كۆلەملىك ئىقتىسادنى چەكلەيدىغان ئامىللار
ۋاقتى: 2016-05-27
ئاۋاتلىقى: 639 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
1. تەبىئىي شارائىت، مەسىلەن نېفىت زاپىسى نېفىتلىكنىڭ كۆلىمىنى بەلگىلەيدۇ.
2. ماددىي تېخنىكا ئەسلىھەلىرى، مەسىلەن خىمىيە سانائىتى ئەسلىھەلىرى ۋە قۇراشتۇرۇش ئىقتىدارى خىمىيە سانائىتىنىڭ كۆلىمىگە تەسىر قىلىدۇ؛
3. ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي شارائىت مەسىلەن مەبلەغ، بازار، ئەمگەك كۈچى، تىرانسىپورت، كەسىپلىشىش قاتارلىقلار كارخانىنىڭ كۆلىمىگە تەسىر قىلىدۇ؛
4. ئىجتىمائىي سىياسىي تارىخىي شارائىت قاتارلىقلار.
ئىقتىساد ئەمەلىي گەۋدىنىڭ كۆلىمى كېڭەيگەندە، مەھسۇلاتنىڭ ئېشىشى مەبلەغ ئامىلىنىڭ ئارتىش نىسبىتىدىن تۆۋەن بولۇشى كېرەك، پايدا تەدرىجىي ئازلايدۇ، يەنى كۆلەمسىز ئىقتىساد بولىدۇ. بازار ئىقتىسادىدا، ئىشلەپچىقارغۇچى دائىم كۆلەملىك ئىقتىسادنى قوغلىشىپ، كۆلەمسىز ئىقتىسادتىن ساقلىنىدۇ. كۆلەملىك ئىقتىسادقا ئىنتىلىپ، ئەڭ ياخشى ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشنى تەتقىق قىلغان مۇۋاپىق كۆلەم ۋە ئۇنىڭ چەكلىگۈچى ئامىللىرى ۋە ھەرخىل ئوخشىمىغان كۆلەملىك ئىقتىساد ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا باغلىنىش ۋە ماسلاشتۇرۇش نىسبىتى كۆلەملىك ئىقتىسادنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئېچىپ بېرىپ، ئەڭ ياخشى كۆلەم قۇرۇلمىسى بەرپا قىلىشتىكى ئاساسلىق پىرىنسىپلار ۋە ئاماللارنى ئويلاپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ.