ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇشتىكى نىشان

كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇشتىكى نىشان

ۋاقتى: 2015-11-15 ئاۋاتلىقى: 1045 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇشتىكى نىشان

ئەنئەنىۋىي قاراش ئاستىدىكى بىرىنچى نىشان

 قانۇنلۇق بولۇش
 ئەمگەك ئىجرا قىلشنى مۇۋاپىق تەڭشەپ ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش

ھازىرقى زامان قارىشىدىكى بىرىنچى نىشان

 ئىقتىساد
 رىقابەت
 رازى بولۇش دەرىجىسى

خىزمەتچى خادىم تەننەرخ ۋە رىقابەت  ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.

ھەرىكەت ئىلمىدىن ئېيتقاندا، كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش، كارخانىدىكى بارلىق ئىقتىدار ساھەسى ۋە دەرىجە قاتلىمىدىكى بارلىق خادىملار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىكى سەۋەب

1.كارخانا تىجارەت كۆلىمىنىڭ ئىزچىل ئېشىشى ۋە مۇرەككەپلىشىشى
2.ئادەم كۈچى سېلىنما مۇتلەق ۋە ماس سانىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشى، بولۇپمۇ سانائەت دۆلىتىدە.
3.رىقابەتنىڭ كۈنسېرى كەسكىنلىشىشى ۋە يەر شارىلىشىش
4،ئۆزگىرىۋاتقان ئەمگەك قارىشى (قىممەت قارىشىڭ ئۆزگىرىشى، يېڭى تۇرمۇش ئۇسۇلى، خاسلىق)
5،بىلىمنىڭ كارخانا تىجارىتىنىڭ غەلىبە قىلىشىدىكى رولىنىڭ ئېشىشى


كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھالقىسى

جۇڭگو ھازىرقى  كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە باشقۇرۇش ھالقىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

ئىشقا قوبۇل قىلىش: ئىشقا قوبۇل قىلىش بولسا كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنىڭ ئۇلى. جۇڭگو دۆلەت ئورگان، كارخانا، كەسپىي ئورۇن خىزمەتچى خادىمغا ئېھتىياجلىق بولغاندا ياكى تولۇقلىماقچى بولغاندا، شەرت ۋە تەلەپكە ئاساسەن، ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا كەسپىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى ۋە ھازىرقى بار بولغان خادىملاردىن تاللىغاندىن باشقا يەنە جەمئىيەتتىكى ئىش كۈتۈپ تۇرغان خادىملار ئىچىدىن قوبۇل قىلىدۇ. قوبۇل قىلغان خادىملارنى ئەخلاقىي، ئەقىلىي، جىسمانىي جەھەتتىن تولۇق چۈشىنىپ، ئادەتتە ئىمتىھان ۋە باھالاش ئۇسۇلىنى ئىشلىتىپ، ئىلغارلارنى تاللاپ ئىشلىتىدۇ. خادىملار قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، مۇئەييەن سىناق مەزگىلى بولىدۇ. سىناق مەزگىلىدە، ئاساسلىق باشقۇرغۇچى سىناق قىلىنغۇچىنىڭ پەزىلىتى، كەسپىي سەۋىيەسى، خىزمەت ئىقتىدارى ۋە بەدەن ئەھۋالى قاتارلىقلارغا تولۇق ئەستايىدىل بولغان تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ. سىناق مەزگىلىدىن كېيىن، تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، تەلەپكە مۇۋاپىق بولغانلارنى رەسمىي قوبۇل قىلىدۇ. رەسمىي قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن پاراۋانلىق تەمىناتى دۆلەت ھازىرقى مۇناسىۋەتلىك تۈزۈمى بويىچە بولىدۇ، ئۇنىڭ ئورنى، ھوقۇقى ۋە مەسئۇلىيىتى قانۇن ئارقىلىق قوغدىلىدۇ.

تەقسىم قىلىش: تەقسىم قىلىش بولسا كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىچىدىكى بىر تۈرلۈك دائىملىق خىزمەت. خىزمەتنىڭ ئېھتىياجى ياكى خىزمەت تەربىيە مەقسىتى، ۋە ياكى "ئادەم بىلەن ئادەم"، "ئادەم بىلەن خىزمەت" مۇناسىۋىتىنى تەرتىپكە سېلىش، ياكى خىزمەتچى خادىم شۇنداقلا ئۇنىڭ ئائىلە قىيىنچىلىقىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن دائىم خىزمەت مەسئۇلىيەت تەقسىم قىلىش چارىسىنى ئىشقا سالىدۇ. تەقسىم قىلىنغان خادىملار چوقۇم دۆلەت بېكىتكەن خادىم تۈزۈلمە تەلىپىگە ماس كېلىشى، كارخانا ئىشلەپچىقىرىش خادىمى بىلەن باشقا خادىملارنىڭ نىسبىتى مۇۋاپىق بولۇشى، ئۆگەنگەننى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىپ، ماس ئورۇنغا قويۇپ، ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇش پرىنسىپنى يۈرگۈزۈشى كېرەك.

تەيىنلەش-قالدۇرۇش: تەيىنلەش قالدۇرۇش بولسا دۆلەت قانۇنىغا ئاساسەن،خىزمەتچى خادىمنى مۇئەييەن ۋەزىپىگە قويۇش، ياكى قىلىۋاتقان خىزمىتىدىن قالدۇرۇش. تەيىنلەش قالدۇرۇش چوقۇم كەسكىن بولغان باھالاشتىن ئۆتۈشى، ۋاقتىدا، توغرا بولۇشى لازىم. پەقەت تەيىنلەش قالدۇرۇش لايىقىدا بولغاندىلا، ئاندىن ئىقتىدارنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا خىزمەتكە دەخلى يەتكۈزىدۇ.


باھالاش: خىزمەتچى خادىمنىڭ سىياسىي، كەسپىي ساپاسى ۋە ئەمەلىي خىزمەت ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈپ چۈشىنىش. باھالاش بولسا كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇشتىكى بىر ئاساسى ئامىل، "مەمۇرىي ئادەم"نىڭ ئاساسى. باھالاش ئارقىلىق، خىزمەتچى خادىمنىڭ ئارتۇقچىلىق كەمچىلىكنى تولۇق چۈشىنىش، بۇ بولسا ئىشلىتىش، تەربىيەلەش، تەقسىم قىلىش، مۇكاپات جازا قاتارلىقلار بىلەن پەرقلىنىدۇ، شۇنداقلا ئەمگەككە قاراپ تەقسىم قىلىش پرىنسىپى بولسا ئۇنىڭ ئىشەنچلىك ئاساسى، ئىلغارلارنى رىغبەتلەندۈرۈش، كېيىن قالغانلارغا تۈرتكە بولۇش، خىزمەت مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم چارىسى. باھالاش ئەخلاقنى ئاساسىي ئۆلچەم، باھالاش نەتىجىسىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئەخلاق، ئىقتىدار، يوقلىما، نەتىجىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش. (1)ئەخلاق تەكشۈرۈش. ئاساسلىقى دۆلەت ئاساسى قانۇن، قانۇن، پەرماننى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىش قىلماسلىقى، خىزمەتچى خادىمغا بولۇشقا تېگىشلىك پەزىلەتنىڭ بار يوقلۇقى تەكشۈرۈلىدۇ. (2)ئىقتىدار تەكشۈرۈش. ئاساسلىقى ئۆز كەسپىنى ياخىشى قىلىش ئىقتىدارىنىڭ بار يوقلۇقى، شۇنداقلا مەدەنىيەت بىلىم ۋە ئەمەلىي خىزمەت ئىقتىدارى تەكشۈرۈلىدۇ. (3)يوقلىما.ئاساسلىق يوقلىما، ئۆگىنىش نەتىجىسى ۋە خىزمەت قاراش ئەھۋالى تەكشۈرۈلىدۇ. (4)خىزمەت نەتىجىسىنى تەكشۈرۈش. ئاساسلىقى ۋەزىپە ئورۇنلاش سانى، سۈپىتى، ئۈنۈمى تەكشۈرۈلىدۇ.

شتات بېكىتىش: ھەرقايسى خىزمەت ئورۇن ۋە ۋەزىپە، شۇنداقلا ھەرقايسى ئورۇندىكى خادىملار چوقۇم ھازىرلىشى كېرەك بولغان شەرتنى بېكىتىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ماس بولغان مەسئۇلىيەت ۋە ھوقۇقنى بەلگىلەپ بېرىش.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى