ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

فوندقا مەبلەغ سېلىشتا كۆپ ئۇچرايدىغان تۆت خاتالىق

فوندقا مەبلەغ سېلىشتا كۆپ ئۇچرايدىغان تۆت خاتالىق

ۋاقتى: 2015-12-25 ئاۋاتلىقى: 663 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

نۆۋەتتە، فوندقا مەبلەغ سالغۇچىلاردا مۇنداق تۆت خاتا قاراش ساقلانماقتا:
بىرىنچى، بىر كېچىدىلا بېيىپ كېتىش قارىشى. بەزىلەر پاي ياكى فوندقا مەبلەغ سېلىپ نەچچە كۈنگىچە پايدا ئالالمىسا ئىچى تىتىلداپ كېتىدۇ. فوند سېتىۋالغاندا، ئاۋۋال ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ، فوندنىڭ تۈرىنى، مۇنەۋۋەر فوند باشقۇرۇش شىركىتىنى ياخشى تاللاش لازىم. فوند تاللىغاندا، فوندقا ئالاقىدار بارلىق ئۇچۇرلارنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئەتراپلىق ئىگىلىگەندە، ئۆزى تاللىغان فوندقا نىسبەتەن كۆڭلىدە سان بولىدۇ. شۇنىڭدا بىر _ ئىككى كۈنلۈك داۋالغۇش كەيپىياتقا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، بىر كېچىدىلا بېيىپ كېتىش خىيالىدىمۇ بولمايدۇ.
ئىككىنچى، فوند بازىرىدا بىر يۈەنلىكمۇ، تۆت يۈەنلىكمۇ، ئالتە يۈەنلىكمۇ فوند بار. لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر ئەرزان فوند ئېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بىر يۈەنلىك پىۋا 500 مىللىلېتىر بولسا، ئىككى يۈەنلىك پىۋا 1000 مىللىلېتىر بولىدۇ. شۇنىڭدەك، ئىككى يۈەنلىك فوند ئىككى يۈەنلىك پايدا ئەكېلىشى، بىر يۈەنلىك فوند بىر يۈەنلىك پايدا ئەكېلىشى مۇمكىن، بۇ قىممەت فوند بىلەن ئەرزان فوند ئوخشاش بولىدۇ دىگەنلىك. 
ئۈچىنچى، ‹‹ چولپان›› فوند قارىشى. ياخشى فوندنىڭ داۋاملىق ياخشى، ناچار فوندنىڭ داۋاملىق ناچار بۇلۇشى ناتايىن. فوندلارنىڭ قىسقا ۋاقىتتىكى ئىپادىسىگە قاراپلا، بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ. قولدىكى ناچار فوند بەلكىم ئەتە ياكى ئۆگۈن ‹‹ چولپان››فوندقا ئايلىنىپ قېلىشى، شۇنداقلا ھەممە كۆز تىككەن ‹‹چولپان›› فوند ئەتە ناچار فوند بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا ھەرگىز قىسقا ۋاقىتلىق نەتىجە پەرقىگە قاراپ گاڭگىراپ قالماسلىق لازىم.
تۆتىنچى، ئاز تەننەرخقە بەك ئەھمىيەت بېرىش قارىشى. كۆزى چۈشكەن فوند %30 پايدا ئېلىپ كەلسىلا، بىر– ئىككى پۇڭ پايدىسىغا ئېسىلىۋالماي، سېتۋىتىش، تۈگمىنى دەپ تۆگىدىن قۇرۇق قالماسلىق لازىم.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى