ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

يۇقىرى ئۈنۈملۈك كوللېكتىپ ھەمكارلىق مەدەنىيىتى قۇرۇش

يۇقىرى ئۈنۈملۈك كوللېكتىپ ھەمكارلىق مەدەنىيىتى قۇرۇش

ۋاقتى: 2016-06-11 ئاۋاتلىقى: 502 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

«ۋاشىنگىتون ھەمكارلىشىش قانۇنى» ھادىسىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىش ئۈچۈن، بىردىنبىر ئامال يۇقىرى ئۈنۈملۈك كولېكتىپ ھەمكارلىق مەدەنىيىتى قۇرۇش.
مەسەل ھىكايىلەرنىڭ ئىلھامى
بىز تۆۋەندىكى مەسەلدىن ئىبرەت ئالىمىز: رىۋايەت قىلىنىشىچە، قەدىمكى يۇناندىكى سىپروس، بۇرۇن بىر قەلئەنىڭ ئىچىگە يەتتە كىچىك پاپىنى قاماپ قويۇپتۇ، پاپىلار بىر نەم يەر ئاستى ئۆيىدە تۇرۇپتۇ، ئۇلار ھېچقانداق ياردەمگە ئېرىشەلمەپتۇ، ئۇلارنىڭ ئاشلىقىمۇ، سۈيىمۇ يوق ئىكەن. بۇ يەتتە كىچىك پاپا بارغانچە ئۈمىدسىزلىنىپتۇ.
پاپىلارنىڭ ئىچىدە، ئارخىمېد بىرىنچى بولۇپ قوغدىغۇچى ئىلاھ ئاسىنانىڭ چۈشىدە بىشارەت بېرىشىگە ئېرىشىپتۇ. ئاسىنا ئۇنىڭغا، بۇ قورغاندا، ئۇلار تۇرۇۋاتقان ئۆيدىن باشقا، قالغان 25 ئۆيدە، بىرىدە ھەسەل ۋە سۇ بارلىقىنى، قالغان 24 ئۆيدە تاش بارلىقىنى، ئىچىدە 240 پارچە قىزىل ئەتىرگۈل رەڭگىدىكى خاسىيەتلىك تاش بارلىقىنى، بۇ 240 پارچە خاسىيەتلىك تاشنى تېپىپ، ئۇلارنى بىر چەمبەر شەكلىدە تىزسا، قورقۇنۇشلۇق ئەپسۇننىڭ يېشىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ كۈلپەتتىن قۇتۇلۇپ ئۆز يۇرتىغا قايتالايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ.
ئارخىمېد بۇ چۈشىنى قالغان ئالتە ھەمرايىغا ئېيتىپ بېرىپتۇ، لېكىن پەقەت ئالىس ۋە سوقراتلا ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىشنى خالاپتۇ. دەسلەپكى بىرنەچچە كۈندە، ئالىس ئاۋۋال بېرىپ ئازراق ئوتۇن يىغىپ كېلىپ ئوت ياقماقچى بوپتۇ، سوقرات ئالدى بىلەن ھېلىقى يېمەكلىك بار ئۆينى تاپماقچى بوپتۇ، ئارخىمېد 240 پارچە خاسىيەتلىك تاشنى تېزرەك تېپىپ، ئەپسۇننى يەشمەكچى بوپتۇ. لېكىن ئۇلار ئۈچى بىرلىككە كېلەلمەپتۇ، شۇڭا ھەربىرى ئۆزى دېگەن نەرسىنى ئىزدەشنى قارار قىپتۇ، نەچچە كۈندىن كېيىن، ئۈچىلىسى ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەپتۇ، ئەكسىچە ھېرىپ ھالى قالماپتۇ.
لېكىن ئۇلار ۋاز كەچمەپتۇ، مەغلۇبىيەت ئۇلارغا ئىتتىپاقلىشىش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدۇرۇپتۇ. ئۇلار ئاۋۋال ئوت ئىزدەشنى، ئاندىن يېمەكلىك ئىزدەشنى، ئەڭ ئاخىرىدا كۆپچىلىك بىرلىكتە خاسىيەتلىك تاشلارنى ئىزدەشنى قارار قىپتۇ. بۇ بىر توغرا ئۇسۇل بولۇپ چىقىپتۇ، ئۈچىسى ناھايىتى تېزلا سول تەرەپتىكى ئىككىنچى ئۆيدىن نۇرغۇن ھەسەل ۋە سۇنى تېپىپتۇ.
#p#
گۈزەل كېلەچەك كوللېكتىپ ھەمكارلىقىنىڭ ئاساسى؛ ئېنىق نىشان كوللېكتىپنىڭ غەلىبە قىلىشىنىڭ ئاساسى؛ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش كوللېكتىپ ھەمكارلىقىنىڭ ئاچقۇچى. نەچچە كۈنلۈك ئاچلىقتىن كېيىن، ئۇلار بىر پەس ئاچ بۆرىدەك يەپتۇ؛ كېيىن ترويان، ئەنجىلا، ئارىستوتىل ۋە مىلىزالارغىمۇ نۇرغۇن يېمەكلىك ئاپىرىپ بېرىپتۇ. قورساق توق بولۇش ئۈمىدى قالغان تۆت ئادەمنىڭ قارىشىنى ئۆزگەرتىپتۇ. ئۇلار ئاكتىپلىق بىلەن ئارخىمېدلار بىلەن بىللە خاسىيەتلىك تاشلارنى ئىزدەشنى تەلەپ قىپتۇ.
 
ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئارخىمېد يەتتە ئادەمنى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈپتۇ: ئەسلىدىكى ئۈچى داۋاملىق سول تەرەپتىن ئىزدەپتۇ، ترويان قاتارلىق تۆتى بولسا ئوڭ تەرەپتىن ئىزدەپتۇ. لېكىن تېزلا مەسىلە كۆرۈلۈپتۇ: ئالدىنقى ئۈچ كۈنى ئۇدا ئەسلىدىكى ئورنىدا ئولتۇرغاچقا، ترويان قاتارلىق تۆت ئاەمنىڭ قىلچىمۇ يۆنىلىش تۇيغۇسى قالماپتۇ، ئۇلار ئاساسەن دېگۈدەك ئەسلىدىكى جايىدا چۆگىلەپ يۈرۈپتۇ. ئارخىمېد كەسكىنلىك بىلەن قايتىدىن گۇرۇپپىغا بۆلۈپتۇ: ئالىس بىلەن سوقراتنىڭ ھەر بىرى بىردىن ئادەمنى ئېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئېپى ۋە تەجرىبىسى بىلەن ئۇلارنى قورغاننى ئاستا-ئاستا چۈشىنىشكە يېتەكلەپتۇ.
 
بىلىم ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى. تەجرىبە بولسا بىلىمنىڭ ئورگانىك تەركىبى قىسمى، بىر كوللېكتىپ بىلىمگىمۇ، تەجرىبىگىمۇ موھتاج. 
 
ئىش تەسەۋۋۇر قىلغاندەك ئوڭۇشلۇق بولماپتۇ، ئالدى بىلەن سوقرات بىلەن تروياننىڭ گۇرۇپپىسىدا مەسىلە كۆرۈلۈپتۇ، ئۇلار ھەمىشە باشقا ئىككى گۇرۇپپىنىڭ بەك ئاستىلىقىدىن ئاغرىنىپتۇ. كېيىن يەر شەكلىنى پىششىق بىلمىگەچكە، كۆپچىلىك دائىم كۈن-كۈنلەپ ئوخشاش بىر ئۆيدە خاسىيەتلىك تاشنى ئىزدەپتۇ. كۆپچىلىكنىڭ ئىشەنچىسى يەنە ئاستا-ئاستا سۇسلاشقا باشلاپتۇ. كوللېكتىپنىڭ توسالغۇسى ئەزالار ئارىسىدىكى ئىشەنمەسلىكتىن ۋە بىنورمال كاشىلىدىن كېلىدۇ. بولۇپمۇ قىيىنچىلىق مەزگىلىدە، بۇ خىل ئىشەنمەسلىك ۋە بىنورمال كاشىلىنىڭ كۈچى تېخىمۇ چوڭايتىۋېتىلىدۇ.
#p#
ئارىستوتېل ناھايىتى جىددىيلىشىپتۇ. بۇ كۈنى كەچتە، ئۇ ئالتە ئادەمنى بىر يەرگە يىغىپ بىرلىكتە ئامالنى مەسلىھەتلىشىپتۇ. لېكىن، پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئەمدى باشلىنىپلا، بىر-بىرىنى ئەيىبلەيدىغان تەنقىد قىلىش يىغىنىغا ئايلىنىپ قاپتۇ.
پىكىر ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، كۆپچىلىك ئاندىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلەرنىڭ تېزلا ئۆينى تاپالايدىغانلىقىنى، لېكىن ئۆيدىن تاپقان تاشلىرىنىڭ خاتا بولۇپ قالىدىغانلىقىنى؛ ناھايىتى توغرا تاپالايدىغانلارنىڭ بولسا، سۈرئىتىنىڭ ھەمىشە بەك ئاستا ئىكەنلىكىنى بايقاپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن بۇ يەتتە كىچىك پاپا قايتىدىن تەشكىللىنىپتۇ. ئالىسنىڭ تەكلىپ بېرىشى بىلەن، كۆپچىلىك ھەر كۈنى بىر قېتىم پىكىر ئالماشتۇرش يىغىنى ئېچىپ، تەجرىبىلىرىنى ۋە ئەپچىل چارىلىرىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇشنى قارار قىپتۇ.
بىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا، بىر ئەقىل تاپىدۇ، تەجرىبە-ساۋاقلارنى ئۆز ۋاقتىدا يەكۈنلەش، ھەمدە ھەمكارلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۇنى كوللېكتىپتىكى بارلىق ئەزالار بىلەن ئورتاقلىشىش، كوللېكتىپنىڭ قىينىچىلىقتىن قۇتۇلۇپ غالىبىيەتكە قاراپ مېڭىشىدىكى ناھايىتى ياخشى ئۇسۇل.
يەتتە ئادەمنىڭ بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ ھەمكارلىشىشى ئارقىسىدا، ئۇلار ئاخىرى 240 پارچە خاسىيەتلىك تاشنىڭ ھەممىسىنى تېپىپتۇ، لېكىن دەل شۇ چاغدا سوقراتنىڭ نەپىسى توختاپ قاپتۇ. كۆپچىلىك چۆچۈپ ھەم قورقۇپ تۇرغاندا، ئوت يەنە ئۆچۈپ قاپتۇ.
ئوت بولمىسا، يورۇقلۇقمۇ بولمايدۇ؛ يورۇقلۇق بولمىسا، كۆپچىلىكنىڭ تاشلارنى بىر چەمبىرەك شەكلىدە تىزىپ چىقىشقا قەتئىي ئامالى بولمايدۇ.
#p#
كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بەس-بەس بىلەن ئوت يېقىشقا ياردەملىشىپتۇ، كىم بىلسۇن، ئالتە ئادەم بىرمۇنچە ۋاقىت سەرپ قىلىپمۇ، يەنىلا ئوت ياقالماپتۇ ــــــــــــ ئىلگىرى ئوت ياقىدىغان ئىشنىڭ ھەممىسىنى سوقرات قىلغان ئىكەن. ئارخىمېد ئەينى ۋاقىتتا سوقراتتىن ئوت يېقىشنى ئۆگىنىۋالمىغىنىغا ناھايىتى پۇشايمان قىپتۇ. ئىشنى تەقسىملەش ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق، لېكىن ئىشنى  تەقسىملىگەندە چوقۇم «ئادەم بىلەن ئىش مۇۋاپىق» بولۇشى كېرەك، ئەگەر ئىقتىدار بىلەن خىزمەت ئورنى ماسلاشمىسا، ئۈنۈم ئەكسىچە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
ئىلاھلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن، ئوت ئاخىرىدا يەنىلا يېنىپتۇ. كىچىك پاپىلار غەلىبە قىپتۇ. كوللېكتىپنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش ئارقىلىق، كوللېكتىپنىڭ نىشانى ئاخىرى ئەمەلگە ئېشىپتۇ.
 
تىپىك مىسال
ئارغامچە تارتىش تەجرىبىسى
ئارغامچا تارتىش تەجرىبىسىدە، ئالدى بىلەن سىناققا قاتناشقۇچىلارنى 2 كىشىلىك، 3 كىشىلىك ۋە 8 كىشىلىك گۇرۇپپىغا بۆلۈپ، ھەربىر گۇرۇپپىدىن پۈتۈن كۈچى بىلەن ئارغامچىنى تارتىش تەلەپ قىلىنىدۇ؛ ئاندىن سىناققا قاتناشقۇچىلاردىن يالغۇز ھالدا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئارغامچىنى تارتىش تەلەپ قىلىدۇ.
ئارغامچا تارتىش تەجرىبىسىدە «1+1=2 دىن كىچىك بولۇپ قالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە، بەزىلەرنىڭ ھورۇنلۇق قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ! ئۇنىڭ ئۈستىگە قانچە كۆپ ئادەم بىللە ئىشلىسە، ھورۇنلۇق قىلىدىغان ئەھۋال شۇنچە ئېغىر بولىدۇ!
بۇ قانۇن بىزگە ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ ھەمكارلىقىنىڭ ئادەم كۈچىنىڭ ئاددىي يىغىندىسى ئەمەسلىكىنى، بەلكى ئۇنىڭدىن خېلىلا مۇرەككەپ ۋە نازۇك ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.
#p#
ئىككىنچى مىسال: قەستلەپ ئۆلتۈرۈشنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەر
1964-يىل 3-ئايدا، نيۇرورك شەھىرىنىڭ G ئالاھىدە باغچىسىدا بىر پۈتۈن ئامېرىكىنى چۆچۈتكەن قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسى يۈز بەردى. ئەتىگەن سائەت 3 تە، مېھمانخانىنىڭ بىر ياش ئايال دىرېكتورى قاتىلنىڭ قوغلاپ ئۆلتۈرۈشىگە ئۇچرىدى، يېرىم سائەتكە يېتىدىغان دېلو سادىر قىلىش جەريانىدا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى توختىماي ياردەمگە چاقىردى ۋە يۈگۈردى، 38 ئۆيلۈك ئاھالە ئاڭلىدى ياكى كۆردى، لېكىن پەقەتلا ئاڭلىدى ۋە كۆردى، ھېچكىم ئوتتۇرىغا چىقىپ توسمىدى، ھەتتا شۇنچە ئاسان بولغان ساقچىغا مەلۇم قىلىش تېلېفونى ئۇرۇشنىمۇ ھېچكىم قىلمىدى. بۇ ئىشنى ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ يوقىلىشى ۋە ئېتىبارسىز قاراش دەپ ئاددىيلا يىغىنچاقلاشقا بولمايدۇ، بەلكى تېخىمۇ چوڭقۇر بولغان پىسخىكىلىق ئارقا كۆرۈنۈشى بار. جىددىي ئەھۋال كۆرۈلگەندە، دەل باشقا كۆرگۈچىلەر نەق مەيداندا بار بولغانلىقى ئۈچۈن، ھەربىر چەتتە قاراپ تۇرغۇچى قىلچە پەرۋا قىلمىغان، بەلكى باشقا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىنكاسىغا قارىغان! بۇ بىر تۈزۈم خاراكتىرلىك نۇقسان، يەنى بۇنداق ئىش ئوخشاش بولمىغان ئورۇندا، ئوخشاش بولمىغان ۋاقىتتا تەكرار يۈز بېرىدۇ، نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق ۋاشىنگىتون ھەمكارلىق قانۇنى!
 
ئۈچىنچى مىسال: ئىشخانا سىياسىتى
ھەرقانداق كوللېكتىپ پۇت تېپىشىشنىڭ بولۇشىدىن، يەنى «ئىشخانا سىياسىتى»دىن ساقلىنالمايدۇ. A بۈگۈنى نەچچە ئېغىز قىلماسلىققا تېگىشلىك گەپنى قىلىپ B نىڭ يۈزىنى چۈشۈرىدۇ، كېلەر قېتىم B پۇرسەت تېپىپ A نى چېقىشتۇرىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ چېقىشتۇرغانلىقىنى A نىڭ دوستى C ئاڭلاپ قالىدۇ، C خىزمەتتە قەستەن ئۇنى قەستلىمەكچى بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا C مەقسەتسىز ھالدا 4 نىڭ مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ ـــــــــ بۇ چىگىش يىپ چىرمالغانچە چوڭىيىدۇ. «ئىشخانا سىياسىتى» ئىچكى سەرپىياتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق ئامىل، ھەم ۋاشىنگىتون ھەمكارلىشىش قانۇنىنىڭ ئەڭ بىۋاسىتە ئىپادىلىنىشى.
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى