ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئەمگەك توختامى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

ئەمگەك توختامى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

ۋاقتى: 2016-07-19 ئاۋاتلىقى: 382 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەمگەك توختامى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

 

1. كارخانا ۋە ئەمگەكچى ئىككى تەرەپكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، «ئەمگەك توختام قانۇنى» كىمنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشقا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ؟
«ئەمگەك توختام قانۇنى» ئەمگەكچىلەرگە يان بېسىشى كېرەكمۇ ياكى ئەمگەكچىلەر بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە ئوخشاش ئەھمىيەت بېرىپ باراۋەر ھالدا قوغدىشى كېرەكمۇ دېگەن مەسىلە ئىزچىل ھالدا قانۇن تۇرغۇزۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا تولۇپ كەتكەن مەسىلە. ئەڭ ئاخىرىدا، «ئەمگەك توختام قانۇنى» «ئەمگەك قانۇنى» بىلەن سېلىشتۇرغاندا، «ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش»نىڭ ئورنىنى بايان قىلىش تەرتىپى جەھەتتە ئازراق ئۆزگىرىش بولدى.


«ئەمگەك قانۇنى»نىڭ 1-ماددىسى:«ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش، ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى تەڭشەش، سوتسىيالىستىك بازار ئىقتىسادىغا ماس كېلىدىغان ئەمگەك تۈزۈمىنى قۇرۇپ چىقىپ ۋە قوغداپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاساسىي قانۇنغا ئاساسلىنىپ، بۇ قانۇن تۈزۈپ چىقىلدى.»


«ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ 1-ماددىسى مۇنداق بەلگىلىدى:«ئەمگەك توختام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمگەك توختامىدىكى ئالاقىدار ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، ئىناق، مۇقىم ئەمگەك مۇناسىۋىتى قۇرۇپ چىقىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، بۇ قانۇن تۈزۈپ چىقىلدى.»


بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، «ئەمگەك توختام قانۇنى» ئەمگەكچى ۋە ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇق مەجبۇرىيەتلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ھەم ئۆلچەملەشتۈرۈش ئاساسىدا. يەنە ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇ، «ئەمگەك قانۇنى»غا سېلىشتۇرغاندا، «ئەمگەك توختام قانۇنى» «چەكلىك يول قويۇش» قىلغان.
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى