ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئالدىراش ئەھۋالدىمۇ ۋاقىت چىقىرىڭ

ئالدىراش ئەھۋالدىمۇ ۋاقىت چىقىرىڭ

ۋاقتى: 2016-03-31 ئاۋاتلىقى: 588 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «بېسىمدىن خالاس بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ» بۇ يەردە!

 

 ئالدىراش ئەھۋالدىمۇ ۋاقىت چىقىرىڭ

 

نۇرغۇن ئادەملىرىمىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، تۇرمۇش قىزىقتۇرۇش بىلەن تولۇپ تاشقان بولىدۇ. ئاشۇ ئارزۇ – ئارمانلارنىڭ ھەلەكچىلىكىدە ھاياجىنىمىزنى باسالماي قالغانلىرىمىز تۈگەتكىلى بولمايدىغان ئىشلىرىمىز باردەك ھېس قىلىمىز. تۇرمۇشىمىز ئايلاپ – يىللاپ ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ. كىشىلەر توختىماي پايپېتەك بولۇپ يۈرىدۇ، جان تىكىپ ئىشلەيدۇ، لېكىن قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ باش – ئايىغى يوق، خۇددى جۇۋازغا قاتقان كالىغا ئوخشاش توختىماي مېڭىۋاتقاندەك، ھەمىشە «بىردەم چىداشلىق بەرسەم ئاخىرقى نۇقتىغا بېرىۋالىمەن» دەپ ئويلايدۇ – يۇ، ئەمەلىيەتتە باشلىنىش نۇقتىسىنى تاپالمايدۇ. ئاخىرقى نۇقتىمۇ مەڭگۈ بولمايدۇ. ئادەم ياشايدىغان ئادەمگە ئايلانمايدىغان بولسا، مەشغۇلات قىلىدىغان ماشىنىغا ئايلىنىپ قالىدۇ، داۋاملىق ھالدا خىزمەت بولسىلا بولدى قىلىدۇ.


دائىم روھىي جەھەتتە جىددىيلىشىشىمىزنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى ئۆزىمىزنىڭ كۈچىگە بولغان مۆلچەرنىڭ كەمچىل بولغانلىقىدا. بىز چوڭ مېڭىمىزنى ئارام ئالدۇرۇشقا تېخى ئادەتلەنمىدۇق. شۇڭا، ئولتۇرساق – قوپساق دىققىتىمىز «كېلەر قېتىم نېمە قىلىشىم كېرەك» دېگەن خىيالدا بولىدۇ. زىياپەتتە ئولتۇرغاندا، مەززىلىك تائاملارنى كۆرمىگەندەك، «زىياپەتتە قايسى مەززىلىك تائاملار تارتىلار؟» دېگەننى ئويلايمىز. نازۇنېمەتلەر كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن بولسا، كەچلىك زىياپەتنى يەپ بولۇپ، «ئاخشاملىققا نېمە ئىش قىلىشىم كېرەك؟» دېگەننى ئويلاشقا باشلايمىز. ئاخشام بولغاندا يەنە شەنبىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشقا باش قاتۇرىمىز… ئومۇمەن، بىز ھەمىشە كەلگۈسى ئۈچۈن ياشايمىز، خىيالىمىزدىكى گۈزەل كېلەچەك ئۈچۈن ياشايمىز.


ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ھېرىپ – چارچاپ ئۆيىمىزگە قايتىپ كېلىپ، بىردەم يېتىپ ئارام ئالمايمىز، بەلكى دەرھال تېلېۋىزورنى ئېچىپ پاي چېكى ئۇچۇرلىرىنى كۆرىمىز؛ قولىمىزغا تېلفوننى ئېلىۋېلىپ، باشقىلار بىلەن ئەتىلىك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىمىز؛ كىتاب ئوقۇيمىز ياكى بىرنېمىلەرنى تازىلايمىز… بىر مىنۇت بولسىمۇ ۋاقىتنى «ئىسراپ قىلىۋېتىش»تىن ھەقىقەتەن قورقىمىز، خۇددى ۋاقىت ئۆزىمىزگە مەنسۇپ ئەمەستەك.
ئەگەر پىنھان بىر گۈزەل بازارغا مېھمان بولۇپ بارسىڭىز، شۇ بازاردىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى (ئۇلارنىڭ قىلىدىغان ئىشى ناھايىتى ئاز)نى ھەمدە ئۇلارنىڭ: «قىلغىلى ئىش بولماسلىقنىڭ سىزگە پايدىسى بار» دېگەن سۆزىنى ئېھتىمال دەمال قوبۇل قىلالماسلىقىڭىز، ئۇلارنى ماڭا چاقچاق قىلىۋاتىدۇ دەپ قېلىشىڭىز، «ۋاقتىمنى نېمىشقا بوش ئۆتكۈزگۈدەكمەن، پايدىسى يوق ئىشنى تاللىغۇدەكمەن» دېيىشىڭىز مۇمكىن، لېكىن ئۇلار سىزگە ئەستايىدىل گەپ قىلغان. ئۇلار سىزگە ئەگەر ئۆزىڭىزگە ئاز – تولا بىكار ۋاقىت چىقىرىپ بەرسىڭىز، بىرەر سائەت ياكى ئۇنىڭدىن قىسقىراق ۋاقىت چىقىرىپ ھېچ ئىش قىلمىسىڭىز، ھېچنېمىنى ئويلىمىسىڭىز زېرىكىشلىك ۋە بىكارچىلىق ھېس قىلمايدىغانلىقىڭىزنى، تۇرمۇشنىڭ ئازادە ۋە كۆڭۈللۈكلۈكىنى ھېس قىلىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ بېرىدۇ. ئېھتىمال باشتا ئۇنىڭغا كۆنەلمەي قېلىشىڭىز مۇمكىن. چۈنكى، سىز دېگەن ئالدىراشچىلىققا كۆنۈپ قالغان ئادەم، دەسلەپتە خۇددى چوڭ سانائەت شەھىرىدە ياشاپ ئۆگىنىپ قالغان ئادەم ئورمانلىققا كەلسە، يېڭى ھاۋاغا تازا كۆنەلمەي قالغاندەك بولۇپ قالىسىز. لېكىن، قەتئىي داۋاملاشتۇرسىڭىزلا، ئۆزىنى ئازادە تۇتۇشنىڭ پايدىسىنى كۆرىسىز.



بىز ئويۇن قېپىلىق قىلىپ بىكار يۈرۈڭلار دېمەكچى ئەمەسمىز، ئەلۋەتتە. بىزنىڭ مەقسىتىمىز بىر خىل تۇرمۇش سەنئىتىنى، يەنى ئالدىراش ئەھۋالدىمۇ ۋاقىت چىقىرىشنى، تۇرمۇشنىڭ پەيزىنى سۈرۈشنى ئۆگىنىشتىن ئىبارەت. مۇشۇ ئىشنى قىلالىسىڭىز، باشقا ماھارەتلەر ئۈستىدە ئىزدىنىشىڭىز ھاجەتسىز، پەقەت مەقسەتلىك ھالدا ئولتۇرۇپ، قولىڭىزدىكى ئىشنى توختىتىپ تۇرسىڭىزلا كۇپايە. ئۆيدە تۇرۇپ دېرىزە سىرتىدىكى مەنزىرىلەرگە نەزەر سالسىڭىز بولىدۇ، ئۇنى – بۇنى خىيال قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ، ھەممە ئىشنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىپ، تىزگىنلەيمەن دەپ يۈرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.


جىددىيلىشىشىڭىز بىھاجەت، ھەرقانچە ئالدىراش بولسىڭىزمۇ ئاندا – ساندا ۋاقىت چىقىرىپ بىكار يۈرۈشىڭىزگە يول قويۇڭ، ئاشۇنداق قىلىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرسىڭىز مول نەتىجە يارىتالايسىز.

--------------------------------------------

«ئادەم بولۇش ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى