ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئاۋام تورىنىڭ مەغلۇب بولۇش سەۋەبى

ئاۋام تورىنىڭ مەغلۇب بولۇش سەۋەبى

ۋاقتى: 2016-06-09 ئاۋاتلىقى: 448 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدا ماڭا ھەمراھ بولغان ئالاقە تورى مەھسۇلاتىدىن، دوۋبەن (豆瓣) دىن باشقا يەنە ئاۋام تورى(  人人网)  بار . 
چيەنشىياڭ شىركىتىنىڭ سېتىۋېلىشى بىلەن مەكتەپ  تورى(校内) نىڭ ئىسمى يېڭىلىنىپ ، بازارغا ئاتلاندى. ئاۋام تورى مەبلەغ سېلىش ئۇستىسى ۋە "مەھسۇلات سەۋداسى" چېن يىجوۋنىڭ يېتەكلىشى بىلەن بىر قەدەم بىر قەدەمدىن پاتقاققا پېتىپ، ئاخىرى جەمئىيەتنىڭ تاشلاندى قاراڭغۇ ئۆڭكۈرىگە ئايلىنىپ قالدى. بەزى تورداشلار چاقچاق ئارىلاش چېن يىجوۋ  مەكتەپ تورىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، يەنە " جۇڭگونىڭ Facebook" نى "جۇڭگونىڭ ئۆلمىسە بولمايدىغان" مەھسۇلاتىغا ئايلاندۇردى دەيدۇ.  سەمىمىيەت بىلەن ئېيتقاندا، مېنىڭ مەكتەپ تورىغا مېھرىم بار. ئۇ مېنىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇپ، مېنىڭ "قىز كەلتۈرۈش" ئىزلىرىمنى خاتىرىلىگەن. نۇرغۇن مەنىسىز ۋاقىتلىرىمنى ئۆتكۈزۈشۈمگە ھەمراھ بولغان ئىدى. لېكىن مۇشۇ ماقالە ئۈچۈن بولمىسا، ئۇنىڭ بارلىقىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئۇنتۇپ كەتكەن بولاتتىم. 

مېنىڭچە، ئىسراتېگىيەنى چەتكە قايرىپ قويۇپ، باشقۇرۇش ۋە مۇھىتنىڭ تۇمانلىشىشى، مەھسۇلات سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ئاۋام تورىنىڭ شۇنچە خاراپلىشىشىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىدۇر. 
ۋاڭ شىڭنىڭ ئايرىلىشى بىلەن، ئاۋام تورىنىڭ روھى يوقالدى. 
ۋاڭ شىڭ ئاۋام تورىنىڭ قۇرغۇچىسى، يەنە ئۇنىڭ روھى. چىڭخۇا سىمسىز تېلېگراف كەسپى تولۇق كۇرسىنى  پۈتتۈرگەندىن كېيىن ، ۋاڭ شىڭ تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن ئامېرىكا Delaware ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنىپ ، بىرىنچى بولۇپ MIT نىڭ كومپىيۇتېر ئىلمىدا دوكتورلۇق ئۈنۋانىنى ئالغان چوڭ قۇرۇقلۇق ئالىم گاۋ گۇاڭروڭنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولدى. دوكتورلۇقنى ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار بولۇپ، ۋەتەنگە قايىتپ كېلىپ، ئالاقە تورىدا ئىگىلىك تىكلەشنى باشلىدى. كۆپ تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكەتلىرىنى سىناپ باققاندىن كېيىن ، ئاخىرى مەكتەپ ئالاقىسىدىن ئىبارەت بۇ ئىنچىكە ساھەنى تاللىدى. 
ئالاقە تورىنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر بولغان Facebook مۇ ئوقۇغۇچىلار ياتىقىنىڭ  خارۋورد مەكتەپ رايونى دوستلىشىش رايونىدىن قاناتلانغان. لېكىن ۋاڭ شىڭ Zuckerberg دەك تەلەيلىك بولالمىدى، ئۇ مەكتەپ تورىنى پۈتۈن خەلقنىڭ ئالاقە ئىمپىرىيەسىگە ئايلاندۇرالمىدى. 
2006-يىلى ، يەنى مەن مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا ، مەكتەپ تورى ئاللىبۇرۇن مائاشمۇ تارقىتالمايدىغان ھالەتكە بېرىپ قالغان ئىدى. ئابونتلار سانىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشىغا ئەگىشىپ مۇلازىمېتىر ۋە كەڭ بەلۋاغنى كېڭەيتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا ئامال بولماي قالدى. بۇ ۋاڭ شىڭنىڭ تىجارەتكە ماھىر بولمىغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى پايدا ئېلىش ئۇسۇلىنىڭ بىرلا خىل، يەنى ئېلان كۆرسىتىشتىنلا ئىبارەت بولۇپ قالغانلىقىدىن بولغان. مەكتەپ تورىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدە ئېلان بازىرىدا باھا تالىشىش ئىقتىدارى يوق ئىدى، لېكىن  ۋاڭ شىڭ ئالاقە تور بېكىتى ساھەسىدە كۆپ قېتىم ئىگىلىك تىكلىگەچكە، ئابونتلارغا، ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتى ۋە  مەھسۇلارتلارغا نىسبەتەن ئۆز چۈشەنچىسى ۋە ئىنتىلىشى بار ئىدى. ۋاڭ شىڭنىڭ مەھسۇلات قارىشىدا سودا مەنپەئىتى ھەرگىزمۇ مەھسۇلات سۈپىتى ۋە ئابونتلارنىڭ سىناق قىلىش ئۇزۇن مۇساپىلىك مەنپەئىتىنى بېسىپ چۈشمەيدۇ دەپ قارايتتى. 
مەكتەپ تورى ئەڭ دەسلەپتە ئۆزگىچە خاراكتېرگە ئىگە ئىدى. ئاپتوماتىك ئېنىقلىما بېرىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، مەزمۇن  سۈپىتى قاتتىق كونترول قىلىنغان، پاراكەندىچىلىك ئاز، دوستلار ئارا ھەرىكەتلەندۈرۈش كۆپ ئىدى. كەمچىلىكى بولسا كېيىنكى مەزگىلگە كەلگەندە كۆتۈرۈش مىقدارى بەك ئېغىر بولۇپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن تور بېكىتىنىڭ ئىنكاس سۈرئىتى بەك ئاستىلىشىپ كەتتى. بەك خاسلىققا ئىگە بولغان ئەندىزە بولسا بېكەتنىڭ بەت يۈزىنى بەكلا رەڭگارەڭ قىلىۋەتكەن ھەتتا يامان غەرەزدىكى كۆرۈنۈشلەر يوشۇرۇن ئىپادىلەنگەن. 
ۋاڭ شىڭ مەكتەپ تورىنى ئىككى مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىپ خىزمەتچىلەرنىڭ مائاش مەسىلىسىنى سەل قىلدى، لېكىن مەھسۇلاتتا ساقلانغان بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمىدى. شۇنىڭ بىلەن مەكتەپ تورى روھىنى يوقىتىپ، چېن يىجوۋنىڭ ئويۇنىدىكى بىر تال پىشكىغا ئايلىنىپ قالدى. 
چېن يىجوۋ مەيدانغا كىرىپ، ئاۋام تورى تەننەرخنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالدى
چېن يىجوۋ بىر تەننەرخ ئۇستىسى. ChinaRen، ماۋپۇ (猫扑) ، DoNews، مەكتەپ تورى، رۈەنيىن مەبلىغى، يىلوڭ (艺龙) ، ۋېيپىنخۈي (唯品会) قاتارلىق تەننەرخ مەشغۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسى چېن يىجوۋنىڭ تەننەرخ ئۇستىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تېخىمۇ ئېنىق ئېيتقاندا ، چېن يىجوۋ ئەرزان ئېلىپ قىممەت سېتىشقا ماھىر بىر  پۇرسەتپەرەسلىك قىلىش ئۇستىسى.  تەننەرخ  بىلەن مەھسۇلات  كۆپ ۋاقىتلاردا ئۆز-ئارا قارمۇ-قارشى بولۇپ، مانا بۇ چېن يىجوۋنىڭ مەھسۇلاتنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلالماسلىقىنىڭ سەۋەبىدۇر.  ئۇنى مەبلەغ  سېلىۋېرىپ  زېھنى كۈچى قالمىدى ياكى جاڭ شىياۋلوڭدەك مەھسۇلات تالانتى يوق دېيىشلەرنىڭ ھەممىسى سەۋەب بولالمايدۇ، چۈنكى مەھسۇلاتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدىغىنى بولسا قوشۇن. يادرولۇق سەۋەب بولسا  مەھسۇلاتنى چۈشەنمەسلىك ياكى چۈشەنگۈسى يوق پىلانلىغۇچىنىڭ تەننەرخ ھەۋىسى ئالدىدا نىشانىنى يوقىتىپ قويىشىدۇر. 
ئاۋام تورىدىن بۇرۇن قورۇلغان  ئۇچار ماشىنا تورى (风车网) نىڭ CEO سى چېن شىياۋفېڭنىڭ ئاشكارىلىشىچە، چېن يىجوۋ دائىم مۇنداق دەيدىكەن: "مەن سىزگە بىر مىليون يادرولۇق ئابونتنى ئۆتكۈزۈپ بەرسەم ، بۇ مەھسۇلات ئۆزى تۇرۇپ  كېتەلەمدۇ؟"، بۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى بولسا ئاۋام تورىنىڭ پاي چەك باھاسى  20 دوللاردىن 3 دوللارغا چۈشۈپ قالغان، چېن يىجوۋنىڭ بولسا قىسقا مۇددەت ئىچىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا تاقىتى قالمىغان. شۇڭلاشقا، ئۇنىڭ ئىگىلىك تىكلەش تۈرىگە ئۇزۇن مەزگىل كىرىشىشكە تاقىتى قالمىغان ۋە خالىغان ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ چوڭ ئىشىنى تاشلاپ ئۇچار ماشىنىغا ئەگىشىپ  باشقا  بازىرى ئىتتىك مەھسۇلات سودىلار، بولۇپمۇ تەننەرخ بازىرىدىكى جەلپ قىلارلىق كوللېكتىپ سېتىۋېلىش ، سىن سودىسى قاتارلىقلار بىلەن مەشغۇل بولدى.
چېن يىجوۋ تەننەرخنىڭ ئېزىقتۇرۇشى ۋە  بېسىمى ئاستىدا ، مەھسۇلات رەھبىرى رولىنى پەقەت ئالالمىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قوشۇنغا ۋە مەھسۇلاتقا تەسىر يەتكۈزدى. مەھسۇلاتنىڭ پايدا ئېلىش كۆرسەتكۈچىگە بولغان تەلەپنىڭ بەك تېز بولۇپ كېتىشى، بەك جىددىي بەك ياۋايى بولغان "ئابونت ئۆتكۈزۈۋېلىش" تىجارەت ئۇسۇلى  مەھسۇلاتنىڭ كەلگۈسىنى ئېغىر دەرىجىدە ئونكول قىلىپ ئابونتلارغا زىيان يەتكۈزدى. چېن يىجوۋنىڭ ئىگىلىك تىكلەش تىپىدىكى مەھسۇلاتلاردىن بىرنى سېتىۋېلىپ كېلىشى  ئىچكى قىسىمدا  ياساپ چىققىنىدىن تېخىمۇ پۇختا ئىدى. مانا بۇ ئاۋام تورىنى مىكروبىلوگ، ئۈندىدىدارلاردەك قىلىپ ياساپ چىقالمىغانلىقىنىڭ  چوڭقۇر قاتلاملىق سەۋەبى. 
ھەر بىر ياخشى مەھسۇلاتنىڭ كەينىدە چوقۇم بىر ئەلا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش قوشۇنى بولىدۇ، بىر رەھبەر  مەھسۇلاتقا ھاياتىي كۈچ بېرىپ، مەھسۇلاتنىڭ خاراكتېرىنى يارىتىدۇ ۋە مەھسۇلاتنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدۇ، بىز بۇنى ئادەتتە مەھسۇلات دىرېكتورى دەپ ئاتايمىز. بىر ياخشى مەھسۇلات دىرېكتورى ئىنتايىن ياخشى بىر كېڭەشكۈچى بولۇپ، بايلىق مەنبەسىنى بىرلەشتۈرۈپ مەھسۇلات نىشانىنى تاماملايدۇ؛ ئۇ يەنە ئىنتايىن ياخشى بىر تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچى بولۇپ، مەھسۇلاتنىڭ  ھاياتىي دەۋرىدىكى ھەرخىل زىددىيەتلەرنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ، مەسىلەن كەسپىي ئېھتىياج بىلەن ئابونتلارنىڭ ئېھتىياجى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيە پايدىسى ۋە تەننەرخنىڭ قىسقا مۇددەتلىك پايدىسى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت قاتارلىقلار.  ئۇ يەنە بىر ياخشى كونترول قىلغۇچى بولۇپ، مەھسۇلات ئىستىكى، مەھسۇلات سۈپىتى، مەھسۇلاتنىڭ سىرتقى كۆرۈنىشىنى كونترول قىلىدۇ، ھەتتا مەھسۇلات ئارقىلىق ئابونتلارنى كونترول قىلىدۇ. 
ئېنىقكى، چېن يىجوۋ بۇ رولنى ياخشى ئالالمىغان. چېن يىجوۋ ئاۋام تورىنى ئېلىپ تەننەرخنىڭ قۇلى بولۇشتىن ئىبارەت چوڭقۇر ھاڭغا چۈشۈپ كەتتى. 
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئايرىلىشى بىلەن، ئاۋام تورى يالغۇزسىراپ قالدى.
چېن يىجوۋ مەكتەپ تورىنى ئۆتكۈزىۋالغاندىن كېيىن، مەكتەپ تورىنىڭ دەرىجە ئۆرلەپ دەۋر ئالماشتۇرۇشىنى چوڭ قەدەم بىلەن كېڭەيتتى ۋە بەزى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، مەسىلەن، مەكتەپ تورىنىڭ سۈرئىتى بىر مەزگىل تېخىمۇ تۇراقلىق بولدى، لېكىن پەقەت بىر مەزگىللا.  ئەندىزە ئۆزگەرتىش ئارقىلىق  مەكتەپ تورىنىڭ ئۇسلۇبى تېخىمۇ ئېنىقلاشتى، ئابونتلار ئاپتوماتىك ئېنىقلىما بېرىش ئىقتىدارى ئۇسلۇبىنىڭ بىردەك بولۇشى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى، شۇنداقلا ئابونتلار مەخپىيەتلىكىگە نىسبەتەن باشقۇرۇلۇش كۈچەيتىلدى. ۋاڭ شىڭ مەكتەپ تورىدىن ئايرىلىپ، خەينېي  (海内网) تورىنى قۇرغان  مەزگىلدە، مەكتەپ تورى يەنە  ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئاق ياقىلىقلارنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىغان.  ئابونتلار توپىنى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن بارلىق كىشىلەرگە كېڭەيتىش ئۈچۈن ، 2009–يىلى مەكتەپ تورى (校内网)نىڭ ئىسمى رەسمىي ھالدا ئاۋام تورى (人人网) دەپ ئۆزگەرتىلدى. 
ئىسىم ئۆزگەرتىش بۇرۇلۇش ھاسىل قىلالمىدى. 2009-يىلى سىنا بىلوگىنىڭ قۇرۇلغان يىلى ئىدى. شۇ يىلى QQ بوشلۇقى غايەت زورىيىشقا يۈزلىنىپ ، يىل ئاخىرىغا بارغاندا  ئابونت سانى %158.6 ئېشىپ 387 مىليون 800 مىڭغا  يېتىپ، جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا ئايلانغان.  ئوخشاش مەزگىلدە ئاۋام تورىدا تىزىمدا ئالدۇرغان ئابونت سانى ئاران 120 مىليون بولغان. 
ئاۋام تورى ئىسىم ئۆزگەرتىپ خاتا قىلمىدى، لېكىن ئۇلار بەك كېچىكىپ قالدى. ئۇلار ھەقىقىي رىقابەتچىنىڭ كەيشىن تورى (开心网) ئەمەس بەلكى QQ ۋە كۆچمە  تېرمىناللىق مىكروبىلوگ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ  ھوشىنى تېپىپ ئىسىم ئۆزگەرتىش ئىستراتېگىيەسى ۋە يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن مەكتەپ سىرتى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويغان بولسىمۇ يەنىلا ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتەلمىدى.  ئەقىلگە سىغمايدىغىنى  2008–يىلى چېن يىجوۋ SNS كۈرىشىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى، چيەن شىياڭنىڭ ئۇتۇپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى. دەل مۇشۇ  تەكەببۇرلۇق پوزىتسىيەسى ئاۋام تورىنىڭ كەلگۈسى پۇرسىتىنى بىرمۇبىر يوقىتىۋېتىپ، نۇرغۇنلىغان كۈچلۈك كۆرۈنمەس رىقابەتچىلەرنى كۆزدىن ساقىت قىلىۋەتتى. 
ھەرقانداق بىر ئەلا مەھسۇلاتنىڭ چىقىش نۇقتىسى  دەردىگە  دەرمال بولۇپ، ماھىيەتلىك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتۇر. SNS كە نىسبەتەن بولسا ئابونتلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە يالغۇزسىراشتىن قۇتۇلۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش. لېكىن ئاۋام تورى ئابونتلارنىڭ تېخىمۇ يالغۇزسىرىتىپ قويدى. 
ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىن ئايرىلغاندىن كېيىن ، نۇرغۇن كىشىلەر ئاۋام تورىدىن ئايرىلدى. نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئۈچىنچى يىللىقى، ئاسپىرانتلىق ئۈچىنچى يىللىقىنىڭ  ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپتىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن ئاللىبۇرۇن مىكروبىلوگ قاتارلىق باشقا ئالاقە ۋاستىلىرىنى تاللاپ بولغان ئىدى. سەۋەب ناھايىتى ئاددىي، قەيەردە دوست بولسا، شۇ يەردە ئىجتىمائىي ئالاقە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇشقا كىرىشتىن بۇرۇنقى تىزىملىتىش نىسبىتى ۋە جانلىقلىق دەرىجىسىمۇ بارغانسېرى تۆۋەنلەپ كەتتى، چۈنكى مىكروبىلوگ ئارقىلىق ئاللىبۇرۇن ھەمساۋاق ئاكا-ھەدىلەرنى تاپقىلى بولىدىغان بولدى ۋە  ئىجتىمائىي ئالاقە ئەمەلگە ئاشتى. 
گەرچە زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ ، لېكىن ئىزچىل تۈردە مەكتەپلىشەلمەسلىك ئاۋام تورىنىڭ ئەڭ چوڭ ئازابى بولۇپ قالدى. 
ئوقۇغۇچىلارنى قوغلاپ چىقىرىپ ، ئاۋام تورى ئۆز-ئۆزىگە گۆر كولىدى. 
ئەسلىدە بار بولغان ئابونتلارمۇ، ئاۋام تورىدىن "سۈرگۈن " قىلىۋېتىلدى. 
ئاۋام تورى ئېغىر بېسىم ئاستىدا ئۆز كەلگۈسىنى ئونكول قىلىۋەتتى. ئابونتلارنىڭ نەزىرىدىكى سەۋدايىلارچە  ئۇچۇر تەۋسىيە قىلىش، ئويۇن تەكلىپى ئەۋەتىش، مەجبۇرى دەرىجىدە ئەگەشتۈرۈش، بەت يۈزى ئېلانلىرى ئاۋام تورىنى بىر ئويۇن سۇپىسى، ئۇقتۇرۇش سۇپىسى، ئەخلەت ئۇچۇر سۇپىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. سەۋدايىغا ئايلانغان ئاۋام تورى ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى مۇددىئاسى، يەنى كىشىلەرنىڭ ئۆز-ئارا ئالاقە قىلىشىغا ۋە تۇرمۇشتىن بەھىرلىنىشىگە ياردەم بېرىدىغان ئالاقە توى بولۇشنى ئاللىقاچان ئۇنتۇپ قالغان ئىدى. 
ئابونتلار تور بەتكە كىرگەندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ مەجبۇرىي ھالدا  ئاۋام تورى قارمىقى ئاستىدىكى  نومى تورى (  糯米网) غا ئەگەشتۈرۈلۈپ قويۇلغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن كۆپ مىقداردىكى كوللېكتىپ سېتېۋېلىش ئېلانلىرىنىڭ توپ-توپ بولۇپ چىقىۋاتقانلىقىنى بايقاشتى. مانا بۇ چېن يىجوۋ ئېيتقان "ئابونت ئۆتكۈزۈپ بېرىش"تۇر. مەڭگۈ يۇيۇپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان ئۇچۇر، ئۇقتۇرۇش، تەكلىپلەر (كۆپىنچىسى ئويۇن تەكلىپلىرى ۋە ئاپتوماتىك شەكىللەنگەن ئۇچۇرلار )  ئوبسېسسىئونال نېۋروزىيە بار بولغان مېنى ئاۋام تورىنى بىر سېكونت ئارتۇق ئاچساملا بىر خىل ئازاب ھېس قىلدۇرىدىغان بولدى. ھەممىمىز بىلىمىز، ئۇ ئاۋام تورى  ئابونتلارنىڭ جانلىقلىق دەرىجىسى ئاشۇرۇش ۋە چېكىلىش ئۈنۈمىنى كېڭەيتىش مەقسىتىدە  تۈزۈلگەن بولۇپ ھەرگىزمۇ  ئابونتلارنىڭ سىناق قىلىشى ئۈچۈن تۈزۈلگەن لايىھە ئەمەس. 
ئاۋام تورىنىڭ مەزمۇن ھەمبەھىرلىنىشىمۇ تۆۋەن سۈپەتلىك ۋە ئوخشاش سۈپەتلىك بولۇشقا قاراپ  يۈزلەنمەكتە. سوغۇق يۇمۇز، تۆتىنچى، ئالتىنچى دەرىجە ئىمتىھان ئەڭگۈشتىرى قاتارلىق ئۇچۇرلار ئاساسىي ئېقىمنى ئىگىلىۋالدى.  ئىلگىرىكى سادىق ئابونت بولۇش سۈپىتىم بىلەن مېنىڭ ئاۋام تورى باش بېتىدە كۆرەلەيدىغان ئەڭ يېڭى سۈرەت بولسا دوستلىرىم ئۈچ يىل بۇرۇن تارقاتقان سۈرەتلەردۇر.  مەن ھازىر ھېچقانداق دوستۇمنىڭ ھالەت يېڭىلىغىنىنى كۆرەلمەيمەن ( مىكروبىلوگ بىلەن ماسقەدەملەشتۈرۈلگەنلىرى بولۇشى مۇمكىن)، ھەممىسى سودا ئابونتلىرى، مۇردا دوستلار، ساختا ئاممىۋى بەتلەر بىلەن تولۇپ كەتكەن.  ئىجادىي ئەسەر يوق، ئۆز-ئارا ھەرىكەتلەندۈرۈش ئاز، ئۆز-ئارا مۇئامىلە ئاز، پاراكەندىچىلىك كۆپ بولۇپ، ئاۋام تورى ئاللىقاچان  بىر تۆۋەن سۈپەتلىك، ئىككىنچى قول، ئاساسىي ئېقىم بولمىغان ئۇچۇرلارنىڭ توپلىنىش بازىسىغا ئايلىنىپ قالدى.  ئاۋام تورىنىڭ قىزىقىش رايونى، مەزمۇن قېزىش  مۇلازىمەتلىرى قاتارلىقلارنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ  ئارزۇسى كۆپۈككە ئايلاندى. 
مەھسۇلاتنىڭ ئىجادىيلىقىغا كەلسەك، ئاۋام تورى Facebook،  Twitterۋە سىنا بىلوگى قاتارلىق مەھسۇلاتلار نېمە قىلسا شۇنى قىلدى. ۋاقىت ئوقى، Pinteres، ئىمزا قويۇش قاتارلىق رەڭگارەڭ ئىقتىدارلار بىر–بىرىگە ئارىلىشىپ كەتتىيۇ، لېكىن ئۇنىڭ يۈكلەش سۈرئىتى مېنى خۇددى يان تېلىفوندا ئاۋامغا چىقىۋاتقاندەك ھېس قىلدۇرۇپ قويدى.  ھەقىقىي ئاۋام يان تېلېفون تېرمىنالىنى بولسا  بۇرۇنلا ئىشلەتمەسلىك قارارىغا كەلگەنمەن. 
مانا مۇشۇنداق سەۋەبلەر ئۇنىڭ كونا ئابونتلىرىنى قوغلاپ چىقىرىپ، يېڭى ئابونتلارنىمۇ  چەتكە قېقىپ قويدى. يېقىنقى يېرىم يىلدا ئاۋام تورىنىڭ Alexa ئېقىم رەت تەرتىپى ئالدىنقى 19-دەرىجىدىن 25-دەرىجىگە چۈشۈپ قالدى. 
ئاۋام تورى ھازىرقى ناچار شارائىت ۋە ئۆز كەلگۈسىنى كۆرەلمەيدىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۆىنىڭ يادرولۇق بايلىق مەنبەسى بولغان ئابونتلارنى ئونكول قىلىۋەتتى. ئابونتلار ئاۋام تورىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى شال پاخىلى(稻草) بولۇپ قالدى. 
ئاچقۇچى ئايرىلىپ ، ئاۋام تورى ئۆز ئۆزىگە مەپتۇن بولۇپ يۈردى. 
ھەر قانداق بىر ئالاقە تور  مەھسۇلاتى ئابونتى يۈز مىليون دەرىجىسىگە يەتكەندىن كېيىن ، ئېچىۋېتىش مەسىلىسىنى ئويلىشىشى كېرەك. 
ئۆزىنىڭ ئابونتى، بايلىق مەنبەسىنى ئۈچىنچى تەرەپ بىلەن بەھرلىنىپ،  گۈللەنگەن بىر سۇپا ئېكوسفېراسى ھاسىل قىلىش، يەنى  ئابونتلارنىڭ ئېھتىياجىنى  ئۆز سۇپىسىدا ئاددىي، كۆپ خىل ھالدا قاندۇرۇش بىلەن بىرلىكتە، ئۈچىنچى تەرپ ئاچقۇچى بىلەن  ماسلاشقان ھەمكارلىق ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. بۇ جەرياندا ئاچقۇچىغا قارىتا  ئېچىۋېتىلگەن ھەمكارلىق ۋە مۇلازىمەت پوزىتسىيەسىدە بولغاندىلا ئاندىن ئاچقۇچى، ئابونت ۋە ئېلان سودىگەرلىرىنىڭ ئورتاق يېڭىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. 
ئىجتىمائىي ئالاقە تورىنىڭ خەلقئارالىق ئەلاچىسى بولغان Facebook 2007-يىلى API نى ئېچىۋېتىپ، بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە 200 مىڭدىن كۆپرەك ئاچقۇچىنىڭ 45899 دانە ( app) ئەپنى توپلىدى. بۇ ئاچقۇچىلار ۋە ئەپلەر Facebook نىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى، لېكىن دۆلەت ئىچىدىكى ئەلاچى QQ بولسا 360 رىقابىتىدىن كېيىن ئاندىن ھەقىقىي ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇپ، پىنگىۋېننى چۆرىدىگەن  ئېكوسفېرانى ھاسىل قىلدى. 
ئاۋام تورى 2008–يىلى  ئېچىۋېتىلگەن سۇپىنى يولغا قويغان بولسىمۇ ، لېكىن بۇ ئاچقۇچىلار  يېقىن  يولىمايدىغان ئېچىۋېتىلگەن سۇپا بولۇپ قالدى. بۇ ئاۋام تورى ئابونتلىرى ۋە ئېقىم مىقدارىنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن ئەمەس بەلكى ئاۋام تورى نەچچە يىلدىن بېرى توپلىغان نۇقسانلىرىنىڭ يامان نەتىجىسىنى تېتىغان ئىدى.  ئاچقۇچى zuoqun ھەتتا يازمىسىدا ئۇدۇللا "ئاۋام تورى ئېچىۋېتىلگەن سۇپىسىدىن ۋاز كېچىڭ، ئۇ سىزنىڭ بىر مىنۇت ۋاقتىڭىزنى سەرپ قىلىشىڭىزغىمۇ ئەرزىمەيدۇ." دېگەن بولۇپ، بۇ  ئاچقۇچىلار ساھەسىدە  ئورتاقلىقنى قوزغىغان ئىدى. دوستانە بولمىغان API لايىھەسى ۋە قوپال يازمىلار، تەستىقلاشتىكى بيۇكراتلىق ئىستىللار ۋە ناچار بولغان مۇلازىمەت قارىشى ئاچقۇچىلارنى بەكلا قىينىۋەتتى.  قىسقا مۇددەتلىك پايدىنى قوغلىشىدىغان ۋە زوراۋانلىق تىپىدىكى ئىستىل سەۋەبىدىن، ئاۋام تورى ياخشى بىر ئۈچىنچى تەرەپ ئەپنى كۆرسىلا ئۆزى بىرنى ياسايدىغان يامان ئادەتنى يېتىلدۈرىۋالدى. بۇ ئاچقۇچىلار ئەڭ ھەزەر ئەيلەيدىغان بىر ئىش بولۇپ، نۇرغۇن ئاچقۇچىلار ئاۋام تورىغا يېقىن يولىماسلىقنى تاللىدى ۋە ئاۋام تورى  ئۈچۈن  ئىشىك ئالدىغىچە مال يەتكۈزۈپ بېرىشنى تاشلىدى. 
ئەسلى جۇڭگونىڭ Facebookغا ئايلىنىش پۇرسىتى بار بولغان ئىجتىمائىي ئالاقە تور مەھسۇلاتى، بىر تەننەرخ ئۇستىسىنىڭ يېتەكلىشى بىلەن ، تەننەرخ ئويۇنىنىڭ بىر تال پىشكىسى سۈپىتىدە قېقىندى-سوقۇندى بولۇپ ھازىرقىدەك مۈشكۈل ئەھۋالغا قالدى.  ۋەزىيەتنى ئوڭشاشقا ماغدۇرى يەتمەيدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندا،  ئىچكى قىسىمدىكى خادىملارنى قىسقارتىش كۈرىشى، سىمسىز ئابونت سانىنىڭ راكېتا قويۇپ بېرىش قاتارلىق خەۋەرلەر ئارقا-ئارقىدىن تارقىلىشقا باشلىدى، بەلكىم  بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەتلا ئاۋام تورىدىن ئىبارەت بۇ كېمە قار-بوران ئىچىدە  چايقىلىشتىن كېلىپ چىققان بىز كۆرۈۋاتقان بەزى يېرىقلارلا بولۇشى مۇمكىن. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى