ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئەمگەكچى مۇلازىمەت مۇددىتىدىكى كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلسا كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش تۆلىمى تۆلىشى كېرەكمۇ؟

ئەمگەكچى مۇلازىمەت مۇددىتىدىكى كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلسا كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش تۆلىمى تۆلىشى كېرەكمۇ؟

ۋاقتى: 2016-06-17 ئاۋاتلىقى: 558 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 ئەمگەكچى مۇلازىمەت مۇددىتىدىكى كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلسا كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش تۆلىمى تۆلىشى كېرەكمۇ؟

 

جاۋاب: «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ 22-ماددىسىدا ئەمگەكچى مۇلازىمەت مۇددىتىدىكى كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلسا، كېلىشىم بويىچە ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇنغا كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش تۆلىمى تۆلىشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن. كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش تۆلىمىنىڭ سوممىسى ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن تەمىنلىگەن تەربىيەلەش خىراجىتىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەكچىدىن تۆلەشنى تەلەپ قىلغان كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش تۆلىمى مۇلازىمەت مۇددىتى ئىچىدىكى تېخى ئىجرا قىلمىغان قىسمىغا تەقسىملىنىشكە تېگىشلىك تەربىيەلەش خىراجىتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى كېلىشكەن كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش تۆلىمىنىڭ ئىككى قاتلاملىق مەنىسى بار: بىرىنچى، ئەمگەكچى مۇلازىمەت مۇددىتىدىكى كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلسا ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇنغا تۆلىشى كېرەك بولغان كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش تۆلىمى بولۇپ، توختامنىڭ ھوقۇق مەجبۇرىيەت باراۋەر بولۇش پىرىنسىپىنى گەۋدىلەندۈرگەن. ئىككىنچى، ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن ئەمگەكچى بىلەن كېلىشىمگە خىلاپىق قىلىش تۆلىمى توغرىسىدا كېلىشكە قانۇنغا خىلاپلىق قىلماسلىقى كېرەك، يەنى مۇلازىمەت مۇددىتىگە خىلاپلىق قىلغان چاغدىكى كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش تۆلىمىنىڭ سوممىسى ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن تەمىنلىگەن تەربىيەلەش خىراجىتىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئەمگەكچى كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىپ تۆلىگەن كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش تۆلىمى مۇلازىمەت مۇددىتى ئىچىدىكى تېخى ئىجرا قىلمىغان قىسمىغا تەقسىملىنىدىغان تەربىيەلەش خىراجىتىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. بۇ بۇ قانۇننىڭ ئەمگەكچىلەرگە بولغان قوغدىشىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى