ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشنىڭ ئاساسى تەلىپى

تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشنىڭ ئاساسى تەلىپى

ۋاقتى: 2016-01-28 ئاۋاتلىقى: 351 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى « تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى» بۇ يەردە!

 

 تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشنىڭ ئاساسى تەلىپى


3.  ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلىنىش. تەمىنلەش زەنجىرىنى ھازىرقى زامان پەن تېخنىكىسى بىلەن باشقۇرغاندا ئۇچۇرنى تېز ۋە توغرا يەتكۈزگىلى، كارخانىلار ئارا بايلىقنى ھەمبەھىرلەنگىلى بولىدۇ. 


4.  مۇلازىمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ خېرىدار ئېھتىياجىنى كېڭەيتىش.


5.تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشتا، ھەممە «خېرىدارنى مەركەز قىلىش» ئىدىيەسىنى ئاساس قىلىپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھازىر ئىستېمالچىلار كۆپىنچە مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئالدىنقى ۋاقتىنىڭ قىسقا بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش ئىشلەپچىقارغان كارخانىنىڭ ئىچكى قىسمى، سىرتقى قىسمى ۋە كارخانىنىڭ بىر پۈتۈن ھەمكارلىقى ئارقىلىق، مەھسۇلاتنىڭ ئوبوروت ۋاقتىنى زور دەرىجىدە قىسقارتىپ، ئەشيا ئوبوروتى يەتكۈزۈشنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، خېرىدارلارنىڭ خاسلاشقان ئېھتىياجىنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قاندۇرىدۇ.


6.  قوش ئۇتۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش.


7.تەمىنلەش زەنجىرى تەمىنلىگۈچى سودىگەر، پارچە رايونلار بويىچە ساتىدىغان سودىگەر ۋە پارچە سېتىش سودىگىرى قاتارلىقلارنى باغلاپ ھەم ئەۋزەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى مۇناسىۋەتلىك كارخانىلاردىن بىر پۈتۈن مۇكەممەل تور گەۋدىسى شەكىللەندۈرىدۇ، بۇ توردا، ھەرقايسى كارخانىلار يەنىلا ئۆزىنىڭ خاسلىقىنى ساقلاپ قالىدۇ. لېكىن ئۇلار بىر پۈتۈن گەۋدىنىڭ مەنپەئەتىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، ھەممە مەنپەئەتلىنىدىغان نەتىجىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشنىڭ تەرەققىياتىدا، بەزىلەر كەلگۈسىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئوبوروتتا كارخانىنى كۆرگىلى بولمايدۇ، پەقەت تەمىنلەش زەنجىرىنىلا كۆرگىلى بولىدۇ دەپ مۆلچەرلىمەكتە. ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئوبوروتنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىگە ئايلىنىشى زامانىۋى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئوبوروتنىڭ ئاساسلىق شەكلى بولۇپ قالىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى