ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

شىركەت قانۇنى دېگەن نېمە؟

شىركەت قانۇنى دېگەن نېمە؟

ۋاقتى: 2015-03-08 ئاۋاتلىقى: 784 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «ئىككىنچى بۆلۈم كارخانىلارغا دائىر قانۇنلار» بۇ يەردە!

 

 2. شىركەت قانۇنى دېگەن نېمە؟


شىركەت قانۇنى-دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنى ماسلاشتۇرۇشى جەريانىدا يۈز بەرگەن شىركەتكە دائىر ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى تەڭشەيدىغان قانۇن-قائىدىلەرنىڭ ئومۇمىي نامىدۇر. بۇ، كەڭ مەنىدە ئېيتىلغان. شىركەت قانۇنى ھەم تەشكىلىي قانۇن، ھەم ھەرىكەت قانۇنى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مۇھىمى تەشكىلىي قانۇندۇر. تەشكىلىي قانۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىركەت قانۇنىدا شىركەتنىڭ قۇرۇلۇشى، ئۆزگىرىشى، تارقىتىلىشى، شىركەتنىڭ ئىچكى ئاپپاراتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ھەم ئۇلارنىڭ ھوقۇقى توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلغان. ھەرىكەت قانۇنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىركەت قانۇنىدا شىركەتنىڭ مالىيەسى، بوغالتىرلىقىنى باشقۇرۇش، پاي چېكىنىڭ تارقىتىلىشى، سودىسى ۋە شىركەتنىڭ قەرز چېكى قاتارلىقلار توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلغان. شىركەت قانۇنى كارخانا قانۇنىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىدۇر.


شىركەت قانۇنى چىقىرىش ئىسلاھات، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش باشلانغاندىن كېيىن، يېتەرلىك دىققەت-ئېتىبار قوزغىيالمىغانىدى. شۇڭا، ئۇنىڭ تەرەققىياتى ئاستا بولدى. لېكىن يېقىنىقى يىلدىن بۇيان، شىركەت قانۇنىنى چىقىرىش قەدىمى تېزلىتىلدى. بۇ ئاساسەن تۆۋەندىكى ئىككى تەرەپتە ئىپادىلىنىدۇ: بىرىنچىدىن، ئاز بولمىغان مۇناسىۋەتلىك قانۇن، قائىدە-نىزاملار تۈزۈلدى. مەسىلەن، گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان «ئاكسىيە بازارلىرىنى ماكرو جەھەتتىن باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»(1992-يىل12-ئاينىڭ17-كۈنى)، «پاي چېكى تارقىتىش ۋە سودا قىلىشنى باشقۇرۇش ھەققىدىكى ۋاقىتلىق بەلگىلىمە»(1993-يىل4-ئاينىڭ22-كۈنى) دۆلەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتى كومىتېتى قاتارلىق بەش تارماق بىرلىكتە ئېلان قىلغان «ھەسسىدارلىق تۈزۈمىدىكى كارخانىلارنى نۇقتىدا سىناق قىلىش چارىسى» (1992-يىل 5-ئاينىڭ 15-كۈنى) ھەمدە دۆلەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتى كومىتېتى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان «چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرىنىڭ قائىدىسى ھەققىدىكى پىكىر»، «چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركەتلىرىنىڭ قائىدىسى ھەققىدىكى پىكىر» ۋە باشقا مىنىستىرلىق، كومىتېتلار ئېلان قىلغان ھەسسىدارلىق تۈزۈمىدىكى نۇقتىدا سىناق قىلىنغان كارخانىلارغا ئالاقىدار ھەرخىل «ۋاقىتلىق بەلگىلىمە»لەر؛ ئىككىنچى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى»نىڭ لايىھىسىنى تۈزۈش خىزمىتى چىڭ تۇتۇلىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بىرقانچە قېتىملىق قاراپ چىقىشىدىن كېيىن، 1993-يىل 12-ئاينىڭ 29-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-سانلىق يىغىنى ئاخىر «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «شىركەت قانۇنى» دەپ ئاتىلىدۇ)نى ماقۇللىدى. بۇ قانۇن ئون بىر بابقا بۆلۈنگەن. جەمئىي 230 ماددا بولۇپ، 1994-يىل 7-ئاينىڭ  1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلدى. دۆلىتىمىزدە تار مەنىدە ئېيتىلىۋاتقان شىركەت قانۇنى دەل مانا مۇشۇ قانۇننى كۆرسىتىدۇ.



3. شىركەت قانۇنىنىڭ پرىنسىپلىرى


«شىركەت قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسلانغاندا، دۆلىتىمىز شىركەت قانۇنىنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئالتە تۈرلۈك پىرىنسىپى بار:
بىرىنچى، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى بىلەن كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىلەرنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۆزئارا ئايرىۋېتىش. شىركەتنىڭ پايچىكلىرى مەبلەغ سالغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن شىركەتكە قوشقان كاپىتالىنىڭ مىقدارى بويىچە ئىگىدارلىق قىلىدىغان مال-مۈلۈكتىن تاپاۋەت قىلىش، مۇھىم تەدبىرلەرنى بەلگىلەش، باشقۇرغۇچىلارنى تاللاش قاتارلىق ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ. شىركەتنىڭ دۆلەت ئىلكىدىكى مال-مۈلكىگە ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى دۆلەتكە مەنسۇپ بولىدۇ. شىركەت پايچىلار قوشقان مەبلەغدىن شەكىللەنگەن بارلىق قانۇنىي ئىگىگە مەنسۇپ مال-مۈلۈك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.


ئىككىنچى، شىركەت ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىش، پايدا-زىيانغا ئۆزى مەسئۇل بولۇش، شىركەت ئۆزىنىڭ بارلىق قانۇنىي ئىگىگە مەنسۇپ مال-مۈلكى بىلەن قانۇن بويىچە ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىدۇ. پايدا-زىيانغا ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. شىركەت ئىقتىسادىي ئۈنۈم ۋە ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈش، مال-مۈلكى بىلەن قانۇن بويىچە ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىدۇ. پايدا-زىيانغا ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. شىركەت ئىقتىسادىي ئۈنۈم ۋە ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈش، مال-مۈلۈكلەرنىڭ قىممىتىنى ساقلاش، ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ، دۆلەتنىڭ ماكرو جەھەتتىن تەڭشەش-تىزگىنلىشى ئاستىدا، بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى ئۆز ئالدىغا ئۇيۇشتۇرىدۇ.


ئۈچىنچى، شىركەتتە ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئېنىق ئايرىش، ئىلمىي باشقۇرۇش، رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن چەكلەش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن ئىچكى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى يولغا قويۇلىدۇ.



تۆتىنچى، شىركەت قۇرۇش ۋە دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلارنى شىركەتكە ئۆزگەرتىش قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرت ۋە تەرتىپلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم. چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرى، ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركەتلىرىنى قۇرۇش «شىركەت قانۇنىي»دا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. قانۇن، مەمۇرىي قانۇن-نىزاملاردا شىركەت قۇرۇشتا تەستىقلىتىش لازىملىقى بەلگىلەنگەن بولسا، شىركەتنى تىزىملاشتىن ئىلگىرى قانۇن بويىچە تەستىقلىتىش رەسمىيىتىنى بىجىرىش كېرەك. دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلارنى شىركەتكە ئۆزگەرتىشتە، قانۇن، مەمۇرىي قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن شەرت ۋە تەلەپلەر بويىچە، ئىگلىك باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئۆزگەرتىش، مال-مۈلۈكنى قەدەم-باسقۇچلۇق ھالدا ئېنىقلاش، ئىگىدارلىق ھوقۇقىنىڭ دائىرىسىنى بەلگىلەش، تۆلىتىۋېلىش ھوقۇقى ۋە قەرزدارلىق مەجبۇرىيىتىنى تەرتىپكە سېلىش، مال-مۈلۈكنى باھالاش، قېلىپلاشتۇرۇلغان ئىچكى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇش كېرەك.


بەشىنچى، شىركەت قانۇنى بويىچە تىجارەت قىلىش كېرەك، ئۇنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. شىركەت قانۇن بويىچە تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا قانۇنغا، كەسىپ ئەخلاقىغا رىئايە قىلىشى، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، ھۆكۈمەت ۋە جامائەتچىلىكنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. شىركەتنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىتىلمايدۇ.
ئالتىنچى، شىركەت ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش. شىركەت ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدىشى، ئەمگەك مۇھاپىزىتىنى كۈچەيتىشى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. شىركەتتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر قانۇن بويىچە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرىدۇ. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ. ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ. دۆلەت ئىلكىدىكى ئۆز ئالدىغا مەبلەغ سېلىنىدىغان شىركەتلەر ۋە دۆلەت ئىلكىدىكى ئىككىدىن ئارتۇق كارخانا ياكى باشقا ئىككىدىن ئارتۇق دۆلەت ئىلكىدىكى مەبلەغ سالغۇچى سۇبيېكتلار مەبلەغ سېلىپ قۇرغان چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئاساسىي قانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى ۋە باشقا شەكىللەر ئارقىلىق دېموكراتىك باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ.
---------------------------------------------

«ئىقتىسادىي قانۇنشۇناسلىق» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى