ئىدارە ئەمگەكچىنىڭ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى قاتارلىق گۇۋاھنامىلىرىنى تۇتۇپ قالسا قانداق جازاغا ئۇچرايدۇ؟
يانفوندا كۆرۈش
ئىدارە ئەمگەكچىنىڭ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى قاتارلىق گۇۋاھنامىلىرىنى تۇتۇپ قالسا قانداق جازاغا ئۇچرايدۇ؟
جاۋاب: بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھالدا ئەمگەكچىنىڭ ئاھالىلەر سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى قاتارلىق گۇۋاھنامىلىرىنى تۇتۇپ قالسا، ئەمگەك مەمۇرىي تارماقلىرى بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە ئەمگەكچىنىڭ ئۆزىگە قايتۇرۇپ بېرىشكە بۇيرۇيدۇ ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەر بويىچە جازا بېرىدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن كېپىللىك ياكى باشقا ناملار بىلەن ئەمگەكچىدىن پۇل-مال ئالسا، ئەمگەك مەمۇرىي تارماقلىرى بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە ئەمگەكچىنىڭ ئۆزىگە قايتۇرۇپ بېرىشكە بۇيرۇيدۇ ھەم ھەر ئادەمگە 500 يۈەندىن يۇقىرى 2000 يۈەندىن تۆۋەن ئۆلچەم بويىچە جەرىمانە قويىدۇ؛ ئەمگەكچىگە زىيان ئېلىپ كەلگەن بولسا، يەنە تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
ئەمگەكچى قانۇن بويىچە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغان ياكى ئاخىرلاشتۇرغاندا، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەكچىنىڭ ئارخىپ ياكى باشقا بۇيۇملىرىنى تۇتۇپ قالسا، ئالدىنقى بەلگىلىمە بويىچە جازالىنىدۇ.