ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىگىلىك تىكلەش---شىركەتكە شېرىك تاللاش (2)

ئىگىلىك تىكلەش---شىركەتكە شېرىك تاللاش (2)

ۋاقتى: 2016-03-08 ئاۋاتلىقى: 705 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بىرىنچى بۆلىكى: ئىگىلىك تىكلەش---شىركەت قانداق قۇرۇلىدۇ؟ (1) بۇ يەردە!
 
شىركەتنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ناھايىتى ئاددى، رويخەتكە ئالدۇرۇشتىن ئاۋۋال، سىز چوقۇم ئۆزىڭىز يالغۇز قىلىشىنى ياكى بىر نەچچە ئادەم بىلەن بىرگە قىلىشنى ئويلىشىشىڭىز كېرەك. 
كۆپ ساندىكى شىركەتنىڭ كەسىپ+بازار ۋە باشقا مالىيە ئىشلىرىنى باشقىلارغا كۆتىرە بەرسە بولىدۇ، مەمۇرىيەت ۋە ئارقا سەپ تەمىنات ئىشلىرىنى بىرگە ئېلىپ بارسا بولىدۇ، لېكىن ئاز بولغاندىمۇ بىر تېخنىكا باشقۇرغۇچى، بىر ئاساسلىق بازار باشقۇرغۇچىنىڭ ئىشىنى ئايرىمىسا بولمايدۇ، كۆپلىگەن كەسىپ نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇ خىل ۋەزىپە ئايرىشقا بىر ئادەم ماس كەلمەيدۇ، چوقۇم مۇۋاپىق شېرىك بولۇشى كېرەك.
شۇنىڭ ئۈچۈن شىركەتنى رويخەتكە ئالدۇرۇشتىن ئاۋۋال چوقۇم شېرىك تاللاش كېرەك، چۈنكى شېرىك سىز بىلەن ھەمكارلىقنى خالايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى ئۇ شىركەتنىڭ پاي ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ، بۇنى شىركەتنى رويخەتكە ئالدۇرۇشتىن ئاۋۋال چوقۇم تونۇپ يېتىش كېرەك، شىركەتنى قۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئايرىش ناھايىتى ئاۋارىچىلىق.
ھالبۇكى كىچىك شىركەتكە شېرىك تاللاش ئەڭ ئاۋارىچىلىق بىر ئىش، بۇ دائىم شىركەت ۋەيران بولۇش تاقىلىپ قېلىشنىڭ تۈپ سەۋەبى بولۇپ قالىدۇ، كۆپچىلىكتە ئورتاق نىشان ۋە ماس كېلىدىغان مىجەز-خۇلقنىڭ بولماسلىقى، پەقەت ئۇقۇشماسلىق بىلەن بىرگە كەلگەن بولسا، ئاخىرى ھامان ئايرىلىشقا مەجبۇرى بولىدۇ.
سىزدىن سوراپ باقسام، قانداق قىلغاندا شېرىكىنى ياخشى تاللىغىلى بولىدۇ؟
مەن بۇ سوئالغا سەمىمىيلىك بىلەن جاۋاپ بەرسەم، بۇ سوئالنىڭ ئۆلچەملىك جاۋابى يوق، بەزى كىشىنى سىز ياقتۇرمايسىز، بىراق ئۇلاردا سىزدە بولمىغان نەرسە بار، سىز چوقۇم ئۇنى ھەمكارلىشىشقا چاقىرسىڭىز، يەنە كېلىپ ئىشنى چوڭ قىلىشقا تۇتۇش قىلسىڭىز، چوقۇم باشقا سىرتقى كۈچ يېتىشتۈرۈشكە تەييارلىق قىلىڭ؛ بەزى كىشىلەر ھازىر پۇلغا سەل نەزەر سالمىغىنى بىلەن، پۇل بولغاندىن كېيىن ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى پۇل بولىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ئاۋارىچىلىق.
#p#
ھازىر قاراشقا تېگىشلىك بولغىنى كېيىنكى دەل مۇشۇ ئادەم ئەمەس، چۈنكى ئادەم ئۆزگىرىدۇ، ئۆزىمىزمۇ شۇنداق، شۇنىڭ ئۈچۈن شېرىك تاللاش بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە.
كىچىك شىركەت قۇرۇپ ئىگىلىك تىكلەشتە، ئىمكانقەدەر شېرىكلەشمەسلىك كېرەك، ئۇنداق بولمىغاندا %80 كۆڭۈلسىزلىك پەيدا قىلىدۇ.
ئىككىنچى مۇھىم ۋەزىپە، ئەگەر شېرىك تاللاشقا توغرا كەلسە، چوقۇم يېزىق بىلەن پۈتكەن ئىككى تەرەپ مەسئۇلىيەت، ۋەزىپە، كۈچ چىقىرىش، جاۋاب قايتۇرۇش شەكلى ئېنىق بولغان يېزىقچە توختام بولۇشى كېرەك، بىراق ئىگىلىك تىكلىگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۆزلىگەن ئىشنى ئۆزى چۈشەنمىسە، ئېنىق يېزىپ چىقىش ناھايىتى قىيىن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاغىنىلەر ھەققانىي بولسا، كېيىنكى ئاغرىنىشتىن ساقلىنىپ قالغىلى بولىدۇ.
بۇ تەرەپتە ئۇنچە ئاقىلانە بولمىغاندا، بۇنداق كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ناھايىتى مۇرەككەپ، ئەگەر ئۆزىنىڭ ئايالىنى شېرىك قىلىپ تاللىسا، ھېچقانداق مەسىلە يوق بولامدۇ؟ بۇنىڭغا بىر نېمە دېيىش ھەقىقەتەن قىيىن، خوتۇن بولۇشقا ماس كەلگەن ئادەمنىڭ شېرىك بولۇشقا ماس كېلىشى ناتايىن.
بۇ دۇنيادىكى ئىشلار ھەقىقەتەن مۇرەككەپ.
ئىشقىلىپ شېرىك تاللاش شىركەت قۇرۇشتىكى بىرىنچى يول، ئەگەر ئىشەنچىڭىز بولسا، ئۇنداقتا شىركەتنى قانداق رويخەتكە ئالدۇرۇشنى كۆرۈپ بېقىڭ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى