ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھەق تەلەپ ئىقتىسادىي جاۋابكارلىق

ھەق تەلەپ ئىقتىسادىي جاۋابكارلىق

ۋاقتى: 2016-11-09 ئاۋاتلىقى: 466 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 بېشى «مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىشنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى» بۇ يەردە!

 

2. ھەق تەلەپ ئىقتىسادىي جاۋابكارلىق
1. سېتىلىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ مەھسۇلاتتا بولۇشقا تېگىشلىك ئىشلىتىلىش خۇسۇسىيىتى بولمىغان ھەمدە ئىشتىن ئاۋۋال چۈشەندۈرۈش بېرىلمىگەنلىرى، مەھسۇلاتتا ياكى ئورالمىدا ئىزاھلىنىپ قوللىنىلىدىغان مەھسۇلات ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىرى، مەھسۇلات چۈشەندۈرۈشى، ھەقىقىي مال ئەۋرىشكىسى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئىپادىلىنىدىغان سۈپەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىرى، ساتقۇچىلار مەھسۇلاتنى رېمونت قىلىش، ئالماشتۇرۇپ بېرىش، قايتۇرۇۋېلىش، زىياننى تۆلەپ بېرىشكە مەسئۇل بولغاندىن كېيىن، ئەگەر ئىشلەچىقارغۇچىلار ۋە مال بىلەن تەمىنلىگۈچىلەردىن تۆلەم تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق. توختامدا ئايرىم كېلىشىم بولغانلىرى توختامدىكى كېلىشىم بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
2. مەھسۇلاتتا نۇقسان بولۇپ باشقىلارغا جىسمانىي، مال-مۈلۈك جەھەتتە زىيان يەتكۈزگەن بولسا، مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغۇچىلار تۆلەم تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئىشلەپچىقارغۇچىلار تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بارلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىسە، يەنى: (1) مەھسۇلات ئوبوروت قىلىنمىغان بولسا؛ (2) مەھسۇلات ئوبورۇت قىلىنغاندا، زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان نۇقسانلار مەۋجۇت بولمىغان بولسا؛ (3) مەھسۇلات ئوبوروت قىلىنغان چاغدىكى پەن-تېخنىكا سەۋىيەسى تېخى نۇقسان بارلىقىنى سېزەلمەيدىغان ئەھۋالدا بولسا، تۆلەم تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
3. ساتقۇچىنىڭ خاتالىقى تۈپەيلىدىن مەھسۇلاتتا نۇقسان-كەمتۈكلۈك كۆرۈلۈپ باشقىلارغا جىسمانىي، مال-مۈلۈك جەھەتتە زىيان كەلتۈرگەن بولسا ياكى ساتقۇچىلار كەمتۈك-نۇقسانلىق مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقارغۇچىلار ياكى مال بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنى كۆرسىتىپ بېرەلىسە، ساتقۇچىلار تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
4. مەھسۇلاتتا نۇقسان بولۇپ، زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغۇچىغا جىسمانىي جەھەتتىن زىيان يەتكۈزگەن بولسا، زىيانغا ئۇچراتقۇچى داۋالىنىش خىراجىتى، خىزمەتتىن قالغانلىقتىن كېمىيىپ كەتكەن كىرىمى، مېيىپ بولۇپ قالغۇچىنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلى قاتارلىق خىراجەتلەرنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، دەپنە خىراجىتى، نەپىقە پۇلى، ئۆلگۈچى ھايات چېغىدا باققان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش پۇلى قاتارلىق خىراجەتلەرنى تۆلىشى كېرەك. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ مال-مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، زىيانغا ئۇچراتقۇچى مال-مۈلكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىشى ياكى پۇلغا سۇندۇرۇپ تۆلەپ بېرىشى كېرەك. زىيانغا ئۇچىرىغۇچى بۇ سەۋەبتىن باشقا زور زىيانلارغا ئۇچرىغان بولسا، زىيانغا ئۇچراتقۇچى زىياننى تۆلەپ بېرىشى كېرەك.
5. مەھسۇلاتتا نۇقسان بولۇشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان چەت ئەللەرگە چېتىلىدىغان ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش زىيىنى تۆلىمى دۆلىتىمىزنىڭ «ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى» دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر ياقىلىق قىلىنىدۇ.
6. مەھسۇلاتتا نۇقسان بولۇش تۈپەيلىدىن جىسمانىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغان، باشقىلارنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ مەھسۇلاتىنى ئىشلەپچىقارغۇچىدىن تۆلەم تۆلەشنى تەلەپ قىلىشقا بولىدۇ، مەھسۇلاتنى ساتقۇچىدىن تۆلەم تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ. مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقارغۇچىنىڭ جاۋابكارلىقىغا مەنسۇپ بولۇپ، ساتقۇچى تۆلىگەن بولسا، ساتقۇچى ئىشلەپچىقارغۇچىدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق. مەھسۇلاتنى ساتقۇچىنىڭ جاۋابكارلىقىغا مەنسۇپ بولۇپ، ئىشلەپچىقارغۇچى تۆلىگەن بولسا، ئىشلەپچىقارغۇچى ساتقۇچىدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.
7. زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ قەستەنلىكى سەۋەبىدىن زىيان كېلىپ چىققان بولسا، ئىشلەپچىقارغۇچى، ساتقۇچى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ سەۋەنلىكىدىن زىيان كېلىپ چىققان بولسا، ئىشلەپچىقارغۇچى، ساتقۇچىنىڭ تۆلەش جاۋابكارلىقىنى يېنىلىتىشكە بولىدۇ.
-----------------------------------------

«ئىقتىسادىي قانۇنشۇناسلىق» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى