ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كۆڭۈلدىكىدەك ھەمراھ — ئەسقاتىدىغان ھەمراھ

كۆڭۈلدىكىدەك ھەمراھ — ئەسقاتىدىغان ھەمراھ

ۋاقتى: 2016-06-12 ئاۋاتلىقى: 570 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «تۇرمۇشنىڭ نۇقسانلىرىنى قوبۇل قىلىڭ» بۇ يەردە!

 

كۆڭۈلدىكىدەك ھەمراھ — ئەسقاتىدىغان ھەمراھ

 

بۇ ئىنتايىن ئاددىي بىر ئۇقۇم بولۇپ، بۇ ھەقتە توختىلىشقا سەل خىجىل بولۇۋاتىمەن. لېكىن، مەن بۇ ئاددىي ئۇقۇمنى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ نىكاھ ئىشىغا تەدبىقلايدىغانلىقىنى بايقاپ قالدىم. غايىۋى ھالەتتە تۇرغاندا، ھەمراھىڭىز ياكى جورىڭىز خۇشاللىققا چۆمگەندە ۋە مىننەتدار بولغاندا، سىزگە تېخىمۇ رازىمەنلىك بىلەن ياردەم بېرىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئەگەر ھەمراھىڭىز كۆڭلىنىڭ ئارامىدا بولمايۋاتقانلىقىنى ياكى ھەمىشە سىزگە كەڭ قورساقلىق قىلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلسا، ئۇنداقتا ئۇ سىزنىڭ خاتىرجەم كۈن ئۆتكۈزىشىڭىزنى خالىمايدۇ.


تېخىمۇ چۈشىنىشلىكرەك قىلىپ ئېيتساق، مەن سىزنى ئامال قىلىپ ھەمراھىڭىزنى خۇشال قىلىڭ دېمەكچى ئەمەسمەن، چۈنكى كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۆزىنىلا خۇشال قىلالايدۇ. لېكىن، ئەر – خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتتە، بىز ھەقىقەتەن قارشى تەرەپنى مىننەتدار قىلىش – قىلالماسلىق رولىنى ئالىمىز. ئالدى بىلەن كۆڭلىڭىزنى توختىتىپ ئۆز ئەھۋالىڭىزنى ئويلاپ بېقىڭ: ھەمراھىڭىز سىزگە قىلىپ بەرگەن بارلىق ئىشلاردىن دائىم ئەستايىدىل ھالدا مىننەتدار بولدىڭىزمۇ – يوق؟ مەن يۈزلىگەن ئەر – خوتۇنلار بىلەن ئۇچراشقان ئىدىم، ئۇلارنىڭ ھەممىسى جورىسىنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن ھەقىقىي تۈردە مىننەتدار بولۇپ باقمىغانلىقىنى، ھەتتا ئەقەللىي ساۋات رەھمەت ئېيتىشتىنمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.



ئەمەلىيەتتە، ھەمراھ دېگەن سىزنىڭ شېرىكىڭىزگە ئوخشاش بولىدۇ. غايىۋى ھالەتتە تۇرغاندا، شېرىكىڭىزنى ئەڭ ياخشى دوستۇم دەپ قارىشىڭىز كېرەك. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ ياخشى دوستىڭىز: «بىرقانچە كۈن ھاردۇق ئالايمىكى دەيمەن» دېسە، «بوپتۇ، بىرقانچە كۈن ئارام ئېلىڭ، بالدۇرلا شۇنداق قىلىشىڭىز كېرەك ئىدى» دەرسىز. لېكىن، بۇ گەپنى سىزگە ھەمراھىڭىز دېسە، قانداق ئىنكاس قايتۇرارسىز؟ ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ سىزگە قانداق تەسىر بېرىدىغانلىقىنى خىيالىڭىزغا كەلتۈرەمسىز؟ تاشلىنىپ قالغانلىقىڭىزنى ھېس قىلامسىز، قايتۇرما زەربە بېرىشنى ئويلامسىز ياكى غەزەپلىنەمسىز؟ بىر دوستىڭىز ھەمراھىڭىزدىنمۇ بەكرەك غەمخورلۇق قىلىشىڭىزغا، تېخىمۇ خۇشال كەيپىياتتا مۇئامىلە قىلىشىڭىزغا ئەرزىمدۇ – ئەرزىمەمدۇ؟ نېمە ئۈچۈن دوستىڭىزنىڭ ھەمىشە سىزگە ئىمكانقەدەر ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ – يوق؟ ئەجابا، ھەممە ئىش تاسادىپىي ماس كېلىپ قالامدىغاندۇ؟


ھەمراھىڭىزغا دوستىڭىزغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلسىڭىز بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. بىر نىكاھنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش بىر توختام ئىمزالىغاندەك ئىش بولۇپ، ئۇنىڭ نۇرغۇن شەرتلىرى ۋە مەسئۇلىيەتلىرى بولىدۇ، يەنە كېلىپ ئاساسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىمۇ ئوخشىشىپ كېتىدۇ. مەسىلەن، ئەگەر بىر دوستىڭىز كېلىپ ئۆيىڭىزنى تازىلاپ بەرسە ھەمدە بىر ۋاق تاماق ئېتىپ بەرسە نېمە دەيسىز؟ قانداق ئىنكاس قايتۇرىسىز؟ ئەگەر ئاشۇ ئىشلارنى ھەمراھىڭىز قىلغان بولسا، ئۇمۇ دوستىڭىزغا ئوخشاش ئېتىراپ قىلىشىڭىزغا ۋە مىننەتدارلىق بىلدۈرشىڭىزگە ئەرزىمەسمۇ؟ ئەلۋەتتە ئەرزىيدۇ! مەيلى بىز ئۆيدە خىزمەت قىلايلى، سىرتتا خىزمەت قىلايلى ياكى ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خىزمەت قىلايلى، ھەممىدە سۆيۈلۈشكە ۋە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە موھتاج. بىز ھۆرمەتلىگەنلىكىمىزنى ھېس قىلغىنىمىزدا، تۇنجى بىۋاستە تۇيغۇمىزنىڭ ئىنكاسى باشقىلارغا ياردەم بېرىش بولىدۇ.
--------------------------------

«ئادەم بولۇش ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى