ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

خىزمەت ھاياتىدىكى بەش «ئەقىل-ئىدراك نۇقتىسى»

خىزمەت ھاياتىدىكى بەش «ئەقىل-ئىدراك نۇقتىسى»

ۋاقتى: 2016-01-30 ئاۋاتلىقى: 597 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئەڭ ئاچقۇچلۇق ئامىلى نېمە؟ خىزمەت ئورنىدا ھەممە كىشى مۇۋەپپەقىيەتنى قوغلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بۇ ناھايىتى مۇھىم مەسىلە بولۇپ، بىزنىڭ ئەستايىدىل ئويلىشىپ، جاۋاب بېرىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ھەر قېتىم بۇ مەسىلىنى ئويلاشقاندا، ئۆزۈمنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ماڭغان ھەر بىر قەدىمىم كۆز ئالدىمدا نامايان بولىدۇ. مەن شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى، بىر ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت ياكى مەغلۇبىيىتىنى ھەقىقىي بەلگىلەيدىغىنى ئىقتىدار، بىلىم ۋە ياكى غايە بولماستىن، بەلكى خىزمەت ئورنىدىكى غەلبىلىك تەربىيەلىنىش، ئەقىل-ئىدراك ۋە توغرا بولغان پوزىتسىيەدە توغرا ئىش قىلىشى بولىدىكەن. خىزمەت ھاياتىمدىكى بۇ تەسىراتلىرىم ئوقۇرمەنلەرنى ئىلھاملاندۇرالىسا ئەجەب ئەمەس.


1. ياخشى خىزمەتنىڭ ئېنىقلىمىسى
كىشىلەرنىڭ ھەممىسى يۈز-ئابرۇيلۇق بولۇشنى، يۇقىرىغا يامىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ، خىزمەت ئورنىدىمۇ شۇنداق، مەيلى ئۆزىنىڭ ئېرىشكۈسى بار ياكى يوق نەرسىلەر بولسۇن، پەقەتلا يۇقىرىغا ياماشسام دەپ ئويلايدۇ. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى چەتئەل كارخانىلىرى ياخشى دەيدۇ، بىراق قايسى جەھەتتىن ياخشى؟ ئۇلارنىڭ خىزمەت بىناسى ياخشى؟ ئۇلار كاماندروپكىغا چىققاندا، ياخشى مېھمانخانىلاردا ياتىدۇ؟ باشقىلار بۇنداق كارخانىلاردىكى خىزمەتلەرگە ھەۋەس قىلىدۇ؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت باشقىلارغا كۆرسىتىش بولىدۇ، سىز نېمىشقا باشقىلارغا كۆرسىتىمەن دەپ بۇنداق جاپالىق ياشايسىز؟ خىزمەت تېپىشتا سىز زادى ئۆزىڭىزنىڭ نېمىگە ئېرىشمەكچى بولغانلىقىڭىزنى ئويلامسىز؟ ياكى باشقىلارغا نېمىنى كۆرسىتىشنىمۇ؟ سىز نېمىگە ئېرىشمەكچى؟ چوقۇم ئۆزىڭىز ئوبدان بىلىشىڭىز كېرەك، باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ئۇنچىۋالا مۇھىم ئەمەس. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر داۋاملىق باشقىلارنىڭ، ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ، دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كېتىدۇ... مەسىلە شۇكى، سىز زادى كىمنىڭ كىشىلىك ھاياتىنىڭ خوجىدارى؟ سىزنىڭ كىشىلىك ھاياتىڭىز ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ھاياتىنىڭ داۋامى ئەمەس، پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ ھاياتىنىڭ باشلىنىشى ئەمەس ۋە ياكى دوست-بۇرادەرلىرىڭىزنىڭ ھاياتىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىمۇ ئەمەس، پەقەتلا سىز ئۆز ھاياتىڭىزنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزىڭىز چىقالايسىز، باشقىلار بۇنىڭغا ئامالسىز، ھەم بۇ مەسئۇليەتنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ.
بەلكىم، ئەڭ ياخشى نەرسىلەر ئاللىبۇرۇن يېنىڭىزدا بولۇپ بولغان بولۇشى، پەقەتلا سىز قەدىرلەشنى بىلمىگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن. كىشىلەر داۋاملىق تېخى ئېرىشەلمىگەن نەرسىلەرگە ئىنتىلىپ، ئېرىشىپ بولغان نەرسىلىرىگە سەل قارايدۇ.


2. خۇشال بولۇش-بولماسلىق نىشانغا باغلىق
خۇشال بولالماسلىقنىڭ مەنبەسى، سىزنىڭ نىشاننى ئېنىق بېكىتەلمىگىنىڭىزدە. سىز ئۆزىڭىزنىڭ نېمىگە ئېرىشمەكچى بولغانلىقىڭىزنى بىلمەيسىز، شۇڭا سىز قانداق ئىزدىنىش، قانداق ئىنتىلىشنى بىلمەيسىز. بەلكىم كۆپ كىشىلەر بۇ مەسىلىنى چوڭقۇر ئويلاشمايدۇ. ئومۇمىي قاراش بولسا: «مېنىڭ مائاشى يۇقىرىراق بىر خىزمەتكە ئېرىشكۈم بار.» سىز نەچچە يىلدا بىر قايتىدىن خىزمەت تېپىشنى ئويلامسىز؟ ھەر قېتىمدا مۇشۇنداق خىزمەت ۋە مائاشنىڭ ئەنسىزچىلىكىدە ئۆتۈشنى خالامسىز؟ خالىمىسىڭىز، ئۇنداقتا ئوبدان ئويلىنىپ كۆرۈڭ، قانچە ئەنسىرىگەنسېرى، شۇنچە ئۆزىڭىزنى بىر خىزمەتكە مۇھتاجدەك ھېس قىلىسىز، خۇددى قورساق قانچە ئاشقانسېرى شۇنچە تاللىماي يېگەنگە ئوخشاش، قانچە ياخشى ئويلاشمىغانسېرى، شۇنچە ئاسان مەغلۇب بولىسىز. سىزنىڭ كەچۈرمىشىڭىز  بارغانسېرى ناچارلىشىدۇ-دە، كېلەركى خىزمەتكە قوبۇل قىلغۇچى قىسقىچە تەرجىمىھالىڭىزغا قاراپ، قاپىقىنى تۈرىدۇ. كۈن كەچۈرۈش بېسىمى ئاستىدا نۇرغۇنلىغان تەشۋىشلەر بولىدۇ. ئاكتىپ ئادەملەر بۇ تەشۋىشلەر ئىچىدىن  ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئېرىشسە، پاسسىپ ئادەملەر بۇ سەۋەبلىك نىشانىنى يوقىتىپ قويىدۇ.

3. خىزمەت ھاياتى مارافونچە يۈگۈرەش مۇسابىقىسىگە ئوخشايدۇ
خىزمەت ھاياتى خۇددى بىر مارافونچە يۈگۈرەش مۇسابىقىسىگە ئوخشايدۇ، ھەممە ئادەمنىڭ پەقەت بىرلا پۇرسىتى بولىدۇ. شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئاخىرقى پەللىگىچە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، پەقەت ئاز ساندىكى كىشىلەر ئاخىرقى نۇقتىغا يېتەلەيدۇ. دەسلەپكى مۇسابىقىدە كۆپچىلىك ئەمدىلا جەمئىيەتكە قەدەم باسىدۇ، كۆپ ساندىكىلەرنىڭ ئەمەلىي كۈچى ئادەتتىكىچە، بۇ ۋاقىتتا ئازراق تىرىشقاندىلا، ئازراق ئەستايىدىل بولغاندىلا ئۆز كارامىتىنى  كۆرسەتكىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بەزىلەر  20 نەچچە ياشتىلا دىرېكتور بولالايدۇ، بەزىلەر سەل كېچىكسىمۇ ئالغا ئىلگىرىلەپ، 30 نەچچە ياشلاردا دىرېكتور بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى قايتا مۇسابىقىلىشىش، بۇ مۇسابىقىگە كىرەلىگەنلەر دەسلەپكى مۇسابىقىدە يېڭىپ چىققانلاردۇر، بۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئىقتىدارى بولۇپ، ئەقىل-پاراسەت جەھەتتە مەسىلە يوق. بۇ ۋاقىتتا يېڭىپ چىقىش ئۇنداق ئاسانغا چۈشمەيدۇ، ئازراق تىرىشچانلىق، ئەستايىدىللىق يېتەرلىك بولماستىن، كوللېكتىپ كۈچىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىش ۋە يىراقنى كۆرۈشنى بىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ دۇنيا شۇنداق دۇنيا، سىزگە ئازراقلا بىر نەتىجە بەرسە، مەغرۇرلىنىپ نېمە قىلارىڭىزنى بىلمەي قالىسىز. بايىقى دەسلەپكى مۇسابىقىدە يېڭىپ چىققانلار ھەمىشە ئۆزىنىڭ پەقەت ئەمدى تېخى بىرىنچى ئۆتكەلدىن ئۆتەلىگەنلىكىنى بىلمەيدۇ، ئۇلار ئۆزىچە ھەممىنى بىلىپ بولغاندەك، ئەمدى تىرىشمىسىمۇ بولىدىغاندەك ھېس قىلىدۇ. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كەلگەندە، قايتا مۇسابىقىنى يېڭىپ چىققانلار پەقەت مەغرۇرلىنىپلا قالماستىن بەلكى كاجلىق بىلەن ئۆز گېپىنى يورغىلىتىپ، باشقىلارنىڭ پىكرىنى ئىلكىگە ئېلىپمۇ قويمايدۇ، بەزىلەرنىڭ مىجەزى ئوساللىشىپ، كەيپىياتى ۋە تەن-ساغلاملىقىدا مەسىلە كۆرۈلىدۇ---ئادەمنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى دەل ئۆزىدۇر. ئاخىرىدا، ماھىرلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقە كىمنىڭ خاتالىقى ئاز بولسا شۇنىڭ يېڭىشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
4. خىزمەت ئالماشتۇرۇش ھەققىدە
خىزمەت ئالماشتۇرۇش ھەرگىزمۇ مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان ئۇسۇل ئەمەس، ئەكسىچە داۋاملىق خىزمەت ئالماشتۇرغاندا سادىقلىقتىن سۆز ئاچالمايسىز-دە، مەلۇم بىر ئورۇندا خاتىرجەم خىزمەت قىلىشىڭىز توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ خىزمەت ئالماشتۇرۇشى مۇنداق ياكى ئۇنداق خاپىلىقلاردىن كېلىپ چىقىدۇ. ئەگەردە، بۇ خاپىلىقلار بۇ خىزمەت ئورنىدا ھەل قىلىنمىسا، كېلەركى خىزمەت ئورنىدىمۇ كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ھەل قىلىنمايدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ئىككى-ئۈچ يىل خىزمەت قىلغاندىن كېيىن،  كۆپ كىشىلەر خىزمەتتە ئوڭۇشسىزلىق ھېس قىلىپ، ئىچى پۇشۇپ، ئىستېپا بېرىشنى ئويلايدۇ، ئۆزىچە باشقا بىر كارخانىغا ئالماشسام بۇ كۆڭۈلسىزلىكلەردىن قۇتۇلىمەن دەپ ھېس قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىش پەقەتلا سىزنى قايتىدىن باشلىغۇزىدۇ-دە، ۋاقتى كەلگەندە، ئالدىنقى كارخانىدىكىگە ئوخشاشلا قىيىنچىلىققا  ئۇچرايسىز، بۇ قىيىنچىلىقنى يەڭسىڭىز ئالدىغا بىر قەدەم ئىلگىرىلىيەلەيسىز، يېڭەلمىسىڭىز قايتىلىنىش باسقۇچىغا كىرىپ قالىسىز. بۇنداق ۋاقىتتا سىز غەيرەتكە كېلىپ، ۋەزىيەتكە قاراپ، پۇختىلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشىڭىز كېرەك. چۈنكى تەجرىبە توپلاش تېخى ئەمدىلا باشلاندى.

5. كۈتۈشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز، توغرا ساھەگە كىرىپ، توغرا ئادەمگە ئەگىشىشىڭىز كېرەك
كۆپىنچە ئەھۋاللاردا بىز زېرىكىشلىككە بەرداشلىق بېرىپ، ئۆزىمىزگە مەنسۇپ بولغان شۇ دەقىقىنى كۈتۈشكە موھتاج بولىمىز. بۈگۈنكى كۈندىكى ئۇتۇق قازانغانلارغا قاراپ، ئۇلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى كۈتۈشى ۋە سەۋر-تاقىتىنى كۆرەلىدىڭىزمۇ؟ ھەر بىر ئۇتۇق قازانغۇچىنىڭ چۈشكۈن، ئىچى پۇشقان ۋاقتى بولىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ئۇلار غەلىبە قازىنىشنى ئويلايدۇ، لېكىن ئىككى قولى قوپقۇرۇق. ھېچقانداق ئادەم ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە نەتىجە قازىنالايدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ تاللىغىنى زېرىكىشلىككە بەرداشلىق بېرىش.
ئادەم ھەمىشە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرايدۇ، چۈشكۈنلىشىدۇ، باشقىلارنىڭ چۈشىنىشىگە ئېرىشەلمەيدۇ، بوينىنى قىسىپ تۇرىدىغان ۋاقتى بولىدۇ. بۇنداق ۋاقىتلار دەل ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم ۋاقىتلاردۇر، چۈنكى ھەممە ئادەم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرايدۇ، لېكىن كۆپ ساندىكى كىشىلەر بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتەلمەيدۇ، ئەگەر سىز ئۆتەلىسىڭىز، سىز غەلىبە قىلىسىز. بۇنداق ۋاقىتتا، بىز سەۋرچانلىق بىلەن ساقلىشىمىز، تولۇپ-تاشقان ئىشەنچ بىلەن كۈتۈشىمىز كېرەك.
كۈتۈشتىن سىرت، بىزنىڭ خىزمەت ھاياتىمىزدىكى بىرىنچى ئىش ساھەگە كىرىش، ئىككىنچىسى بولسا باشقىلارغا ئەگىشىشتۇر. تۇنجى قېتىملىق خىزمىتىمىزنىڭ بىزگە كۆرسەتكەن ئەڭ چوڭ تەسىرى ساھەگە كىرىش، قاراشتىن ناھايىتى ياخشى كۆرۈنگەن بىر ساھە سىز كىرسىڭىزلا ئۇنىڭ ئۇنچىۋالا مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىسىز، پەقەت سىرتتىكىلەر كۆرەلمەيدۇ خالاس. قانداق بىر ساھەنى تاللاش ئانچە مۇھىم ئەمەس، مەسىلە تەھلىل قىلغاندا  پەقەت كۆز ئالدىدىكىنىلا كۆرۈشكە بولمايدۇ. كۆپچىلىك ھەممىسى ياخشى ئەمەس دەپ ھېس قىلغان ۋاقىت ھەمىشە ئەڭ ياخشى ۋاقىتتۇر. بەزى نەرسىلەرگە ئامەتكە تايىنىپ بىر مەزگىللىكلا  ئېرىشكەن بىلەن، مەلۇم بىر ۋاقىتتا، مەلۇم بىر يەردە ئۇ ھامىنى سىزدىن ئايرىلىدۇ.
توغرا ئادەمگە كەلسەك، ساھەگە كىرگەندە ياخشى بىر رەھبەرگە، ياخشى بىر مۇئەللىمگە ئەگىشىش كېرەك. ئەمدىلا جەمئىيەتكە قەدەم قويغان ئادەمدە ھەمىشە تەجرىبە بولمايدۇ، باشقا ئادەملەرنىڭ سۆز ۋە ھەرىكەتتە تەڭ ئۈلگە بولۇشىغا موھتاج بولىدۇ. "ياخشى"نىڭ ئۆلچىمى، ئاز خىزمەت قىلىپ كۆپ مائاش ئېلىشنى كۆرسەتمەيدۇ. كۆپ كىشىلەر بىلەن تونۇشۇش، ئۆزىدىن قابىلىيەتلىك  ئادەم بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرغاندىمۇ ياخشى بىر مۇئەللىمنى تاپقىلى بولىدۇ. بىر توپ ئىچى پۇشقان ئادەملەر بىلەن جەمئىيەت ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ، باشلىق دەستىدىن دەرت تۆكۈپ ئولتۇرماڭ، بۇنىڭ سىزگە ھېچقانداق ياردىمى بولمايدۇ، پەقەتلا سىزنى تېخىمۇ پاسسىپ ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. ئۆزىڭىزدىن قابىليەتلىك ئادەملەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئوي-پىكرىنى، ئىش-ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ، ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۆگىنىڭ.
خىزمەت ھاياتى پەقەت پىلانغىلا موھتاج بولۇپ قالماستىن بەلكى بىزدىن دەل ۋاقىتتىكى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. خىزمەت ھاياتىمدىكى تەسىراتىمنى يىغىنچاقلىسام، ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ.
1) خىزمەت تېپىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش
2) ئۆزى ھەقىقىي قىلماقچى بولغان خىزمەتنى تېپىش
3) ئۆز غايىسى ئۈچۈن داۋاملىق تېرىشىش   

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى