ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئاقسۇ ۋىلايىتى كەسپىي ئىشتاتقا 640 نەپەر خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ

ئاقسۇ ۋىلايىتى كەسپىي ئىشتاتقا 640 نەپەر خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ

ۋاقتى: 2016-08-03 ئاۋاتلىقى: 553 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى، بۇ يىل ئاقسۇ ۋىلايىتى جەمئىيەتتىن 640 نەپەر كەسپىي ئىشتات خىزمەتچىسى قوبۇل قىلىدۇ.
12-دېكابىر مۇخبىرنىڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىملىق ئاشكارا قوبۇل قىلىش يېزىقچە ئىمتىھان>>> سالاھىيىتىنى بېكىتىش>>> يۈز تۇرانە ئىمتىھان>>> بەدەن ساغلاملىقىنى تەكشۈرۈش>>> باھالاش>>> ئاشكارىلاش>>> تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش قاتارلىق باسقۇچلار بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن. توردا تىزىملىتىش ۋاقتى 16-دېكابىر سائەت 10:00 دىن 20-دېكابىر سائەت 18:00 (بېيجىڭ ۋاقتى) غىچە بولۇپ، توردا پۇل تۆلەش ۋاقتى 17-دېكابىر سائەت 10:00 دىن 21-دېكابىر سائەت 18:00 (بېيجىڭ ۋاقتى) گىچە بولىدىكەن. خىزمەتكە قوبول قىلىش ئاشكارا، ئادىل، رىقابەتلىك، ئەلانى تاللاش پىرىنسىپى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن؛ بوش ئىشتات، بوش ئورۇنغا تولۇقلاش پىرىنسىپى قوللىنىدىكەن؛ تەڭشەش، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلىدىكەن؛ خادىم قوبۇل قىلىش تۈزۈلمىسىنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلىدىكەن.
 
يېزىقچە ئىمتىھان «ئاممىۋىي ئاساسىي بىلىملەر» ۋە «شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى» دىن ئېلىنىدىغان بولۇپ، يېزىقچە ئىمتىھان ۋاقتى 2013-يىلى 12-يانۋاردا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، يېزىقچە ئىمتىھان ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يېزىقچە ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلار چوقۇم ئىمتىھان كېنىشكىسىدىكى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ۋە مۇناسىۋەتلىك تەلەپلەر بويىچە، يېزىقچە ئىمتىھان كېنىشىكىسى، ئىناۋەتلىك كىملىك ياكى نوپۇس ئىسپاتى (چوقۇم ج خ مىنىستىرلىقى چىقىرىپ بەرگەن بېسىپ چىقىرىلغان رەسىملىك نوپۇس ئىسپاتى بولۇشى كېرەك) غا ئاساسەن، ۋاقتىدا يېزىقچە ئىمتىھانغا قاتناشسا بولىدىكەن؛ يېزىقچە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش نومۇر سىزىقى، تاللىغان خىزمەت ئورنىغا ئاساسەن يۇقىرى نومۇردىن تۆۋەن نومۇرغا تەرتىپ بويىچە يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغان بولۇپ: 1-2 گىچە خادىم قوبۇل قىلىدىغان ئورۇنغا، 1:3 نىسبىتى بويىچە يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا كىرىش بېكىتىلىدىكەن. 3 تىن يۇقىرى خادىم قوبۇل قىلىنىدىغان ئورۇنلارغا، 1:2 نىسبىتى بويىچە يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا كىرىش بېكىتىلىدىكەن. بېكىتىلگەن ئۆلچەم نىسبىتىگە يەتمىگەنلەر، ئەمەلىي تىزىملاتقانلار سانىغا ئاساسەن يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا كىرىش بېكىتىلىدىكەن. ئىمتىھانغا قاتناشمىغان ياكى بىر پەن نەتىجىسى نۆل بولغانلارنىڭ سالاھىيىتى بېكىتىلمەيدىكەن.
يۈز تۇرانە ئىمتىھان ۋاقتى 2013-يىلى 27-يانۋاردىن 30-يانۋارغىچە بولىدىكەن. ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغىنى، بۇ قېتىملىق ئاشكارا خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا، يېزىقچە ئىمتىھان نەتىجىسى ئومۇمىي نەتىجىنىڭ %60 نى، يۈز تۇرانە ئىمتىھان نەتىجىسى %40 نى ئىگىلەيدىكەن.

ئەسلى خەنزۇچە مەنبە:
 http://news.ts.cn/content/2012-12/14/content_7566689.htm

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى