ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ما يۈن: قىزىقىدىغان كەسىپنى تاللاش ئەڭ مۇھىم

ما يۈن: قىزىقىدىغان كەسىپنى تاللاش ئەڭ مۇھىم

ۋاقتى: 2016-06-01 ئاۋاتلىقى: 651 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 

 ما يۈن: قىزىقىدىغان كەسىپنى تاللاش ئەڭ مۇھىم


شىنلاڭ پەن-تېخنىكىسى خەۋىرى     بېيجىڭ ۋاقتى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن كېيىنكى خەۋەر، ئەلى بابا گۇرۇھى مەمۇرىيەت رەئىسى ما يۈن بۈگۈن لەيۋاڭدا ماقالە ئېلان قىلىپ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا گەپ قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش بىلەن خىزمىتى بار بولۇشنىڭ ئارىسىدا تەڭلىك بەلگىلىسى يوق ئىكەن، ئۆزى ھەقىقىي قىزىقىدىغان كەسىپنى تاللاش ئەڭ مۇھىم ئىكەن. ما يۈن ئالدى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن «ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ خىزمەت تاپالمىسا ئالىي مەكتەپنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇشىدا مەسىلە بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ» دېگەن قاراشقا باھا بەردى، ئۇنىڭ قارىشىچە، جۇڭگو ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇشىدا ئېنىقلا مەسىلە بار، لېكىن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىزمەت تاپالماسلىقى بىلەن مەكتەپ يۆنىلىشىنىڭ توغرا بولماسلىقىنىڭ باغلىنىشى ئەمەلىيەتتە چوڭ ئەمەس.

 

«ئالىي مەكتەپ سىزگە قانداق خىزمەت تېپىشنى ئۆگەتمەيدۇ، خىزمەت تاپماقچى بولسىڭىز ئەڭ ياخشى مەكتەپ تېخنىكا مەكتىپى، ئالىي مەكتەپ سىزنىڭ كېيىنكى ئۆسۈپ يېتىلىش تەرەققىياتىڭىزنى يېتىشتۈرۈپ، كەلگۈسى خىزمىتىڭىزنىڭ ئاساسىي مەشقىنى قىلىدىغان ئورۇن. يەنە كېلىپ، ئالىي مەكتەپ≠خىزمىتى بار.» ما يۈن شۇنداق دېدى.

 

ما يۈننىڭ قارىشىچە، ئۆزى ھەقىقىي قىزىقىدىغان خىزمەتنى تاللاش ئەڭ مۇھىم ئىكەن. «بىز باشلانغۇچ مەكتەپتە، ئوتتۇرا مەكتەپتە نېمە ئۆگىنىشنى تاللىيالمايمىز، لېكىن ھېچ بولمىغاندا بىزنىڭ ئالىي مەكتەپتە نېمە ئۆگىنىشنى تاللاش پۇرسىتىمىز بار.»


 

مۇتلەق كۆپ سانلىق ئۇتۇق قازانغان زاتلارنىڭ خىزمىتىنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئۆگەنگەن كەسپى بىلەن ئانچە چوڭ مۇناسىۋىتى يوق، يەنە كېلىپ مۇتلەق كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ بىرىنچى خىزمىتى ھەرگىز ئۇ قىلغان ئەڭ ئاخىرقى خىزمەت بولمايدۇ. ما يۈن داۋاملىق شەرھلەپ مۇنداق دېدى:«شۇڭا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى خىزمەت ئىزدەشتە ئۆزىنى چوڭ تۇتۇۋالماسلىقى كېرەك، دەسلەپتە بىر ياخشى ئۇستاز تېپىش بىر ياخشى ئىدارە تېپىشتىن خېلىلا مۇھىم.»

 

ئەڭ ئاخىرىدا، ما يۈن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كەسپ تاللاش پىسخىكىسىغا پىكىر بەردى، ئۇ نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دېدى: ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىنكى 2-3 يىل ئىچىدە، بىرمۇنچە دەرسلىك بىلىملىرىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئەمەلىيەتتە ناھايىتى قىيىن، بىلىم بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ھەرگىز ئوخشىمايدۇ—يەڭگىلتەكلىكىڭىزنى تۈگىتىڭ، دىپلومنىمۇ بەك چوڭ بىلىۋالماڭ.

 

بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ما يۈن ياشلارغا كەسىپ تاللاش، خىزمەت جەھەتتە نۇرغۇن تەكلىپلەرنى بەرگەن ئىدى. 2011-يىلى، ئۇ مۇشۇ توغرىلىق مەخسۇس ياشلارغا مۇنداق تەكلىپ بەرگەن ئىدى: ئۆزىڭىزنى تونۇشقا كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىڭ، ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىپ ئۈچ مەسىلىنى ئويلىنىڭ، 1.مېنىڭ نېمەم بار، مەن نېمەمگە تايىنىمەن. 2.ماڭا نېمە كېرەك. 3.مەن نېمىدىن ۋاز كەچمىسەم بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۈچ يىل ۋاقىت ئىچىدە «كۆزىتىش، ئىشىنىش، ئويلىنىش، ھەرىكەتلىنىش ۋە ھەمبەھرلىنىش»تىن ئىبارەت بەش باسقۇچ بىلەن ئۆزىڭىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇڭ. ما يۈن بۇرۇن بايرىقى روشەن ھالدا ھە دېسىلا ھەممە نەرسىنى ئەيىبلەيدىغان ۋە تەنقىدلەيدىغان قىلمىشنى ماقۇل كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ «ئۆتكەنگە ناشۈكۈرلۈك قىلماڭ، كەلگۈسىگە بىھۆرمەتلىك قىلماڭ» دېگەن ئىدى. لېكىن ئۇ «ھازىرقى ياشلارنىڭ يەڭگىلتەكلىكىنى» توغرا چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، چۈنكى «ھەممىمىزنىڭ شۇنداق ياش چاغلىرىمىز بولغان».

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى