ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

شىنجاڭلىق ياراملىق يىگىتلەر: «80–يىللاردا تۇغۇلغانلار» ئارىسىدىكى ئىگىلىك تىكلىگەن پەرھات ۋە قاھار

شىنجاڭلىق ياراملىق يىگىتلەر: «80–يىللاردا تۇغۇلغانلار» ئارىسىدىكى ئىگىلىك تىكلىگەن پەرھات ۋە قاھار

ۋاقتى: 2016-06-23 ئاۋاتلىقى: 1733 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

شىنجاڭلىق ياراملىق يىگىتلەر: «80–يىللاردا تۇغۇلغانلار» ئارىسىدىكى ئىگىلىك تىكلىگەن پەرھات ۋە قاھار
[قىسقىچە تونۇشتۇرۇش]
شىنجاڭدىن كەلگەن بۇ ئىككى ياراملىق يىگىتنىڭ بىرى شاڭخەيدە، يەنە بىرى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنخۇا شەھىرىدە ئىگىلىك تىكلىدى.
يېشى 30 دىن ئاشقان پەرھات ئادىل ئىلگىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئاپتونوم رايون بويىچە تەبىئىي پەن ئەلىيۇلئەلاسى بولۇپ، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغانىدى. ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، پەرھات ئادىل ‹‹شىنلاڭ›› شىركىتىگە خىزمەتكە قوبۇل قىلىندى. قىسقىغىنا ئىككى يىلدا ئۇ سودا ئىشلىرى مۇھەررىرلىكىدىن ئۆسۈپ، تۈرگە مەسئۇل دىرېكتورلۇق ئورنىغا چىقتى. 2013 – يىلى، ئېلىمىزنىڭ يېمەك – ئىچمەك كەسپى جانلانغان مەزگىلدە، IT كەسپىدىكى بۇ ئىقتىدارلىق يىگىت ئىگىلىك تىكلەش يولىنى تاللاپ، ئەڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە، خەلقئارالاشقان چوڭ شەھەر شاڭخەيدە شىنجاڭ كاۋاپخانىسىنى ئاچتى.

ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىدىكى يەنە بىر شەھەر جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنخۇا شەھىرىدە، ئوخشاشلا ‹‹80 – يىللاردا تۇغۇلغانلار›› قاتارىدىكى ئىگىلىك تىكلىگەن يىگىت قاھار بەسىر قۇرغان جىنخۇا شەھىرى ‹‹بالىلار پورتى›› ئىنگلىز تىلى مەكتىپى شۇ جايدىكى ئەڭ چوڭ ئىنگلىز تىلى بويىچە تەربىيەلەش ئاپپاراتى ھېسابلىنىدۇ. يېشى ئەمدىلا 30 دىن ئاشقان، شىنجاڭدىن بۇ گۈزەل شەھەرگە كېلىپ ئىگىلىك تىكلىگەن قاھار بەسىر دادىللىقى ۋە قىزغىنلىقى بىلەن تونۇلدى. ئۇ شۇ جايدىكى ئىنگلىز تىلى ساھەسىدە نام چىقاردى. 2014 – يىلى يازلىق تەتىلدە، ئۇ ‹‹بىر يۈەنلىك ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش›› پاراۋانلىق تۈرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، جىنخۇا تەربىيەلەش مەكتىپى كەسىپداشلار تەرىپىدىن ‹‹مۇمكىن ئەمەس›› دەپ قارالغان بۇ تۈر ئارقىلىق شۇ جايدىكى 500 دىن ئارتۇق ياش، ئۆسمۈرنى ساپ ئەنگلىيە ئۇسلۇبىدىكى ئىنگلىز تىلى ئوقۇتۇشى بىلەن تەمىنلىدى. قاھار بەسىرنىڭ باشقىلارنىڭ نەزەرىدىكى ئالىيجاناپ پەزىلىتى دەل شىنجاڭ روھىنىڭ نامايەندىسىدۇر.

[شەخسلەر ئارخىپى]
ئىسىم-فامىلىسى: قاھار بەسىر
يېشى: 34 ياش
يۇرتى: ئاقسۇ
ھازىرقى تۇرۇشلۇق جايى: جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنخۇا شەھىرى.
كەسپى: جىنخۇا شەھىرى ‹‹بالىلار پورتى›› ئىنگلىز تىلى بويىچە تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ مۇدىرى.
جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنخۇا شەھىرىدە، ئىنگلىز تىلى بويىچە تەربىيەلەش تىلغا ئېلىنسا، قاھار بەسىر ۋە ئۇنىڭ چەت ئەللىك ئوقۇتقۇچىلار كوللېكتىپى ئالاھىدە تەرىپلىنىدۇ. قاھار بەسىر ئادەتتىكى بىر ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسىدىن بۇ ساھەدىكى زور تەسىر كۈچىگە ئىگە BOSS دەرىجىلىك مەكتەپنىڭ مۇدىرى بولغۇچە پەقەت ئالتە يىل ۋاقىت سەرپ قىلدى.
باشقىلارنىڭ ھەر خىل سۆزلىرىگە پەرۋا قىلماي، ‹‹بىر يۈەنگە ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش›› جامائەت پاراۋانلىقى ئوقۇتۇشىنى ئومۇملاشتۇرۇش
2014 – يىلى يازلىق تەتىلدە، جىنخۇا شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ ئىنگلىز تىلى بويىچە تەربىيەلەش مەكتىپى ‹‹بىر يۈەنگە ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش›› بىر يۈەن خەجلەپلا يازلىق تەتىللىك ئىنگلىز تىلى كۇرسى شۇنداقلا چەت ئەل مائارىپى بويىچە ئامېرىكا ئۇسلۇبى بويىچە ئوقۇتۇش كۇرسىغا قاتنىشىش توغرىسىدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرىنى ئېلان قىلدى. بۇ ياش مەكتەپ مۇدىرى قاھار بەسىرنىڭ قارارى ئىدى.
تەربىيەلەش ئورنى كۆپىنچە پايدا ئېلىشنى ئاساس قىلىدۇ، يازلىق تەتىل كىرىم قىلىشنىڭ ئالتۇن مەزگىلى، ئەمما يۇقىرىقىدەك تەربىيەلەش كۇرسى ئاچقاندا مەكتەپ پۇل تاپالامدۇ؟ قاھارنىڭ بۇ قارارى ھەممەيلەننى تولىمۇ ھەيران قالدۇردى. مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەچچە ئون خادىم بۇنىڭدىن گۇمانلاندى. مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى فاڭ لېي: بارلىق تەربىيەلەش مەكتەپلىرى يازلىق تەتىلدە كۆپ پايدا ئېلىشنى كۆزلەيدۇ، سىز ‹‹بىر يۈەنگە ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش››نى يولغا قويسىڭىز ‹‹كۆپچىلىكنىڭ رەقىبى››گە ئايلىنىپ قالىسىز. تىل بويىچە تەربىيەلەش مەكتىپىگە نىسبەتەن، ئالتە ھەپتە پەقەت چىقىم قىلىپ كىرىم قىلماسلىق تولىمۇ خەتەرلىك، دېدى.
قاھار ھەر تەرەپلىمە بېسىم ۋە گۇمانلارغا پەرۋا قىلماي، ئۆز پىلانىنى يۈرەكلىك يولغا قويدى. ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ئىككى ھەپتىدە 500دىن ئارتۇق بالا راستىنلا پەقەت بىر يۈەن پۇل خەجلەپ بۇ مەكتەپكە كېلىپ ئىنگلىز تىلى ئۆگەندى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ گۇمانى ۋە كەسىپداشلىرىنىڭ مۇنازىرىسىگە قارىتا قاھارنىڭ ئويى ئارزۇ – ئىستەككە ئوخشاش ناھايىتى ئاددىي ئىدى.
قاھار مۇنداق دېدى: ئېغىزتىلى ئۆگىنىشىدە پىسخىكا ئۆتكىلىدىن ئۆتمەك ئەڭ قىيىن، مېنىڭ ئىنگلىزتىلىنى ئەمدىلا ئۆگىنىۋاتقانلارغا دېمەكچى بولغىنىم، چەت ئەل تىلى ئوقۇتقۇچىسى ئالدىدا جىددىيلەشمەڭ، ئېنگلىز تىلىدا سۆزلەشتىن قورقماڭ، ئەمەلىيەتتە ئىنگلىزتىلى ئۆگىنىش تولىمۇ ئاسان، تولىمۇ كۆڭۈللۈك بىر جەريان. لېكىن مەملىكەت ئىچىدە ساپ چەت ئەل تىلى ئوقۇتۇش كۇرسىنىڭ ئوقۇش ھەققى تولىمۇ قىممەت، ھەممىلا ئائىلىنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇش پۇلىنى تۆلىيەلىشى ناتايىن. مەن يىل بويى ئوقۇش پۇلى ئەرزان كۇرسلارنى ئېچىشقا ئامالسىز بولساممۇ، ھېچبولمىغاندا يازلىق تەتىلدە بولسىمۇ تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەردىكى بالىلارغا كۇرس ئېچىپ بېرەلەيمەن. بۇنىڭدىن كېيىن بىز ھەر يىللىق يازلىق تەتىلدە ‹‹بىر يۈەنگە ئىنگلىزتىلى ئۆگىنىش››نى يولغا قويۇشتا مانا مۇشۇ ئىدىيەنى تارقىتىشنى مەقسەت قىلىمىز.
بىر تەربىيەلەش ئورنىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلماي، تېخىمۇ كۆپ بالىلارنى ئىنگلىز تىلىغا قىزىقتۇرۇشنى شۇنداقلا بالىلارنىڭ ئىنگلىز تىلىنى ياخشى ئۆگىنىشىنى ئۈمىد قىلدى، بۇنىڭغا يەنە نېمە سەۋەب بولدى؟
قاھار: ‹‹بىر خىل تىل بىر خىل تەپەككۇر ۋە نەزەر دائىرىگە ئىگە قىلىدۇ. بىر خىل تىلنى ئارتۇق ئىگىلىگەن چېغىڭىزدىكى مەمنۇنىيەت ۋە خۇشاللىق تۇيغۇسىنى تەسۋىرلەپ بېرىش تولىمۇ تەس. مەن ئۈزلۈكسىز تىل ئۆگىنىش ئارقىلىق تارىم ئويمانلىقىدىن چىقىپ، جياڭنەن ۋادىسىغىچە كەلدىم››، دېدى. قاھار ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ۋە ئىنگلىزچە ئۈچ خىل تىلنى پىششىق ئىگىلەش جەريانى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: ئاتامغا رەھمەت ئېيتىمەن. 26يىل ئىلگىرى ئاتام مېنىڭ تۇرمۇشۇمغا تەسىر كۆرسىتىدىغان قارار چىقىرىپ، مېنى بىڭتۈەن 1 – شى ئوتتۇرا مەكتىپى قارىمىقىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشكە ئاپىرىپ بەرگەنىدى، ئاتامنىڭ شۇ قارارى تولىمۇ توغرا بولغانىكەن. خەنزۇ تىلى بىزنىڭ دۆلەت تىلىمىز، بىز خەنزۇ تىلىنى جەزمەن ياخشى ئۆگىنىشىمىز كېرەك.
قاھار ئاقسۇدىن بولۇپ، كىچىكىدىن باشلاپلا ئاتا – ئانىسى ئۇنى قوش تىلدا تەربىيەلەپ، ئەتراپىدىكى تەڭتۇشلىرىگە قارىغاندا تېخىمۇ كەڭ نەزەر دائىرىگە ئىگە قىلغان. 2000 – يىلى ئۇ شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى (ئەسلىدىكى غەربىي شىمال 2 – مىللەتلەر ئىنستىتۇتى)غا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتۈپ، ماتېماتىكا فاكۇلتېتىغا تەقسىم قىلىنغان. قاھار ئالىي مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن، كۆپ خىل تىل ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتكەن. شۇ چاغدا ئۇ ئىنگلىز تىلىغا ئىشتىياق باغلىغان ۋە بىر ئايدىن كېيىن ئىنگلىز تىلى فاكۇلتېتىغا يۆتكىلىپ، ئىنگلىز تىلى كەسپىي ئۆگىنىشىنى باشلىغان. ۋاھالەنكى، ئۇنىڭ ئىنگلىز تىلى ئاساسى ياخشى بولمىغاچقا، ئىنگلىز تىلى ئېغىز تىلى ئۇنىڭغا تولىمۇ تەس بىلىنگەن.
قاھار بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق ئاخىرىدا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن. مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 2003 – يىلى ئۇيۇشتۇرغان مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىنگلىزتىلىدا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە، قاھار نىڭشيا مۇسابىقە رايونى بويىچە 1 – لىككە ئېرىشكەن شۇنداقلا مەملىكەت بويىچە 32كۈچلۈك ماھىرنىڭ بىرى بولۇپ تاللانغان. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئىنگلىز تىلىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى ئىشلىتىش قاھارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ نىشانى ۋە يۆنىلىشى بولۇپ قالغان.
ئۇستاز بىلەن شاگىرت ھەمكارلىشىپ، ئورتاق ئىگىلىك تىكلىدى
قاھار ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ بېيجىڭ ۋە يىۋۇ شەھىرىدە ئىنگلىزتىلى تەرجىمانلىقى ۋە ئىنگلىز تىلى ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى. جېجياڭ رايونىنىڭ سودا كەيپىياتى تولىمۇ قويۇق بولۇپ، نۇرغۇن چەت ئەللىكلەر بۇ يەرگە مەبلەغ سېلىپ سودا قىلىدۇ، قاھار جىنخۇا شەھىرىدە تەرەققىي قىلىش يولىنى تاللىدى ۋە ئىنگلىزتىلى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ناھايىتى تېزلا نۇرغۇن دوستلار بىلەن تونۇشتى.
چەت ئەللىكلەر بىلەن سودا قىلىشتا ئېغىز تىلىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئالاقە قىلىش تولىمۇ مۇھىم. دەسلەپتە قاھار ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولغان چاغلىرىدا، چەت ئەللىك سودىگەرلەرگە ياردەملىشىپ خەنزۇ تىلىنى تەرجىمە قىلىپلا قالماي، يەنە جىنخۇا شەھىرىدە نۇرغۇن شاگىرت قوبۇل قىلىپ، ئۇلارغا ئىنگلىز تىلى ئۆگەتتى. ھەربىي سەپتىن كەسىپ ئالماشتۇرغان 41ياشلىق تاۋ دېچى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئىدى.
بەلگىلىك كىشىلىك مۇناسىۋەت توپلىغاندىن كېيىن، 29ياشلىق قاھار ئۆزى بىر تەربىيەلەش مەكتىپى ئېچىشنى قارار قىلغان بولسىمۇ، مەبلەغ مەسىلىسى ئەڭ چوڭ مەسىلە بولۇپ قالدى. بۇ چاغدا، ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىسى تاۋ دېچى شىركەت ئېچىپ، تاشقى سودا ساھەسىدە ئىشلىرى يۈرۈشۈپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ ئۇستازىنىڭ قىيىنچىلىققا يولۇققانلىقىنى بىلىپ، ئۇستازىغا ياردەم قولىنى سۇندى.
80 – يىللاردا تۇغۇلغان قاھار 70 – يىللاردا تۇغۇلغان تاۋ چىدې بىلەن كۆرۈشكەندە كۈلۈپ تۇرۇپ: ‹‹ئىلگىرى مەن سىزنىڭ ئۇستازىڭىز بولۇپ سىزگە تىل ماھارەت تېخنىكىسىنى ئۆگەتكەنىدىم، لېكىن كارخانا ئېچىشتا مېنىڭ تەجرىبەم يوق، شۇڭا سىز ماڭا ئۇستاز بولىسىز. ھازىر بىز باراۋەر مۇناسىۋەتتە بولدۇق››، دېدى. 2009 – يىلى جىنخۇا شەھىرى ‹‹بالىلار پورتى›› ئىنگلىز تىلى تەربىيەلەش مەكتىپى قۇرۇلۇپ، قاھار مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ، ئوقۇتۇشنى تۇتتى، تاۋ چىدې مەكتەپ لىدىرى بولۇپ، تىجارەت ۋە مالىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل بولدى. شۇنداق قىلىپ بۇ بىر جۈپ ئۇستاز – شاگىرت ھەمكارلىشىپ ئىگىلىك تىكلىدى.
قاھار بالىلارنىڭ ئىنگلىز تىلىغا بولغان قىزىقىشىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن مەكتەپتە چەت ئەل تىلى ئوقۇتۇش كۇلۇبى قۇردى شۇنداقلا بالىلار مەۋھۇم بانكىسى، بالىلار رادىيو ئىستانسىسى قاتارلىق ھەر خىل پائالىيەت قوشۇمچە ئوقۇتۇشى تەسىس قىلىپ، قىزىقارلىق ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئىنگلىز تىلىغا بولغان قىزىقىشىنى قوزغىدى.
كەسىپداشلىرىنىڭ نەزەرىدە قىزغىن، يۈرەكلىك قاھار ھۆرمەتكە سازاۋەر رەقىب ھېسابلىنىدۇ، لېكىن قاھارنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر قاھارنىڭ باراۋەر ئوقۇتۇش، خۇشال ئۆگىنىش قاتارلىق ئاكتىپ ئىدىيەسىنى ھېس قىلالايدۇ. قاھار مۇنداق دېدى: ‹‹مەن ئۆگىنىش جەريانىنىڭ كۆڭۈللۈك بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن. مېنىڭ نەزەرىمدە، ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆگىنىشى ئەلاچى بولغانغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم››، دېدى.
قاھار كەلگۈسىدە مەملىكەت ئىچىدە 100 تارماق مەكتەپ ئېچىپ، ئۆزىنىڭ تىل ئوقۇتۇش ئىدىيەسىنى تارقىتىش توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ مەكتەپلەر شەنشى، گەنسۇ، شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربىي شىمالغا نۇقتىلىق جايلىشىدۇ. بىز غەربىي شىمال يېزىلىرىدىكى بالىلارنىڭمۇ كەلگۈسىدە دېڭىز بويىدىكى تەرەققىي قىلغان ئۆلكىلەردىكى بالىلارغا ئوخشاش ئىنگلىز تىلى ئوقۇتۇشىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز.
جىنخۇا شەھىرى ‹‹بالىلار پورتى›› ئىنگلىز تىلى تەربىيەلەش مەكتىپىدە 30دىن ئارتۇق كىشىدىن تەشكىللەنگەن ساپ ئىنگلىز تىلى ئۇسلۇبىدا تىل ئۆگىتىش قوشۇنى بار، ئوقۇتقۇچىلار ئامېرىكا، كانادا، مېكسىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن بولۇپ، دەرسخانىدا قىزغىن، كۆپ مەنبەلىك چەت ئەللىك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇشى ۋە تۇرمۇشىنى تېخىمۇ موللاشتۇردى. ئامېرىكىدىن كەلگەن چەت ئەللىك ئوقۇتقۇچى JAYSON مۇنداق دېدى: قاھار بىزنىڭ خوجايىنىمىز، ئۇ ئوقۇتۇشقا تولىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇپ، ئەڭ ياخشى ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەپ چىقىشنى ئويلايدۇ. ئۇ بىزگە نۇرغۇن ياردەم بەردى، مەن مەكتەپتىكى خىزمىتىم ۋە جۇڭگودىكى تۇرمۇشىمدىن تولىمۇ مەمنۇن.
بەش يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق جىنخۇا شەھىرىدە ئاساس تىكلىگەن قاھارنىڭ كەسپى بارغانسېرى راۋاجلاندى، ئۇنىڭ تەربىيەلەش مەكتىپى شۇ جايدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئىنگلىز تىلى تەربىيەلەش ئورنىغا ئايلاندى. تېخىمۇ كۆپ جىنخۇالىقلار قاھاردىن ئىبارەت بۇ ھەقىقىي شىنجاڭلىق يىگىتنىڭ جىسمىدىن شىنجاڭلىقلارغىلا خاس بولغان غەيرەت – شىجائەتنى ھېس قىلدى.
[شەخسلەر ئارخىپى]
ئىسىم-فامىلىسى: پەرھات ئادىل
يېشى: 33 ياش
يۇرتى: ئاقسۇ
ھازىرقى تۇرۇشلۇق جايي: شاڭخەي شەھىرى
كەسپى: شاڭخەي شەھىرى شىنجاڭچە يېمەكلىكلەر چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى، ‹‹شىنجاڭچە ئەسلىي تەم›› كاۋاپخانىسىنىڭ خوجايىنى.
2014 – يىلى ‹‹جۇڭگو تائاملىرى››دىكى ‹‹سىرلىق دۇنيا›› پىروگراممىسىنىڭ قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، خوتەننىڭ يۇلغۇن كاۋىپى، شىنجاڭ نانلىرىدىن ئىبارەت شىنجاڭنىڭ بۇ ئىككى خىل ئەنئەنىۋى يېمەكلىكى تېز سۈرئەتتە تونۇلۇپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئىشتىيىنى قوزغىدى. بۇ مەززىلىك تائامنى تېتىغان كىشىلەرنىڭ يىراق ھەم سىرلىق شىنجاڭغا بولغان تەلپۈنۈشى كۈچەيدى. شاڭخەي شەھىرىنىڭ چاڭنىڭ يولى ‹‹شاڭجيې›› كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسى بىناسىدىكى ‹‹شىنلاڭ››نىڭ باش ئىشتابىدىكى شىنجاڭدىن كەلگەن بىر ياش ئىنژېنېر يۇرتىنىڭ بۇ مەززىلىك يېمەكلىكىدىن سودا پۇرسىتىنى ھېس قىلدى.
IT كەسپىدىكى ئىقتىدارلىق ياش يېمەك – ئىچمەك كەسپىگە يۈزلەندى
تومۇزدا شاڭخەينىڭ تىنجىق ئىسسىقلىرىغا بەرداشلىق بەرمەك قىيىن، گۇگۇمدا كىشىلەر ئۆيلىرىگە قايتىپ، ھاۋا تەڭشىگۈچتىن ھۇزۇرلىنىشقا ئالدىرايدۇ. بىراق، باۋشەن يولى مېترو بېكىتىنىڭ ئېغىزىدىكى ‹‹شىنجاڭچە ئەسلىي تەم›› كاۋاپخانىسى ئالدىدا، ناھايىتى كۆپ كىشى سەۋرچانلىق بىلەن ئۆچىرەتتە تۇرۇۋاتاتتى. بۇ كاۋاپخانىنىڭ كاۋىپىنى يەپ باققان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بۇ كاۋاپنىڭ تەمىنى ئۇنتۇپ قالمايتتى.
خېرىدارلار بۇ كاۋاپخانىنىڭ 30 ياشتىن ئاشقان خوجايىنى پەرھاتنى يېقىملىق، سەمىمىي، دەپ تەرىپلەيدۇ، ئۇنىڭ ئەقىللىقلىقى ۋە تىرىشچانلىقى ھەممەيلەننى قايىل قىلاتتى. ھازىرقى بۇ كاۋاپخانىنىڭ خوجايىنى دەل ئون نەچچە يىل بۇرۇنقى ئەلىيۇلئەلا ئىدى.
ئەسلىدە، 33 ياشلىق پەرھات ئادىل ئىلگىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئاپتونوم رايون بويىچە تەبىئىي پەن ئەلىيۇلئەلاسى بولۇپ، 2002 – يىلى فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغانىدى. ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، پەرھات ‹‹شىنلاڭ›› شىركىتىگە خىزمەتكە قوبۇل قىلىندى. دەسلەپتە ئۇ ئىنژېنېر بولدى، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى يىلدا ئۇ يەنە سودا ئىشلىرى مۇھەررىرلىكىدىن ئۆسۈپ، تۈرگە مەسئۇل دىرېكتورلۇق ئورنىغا چىقتى. 2013 – يىلى، ئېلىمىزنىڭ يېمەك – ئىچمەك كەسپى جانلانغان مەزگىلدە،IT كەسپىدىكى بۇ ئىقتىدارلىق ياش ئىگىلىك تىكلەش يولىنى تاللاپ، ئەڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە شاڭخەي شەھىرىدە شىنجاڭ كاۋاپخانىسىنى ئاچتى. ئەسلىدە، ئىلگىرى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، پەرھاتنىڭ كۆڭلىدە كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزىگە خاس ئۇسۇل بىلەن يۇرتىنى تەشۋىق قىلىش ئىستىكى تۇغۇلغانىدى. بۇ قېتىم پەرھات كاۋاپخانا ئېچىش ئارقىلىق يۇرتىنىڭ مەززىلىك تائاملىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ شىنجاڭغا بولغان قىزىقىشىنى قوزغاشنى قارار قىلدى.
پەرھات كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ‹‹شىنجاڭنىڭ قارلىق تاغ، قۇملۇق، يايلاقنى بىر گەۋدە قىلغان گۈزەل مەنزىرىسى بار، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قويۇق مىللىي ئۆرپ – ئادەتلىرى بار، بۇلار شەھەرلىكلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. شاڭخەينىڭ رەت – رەت خىزمەت بىناسىدىكى ئاق ياقىلىقلار شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرىنىڭ سېھرىي كۈچىدىن ئۆزىنى قاچۇرالمايدۇ. شىنلاڭ شىركىتىدە خىزمەت قىلىۋاتقىنىمدا، ھەر قېتىم ئائىلەمدىكىلەر ئەۋەتكەن يېمەكلىكلەرنى ئىشخانىغا ئېلىپ بارسام، خىزمەتداشلىرىم تالىشىپ يەپ كېتەتتى. شۇ چاغدىلا شاڭخەيدە ئۆزگىچە بىر ئاشخانا ئېچىپ سودا قىلىش بىلەن بىللە، يۇرتۇمنىڭ مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلسام، تولۇق نامايان قىلسام دەپ ئويلايتتىم››.
شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرىنى ‹‹ئالاقە تورى+›› ئارقىلىق ئەلگە تونۇتۇش
پەرھات مۇنداق دېدى: ‹‹يېمەك – ئىچمەك كەسپىنىڭ ئەنئەنىۋى مۇلازىمەت ئەندىزىسى مۇنداق: خېرىدارلار تاماق بۇيرۇتۇپ يەيدۇ، ئاندىن تاماقنىڭ پۇلىنى تۆلەپ كېتىدۇ، ئاشخانىنىڭ مۇلازىمىتى شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. بىراق <ئالاقە تورى+> دەۋرىدە، مەززىلىك تائاملار پەقەت ۋاسىتە بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي <ئىستېمال> قىلىدىغىنى ئەمەلىيەتتە مەززىلىك تائاملارغا سىڭگەن رايون مەدەنىيىتى ۋە تەبىئىي شارائىت ۋە ئۆرپ – ئادەت ئامىلى بولىدۇ››. پەرھات مۇنداق قارىدى: ‹‹ئاشخانىلار ئۈندىدار، مىكرو بىلوگ مۇنبىرى ئارقىلىق تورداشلار بىلەن تونۇشۇپ، ئۇزاق مۇددەتلىك ئالاقە ئورنىتىپ، تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، خېرىدارلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرۇشى ھەم ھەر خىل مەزمۇنلار ئارقىلىق ئۇلارنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇشى كېرەك››.
پەرھاتنىڭ ‹‹شىنجاڭچە ئەسلىي تەم›› كاۋاپخانىسىدا، خېرىدارلار تاماق تىزىملىكىدىن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەت خەلقىنىڭ ھېيت – بايراملىرى، مۇزىكىلىرى، كىيىم – كېچەكلىرى، ئۆرپ – ئادەتلىرى قاتارلىقلارنى چۈشىنەلەيدۇ ھەم تاماق تىزىملىكىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاش ئارقىلىق شۇ تاماقنىڭ ئەسلىي ماكانى ۋە پىشۇرۇش ئۇسۇلى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئىگىلىيەلەيدۇ. پەرھات مۇنداق دېدى: ‹‹خېرىدارلارنى شىنجاڭ مەدەنىيىتى سىڭدۈرۈلگەن ئەسلىي تەملىك مەززىلىك تائاملار بىلەن تەمىنلەيمەن››.
‹‹دەسلەپ تىجارەت باشلىغاندا، كاۋاپ، نان، سامسا، چوڭ تەخسىلىك توخۇ قورۇمىسى، ئىسلانغان گۆش قاتارلىق 30 نەچچە خىل يۈرۈشلۈك شىنجاڭچە تائاملارنى بىراقلا چىقىرىپ، ئالدىراشلىقتىن يېتىشەلمەي قالدۇق، نەتىجىدە، تاماق تۈرى بەك كۆپ بولغاچقا، خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرگىلى بولمىدى››، دېدى ئۇ. پەرھات ئۈچ ئايدىن كېيىن، سانلىق مەلۇماتلارنى ئېنىقلىغاندا، خېرىدارلارنىڭ كاۋاپ ۋە ناننى ئەڭ كۆپ ئالىدىغانلىقىنى بايقىدى.
‹‹بىز قايسى خىل تائام ئالقىشقا ئېرىشسە، شۇ تائامنى نۇقتىلىق چىقاردۇق، مەسىلەن: شىنجاڭچە تائاملاردىن ھازىر كاۋاپ، نان ۋە سامسا بار. ئەلۋەتتە، باشقا شىنجاڭچە مەززىلىك تائاملارنىمۇ تاشلاپ قويمىدۇق، ھازىر خۇڭكۇ رايونىدا 3 – ئاشخانىنى ئېچىشقا تەييارلىنىۋاتىمەن. بۇ قېتىم بۇ يېڭى ئاشخانىدا شىنجاڭچە چوڭ تەخسىلىك توخۇ قورۇمىسى ۋە لەڭمەن چىقىرىمەن››، دېدى پەرھات.
‹‹ئالاقە تورى+، خېرىدارلار سىناپ كۆرۈش، مەھسۇلاتنىڭ جەلپ قىلىش دەرىجىسى، ئارقا كۆرۈنۈشلۈك تونۇشتۇرۇش، چوڭ سانلىق مەلۇماتلار...›› كەسىپ ئۆزگەرتكىلى بىر يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، ‹‹شىنلاڭ›› شىركىتىدىن چىققان بۇ يىگىت يۇقىرىقىدەك كەسپىي ئىبارىلەرنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ. 2013 – يىلى، پەرھاتنىڭ ‹‹شىنلاڭ›› شىركىتىدىكى باشلىقى جاڭ جۇڭخاۋ خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، شىركەتتىن ئايرىلىپ ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولدى ۋە پەرھاتنى تەكلىپ قىلدى. پەرھات ئېھتىياتچانلىق بىلەن دەڭسەپ كۆرۈپ، جاڭ جۇڭخاۋ بىلەن بىللە ئىگىلىك تىكلەشنى قارار قىلدى، ئۇلار ئالاقىلىشىپ ‹‹شىنجاڭچە ئەسلىي تەم›› كاۋاپخانىسى ئېچىشنى قارار قىلدى. ئۇلارغا ئوخشاش ‹‹شىنلاڭ››دىن چىققان لى گۇاڭيۈ ئەنگلىيەنىڭ لوندوندىكى EMBA ئوقۇشىنى تاماملاپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، شاڭخەي ‹‹فامېن›› پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ، پەرھاتنى بۇ شىركەتنىڭ ئالاقە تور تىجارىتى باش نازارەتچىلىكىگە تەكلىپ قىلدى، يەنە مەبلەغ سالغۇچى بولۇپ، پەرھاتنىڭ ‹‹شىنجاڭچە ئەسلىي تەم›› زەنجىرسىمان 3 – ئاشخانىسىنىڭ ئېچىلىشىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىدى.

ھازىر پەرھاتنىڭ شاڭخەيگە كەلگىنىگە توپتوغرا ئون يىل بولدى، ئۇ بۇ شەھەرنى ناھايىتى ياقتۇرۇپ قالدى ھەم بۇ خەلقئارالىق چوڭ شەھەرنىڭ تۇرمۇشىغا ئاستا – ئاستا سىڭىپ كەتتى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى