ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

2013-يىللىق مەبلەغ سېلىش ۋە روزغارچىلىقنىڭ يۈزلىنىشى توغرىسىدا مۆلچەر

2013-يىللىق مەبلەغ سېلىش ۋە روزغارچىلىقنىڭ يۈزلىنىشى توغرىسىدا مۆلچەر

ۋاقتى: 2016-07-27 ئاۋاتلىقى: 650 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بۇ يىل دۇنيادىكى كۆپ ساندىكى ئەللەردە ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق سىياسەتلەر چىقىرىلدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا يېڭى باشلىنىش بارلىققا كېلىپ، مەبلەغ سېلىش ۋە روزغارچىلىق ئىشلىرى يېڭى تەرەققىياتلارغا ئېرىشكۈسى.
پايچېكى بازىرى تەۋرىنىش ئىچىدە يۇقىرى ئۆرلىشى مۇمكىن
يېقىنقى بەش يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، پايچېكى باھا كۆرسەتكۈچى تەڭشىلىش باسقۇچىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، پايچېكى بازار قىممىتى مۇۋاپىقراق سەۋىيەنى ساقلاپ قېلىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا پايچېكى باھاسى ئۆرلەش ئاساسىغا ئىگە بولۇشتەك ياخشى ۋەزىيەتنىڭ تۈرتكىسىدە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان پايچېكى باھاسى داۋاملىق ئۆسۈپ، 28-فېۋرال 2365 نۇقتىغا چىقىپ، بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 132 نۇقتا ئۆستى. پايچېكى بازىرىدىكى سودا پۈتۈشۈش سوممىسىنىڭ كۆپىيىشى ۋە پايچېكى باھاسىنىڭ ئۆسۈشى نەتىجىسىدە پايچىلارنىڭ پايچېكى باھاسىغا بولغان ئىشەنچىسى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلدى.
 
قەرز چېكى بازىرى بىر قەدەر مۇقىم ئۈنۈم يارىتىشى مۇمكىن
قەرز چېكى بازىرى بۇلتۇر سىجىل ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىر تەڭشىلىش باسقۇچىدا تۇرماقتا. بۇ يىل ئېلىمىزنىڭ پۇل سىياسىتىدە ئانچە چوڭ ئۆزگىرىش بولماسلىقى، مەركىزىي بانكا ئامانەت پۇل تەييارلىق پۇندى نىسبىتى ۋە ئامانەت قەرز پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشتەك ئاشكارا بازار مەشغۇلاتىنى قوللانماي، بەلكى مىقدارلاشتۇرۇلغان تەڭشەش قوراللىرىدىن پايدىلىنىپ، بازاردىكى ئوبوروتچانلىقنى تەڭشىشى مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا، بازاردىكى ئوبوروتچانلىق نىسبەتەن بوشاپ، قەرز چېكى ئۈنۈمىنىڭ ياخشى سەۋىيەنى ساقلىشىغا تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن.
#p#
ئالتۇن باھاسى تارىختىكى يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىشى مۇمكىن
بۇلتۇر ئامېرىكىنىڭ تۆت قېتىملىق مىقدارلاشتۇرۇلغان پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇشى، ئالتۇنغا بولغان ئېھتىياجنىڭ ئېشىشى ۋە ئالتۇن قېزىش تەننەرخىنىڭ ئېشىشىنىڭ تەسىرىدە، بۇ يىل ئالتۇن باھاسىدا ئۇزاق مۇددەتلىك ئۆسۈش ئامىلى مەۋجۇت. بۇ يىل ئامېرىكىدىكى مالىيە كىرىزىسى، ياۋروپا قەرز كىرىزىسى، ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.
 
بانكىنىڭ مەبلەغ سېلىش مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولۇشى مۇمكىن
بۇلتۇر مەركىزىي بانكىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى ئىككى قېتىم تۆۋەنلىتىشى نەتىجىسىدە، بانكىلارنىڭ روزغارچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۈنۈمى تەدرىجىي تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، بىراق يىل ئاخىرىدا بانكىلار ئوتتۇرىسىدا مەبلەغ جىددىيچىلىكى كۆرۈلدى. مۆلچەرلىنىشىچە، 2013-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا بانكىلارنىڭ روزغارچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈم نىسبىتى تۆۋەن بولۇش ھالىتىنى ساقلاپ قېلىشى مۇمكىن. ئەمما ئاي ئاخىرى ۋە پەسىل ئاخىرىدا بازاردا مەبلەغ جىددىيچىلىكىنىڭ كۆرۈلۈشى ۋە ئۆسۈم نىسبىتىنى بازارلاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، بانكىلارنىڭ روزغارچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈم نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشىدىن ئۈمىد بار.
#p#
تۇرالغۇ باھاسى مۇۋاپىق ھالەتنى ساقلىشى مۇمكىن
2013-يىلى 1-مارت گوۋۇيەن تارقاتقان «تۇرالغۇ، يەر-زېمىن بازىرىنى يەنىمۇ تەڭشەش ۋە تىزگىنلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تا تۇرالغۇ بېجى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بۇ ئۇقتۇرۇشتا ئۆز ئىگىدارچىلىقىدىكى تۇرالغۇنى ساتقانلاردىن سودا سوممىسىنىڭ %1ى بويىچە ئېلىنىدىغان شەخسىي تاپاۋەت بېجى %20 بويىچە ئېلىنىدىغانلىقى، ئىككىنچى يۈرۈش تۇرالغۇ قەرز پۇلىنىڭ تۇنجى قېتىملىق پۇل تاپشۇرۇش نىسبىتى ۋە قەرز پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئۆستۈرۈلىدىغانلىقى بەلگىلەندى. بۇ بەلگىلىمە تۇرالغۇ باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى تىزگىنلەيدىغان ۋە تۇرالغۇ باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان تەدبىر بولۇپ، بۇ تەدبىر يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، تۇرالغۇ باھاسى مۇۋاپىق ھالەتنى ساقلىشى مۇمكىن.
 
پۇند باھاسى ئۆسۈش ۋەزىيىتىنى ساقلىشى مۇمكىن
2013–يىلى كۆپ خىل پايدىلىق سىياسەتلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال تەسىرىدە، پاي چېكى باھاسىدا ئۆسۈش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەندىن كېيىن، پۇند بازىرىدا كۆرۈنەرلىك بۇرۇلۇش بولۇپ، پۇند باھاسىدا سىلىق ھالەتتە ئۆرلەش ۋەزىيىتى بارلىققا كېلىپ، فوند باھاسىنىڭ ئۆسۈشى پاي چېكى باھاسىنىڭ ئۆسۈشىدىن تېخىمۇ روشەن بولۇشى مۇمكىن. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى