ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تىرىشىپ تۇرمۇش كەچۈرۈڭ

تىرىشىپ تۇرمۇش كەچۈرۈڭ

ۋاقتى: 2016-06-26 ئاۋاتلىقى: 766 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «ئۆزىڭىزنى بىئارام قىلسىڭىز، ئۆزىڭىزگە يۈز كېلەلمەيسىز» بۇ يەردە!

 

 تىرىشىپ تۇرمۇش كەچۈرۈڭ

 

ھازىرقى كىشىلەرنىڭ تىرىشىپ تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ئامالسىز قېلىشى ئىنتايىن سىرلىق، لېكىن ناھايىتى مۇھىم رېئاللىق، نۇرغۇن كىشىلەر تۇرمۇشنى بىر خىل ئالدىراشچىلىققا ئايلاندۇرۇپ قويۇۋاتقان شەكىلۋازلىقتىن ئىبارەت. ئۇنداق كىىشلەر باشقىلار ئالدىراش ئۆتۈۋاتىدۇ، شۇڭا مەنمۇ بىرەر ئىش قىلىشىم كېرەك، ئالدىراپ يۈرسەملا توغرا ئىش قىلغان بولىمەن دەپ قارايدۇ. مەسىلەن، ئادەتتە كىشىلەر دائىم ئاتا – ئانىسى ئۈمىد قىلغان كەسىپلەرنى تاللايدۇ ياكى مەلۇم بىلىمنى ۋە ئۆلچەمنى ئاساس قىلىپ كەسىپ تاللايدۇ. بەزى ئاتا – ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ بالىلىرىنى ئالاھىدە بەلگىلەنگەن بەزى پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرىدۇ ياكى جەمئىيەت ئېتىراپ قىلىدىغان مەلۇم قىياپەتتە ياساندۇرىدۇ. چۈنكى، باشقىلارمۇ شۇنداق قىلغان. يەنە شۇنداقمۇ كىىشلەر باركى، ئۇلار جېنىنى سېتىپ بولسىمۇ ئۆي سېتىۋېلىشنى ئويلايدۇكى، ئۆي ئىجارە ئېلىشنى خالىمايدۇ، چۈنكى ئۇلار مۇنداق قىلىشنى ئاتالمىش «ئامېرىكا چۈشى»نىڭ بىرى دەپ ئاڭلىغان. نەتىجىدە ئۇلار ئۆزىنىڭ مالىيە كۈچىدىن ئېشىپ كەتكەن سەۋىيەدە تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن جان تالىشىدۇ. چۈنكى، ئۇلار «قولۇم – قوشنىلىرى بىلەن ئوخشاش سەۋىيەنى ساقلاش»نى ئويلايدۇ.


تىرىشىپ تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشنىڭ ھەقىقىي مەنىسى ئۆزىڭىز ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرگە باب كېلىدىغان تۇرمۇش شەكلىنى تاللاشتا. بۇ مۇھىم قارار سىزنىڭ قەلبىڭىز ۋە قىممەت قارىشىڭىز بىلەن ھەمنەپەس، باشقىلار بىلەن تامامەن مۇناسىۋەتسىز. تىرىشىپ تۇرمۇش ئۆتكۈزۈش ئۆزىنىڭ بىۋاستە سېزىمىگە ئىشەنچ قىلىش جەريانى. ئۇ ھەرگىزمۇ ئېلان بېرىش ئارقىلىق سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەمئىيەتتە ئېتىراپ قىلىنىش، قولۇم – قوشنىلارغا كۆز سېلىش ياكى ئاغىنە – بۇرادەرلەر بېسىم قىلىش جەريانى ئەمەس.


تىرىشىپ تۇرمۇش ئۆتكۈزۈش دېگەنلىك، سىزنى ئىسيانكار بولۇڭ، ئائىلىڭىزنىڭ ئەنئەنىسىنى بۇزۇڭ ياكى ئاۋامغا ئوخشاش بولماڭ دېگەنلىكنى بىلدۈرمەيدۇ، بەلكى تۇرمۇش شەكلىڭىز تېخىمۇ ئەپچىل بولسۇن، كۆڭلىڭىزنى توختىتىپ قەلب سادايىڭىزغا قۇلاق سېلىڭ، ئاندىن ھەقىقىي تىرىشىپ تۇرمۇش ئۆتكۈزەلەيسىز دېگەنلىكنى بىلدۈرىدۇ. بۇنداق قەلب ساداسى ۋاتىلداپ گەپ سېتىشتىن ياكى ئادەتتىن كەلمەيدۇ، بەلكى، سىزنىڭ ئەقىل – پاراسىتىڭىز ۋە بىلىمىڭىزدىن كېلىدۇ.


سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئادىتىڭىزگە بويسۇنماي، بەلكى قەلب سادايىڭىزغا قۇلاق سالغىنىڭىزدا، ئىچكى دۇنيايىڭىزدا باشقىچە ماكرو نۇقتا پەيدا بولىدۇ. بۇ ماكرولۇق نەزەر دائىرە بىر شەھەردىن يەنە بىر شەھەرگە كۆچۈپ كېتىش، زىيانلىق ئادەتلەرنى تۈگىتىش ياكى ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇلنى قوللىنىپ ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشى بىلەن قانداق بىللە ئۆتۈش قاتارلىق ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سىز ھەتتا ئۆزىڭىز بىلەن بىللە ئۆتۈشكە تاللىغان ھەمراھىڭىزدىن مەسىلە ھەل قىلىشنىڭ يېڭى ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز مۇمكىن. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى قەلب سادايىڭىزغا قۇلاق سېلىشقا باشلىغان ۋاقتىڭىزدىن باشلىنىدۇ.



تىرىشىپ تۇرمۇش ئۆتكۈزمەيدىغان ئادەم ئىچكى توقۇنۇش پەيدا قىلىپ، ئۆزىنى مەيلى بالدۇر يا كېيىن بولسۇن، مىجەزى ئوسال، ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان، نېرۋىسى ئاجىز ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.


كۆڭلىڭىزنى توختىتىپ ئىنچىكە ئويلىسىڭىز، سىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، نېمىنىڭ ئەڭ رېئاللىق ئىكەنلىكىنى، راستتىن قانداق تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئويلايدىغانلىقىڭىزنى، قانداق ئادەم بولۇشنى ئويلايدىغانلىقىڭىزنى بايقايسىز. ئەگەر قىلغان – ئەتكەنلىرىڭىز قەلبىڭىزنىڭ چوڭقۇر يېرىدىكى ئوي – خىياللىرىڭىز بىلەن توقۇنۇشۇپ قالسا، ئاسانلا مەيۈسلىنىش ۋە بېسىم ھېس قىلىسىز. تىرىشىپ تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان ۋاقتىڭىزدا، بۇ غەم – غۇسسىلەر ئاستا – ئاستا كۆتۈرۈلۈپ، سالماق، خۇشال ئادەمگە ئايلىنىسىز. بېسىممۇ ئازىيىدۇ. سىز باشقىلارنىڭ نەزىرىدىكى سىز بولۇپ ياشىمايسىز، بەلكى ئۆزىڭىزنىڭ نەزىرىدىكى سىز بولۇپ ياشايسىز.


ئۆز – ئۆزىڭىزدىن: «مەن راستتىن قانداق تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئويلايمەن؟» ياكى «مەن ئۆزۈم مېڭىشنى ئويلىغان يولدا مېڭىۋاتامدىمەن ياكى باشقىلارنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئىش قىلىۋاتامدىمەن؟» دەپ سوراپ بېقىڭ، ئاندىن كۆڭلىڭىزنى توختىتىپ قەلب سادايىڭىزغا قۇلاق سېلپ بېقىڭ، ئەمما جاۋاب تېپىشقا ئالدىراپ كەتمەڭ، جاۋابنىڭ ئۆزىنىڭ چىقىش – چىقماسلىقىغا قاراپ بېقىڭ، خۇددى غەم – قايغۇلۇق روھىي كەيپىياتنىڭ تەبىئىي ھالدا تارقىلىپ كېتىشىگە ئوخشاش.


ئەگەر سىز تېخىمۇ خاتىرجەم، تېخىمۇ خۇشال تۇرمۇش كەچۈرەي دېسىڭىز، مانا بۇ ئەڭ ياخشى باشلىنىش. تىرىشىپ تۇرمۇش كەچۈرۈش كۆڭۈلنى خاتىرجەم قىلىش ۋە ئۆز – ئۆزىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئاساسى بولۇپ، سىزنى تېخىمۇ مېھىر – شەپقەتلىك، تېخىمۇ سەۋرچان قىلىدۇ. سىناپ باقسىڭىز يامىنى بولماس. تىرىشىپ تۇرمۇش كەچۈرسىڭىز، تولىمۇ ھەيران قالىسىز، شۇنداقلا ئۆزىڭىزنىڭ تامامەن يېڭى بىر ئادەم بولغانلىقىڭىزنى خۇشاللىق بىلەن ھېس قىلىسىز.
--------------------------------

«ئادەم بولۇش ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى