ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

سوم بېلىقى ھادىسىسى

سوم بېلىقى ھادىسىسى

ۋاقتى: 2012-12-06 ئاۋاتلىقى: 391 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىلگىرى، ساردىنا بېلىقى يۆتكەش جەريانىدا، ئۇنىڭ تىرىكلىك نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن بولغان ئىدى. كېيىن كىشىلەر ئەگەر ساردىنا بېلىقىنىڭ ئارىسىغا بىر سوم بېلىقىنى قوشۇپ قويسا، ئەھۋالدا باشقىچە ئۆزگىرىش بولۇپ، ساردىنا بېلىقىنىڭ تىرىكلىك نىسبىتى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۇنداقتا، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە ئۈچۈن؟
ئەسلىدە، سوم بېلىقى بىر ناتۇنۇش مۇھىت ئىچىگە قويۇلغاندا، ئۇنىڭ خاراكتېرى تولىمۇ «چېچىلاڭغۇ» بولۇپ كېتىدىكەن-دە، قالايمىقان ئۈزۈشكە باشلايدىكەن. بۇ كۆپ ساندىكى جىمجىت ساردىن بېلىقىغا نىسبەتەن، شەكسىز بىر قوچۇش رولىنى ئوينايدىكەن-دە، ساردىنا بېلىقى بۇنداق «غەيرىي تىپ» كىرىپ قالغانلىقى ئۈچۈن تەبئىيلا جىددىيلىشىشكە باشلايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇمۇ تېزلىكتە ئۈزۈشكە باشلايدىكەن-دە، ساردىنا بېلىقىغا ئوكسېگىن كەمچىل بولۇش مەسىلىسى تەبئىيلا ھەل بولۇپ، ساردىنا بېلىقىنىڭ ئۆلۈپ كېىتىشمۇ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدىكەن.
 
بىر كوللېكتىپنىڭ خىزمىتى تۇراقلىق ھالەتكە بارغاندا، ھەمىشە خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ئاكتىپچانلىقى ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ. «بىر ئىناق» كوللېكتىپنىڭ چوقۇم بىر يۇقىرى ئۈنۈملۈك كوللېكتىپ بولۇشى ناتايىن، بۇ ۋاقىتتا «سوم بېلىقى ھادىسىسى» ناھايىتى ياخشى «داۋالاش» رولىنى ئوينايدۇ. بىر كوللېكتىپتا، ئەگەر باشتىن-ئاخىرى بىر «سوم بىلىقىسىمان» خادىم بولغاندا، شەكسىز ھالدا خىزمەتچىلەر قوشۇنىنى غىدىقلاش، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.
«سوم بىلىقى ھادىسىسى» كارخانا رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ خىزمەتچىلەرنىڭ قىزغىنلىقىنى قوزغىتىش تەدبىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ ئىپادىسى ئىككى تەرەپتىن بولۇپ، بىرى كارخانىنى ئۆزلۈكسىز يېڭى قان ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىپ، جاسارەتلىك باي، تەپەككۇر چاققان ياشلارنى قوشۇنغا ھەتتا باشقۇرۇش قاتلىمىغا قوبۇل قىلىپ، ئورنىدا قەدەملەپ ماڭىدىغان، بېكىنمە ھالەتتە كونا ھورۇنلۇق ھالىتىنى ساقلاپ قالغۇچى خىزمەتچىلەر ۋە بىيۇروكراتلار ئۈچۈن رىقابەت بېسىمى ئېلىپ كېلىش ئارقىلىق بۇ خىل «ساردىنا بېلىقىسىمان» خىزمەتچىلەرنىڭ ياشاش ئېڭى ۋە رىقابەتتە غەلىبە قىلىش ئېڭىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆزلۈكسىز ھالدا يېڭى تېخنىكا، يېڭى ھۆنەر-سەنئەت، يېڭى ئەسلىھە، يېڭى باشقۇرۇش ئىدىيەسىنى كىرگۈزۈپ، كارخانىنىڭ بازاردىن ئىبارەت كەسكىن جەڭ مەيدانىدا مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ، بازارنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلاشقىلى بولىدۇ.
ئۇنداقتا، سوم بېلىقى ھادىسىسىنىڭ قوللىنىشى قانداق بولىدۇ؟ قېنى دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى يازمىدا بولسۇن
سوم بېلىقى ھادىسىسىنىڭ قوللىنىشى
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى