ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن ئالتۇننى پۇل قىلىپ تاللايدۇ؟

ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن ئالتۇننى پۇل قىلىپ تاللايدۇ؟

ۋاقتى: 2016-06-01 ئاۋاتلىقى: 879 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كىشىلەر ئالتۇنغا نىسبەتەن باشقىچىلا كۆز قاراشتا: خىمىيە ساھەسىدە، بۇ ئېلېمېنتنىڭ ھېچقانداق مەنىسى يوق، ھېچقانداق بىر ئېلېمېنت بىلەن رېئاكسىيەگە كىرىشەلمەيدۇ دەپ قارىلىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ خىمىيەلىك ئېلېمېنتلار جەدۋىلىدىكى 118 خىل ئېلېمېنت ئىچىدە، پەقەت ئالتۇنلا ئىزچىل ھالدا كىشىلەرنىڭ پۇل ئوبوروتىدىكى تاللىشى بولۇپ قالدى. ئۇنداقتا بۇ نېمە ئۈچۈن؟
نېمىشقا ئوسمىي، خروم، ياكى گېلىينى تاللمايمىز؟ 

ئاددىي چىقىرىۋېتىش ئۇسۇلى
مەن بۇ سوئالنى سورىغان تۇنجى كىشى ئەمەس ئەلۋەتتە، ئەمما مەن بۇ سوئالنى ئوتتۇرىغا قويغان جاي بۇ سوئالغا ئەڭ مۇۋاپىق. مەن ھازىر ئەنگىلىيە دۆلەتلىك مۇزېيىدىكى «دەسلەپكى كولۇمبۇ دەۋرى ئالتۇن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى» نەق مەيدانىدا تۇرۇپتىمەن. دەل مۇشۇ يەردە، ساپ ئالتۇندىن ياسالغان «كۆكرەكلىك» يېنىدا تۇرغان ئەنگىلىيە ــ لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى خېمىيە ئالىمى ئاندىلا سىلانى ئۇچراتقان ئىدىم.


ئۇ بىر ئېلېمېنتلار جەدۋىلىنى چىقىرىپ: «بىر قىسىم ئېلېمېنتلارنى چىقىرىۋېتىش ئىنتايىن ئوڭاي.» دېدى ۋە ئېلېمېنتلار جەدۋىلىنىڭ ئوڭ تەرىپىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «بۇ تەرەپتىكىلەر بولسا ئاز ئۇچرايدىغان گازلار ۋە گالوگېنلار، گازلار ئېنىقلا پۇلغا ۋەكىللىك قىلىش ئوبيېكتى بولالمايدۇ، كىشىلەر داۋاملىق كىچىك قۇتىنى كۆتۈرۈپ يۈرسە ئەلۋەتتە قولايسىز بولىدۇ-دە، يەنە بىر مەسىلە، ئۇلار رەڭسىز بولىدۇ، قۇتىغا نېمە قاچىلانغانلىقىنى بىر قاراپلا بىلگىلى بولمايدۇ.» دەپ چۈشەندۈردى.
ئىككى خىل (نورمال تېمپېراتۇرا نورمال بېسىم ئاستىدىكى) سۇيۇق ھالەتتىكى ئېلېمېنت ـــــــ سىماب ۋە بروم ـــــــ بۇلارمۇ ئوخشاشلا پۇلغا ۋەكىللىك قىلىش ئوبيېكتى بولالمايدۇ، يەنە كېلىپ بۇ ئىككىسىلا زەھەرلىك، شۇنداق بولغاندا پۇل ئورنىدا ئىشلىتىش تېخىمۇ توغرا ئەمەس. بۇنىڭغا ئوخشاشلا جەدۋەلدىكى ئارسېن ۋە باشقا زەھەرلىك ئېلېمېنتلارمۇ سىزىۋېتىلگەن ئىدى. 
ئاندىن سىلا ئەپەندى جەدۋەلنىڭ سول تەرىپىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ داۋاملىق چۈشەندۈردى: «بۇ يەردىكى كۆپ قىسىم ئېلېمېنتلارنى چىقىرىۋېتىشكە بولىدۇ، ئىشقارلىق مېتاللار ۋە ئىشقارلىق يەر مېتاللىرى ئىنتايىن ئاكتىپ كېلىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر مەكتەپتە ناترىي ۋە كالىينى سۇ قاچىلانغان پروبىركىغا سېلىپ تەجرىبە ئىشلىگەن،  نەتىنجىدە پىژ-پىژ ئاۋازنىڭ چىقىشى بىلەن،  بۇ مېتاللار سۇ يۈزىگە ئېتىلىپ چىققان ـــــ بۇنىڭدەك پارتىلايدىغان پۇل ئىشلىتىشمۇ ياخشى تاللاش ئەمەس ئەلۋەتتە».
   ئۇنىڭدىن باشقا رادىئوئاكتىپلىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە باشقا بىر قىسىم ئېلېمېنتلارمۇ بار: راك كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان پۇل ئىشلىتىشنى سىزمۇ خالىمايدىغانسىز. شۇڭا تورىي، ئۇران، پلۇتونىي ۋە ئۇنىڭدىن باشقا (Rf) ،   (115- نومۇرلۇق ئېلېمېنت) Uup، ئېينىشتېنى (Es)، سىبورگىيۇم (Sg) قاتارلىق بىر قىسىم سۈنئىي بېرىكتۈرۈلگەن ئېلېمېنتلارنىمۇ پۇل ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ئېلېمېنتلار تەجرىبىخانىدا قىسقا ۋاقىت مەۋجۇت بولۇپ تۇرغاندىن كېيىنلا يېمىرىلىشكە باشلايدۇ.
يەنە بىر گۇرۇپپا «سىرەك يەر ئېلېمېنتلىرى» دەپ ئاتىلىدىغان ئېلېمېنتلار بار بولۇپ، بۇ خىل ئېلېمېنتلارنىڭ خىمىيەلىك پارچىلىنىشى ئىنتايىن قىيىن، شۇڭا سىز يانچۇقىڭىزغا سالغىنىڭىز زادى قايسى خىل تەركىب ئىكەنلىكىنى ئوڭاي بىلەلمەيسىز.
ئۇنداقتا نۆۋەتتە، ئېلېمېنتلار جەدۋىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى «ئۆتكۈنچى مېتال» ۋە «كېىينكى ئۆتكۈنچى مېتال» تاللىشىمىزغا قالدى.  بۇ 49 ئېلېمېنت ئىچىدە بىر قىسىم دائىم ئۇچراتقىلى بولىدىغان تۆمۈر، ئاليۇمىن، قوغۇشۇن، كۈمۈش قاتارلىق ئىسىملار بار. ئەمما ئىنچىكىلىك بىلەن ئويلاپ كۆرىدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىدە ئىنتايىن چوڭ يېتەرسىزلىكلەر ساقلانغان.
نەزىرىمىزنى سول تەرەپكە ئاغدۇرغىنىمىزدا بۇ يەردە تىتان، سىركونىي دېگەندەك ئىنتايىن قاتتىق، سۈركىلىشكە چىداملىق مېتاللارنى كۆرەلەيمىز، ئەمما بۇ مېتاللاردىكى بىر مەسىلە ـــ بۇ مېتاللارنى ئېرىتىش ئىنتايىن قىيىن، سىز تاۋلاش ئوچىقىنى قىزىتىپ مىڭ سېلتسىيە گرادۇستىن يۇقىرىلىتالىسىڭىز ئاندىن تىتان مەدەنلىرى ئارىسىدىن تىتاننى ئايرىپ چىقالايسىز. يەنە كېلىپ قەدىمكى كىشىلەرنىڭ بۇنداق ئىلغار ئۈسكىنىسى يوق ئىدى. ئاليۇمىننىمۇ مەدەن تاشلار ئارىسىدىن ئايرىپ چىقىش ئىنتايىن قىيىن، يەنە كېلىپ ئاليۇمىن ئەسلىدىنلا يۇمشاق بولغاچقا، پۇل ئورنىدا ئىشلىتىشكە ماس كەلمەيدۇ.
ئۆتكۈنچى مېتال ئىچىدىكى باشقا ئېلېمېنتلارنىڭ ھەممىسى مۇقىم ئەمەس ـــــ نەملىشىپ قالسا ئوڭايلا داتلىشىپ كېتىدۇ، چوقۇم قۇرغاق ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ، ئوچۇقچىلىققا ئۇزاقراق ۋاقىت قۇيۇپ قويغاندا ئوڭايلا ئوكسىدلىنىپ قالىدۇ. مەسىلەن تۆمۈر، نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، تۆمۈرنى پۇل ئورنىدا ئىشلىتىش خېلى مۇۋاپىق، سۈپەتلىك كۆرۈنىدۇ، سىلىقلانغاندىن كېيىنمۇ ئوخشاشلا پارقىراپ تۇرىدۇ، ئەمما داتلىشىپ قالسا ئاۋارىچىلىق بولىدۇ، سىز ئازراقمۇ سۇ تەگكۈزمەسلىكىڭىز كېرەك، بولمىسا ئوڭايلا داتلىشىپ قالىدۇ.
 سىلا يەنە مۇنداق بىر مەزمۇننى قىستۇردى: «ئۆزلىكىدىن قىممىتى چۈشۈپ كېتىدىغان ئېلېمېنتنى پۇل قىلىپ تاللاش ئاقىلانىلىك ئەمەس».
بىز ئوخشاش نەزەرىيە ئاساسىدا يەنە قوغۇشۇن بىلەن مىسنى چىقىرىۋەتتۇق، ئىككىسىلا ئوڭاي داتلىشىدۇ. ئىلگىرى بۇلارنى پۇل ئورنىدا ئىشلەتكەنلەرمۇ بولغان، ئەمما ئىشلىتىش مۇددىتى ئۇزۇنغا بارمىغان.
ئۇنداقتا، يەنە قايسى ئېلېمېنتلار ئېشىپ قالدى كۆرۈپ باقايلى...

«پۇلغا ياراشتىكى» يەنە بىر ئۆلچەم
 118 خىل ئېلېمېنت ئىچىدە، نۆۋەتتە ئېشىپ قالغىنى پلاتىنا (Pt)، پاللادىي(Pa)، رودىي(Rh)، ئىرىدىي(Ir) ، ئوسمىي(Os)، روتېنىي(Ru) ۋە بىزنىڭ كونا سەبدىشىمىز ــــ ئالتۇن (Au) ۋە كۈمۈش (Ag) قاتارلىقلار. بۇ مېتاللارمۇ ئىلگىرى «پاسسىپ مېتال» دەپ ئاتالغان، چۈنكى بۇ مېتاللار باشقا ھىچقانداق ئېلېمېنتلار بىلەن رېئاكسىيەلەشمەيدۇ.
بۇ سەككىز خىل مېتاللارمۇ ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان بولۇپ، پۇل ئورنىدا ئىشلىتىشىكى مۇھىم بىر ئۆلچەمگە چۈشىدۇ. ئەگەر تۆمۈر داتلاشماس بولغان تەقدىردىمۇ يەنىلا پۇل ئورنىدا ئىشلىتىشكە ماس كەلمەيتتى، چۈنكى تۆمۈر ئىنتايىن كۆپ، ھەممىلا جايدا بار. ئەگەر تۆمۈرنى پۇل ئورنىدا ئىشلەتكەندە، قەيەرگىلا بارسىڭىز ئۇنىڭدىن بىر كاللەك ئېلىۋېلىشىڭىز تۇغانلا گەپ.
ئالتۇن ۋە كۆمۈشتىن سىرت، باشقا ئالتە خىل ئېلېمېنتلارنىڭ ھەممىسىدىلا تۆمۈرنىڭكى بىلەن قارىمۇ-قارشى بولغان مەسىلىلەر ساقلانغان ـــ مىقدارى ئىنتايىن ئاز، شۇڭا پۇل قىلىپ ياسىغاندا ھەجىمى ئىنتايىن كىچىك بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، بۇنداق بولغاندا ئوڭايلا يوقاپ كېتىدۇ. ئۇلارنى تاۋلاشمۇ ئۇنچە ئوڭاي ئەمەس ـــ پلاتىنانىڭ ئېرىش نۇقتىسى 1768 سېلتسىيە گرادۇس. 
بۇنداق بولغاندا بىزدە ئالتۇن ۋە كۆمۈش ئىككى خىل مېتاللا ئېشىپ قالدى. بۇ ئىككىسلا خېلى ئاز ئۇچرايدىغان مېتاللاردىن، ئەمما ئىشلەتكىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئاز ئەمەس. ئىككىسىنىڭلا ئېرىش نۇقتىسى نىسبەتەن تۆۋەنرەك، كۆمۈش پۇل ۋە ئالتۇن پۇل، زىخچە ئالتۇن ۋە زىخچە كۆمۈش ياكى زىبۇ-زىننەت قىلىپ ياساشمۇ ئۇنچە قىيىن ئەمەس. كۈمۈشمۇ داتلىشىدۇ، ئۇ ھاۋادىكى ئاز مىقداردىكى گۇڭگۈرت بىلەن رېئاكسىيەلىشىپ، سىرتقى يۈزى قاردىۋالىدۇ. بۇ دەل بىزنىڭ ئالتۇننى تاللىشىمىزدىكى سەۋەب.
ئالتۇننىڭ شۇ قەدەر قىممەتلىك بولۇشىدىكى سەۋەب بولسا، ئالتۇننىڭ خىمىيە ساھەسىدە ئىشلىتىلىش قىممىتى يوق بولۇشى. ئالتۇننىڭ نىسبەتەن پاسسىپ بولۇشى، سىزنىڭ ئالتۇندىن پايدىلىنىپ ئامېرىكا يولۋىسى ياسىيالايدىغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ، 1000 يىلدىن كېيىنمۇ يەنىلا لوندون شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى مۇزېيدىكى بۇيۇملار تىزىلىدىغان جازىدا ئىلگىرى ياسىغان شۇ ئالتۇن يولۋاس ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان، ياسالغان ۋاقتىدىكىدەك ھالىتىدە تۇرغان بولىدۇ.
ئۇنداقتا مۇشۇنداق ئېلېمېنتلارنى چىقىرىۋېتىش ئۇسۇلىدىن بىز نېمىنى بىلىۋالالايمىز؟ پۇل بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالدى بىلەن سىز شۇ ئوبتېكتتا ئەسلى بار بولغان ھەر قانداق قىممەتكە ئېھتىياجلىق بولمايسىز. بىر خىل پۇلنىڭ قىممىتى بار بولۇشى، ئىنسانلار جەمئىيتىنىڭ ئۇنىڭغا قىممەت بەرگەنلىكىدىن بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، پۇلنىڭ خىمىيەلىك خۇسۇسىيىتى مۇقىم بولۇشى، ئېلىپ يۈرۈشكە قولايلىق بولۇشى، زەھەرلىك تەركىبى بولماسلىقى، بىر قەدەر ئاز ئۇچرايدىغان بولۇشى كېرەك. ئەگەر سىز دۇنيادا جەمئىي قانچىلىك ئالتۇن بار ئىكەنلىكىنى بىلسىڭىز، چوقۇم چۆچۈپ كېتىشىڭىز مۇمكىن.
ئەگەر سىز دۇنيادىكى ھەر بىر جۇپ ھالقا، ھەر بىر ئالتۇن تەڭگە، ھەر بىر كومپيۇتېر ئۆزىكىدىكى ئالتۇن، دەسلەپكى كولۇمبۇ دەۋرىدىكى ھەر بىر ئالتۇن ھەيكەل، ھەربىر توي ئۈزۈكلىرىنى توپلىسىڭىز، سىز تەخمىنەن 20 كۋادىرات مېتىر چوڭلۇقتىكى ئالتۇنغا ئېرىشەلەيسىز.
 ئەمما ئاز ئۇچرايدىغان ۋە مۇقىم بولۇش تېخى ھەممە تەرىپى ئەمەس. يەنە بىر كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىك ئالتۇننى ئېلېمېنتلار جەدۋىلىدىكى باشقا ئېلېمېنتلاردىن پەرقلىق ئورۇنغا ئىگە قىلدى. يەنى ئالتۇننىڭ ....... ئالتۇن رەڭدە بولۇشى.
ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلىدىكى مېتاللار، ئالتۇنرەڭ ۋە قىزغۇچ رەڭدە بولغاندىن سىرت، ھەممىسىلا كۆمۈشرەڭ. دەسلەپتە تىلغا ئېلىنغىنىدەك مىس ئوڭاي داتلىشىدۇ، نەم ھاۋادا قويۇپ قويۇلسا ئۇزۇن ئۆتمەيلا پۈتۈنلەي يېشىل رەڭگە ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. بۇ جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىمۇ ئالتۇننى ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە قىلغان.
سىلا يەنە مۇنداق دېدى: «ئالتۇن پۇل بولۇش سۈپىتى بىلەن يەنە بىر مەخپىيەتلىكى ــــ كۆرۈنۈشى ئىنتايىن چىرايلىق».

ئالتۇننىڭ يەنە ئوبوروت ۋاسىتىسى ئورنىدا ئىشلىتىلمەسلىكىدىكى سەۋەب
ئەمما يەنە نېمە ئۈچۈن ئوبوروت ۋاسىتىسى بولالمايدۇ؟
بارلىق باشلىنىش 1973-يىلىدىن باشلانغان، ئۆز ۋاقتىدىكى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى نىكسون ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ئالتۇننىڭ مۇناسىۋىتىگە كەڭ يول ئېچىۋېتىشنى قارار قىلغان. نىكسوننىڭ بۇنداق قىلىشىنىڭ سەۋەبى ئىنتايىن ئاددىي، ئامېرىكىنىڭ ئۆزلىرى بېسىپ چىقارغان قەغەز پۇلغا كاپالەت بەرگۈدەك ئالتۇنلىرى يوق. كېيىن، خەلقئارا ئوبوروتتا ئىشلىتىلىۋاتقان ھەر بىر خىل ئاساسىي ئېقىم پۇلى نامدىكى پۇل بولۇپ بېكىتىلدى، قانۇندا نامدىكى پۇلنىڭ ھەق تاپشۇرۇش ۋاسىتىسى ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلىش كېرەك دەپ بەلگىلەندى، ئەمما ئەمەلىيەتتە بۇ نامدىكى پۇلنىڭ قىلچە قىممىتى يوق ئىدى.
 بۇ دەل ئالتۇننىڭ مەسىلىسى: ئۇنىڭ تەمىنلىنىشى ئىقتىسادىي ئېھتىياج بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپ، پەقەت قانچىلىك قېزىپ چىقىرىلغانلىقىغا باغلىق ئىدى.
  16-ئەسىردە، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مول ئالتۇن كان تاغلىرىنىڭ بايقىلىشى بىلەن ئالتۇن باھاسى زور دەرىجىدە چۈشۈپ كەتتى، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا باشقا بارلىق نەرسىلەرنىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەشكە باشلىدى، ئەمما شۇنىڭدىن كېيىن، مەسىلە يەنە بىر يۆنىلىشكە قاراپ يۈزلىنىشكە باشلىدى ــــ يەنى ئالتۇن تەمىنلىنىش جەھەتتە ئېلاستىكىلىقى ئاجىزلىشىشقا باشلىدى. نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇلى بىلەن ئالتۇن ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ تاشلاپ، 1930-يىللاردىكى كاساتلىشىشتىن ئۆزىنى دالدىغا ئالدى. ئۇلار قەغەز پۇلنى قانچىلىك چىقارغۇسى كەلسە شۇنچىلىك بېسىپ چىقىرىپ، ئىقتىسادنى يەنە بىر قېتىم پاخاللاشتۇرىۋەتتى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئالتۇنغا بولغان ئېھتىياج كۆپ ئۆزگىرىپ تۇراتتى، ئالتۇننىڭ تەمىنلەش مىقدارى مۇقىم بولۇش ئالاھىدىلىكىنى كۆزدە تۇتقاندا، ئالتۇننىڭ باھاسى ئېھتىياجغا ئاساسەن تەۋرەنمە ھالەتتە تۇراتتى. مەسىلەن، ئالتۇن 2001-يىلىنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدا بىر ئۇنسىيەسى 260 ئامېرىكا دوللىرى ئىدى، 2011-يىلى 9-ئايدا يۇقىرى پەللىگە يېتىپ ھەر ئۇنسىيەسىنىڭ باھاسى 1921.15 ئامېرىكا دوللىرىغا چىقتى، ئاندىن يەنە ھازىرقى ھەر ئۇنسىيەسى 1230 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھاغا چۈشتى. ئالتۇننىڭ بۇ ئىپادىسىدىن بىر مۇقىم بولغان قىممەت زاپىسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىش ئىنتايىن قىيىن. 
شۇڭا، چېرچىلنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلساق، ئالتۇندىن ئىبارەت بۇ ئېلېمېنت ئويلاپ چىقىلغان ئەڭ ناچار پۇل ـــ بارلىق باشقا ئېلېمېنتلاردىن قالسىلا.



ئاددىي ساۋاتلار: ئالتۇندىكى بىر ئىككى ئۈچ

خېمىيەلىك بەلگىسى: Au (لاتىنچە يېزىقتىكى «Aurum» دىن كەلگەن)
ئاتوم رەت نومۇرى: 79
نىسبىي ئاتوم ئېغىرلىقى: 196.97
«پاسسىپ» ئېلېمېنتلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئادەتتىكى مۇھىتتا ئوڭاي ئوكسىدلانمايدۇ.
زىبۇ-زىننەت، ئېلېكتىرونلۇق ئەسۋاب، ئاۋىئاتسىيە ئالەم قاتنىشى ۋە داۋالاش-دروىگەرلىك ساھەلىرىدە ئىشلىتىلىدۇ.
ئالتۇن كۆپ چىقىدىغان دۆلەتلەر: جۇڭگو، ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا، روسىيە


ئالتۇن نېمە ئۈچۈن سېرىق رەڭدە بولىدۇ؟
سىلا بۇنىڭغا قارىتا چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دېدى: ئالىملار تېخى يېقىنقى مەزگىلدە ئالتۇننىڭ سېرىق رەڭدە بولۇشىنىڭ سىرىنى يېشىپ چىقتى، جاۋابى دەل ئاتوملۇق قۇرۇلمىسىدا. «يەككە ھالدا كۋانت مىخانزمىغا تايانغاندا، ئالتۇننىڭ سېرىق رەڭدە بولىدىغانلىقىنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش قىيىن، ئالتۇن ئېلېمېنتىنىڭ ئاتوم ماسسىسى ئىنتايىن چوڭ، ئېلېكتىرونلۇق ھەرىكەت سۈرئىتى ئىنتايىن تېز بولۇپ، ئېينىشتىيىننىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيەسىدىن پايدىلىنىش ئەڭ ئاقىلانىلىك».
قۇياش نۇرى باشقا ئېلېمېنتلارنىڭ يەككە تەنچىسىگە چۈشكەندە، بىۋاسىتىلا نۇر قايتۇرىدۇ، پەقەت ئالتۇن ئېلېمېنتىنىڭ ئاتومىلا، نۇر سپېكتىرىدىكى كۆك نۇر ئەتراپىدىكى ئاجىز نۇرلارنى قوبۇل قىلىدۇ، شۇڭا ساپ ئالتۇن شۇنداق كۆزنى قاماشتۇرىدىغان رەڭدە بولىدۇ. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى