قويىدۇ. گايتىسنىڭ ئۆيىگە قەدەم تەشىرىپ قىلغان ھەرقانداق بىر مېھمان قاتتىق بولغان بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىدۇ. سىز ئۆيگە تۇنجى قېتىم كىرگىنىڭىزدە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن كېيىن، قوغداش خادىمى تۈگمىچىلىك چوڭلۇقتىكى بىر دانە ئىز قوغلاش ئەسۋابىنى بېرىدۇ، ئۇنى تاقىۋالسىڭىز گايتىسنىڭ ئۆيىدىكى ھەربىر ماڭغان-تۇرغان جايىڭىز كومپيۇتېردا ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.


 گايتىسنىڭ ئۆيىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغىنى مەجلىسخانا بولۇپ، بۇ ئۆيدە ھەرقانداق ۋاقىتتا ئىنتېرنېت تورىغا چىققىلى بولىدۇ. گايتىس بۇ يەردە ھەر قاچان تور تېلېۋىزىيە يىغىنى چاقىرالايدۇ، شىركەتكە بارماي تۇرۇپلا مىكروسوفتنىڭ چوڭ ئىشلىرى توغرىلىق كېڭىشىش  ئېلىپ بارالايدۇ. گايتىسنىڭ يىغىن زالىدا 150 كىشىلىك كەچلىك زىياپەت ياكى 200 كىشىلىك تاماق زىياپىتى بېرىشكە بولىدۇ.



 بۇنىڭدىن باشقا، ئۆي ئىچىدىكى بارلىق يورۇتۇش، تېمپىراتۇرا، ئاۋاز ياڭرىتىش سىستېمىسى، ئوغرىلىقتىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى قاتارلىقلارنى ئېھتىياجىغا ئاساسەن كومپيۇتېر ئارقىلىق تەڭشەشكە بولىدۇ. ئۆينىڭ تېمى ۋە پول ئاستىغا نۇر كابىل ۋە توك سىمى ئورنىتىلغان بولۇپ، ئۆي ئىچىدىكى بارلىق ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئۇلاپ بىر ئائىلە تورىنى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. پول ئاستىدىكى سېنزور 15 سانتىمېتىر دائىرە ئىچىدە باشقىلارنىڭ قەدىمىنى ئىز قوغلىيالايدىغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ كەلگىنىنى سەزگەن ھامان ئاپتوماتىك ھالدا يوروتۇش سىستېمىسىنى ئاچىدۇ، ئادەم ئايرىلغاندىن كېيىن ئاپتوماتىك تاقايدۇ. ئاشخانا ئىچىدىكى تولۇق ئاپتوماتىك تەڭشەش ئۈسكۈنىسىدىن بۆلەك ھاجەتخانىغىمۇ بەدەن تەكشۈرۈش سىستېمىسى ئورنىتىلغان بولۇپ، كىرگەن كىشىدە نۇرمالسىزلىق ئەھۋالىنى بايقىغان ھامان، كومپيۇتېر ئاپتوماتىك ھالدا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىدۇ. ئەگەر ئوت كېتىش قاتارلىق كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللار يۈزبەرگەن ۋاقىتتا، تۇرالغۇنىڭ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى ئاپتوماتىك ھالدا ئوت ئۆچۈرۈش ئورونلىرىغا خەۋەر قىلىپ، ئەڭ ياخشى قۇتقۇزۇش ئەندىزىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، بارلىق خەتەرلىك توك يولى سىستېمىسنى ئاپتوماتىك تاقايدۇ، ھەمدە ئوتنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن سۇ تەقسىملەپ تەمىنلەپ بېرىدۇ. ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھەشەمەتلىك تۇرالغۇ ئۆيدە بىردىنبىر ئەنئەنىۋىلىككە خاس نەرسە بىرتۈپ  100 يىللىق قەدىمىي دەرەخ بولۇپ، ئىلغار سېنزور دەرەخنىڭ سۇغا بولغان ئېھتىياجىغا ئاساسەن، داۋاملىق تۈردە ئاپتوماتىك ھالدا سۇغىرىپ بارىدۇ. گايتىسنىڭ ئۆيى بېزىلىشتە ئانچە ھەشەمەتلىك بولمىسىمۇ، كىشىلەرگە بىرخىل يېقىملىق تۇيغۇ بېرىدۇ. لايىھەلەش ئۇسلۇبىدىن قارىغاندا گايتىسنىڭ ئۆيى «غەرب ئۇسلۇبى»غا تەۋە بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ غەربى قىسمىنىڭ مەنزىرىلىك، ئىشلىتىلىشچان، ھەم ئاددىي، كەڭ- كۇشادە بولۇش تۇرمۇش ئادىتىگە ماس كەلگەن. گايتىسنىڭ مېھمان كۈتۈش زالى، ئاشخانىسى، ئىشخانىسى، كۈتۈپخانىسى، سۇ ئۈزۈش ئۆيى، بالىلار پائالىيەت ئۆيى، كارىدور، ئۆتۈشمە يول قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ياغاچ قۇرۇلمىلىق بولۇپ، ئۆي ئىچىنىڭ ھېچقانداق يىرىگە 90 گرادۇسلۇق(تىك بولغان) لايىھە قوللىنىلمىغان. بىل. گايتىس ئائىلسىنىڭ شەخسى سىرىنى يوشۇرۇشقا بەك ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇپ، سۈرئەتكە تارتىشنى، باشقىلارنىڭ سىنئالغۇ ئاپپاراتى  ئېلىپ كىرىشىنى ياقتۇرمايدۇ، ئائىلە ئەزالىرىنى ئاشكارىلاشىنى تېخىمۇ خالىمايدۇ. ئەمما ۋاقىت يار بېرىپ قالسا، ئۇ مېھمانلارنى باشلاپ شەخسى كۈتۈپخانىسنى زىيارەت قىلدۇرۇپ، دوستلىرى بىلەن ئۆزى توپلىغان كىتاب ۋە سەنئەت بويۇملىرىدىن ھوزورلاندۇرىدۇ، بۇ بويۇملار ئىچىدە داۋىنچىنىڭ بارماق ئىزى قاتارلىق قىممەتلىك بۇيۇملارمۇ بار.


مېھمانخانا زالىنىڭ بىر تېمىغا يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى چوڭ تېلېۋىزور ئورنىتىلغان بولۇپ، تېلۋىزور ئېكرانى ئارقىلىق ئېلېكترونلۇق كىتاب ئامبىرى ۋە كومپيۇتېر سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىكى سۈرئەت، گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنى ۋە سىنئالغۇ ئەسەرلىرنى كۆرۈشكە بولىدۇ. تېلېۋىزوردا ھېچنېمە قويۇلمىغان ۋاقىتتا، ئېكراندا جۇمۇلاڭما چوققىسنىڭ ھەيۋەتلىك مەنزىرىسى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئۆي ئىگىسنىڭ يۈكسەك غايىسىنى نامايەن قىلىپ تۇرغاندەك بىلىنىدۇ.


گايتىس ئىلگىرى ئۆزى ئۈچۈن بىر تۇرالغۇ ئۆي سېلىپلا قالماستىن، بەلكى كومپيۇتېر مۇلاھىزە مەركىزى قۇرۇپ، بۈگۈنكى ۋە ئەتىدىكى ئائىلە كومپيۇتېر تېخنىكىسنىڭ چېكىنى نامايەن قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. گايتىسنىڭ يېڭى ئۆيى بۇ خىل روھىنى نامايەن قىلغان بولۇپ، ئۇ مەڭگۈ شۇقەدەر ھەشەمەتلىك، مەڭگۈ كۆركەم، شۇنداقلا ئەڭ مۇھىم بولغىنى كەم ئۇچرايدىغان كۆپ ئىقتىدارلىق، ئۇنىۋېرسال ئىشلىتىشكە بولدىغان زامانىۋى ئۆيدۇر.

                                                                                   
----------------------------------------------

ئالاھىدە ئەسكەرتىش:

مەزكۇر «بىل.گايتىسنىڭ تولۇق تەرجىمىھالى» ناملىق كىتاب تەرجىمان ئەنۋەر تۇردىنىڭ ئالاھىدە رۇخسىتى بىلەن قايتا تەھرىرلىنىپ ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىدا ئېلان قىلىندى، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ، ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى