ئىدارىنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرى ئەمگەكچىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزسە، ئەمگەكچى ئىستىپا بەرسە بولامدۇ؟
يانفوندا كۆرۈش
ئىدارىنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرى ئەمگەكچىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزسە، ئەمگەكچى ئىستىپا بەرسە بولامدۇ؟
جاۋاب: «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەك ھەققى، خىزمەت ۋاقتى، دەم ئېلىش، ئەمگەك بىخەتەرلىكى ۋە سەھىيە، سۇغۇرتا ۋە پاراۋانلىق، خىزمەتچىلەرنى تەربىيەلەش، ئەمگەك ئىنتىزامى ۋە ئەمگەك نورمىسىنى باشقۇرۇش قاتارلىق ئەمگەكچىلەرنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك قائىدە-تۈزۈملەرنى ياكى چوڭ ئىشلارنى تۈزگەندە، ئۆزگەرتكەندە ياكى قارار قىلغاندا، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ياكى خىزمەتچىلەر ۋەكىلى قاتارلىقلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بېكىتىشى كېرەك.
بۇنىڭدىن سىرت، ئىدارىنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرى ۋە چوڭ ئىشلىرى ئېلان قىلىنىشى ۋە ئەمگەكچىلەرگە ئۇقتۇرۇلۇشى كېرەك.
شۇڭا، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇننىڭ قائىدە-تۈزۈملىرى قانۇن-نىزاملارنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزسە، ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ.