ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

2012-يىلىدىكى ئەڭ سېخىي بايۋەچچە

2012-يىلىدىكى ئەڭ سېخىي بايۋەچچە

ۋاقتى: 2016-06-05 ئاۋاتلىقى: 521 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

2012-يىلى Facebook، eBay ۋە Google نىڭ قۇرغۇچىلىرى ساخاۋەت ئىشلىرىغا نۇرغۇن مەبلەغ ئاجراتقان. Google تور بېتىدىكى ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئىئانە قىلىنغان پاي چەك تىزىملىكىدە ئەمدىلا 28 ياشقا كىرگەن Facebook باش ئىجراچىسى زاكېر بېرگ 2012-يىلى ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن 498 مىليون 800 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى Facebook پاي چېكىنى ئىئانە قىلىپ، بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. بۇ پاي چەكلەرنىڭ ھەممىسىنى ئالدىنقى يىلى 12-ئايدا Google تور بەت ئاھالە فوندىغا ئىئانە قىلغان. مائارىپ ۋە ساغلاملىق تۈرى ئۈچۈن جەمئىي 18 مىليون پاي چەكنى ئاجىراتقان. باشقا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ساخاۋەتچىلەردىن يەنە، دۇنياغا داڭلىق كوللىتىپ مال سېتىۋېلىش تورى eBay نىڭ قۇرغۇچىسى پىيىر ئومىدىيا 2012-يىلى441 مىليون 300 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى پاي چەكنى ئىئانە قىلىپ ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان. بۇ شىركەتنىڭ ساخاۋەت قىلىش دائىرىسى خېلى كەڭرى بولۇپ، ئاساسەن پەن-تېخنىكا ساھەسىگە مەركەزلەشكەن.

Google نىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى برىين ۋە پېيج ئايرىم-ئايرىم ھالدا 222 مىليون 900 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ۋە 185 مىليون 600 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلىپ، ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى ئورۇندا تۇرغان.
بۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن-تېخنىكا باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى باھالاشنى رەت قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ باھالاش تەكلىپىگىمۇ ھېچقانداق جاۋاب قايتۇرمىغان.
بىر ئىستاتىستىكا تەشكىلاتى ئەنگە ئالدۇرۇش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇرۇش ماتېرىياللىرىنى ئىستاتىستىكا قىلىپ تەقدىم قىلغان پاي چەكنى ئېلان قىلغان. خەت ئەۋەتىش ئارقىلىق فوندى جەمئىيىتىگە تەقدىم قىلغان ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا ئىگىدارلىق قىلغان پاي چەكلەرنى چىقىرىۋەتكەندە، كۆپ قىسىم تەقدىم قىلغان بۇيۇملارنىڭ ئېنىق بەلگىلەنگەن قوبۇل قىلغۇچى ئوبيېكتى يوق، ھېسابلاپ سەپكە تۇرغۇزۇش بۇ يىل 12-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاياغلىشىدىكەن.
Google پاراۋانلىق ئورنىغا تەقدىم قىلىدىغانلار كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي زاۋاللىققا يۈزلەنگەن مەزگىلىدىكى ناچار كەيپىياتتىن قۇتۇلغان. ئىئانە قىلغۇچىلار ھۆكۈمەت ئەربابلىرىنى پاراۋانلىققا تەقدىم قىلىش بېجىنى كەچۈرۈم قىلىۋېتىدۇ دەپ خاتا پەرەز قىلغان، شۇنىڭ بىلەن باجنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرغان، نەتىجىدە 2012-يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا تېز سۈرئەتتە ئاشقان.
#p#
چىكاگو پاراۋانلىق يۈزلىنىشىنى تەتقىق قىلش ئورنىنىڭ دېيىشىچە، 2011-يىلى ئامېرىكا پاراۋانلىق ئىئانە پۇلى 298 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، 2010-يىلغا سېلىشتۇرغاندا ئۆسۈش بولغان.
مەلۇم بىر ئىستاتىستىكا تەشكىلاتىنىڭ تەتقىق قىلىشىغا ئاساسلانغاندا، 2012-يىلى كىرىمنىي جىلغىسىدىكى ئامېرىكا پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى داڭلىق ئەربابلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئالدىنقى 10 ئىئانە قىلغۇچىلار ئىچىدە، زاكېر بۇرگ، ئاۋمىديېر ۋە بۇلىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەككىز ئىئانە قىلغۇچى 2011-يىلدىكى ئىئانە پاي چەك قىممىتىنى ئاشۇرغان.
2012-يىلى يىلنىڭ بېشىدا بازارغا كىرگەن سۇغۇرتا يۇمشاق دېتال شىركىتىنىڭ ئۈچ مۇدىرىيەت ئەزاسى ئىئانە قىلىش تەرتىپىنىڭ ئالدىنقى 12-لىكىگە كىرگەن. Facebook نىڭ باش يۈرگۈزگىچىسى شېرلىي توققۇز مىليون 900 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلىپ، سەككىزىنچى ئورۇندا تۇرغان. لېكىن بۇ ئەربابلارنىڭ ۋەكىلى ھېچقانداق بايان ئېلان قىلمىغان.
يەرلىك پاراۋانلىق گۇرۇپپىسىنىڭ تىلغا ئېلىشىچە، مىليونېرلارنىڭ ئىئانىسىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بايلىقى كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىۋاتقان ئىشىچىلارمۇ سېخىيلىشىپ كەتكەن.
سان-فرانسىسكو فوندى جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى دانىيالنىڭ دېيىشىچە، مەزكۇر پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلمايدىغان تەشكىلات قۇرۇلغان يەتتە يىلدىن بېرى، ئىئانە قىلغۇچىلار كۈندىن-كۈنگە كۆپەيگەن. 2010-يىلى ئىئانە قىلغۇچىلار 1000 دىن، 2011-يىلى1300 گە، 2012-يىلى ئىستاتىستىكا قىلىپ چىققاندا، ئەسلىدىكى مۆلچەردىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن.
دانىيال: «پىنسىيەگە چىقىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىمەن دېيىشنىڭ ھاجىتى يوق، سان-فرانسىسكو فوندى جەمئىيىتى2011-يىلى 12 مىليون 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ياردەم پۇلىغا ئېرىشكەن.» دېگەن.
نيو-يورك پاراۋانلىق تەتقىقات ئورگىنىنىڭ دېيىشىچە، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى سان-فرانسىسكونى ئۆز ئىچىگە ئالغان كالىفورنىيە شىتاتىنىڭ شىمالىدىكى بىر قىسىم شەھەرلەرنىڭ پاراۋانلىق فوندى ئىئانە پۇلىنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتى كالىفورنىيە شىتاتى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتكەن.
2000-يىلدىن 2009-يىلىغىچە، ئايلانما رايون پاراۋانلىق فوندىنىڭ ئىئانە پۇلىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %76.6 بولۇپ، ئۈچ مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا ئۆسكەن. شۇ مەزگىلدە كالىفورنىيە شىتاتىنىڭ شىمالىدىكى بىر قىسىم چوڭ شەھەرلەرنىڭ پاراۋانلىق ئورنىنىڭ مۈلۈك دائىرىسى %33.8 گە كېڭەيگەن بولۇپ مائارىپ، مۇھىت ئاسراش ۋە ھايۋاناتلارنى قوغداش تۈرلىرىگە ئەڭ كۆپ ئىئانە قىلغان.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى