ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىگىلىك باشقۇرۇشنى بىلىشنىڭ مۇھىملىقى

ئىگىلىك باشقۇرۇشنى بىلىشنىڭ مۇھىملىقى

ۋاقتى: 2016-06-06 ئاۋاتلىقى: 787 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


ئەقىل-پاراسەت جەۋھەرلەنمىسى
ھەرقانداق بىر باي، گۈزەل شەھەردە ئىككى خىل ئادەم بولىدۇ، ئۇلار بايلار ۋە نامراتلاردۇر، نامراتلار رىئاللىقا يۈزلىنىپ، پەقەت كۈن بۇيى گۈزەل چۈشلەرنى كۆرۈپ، ھامان بىر كۈنى باي بۇلۇشنى خىيال قىلىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە مەن نېمە ئۈچۈن نامرات؟ دېگەن سوئال ئۇلارنى گاڭگىرىتىپ قويىدۇ. قانداق قىلغاندا چۈشنى رىئاللىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزى ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ.

ئىگىلىك باشقۇرۇشنى بىلمىسە، ئىقتىدارى بولغان بىلەنمۇ يەنىلا نامراتچىلىقتىن قۇتۇلغىلى بولمايدۇ
بەنشىر: «شۇنداق، مېنىڭمۇ تۇنجى قېتىم ئويلاپ بېقىشىم، شۇنچە كۆپ يىللاردىن بۇيان، ھەركۈنى تاڭ يۇرىغاندىن باشلاپ كەچ كىرگىچە ئىشلەيمەن، نەچچە ئون يىل خۇددى بىر كۈندەك ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ھېچقانداق جەڭ ھارۋا ئۇستىسى مەندەك جاپالىق ئىشلىمەيدۇ دېسەم ئاشۇرىۋەتكەن بولمايمەن، مەن ياسىغان جەڭ ھارۋىلىرىنىمۇ ئەڭ مۇكەممەل دېيىشكە بولىدۇ. شۇنچە مۇكەممەل جەڭ ھارۋىلىرىنى ياساپ تۇرۇپمۇ مەن يەنىلا نامرات، مەن بۇنىڭغا زادى قايىل ئەمەس!»
«مەن ئىزچىل كۆپچىلىكنىڭ ماڭا كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئارزۇ قىلىپ كەلدىم. ئەمما، تىرىشچانلىقىم باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىدى. مەن ئۈچۈن بايلىققا ئىگە بولۇش ناھايىتى يىراقتىكى ئىش، شۇڭا ئۆزۈمنى تولىمۇ چۈشكۈنلىشىپ كەتكەندەك  ھېس قىلىمەن.»
«باي بولسام، ئېسىل كېيىنسەم، ھېسابسىز ئالتۇنلىرىم بولسا، خالىغانچە خەجلىسەم، دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى نەرسىلەرگە ئىگە بولسام. باي بولۇش ئۈچۈن، بارلىق جاپالىق ئىشلارنى قىلىپ ھەر كۈنى ھېرىپ كەتسەممۇ رازى ئىدىم. ئەمەلىيەتتە تەلىپىم ناھايىتى ئاددىي، پەقەت تارتقان جاپايىمغا لايىق ئەجىرگە ئېرىشسەملا دەيمەن. ئەمما، يەنلا ھېچنېمەم يوق. ئامەت قۇشى بىزگە قونمايدىكەن. بىزدە زادى نېمە كەمچىل؟ ئەجىبا ئاشۇ گۈزەل نەرسىلەرنى ئويلاپلا يۈرۈپ، ئاخىرىدا ئۇلارغا ئىگە بولالماي بۇ دۇنيادىن كېتىپ قالامدۇق؟ ئاشۇ ئېسىل نەرسىلەر پەقەت بايلار ئىشلىتىش ئۈچۈنلا يارىتىلغانمۇ؟ قېنى ئېيتىپ باقە، قەدىناس دوستۇم.»
«مەنمۇ، بىزدە زادى نېمە كەملىكىنى بىلىپ باقسام دەيمەن! بىر ئۆمۈر بىكارغا جاپا تارتىپ، بىر تىيىنمۇ قالدۇرماي كېتىشكە پەقەت رازىلىقىم يوق. يەتتە تارىلىق چالغۇنى چېلىپ تاپقان پۇلۇم تويۇنۇش ۋە ئىسسىنىش مەسىلىسىنىمۇ ھەل قىلالمايدۇ. ھەمىشە ئامال قىلىپ پۇل تېپىپ ئائىلەمنىڭ تويۇنۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىنى ئويلايمەن. چوڭ، چىرايلىق بىر يەتتە تارىلىق چالغۇم بولۇشىنى نەقەدەر ئارزۇ قىلىمەن-ھە! پەقەت مۇشۇنداق يەتتە تارىلىق چالغۇدىلا ئەڭ يېقىملىق كۈيلەرنى چالغىلى بولىدۇ، ئاشۇنداق بىر چالغۇغا تەبئىي تالانتىم قۇشۇلسا، ھەتتا پادىشاھمۇ ئاڭلاپ باقمىغان يېقىملىق كۈيلەرگە چالالىغان بولاتتىم.»
بەنشىر خۇرسىنغان ھالدا: «شۇنداق، سەندە مۇشۇندا يەتتە تارىلىق چالغۇ بولىدىغان بولسا، بابىلون بويىچە ئەڭ يېقىملىق كۈيلەرنى چالالىغان، ھەر قاندا كۈيگە چالىدىغان بولساڭ يېقىملىق ۋە تەسىرلىك ئاڭلىنىپ كەتكەن بولاتتى. ئەمما، بىز تولىمۇ نامرات، ئىسىنىش، تويۇنۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشلا بىزگە زور بېسىم بولىۋاتىدۇ. نەدىمۇ ئۇنداق چوڭ، چىرايلىق يەتتە تارىلىق چالغۇدىن ئېغىز ئاچقىلى بولسۇن دەيسەن؟ بۇنداق خىياللار قاچان ئەمەلگە ئاشار؟ قولاق سال! قوڭغۇراق ئاۋازى! سۇ تۇشۇۋاتقان ئۇ قۇللارغا قارا، قىپيالىڭاچ، پۈتۈن بەدىنىدىن چىقىۋاتقان تەرلەر خۇددى يامغۇردەك قۇيۇلماقتا بەش قۇل بىر سەپ قىلىپ باغلانغان، ئېغىر تۇلۇمنى كۆتۈرۈپ، سەپ بويىچە كېتىۋاتىدۇ، ئۇلار ھەر بىر قەدەم ئىلگىرلىگەندە بەللىرى ئىگىلىپ كېتىدۇ. بىز ئاشۇ قۇللاردىنمۇ تىرىشىپ ئىشلەيمىز. ئەمما، ئىسىنىش تويۇنۇش مەسىلىسىنىمۇ ھەل قىلالمايۋاتىمىز. ھېچ بولمىغاندا ئۇلار تۇيۇنۇش مەسىلىسىدىن غەم قىلمايدۇ، كۈچەپ ئىشلىشى ئۈچۈن خۇجايىن ئۇلارنىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇپ قويىدۇ. بىزنىڭ ھەتتا قۇلدىنمۇ پەرقىمىز يوق، ئوخشىمايدىغان يېرىمىز پەقەت، چارچىغاندا ئارام ئالالايمىز شۇ. بىراق ھازىر مەندە ئىش قىلغۇدەكمۇ مادار قالمىدى.» دېدى.
كوبى قوڭغۇراق چېلىۋاتقان ئوفېتسىرنى كۆرسىتىپ تورۇپ: «شۇنداق، بىز نېمە ئۈچۈن بۇنداق ناچار ئەھۋالدا تۇرمۇش كەچۈرىمىز؟ ئاۋۇ قۇللارنى باشقۇرىدىغىنىغا قارا، ئۇ چوقۇم بابىلون دىيارىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن شەخس، نېمىدىگەن سالاپەتلىك، گىدەيگەن قىياپىتىچۇ تېخى، ھەقىقەتەنمۇ كىشىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدۇ. نېمە ئۈچۈن بىز ئۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن ئادەمنىڭ ھەۋىسى كەلگۈدەك كىشى بولالمايمىز؟» دېدى.
بەنشىرمۇ ھاياجانلانغان ھالدا سۆزلەپ كەتتى: «شۇنداق، ئۇ بىر ئوفېتسىر، كۆزگە كۆرۈنگەن شەخس. ئەمما، قۇللار قۇشۇنىدىمۇ چوقۇم تالانتلىق كىشىلەر بار، نۇرغۇنلىرىنىڭ بىزگە ئوخشاش مۇقىم ھۆنىرى بار. ئۇ قەددى قامەتلىك، كۈچتۈڭكۈر ئەرلەر، چوقۇم شىمالدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردىن كەلگەن. ئاۋۇ چىرايىدىن كۈلكە جىلۋىلىنىپ تۇرىدىغان نېگىر چوقۇم جەنۇبتىن كەلگەن، ئاۋۇ قوڭۇر قۇللار ئەتراپتىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردىن كەلگەن. ئۇلار ھەر كۈنى شۇنداق تەكرار ئىشلەيدۇ، يىل بۇيى ئارام ئالمايدۇ، ئۇ يەردە قانداقمۇ خۇشاللىق بولسۇن؟ ئۇلار ياخشى يېيەلمەيدۇ، كۈندۈزى ھاۋا ئىسسىق ۋاقىتلاردا ئىشلەيدۇ، كەچتە ھاۋا سۇۋۇپ كەتكەندە، ئۇخلايدىغان ئۆيىمۇ يوق، ھايۋانلارغا ئوخشاش كەپىگە قامىلىدۇ، نېمىدىگەن بىچارە! بەئەينى ھايۋانلارغا ئوخشاش ياشايدۇ!»
«ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتمىساقمۇ بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بىزنىڭ ئەھۋالىمىزمۇ ئۇلاردىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. ئوخشىمايدىغىنى بىز پەقەت ئەركىن ئادەم، ۋاقتىمىزنى ئۆزىمىز ئۇرۇنلاشتۇرىمز خالاس. ئەمما، بىزمۇ تىرىشىپ جاپالىق ئىشلەيمىز. بۇ تەرىپىمىز ئۇلار بىلەن ئوخشاش، بىز پەقەت خىزمەتنىڭ قۇللىرى. پەخىرلەنگۈدەك يېرىمىز يوق. يەنە كېلىپ بىز ھۆر ئادەم، شۇڭا خىجىللىق ھېس قىلساق بولىدۇ.»
«ھەقىقەتەن شۇنداق. قارىسام ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈنلا قايغۇرىدۇ. راستىنى ئېيتقاندا، يەنە قۇلغا ئوخشاش بۇنداق ياشاشنى خالىمايمەن. بىزنىڭ خىزمەتتىن باشقا ھېچنىمىمىز يوق.»

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى