ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ مەبلەغ چىقىرىشى ۋە پاينىڭ ئاشكارا توپلىنىشى

تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ مەبلەغ چىقىرىشى ۋە پاينىڭ ئاشكارا توپلىنىشى

ۋاقتى: 2016-03-25 ئاۋاتلىقى: 483 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


4. تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ مەبلەغ چىقىرىشى ۋە پاينىڭ ئاشكارا توپلىنىشى

1)تەشەببۇس قىلغۇچىلار قانۇن بويىچە پاي سېتىۋېلىشى كېرەك.

ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى تەشەببۇس قىلىپ قۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق قۇرۇلغان بولسا، تەشەببۇس قىلغۇچىلار شىركەت تارقىتىشقا تېگىشلىك بارلىق پاينى سېتىۋېلىشى كېرەك.

ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى مەبلەغ توپلاپ قۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق قۇرۇلغان بولسا، تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ سېتىۋالغان پېيى شىركەت ئومۇمىي پېيىنىڭ 35%ىدىن ئاز بولماسلىقى كېرەك.

2)تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ مەبلەغ چىقىرىش ئۇسۇلى

تەشەببۇس قىلغۇچىلار پۇل ئارقىلىق مەبلەغ سالسىمۇ، ماددىي بۇيۇم، سانائەت مۈلۈك ھوقۇقى، پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشمىگەن تېخنىكا ۋە يەر ئىشلتىىش ھوقۇقىنى باھاغا سۇندۇرۇش ئارقىلىق مەبلەغ سالسىمۇ بولىدۇ. مەبلەغ سۈپتىدە سېلىنغان ماددىي بۇيۇم، سانائەت مۈلۈك ھوقۇقى، پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشمىگەن تېخنىكا ياكى يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى قاتارلىقلارنى باھالاپ باھاغا سۇندۇرۇش، مال-مۈلۈكنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئۇلارنى پايغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئۇلارنى ھەددىن زىيادە يۇقىرى ياكى تۆۋەن مۆلچەرلەپ باھاغا سۇندۇرۇشقا بولمايدۇ. يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى مۆلچەرلەپ باھاغا سۇندۇرۇش ئىشى قانۇن ۋە مەمۇرىي قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بېجىرىلىدۇ. تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ سانائەت مۈلۈك ھوقۇقى، پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشمىگەن تېخنىكىنى باھاغا سۇندۇرۇپ، سالغان مەبلىغى ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇلغان كاپىتالىنىڭ 20%ىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلارنى ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتىگە ئۆزگەتىپ قۇرۇشتا، دۆلەت ئىلكىدىكى مال-مۈلۈكلەرنى تۆۋەن باھادا پايغا سۇندۇرۇش، تۆۋەن باھادا  سېتىش ياكى شەخىسلەرگە ھەقسىز بۆلۈپ بېرىش قاتتىق مەنئىي قىلىنىدۇ.


3)تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ سالغان مەبلەغنى تاپشۇرۇشى

تەشەببۇس قىلىپ قۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى قۇرۇلغان بولسا، تەشەببۇس قىلغۇچىلار شىركەتنىڭ نىزامنامىسىدە تارقىتىش بەلگىلەنگەن پاينى تولۇق سېتىۋېلىپ دەپتەرگە چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، پاي پۇلىنى دەرھال تولۇق تاپشۇرۇشى كېررەك؛ ماددى بۇيۇم، سانائەت مۈلۈك ھوقۇقى، پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشمىگەن تېخنىكا ياكى يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى باھاغا سۇندۇرۇپ پاي پۇلى قىلغۇچىلارنى قانۇن  بويىچە ئۆزلىرى مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك. 

4)پاينىڭ ئاشكارا توپلىنىشى

مەبلەغ توپلاپ قۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى قۇرۇلغان بولسا، تەشەببۇس قىلغۇچىلار بەلگىلىمە بويىچە سېتىۋالغان پايدىن باشقا پايلارنى جەمىئىيەتتىن ئاشكارا توپلىشى كېرەك.

تەشەببۇس قىلغۇچىلار جەمئىيەتتىن ئاشكارا پاي توپلىغاندا، گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە باشقۇرۇش تارمىقىغا پاي توپلاش ئىلتىماسىنى سۇنۇشى ۋە شىركەت قۇرۇش تەستىقلانغان ھۆججەت، شىركەتنىڭ نىزامنامىسى، تىجارەت مۆلچەرنامىسى، تەشەببۇس قىلغۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ياكى نامى، تەشەببۇس قىلغۇچى سېتىۋالغان پاينىڭ سانى، مەبلەغ سېلىش تۈرى ياكى مەبلەغنى تەكشۈرۈش ئىسپاتى، پاي توپلاش چۈشەندۈرۈشى، پاي پۇلىنى ۋاكالىتەن ئالغان بانكىنىڭ نامى ۋە ئادېرىسى، سېتشنى ئۈستىگە ئالغان ئاپپاراتلارنىڭ نامى ۋە ئالاقىدار كېلىشىملەر قاتارلىق ئاساسلىق ھۆججەتلەرنى تاپشۇرۇشى كېرەك. تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ، جەمئىيەتتىن ئاشكارا پاي توپلىشىغا بولمايدۇ.

ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركەتلىرى گوۋۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئالغاندىن كېيىن، چېگىرا سىرتىدا ئاشكارا پاي توپلىسا بولىدۇ، ئۇنىڭ كونكرېت چارىسى توغرىسىدا گوۋۇيۈەن ئالاھىدە بەلگىلىمە چىقىرىدۇ.


تەشەببۇس قىلغۇچىلار جەمئىيەتتىن ئاشكارا پاي توپلىغاندا، پاي توپلاش چۈشەندۈرۈشىنى ئېلان قىلىشى ھەم پاي سېتىۋېلىش توختامنامىسىنى تۈزۈپ چىقىشى لازىم. پاي توپلاش چۈشەندۈرۈشىگە تەشەببۇس قىلغۇچىلار تۈزۈپ چىققان شىركەتنىڭ نىزامنامىسى قوشۇمچە قىلىنىشى ۋە تۆۋەندىكى ئىشلار ئېنىق يېزىلىشى كېرەك: تەشەببۇس قىلغۇچى سېتىۋالغان پاينىڭ سانى؛ ھەربىر پاينىڭ سوممىسى ۋە تارقىتىش باھاسى؛ ئىسمى يېزىلمايدىغان پاينىڭ تارقىتىلىش ئومۇمىي سانى؛ پاي سېتىۋالغۇچىنىڭ ھوقۇقى، مەجبۇرىيىتى؛ بۇ قېتىمقى پاي توپلاشنىڭ باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش مۆھلىتى ۋە پاي توپلاشنىڭ مۆھلىتى ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، تولۇق توپلانمىغاندا پاي سېتىۋالغۇچىنىڭ سېتىۋالغان پېيىنى قايتۇرۇۋېلىشقا بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئىزاھاتى قاتارلىقلار. پاي سېتىۋېلىش توختامنامىسىگە پاي توپلاش چۈشەندۈرۈشىدە يېزىلغان ئىشلارنى ئېنىق يېزىشى، پاي سېتىۋالغۇچى سېتىۋالغان پاي سانى، سوممىسى، ئۆزىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىنى تولدۇرۇشى ھەمدە ئىمزا قويۇپ تامغا بېسىشى كېرەك، پاي سېتىۋالغۇچى سېتىۋالغان پېيىنىڭ سانى بويىچە پاي پۇلى تاپشۇرۇشى كېرەك.

تەشەببۇس قىلغۇچىلار، پاي سېتىۋالغۇچىلار پاي پۇلىنى تاپشۇرغان ياكى پاي پۇلىغا سۇندۇرۇلغان مەبلىغىنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، پاي ئۆز قەرەلىدە تولۇق توپلانغان، تەشەببۇس قىلغۇچىلار ئۇنى قەرەلىدە شىركەت قۇرۇش يىغىنى ئاچمىغان ياكى شىركەت قۇرۇش يىغىنى شىركەت قۇرماسلىقنى قارار قىلغان ئەھۋاللارنى ھېساباتقا ئالمىغاندا، پېيىنى قايتۇرۇۋېلىشقا بولمايدۇ.
---------------------------
«ئىقتىسادىي قانۇنشۇناسلىق» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى