ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىگىلىك تىكلەش --- يىغىندى تەننەرخ تالونىنى توپلاش (14)

ئىگىلىك تىكلەش --- يىغىندى تەننەرخ تالونىنى توپلاش (14)

ۋاقتى: 2013-05-30 ئاۋاتلىقى: 403 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

شىركەتنىڭ يۈرۈشۈشى ئۈچۈن تەننەرخ كېتىدۇ، بىراق ھەممىلا تەننەرخ بوغالتىرلىق خاتىرىسىگە يېزىلمايدۇ.
مەسىلەن باشقىلارنى مېھمان قىلىپ يېگەن تاماق پۇلى، پائالىيەت ھەققى قاتارلىقلار. ئادەتتە توختام ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %0.5 دىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، يەنى بىر توختام 100 تۈمەن بولسا، مۇنداقچە ئېيتقاندا، 5000 يۈەنلىك سودا چىقىمىنى ئاتچوت قىلغىلى بولىدۇ، ئەلۋەتتە شۇنىسى ئېنىقكى خەجلىگەن پۇل پەقەت شۇنچىلىك بولمايدۇ. ئەلۋەتتە بۇ تالوننى چوقۇم ئېلىش كېرەك، كىچىك شىركەت ئادەتتە ھېسابلىغان تەننەرخ مەسىلىسى چوڭ بولمايدۇ، شىركەت چوڭايغاندا بولسا، مالىيە كەسكىنلىشىپ، تىزگىنلەش بىرئاز قىيىن بولىدۇ.
بوغالتىرلىققا شەرتسىز تەننەرخ ھېساباتىغا كىرگۈزۈلدىغىنى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1. مائاش، كۆپلىگەن كىچىك شىركەت كىشى بېشىغا قاراپ ھېسابلايدۇ، يالغاندىن خىزمەتچى مائاشى بېكىتىش ئارقىلىق، پۇلنى ئايلاندۇرىدۇ، ھەر بىر خىزمەتچىنىڭ مائاشى 2000 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، بۇنىڭدا يەنە باجدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
2. كوماندىروپكا چىقىمى، ياتاقتا ياتقان چىقىم. ئۇزۇن يوللۇق ماشىنا كىرا ھەققى(بېرىپ كېلىش)، قانچىلىك بولسا شۇنچىلىك ئاتچوت قىلىنىدۇ.
3. شەھەر قاتناش ھەققى، مەسىلەن ئاممىۋى ئاپتۇبۇس، تاكسىغا ئولتۇرۇش، ماشىنا ماي ھەققى قاتارلىقلار قانچىلىك بولسا شۇنچىلىك ئاتچوت قىلسا بولىدۇ. بىراق بۇ تالوندا قانچىلىك بولسا شۇنچىلىك بولىدۇ. بارلىق تالوننى يىغىشتا تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە ئۇسسۇل بار:
A. ئۇرۇق تۇغقان دوست بۇرادەرلەردىن يىغىش، ئۇلاردىكى ئاتچوت قىلىش يولى بولمىغان تالوننى يىغىپ سىزگە بەرسە بولىدۇ.
B. بىر نەچچە تونۇش تاكىسى شوپۇردىن ۋاقىتلىق ھالدا خېرىدار ئالمىغان تالوننى ئالسىڭىز بولىدۇ.
C. ئاممىۋى ئاپتۇبۇس كارتىسى بېجىرىپ پۇل قاچىلاپ تالون ئالسىڭىز بولىدۇ. پارچە پۇل تالونىنى ئوخشاشلا يىغىپ ئاتچوت قىلغىلى بولىدۇ.
D. ئادەتتە ئاپتوموبىلغا ئولتۇرغاندا چوقۇم تالون ئېلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك، شوپۇردىن كۆپرەك ئالسىڭىز، يىغىلىپ خېلى كۆپ بولۇپ قالىدۇ.
#p#
4. ئالاقە ھەققى، يەنى تېلېفون ھەققى، بۇ يەردە تەۋسىيە قىلىدىغىنىمىز، ئۆيدىكى تېلېفون بولسا ھەممىسىگە تېلېگراف تېلېفونىنى تاللاڭ، مۇقىم تېلېفون، كەڭ بەلۋاغ تور، يانفون، رەقەملىك تېلېۋىزور قاتارلىقلارغا بىرلىكتە كەسىپ بېجىرگەندە  ئاتچوت قىلغىلى بولىدۇ. خىزمەتچىلەرگە كەلسەك، ئۇلارغا ئاتچوت قىلىدىغان بىر قىممەتنى بەلگىلەپ، ئۇلار تېلېفون ھەق تالونىنى سىزگە بەرسە، (مەسىلەن ئاتچوت قىلىش ھەققىدىن يۇقىرى قىممەتتە بولسا، كۆپرەك ئاتچوت قىلسا بولىدۇ)، ھازىر ئالاقە ھەققىمۇ ئەرزان، ئاتچوت قىلىدىغانلار كۆپ ئەمەس.
5. ئىشخانا بۇيۇملىرى، ھەقىقىي چىقىم قىلىنغان ئىشخانا بۇيۇمى ئانچە كۆپ بولمايدۇ، بىراق سىز چوڭ تاللا بازىرى ۋە سېتىش بازىرىدىن تالون يىغلىپ، باش مۇلازىمەت رايونىدا تالونىغا ئالماشتۇرۇپ، ئاتچوت قىلسىڭىز بولىدۇ. بۇ خىل ئۇسسۇل بولسا ئائىلە %80 چىقىمىنى شىركەتكە ئېلىپ كىرىش بولۇپ، مۇۋاپىق ھالدا باجدىن قېچىش بولىدۇ.
6. سۇ، توك، گاز، كىچىك شىركەت بولسا چوقۇم شىركەت چىقىمىنى مەلۇم قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق، ئۆزىنىڭ ئۆيىدىكىنى مەلۇم قىلسىمۇ بولىدۇ.
7. مۇقىم مۈلۈك سېتىۋېلىش، سىز شىركەت ئاچقاندا، بىر قىسم ئائىلە توك ئۈسكۈنىلىرىنى ۋە باشقا تۈرلۈك نەرسىلەرنى سېتىۋالىسىز، بۇ چاغدا چوقۇم باشقىلىرىدىن تالون ئېلىش كېرەك، بۇلارنىڭ ھەممىسى تەننەرخ ھېسابلىنىدۇ. يەنىمۇ كېڭەيتكەندە، سىزنىڭ سىرتقى مۇلازىمەت ئۈچۈن سېتىۋالغان مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن تالون ئېلىش كېرەك، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىي يۈز بەرگەن تەننەرخ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
8. ئەگەر يۇقىرىقى ئۇسۇلدا يەنىلا تەننەرخىنى چىقىرىشقا ئامال بولمىسا، ئاۋۋال سىزنى تەبرىكلەيمەن، بۇ ھەقىقەتەن پۇل تاپالايدىغان شىركەت ئىكەن، سىز تالون سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ. ئاگاھلاندۇرۇش: بۇ قانۇندا قانۇنغا خىلاپ قىلمىش بولىدۇ، بۇ يەردە سىزگە ئېيتىپ بېرىدىغىنىم، بۇ ئۇسۇلنى پەقەت كارخانا تاپاۋەت بېجىنى تاپشۇرۇشىنى خالىمىغانلار ئېلىپ بارىدۇ.
ئەڭ ئاخىرىدا ئەسكەرتىش بېرىدىغىنىم: سىز چوقۇم ئەمەلىي يۈز بەرگەن تەننەرخىنى تىزگىنلىشىڭىز كېرەك، ئۇنداق بولمىغاندا ناھايىتى تەس كۈنگە قالىسىز!
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى