ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

پۇل تېپىشتىكى ئۈچ خىل شەكىل ۋە بىز

پۇل تېپىشتىكى ئۈچ خىل شەكىل ۋە بىز

ۋاقتى: 2016-07-06 ئاۋاتلىقى: 871 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

پۇل تېپىشتىكى ئۈچ خىل شەكىل

مۇلازىمەت قىلىپ  پۇل تېپىش، مەھسۇلات سېتىپ پۇل تېپىش، يۇقىرى مەبلەغ سېلىپ پۇل تېپىش  .

تۆۋەندە مەن بۇ ئۈچ خىل شەكىلنى تەپسىلىي تونۇشتۇرىمەن .

بىرىنچى، مۇلازىمەت سېتىپ پۇل تېپىش

زاغرا تىل بىلەن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ خىل پۇل تېپىش مەدىكار ئىشلەش دېيىلىدۇ، سىلىق قىلىپ ئېيتقاندا ئىشلەمچى بولىدۇ، تېخىمۇ سىلىقلاتساق خىزمەتچى بولىدۇ.

سىز خەققە قانداقلا مۇلازىمەت قىلماڭ، سىز بىر ئۆزىنىڭ ئىشىنى(جىسمانىي، ئەقلى كۈچىنى) سېتىپ پۇل تاپقۇچى بولىسىز، ئۇزۇن ئۆتمۈشتىكى بايلارغا يىللىقچى بولۇپ ئىشلىگەن ئاتا بوۋىلىرىمىزدىن تارتىپ ھازىر ھۆكۈمەت خادىمى بولۇپ سەمىرىپ جاھانغا پاتماي كەتكەن ئەمەلدارلارغىچە ھەممىسى مۇلازىمەت قىلىپ پۇل تاپىدىغانلاردۇر.

 


مۇلازىمەت قىلىپ پۇل تېپىشنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى شۇكى: مەبلەغ ناھايىتى ئاز كېتىدۇ. تۆۋەن بولغاندا ئىككى قولىڭىزنى قوۋۇشتۇرۇپ مەدىكار بازىرىدا ئولتۇرسىڭىزلا بولىدۇ،  ئەمما پۇلنى كۆپ تاپالمايسىز. (بۇ خىل ئۇسۇل پەقەت ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسى).

ئىككىنچى، مال سېتىپ پۇل تېپىش

مال ساتسىڭىز ئاسانلا پۇل تاپالايسىز، بۇ يەردىكى مال ئۇقۇمى قەدىمدىكى نەرسىگە نەرسىنى تېگىشىش ئۇقۇمىدىن ھازىرقى  بەزى جايلاردىكى ئەمەل سودىسىغىچە،  بولغان بارلىق سېتىلما بولۇۋاتقان نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ .سىزدە مۇقىم مال مەنبەسى،  ياخشى مال،  ياخشى بازار بولسىلا سىز پۇلنى ناھايىتى ئاسان تاپىسىز،  ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ پۇل ئۈزلۈكسىزلىككە ئىگە بولىدۇ. مۇلازىمەت قىلىپ پۇل تېپىشقا سېلىشتۇرغاندا سىز ئۆزىڭىز بېرىپ پۇل تاپمايسىز، سىزنىڭ ماللىرىڭىز سىزگە پۇل تېپىپ بىرىدۇ. بۇنىڭدىكى ھالقىلىق مەسىلە ياخشى مال، ياخشى بازار بولۇشى كېرەك.

ئۈچىنچى، يۇقىرى مەبلەغ بىلەن پۇل تېپىش

بىرىنچى خىل تۈردە سىز ئۆزىڭىز بېرىپ پۇل تاپقانتىڭىز، ئىككىنچى تۈردە سىزنىڭ ماللىرىڭىز بېرىپ پۇل تاپقان، ئەمدى بۇ تۈردە سىزنىڭ پۇللىرىڭىز بېرىپ پۇل تاپىدۇ.

سىز مەلۇم ئورۇنغا مەبلەغ سالىسىز، مەبلىغىڭىز ئايلىنىپ يۈرۈپ پايدىنى سىزگە يىغىپ كېلىدۇ، ئاز مەبلەغ سالسىڭىز ئازراق قىلىشى مۇمكىن. كۆپ سالسىڭىز جىقراق كېلىشى مۇمكىن، ئەلۋەتتە بۇنى سىز مەبلەغ سالغان تۈرنىڭ بازار ئەھۋالى بەلگىلەيدۇ .

خوش، ئۇنداقتا، قانداق كىشىلەر مەبلەغ سېلىپ پۇل تاپقۇچى بولالايدۇ؟ بۇ ھەقتىكى مەزمۇنغا قىزىقسىڭىز قېنى دىققىتىڭىز داۋاملىق يازمىنىڭ كېيىنكى بېتىدە بولسۇن!
#p#

بىرىنچى، پۇلى بار كىشىلەر

ئادەتتە پۇلنىڭ ئاز كۆپلۈكى مەبلەغ سېلىشقا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ،  پەقەت مەبلەغ سېلىنمىسىغىلا تەسىر قىلىدۇ. دېمەكچى پۇلنىڭ ئاز كۆپلۈكى ئالدىنقى شەرت ئەمەس. ئىشنەمسىزكىن بىلمىدىم لېكىن ھازىر توردا سالغان سېلىنمىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىچىلىك پايدا ئالدىغان پۇرسەتلەر بار.(تور ئۇچۇرى)

بۇ خىل پۇرسەتلەر ئەتراپىڭىزدا ئەگىپ يۈرۈيدۇ، لېكىن سىز بۇندىن ئىلگىرى مەبلەغ سېلىش ئۈستىدە ھەقىقىي ئويلىشىپ باقمىغان بولغاچقا،  بۇ پۇرسەتلەرنى ھېس قىلالمايسىز، ھەقىقىي تېگىگە يەتكەندە بولسا مەبلەغ يېتىشتۈرۈپ بولالماي قالىسىز.

سىز مەبلەغ سېلىشنى ئۆگىنىپ بولۇپ مەبلەغنى ياخشى بىر تۈرگە سالغاندىن كېيىن سىزنىڭ چۈشكىچە ئۇخلايدىغان كۈنلىرىڭىز كېلىدۇ، سىزنىڭ پۇلىڭىز توختىماستىن ئايلىنىدۇ، ئايلىنىپ-ئايلىنىپ دېگەندەك خېلى بولۇپ قالىدۇ، سىزدە خېلى كۆپ  مۇقىم مەبلەغ،  مۇقىم كىرىم ئېقىمى بولىدۇ.

ئەگەر يۇقىرىدىكى پۇل تېپىش ئۇسۇللىرىنى،  سىز ئارىڭىزدىكى بىرەر قېرىندىشىڭىزغا دېسىڭىز،  ئۇ سىزنى ئۇخلىماي چۈش كۆرۈۋېتىپسەن،  دېيىشى مۇمكىن، لېكىن سىز توختىماي تىرىشسىڭىزلا قىلىپ كېتەلەيسىز،  ھېچ بولمىغاندا مۇشۇ قائىدە قانۇنىيەتلەرنى بىلمەكمۇ بىر ياخشى ئىش. مۇقىم كېرىم ئېقىمى بولغاندىلا سىز ئۆزىڭىز خالىغان ئىشلارنى قىلسىڭىز يارىشىدۇ،  ماددىي ئېھتىياجنى قاندۇرالماي تۇرۇپ مەنىۋى ئېھتىياجىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. قورساق توق، كىيىم پۈتۈن، يانچۇقتا پۇل بولسا قالغان ئىشلارنى ئويلاشساق ئۇ قاملىشىدۇ،  بولمىسا ھەممىسى قۇرۇق گەپ بولۇپ قالىدۇ.

ئەمدى گەپ بىزگە كەلدى،  بىزلەر بۇلارنىڭ قايسىلىرىغا تەۋە بۇنى ئايدىڭلاشتۇرىۋالايلى.

بىرىنچى: ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى

بۇلار بۇ ئۈچ تۈرنىڭ ھېچقايسىسىغا تەۋە ئەمەس(ھازىرچە شۇنداق دەپ تۇرايلى)،  لېكىن قايسىغا تەۋە بولۇشنى كېچە-كۈندۈز ئويلاۋاتقان ئەڭ تەلەيلىك بىلىم مەدىكارلىرىدۇر.

بۇ بىلىم مەدىكارلىرى قۇرۇق كاللا بىلەن كىرىپ بىلىم تاپىدۇ، بىلىم بىلەن كاللا تاپىدۇ، كاللا بىلەن بىلىم يارىتىدۇ.

جەمئىيەتكە چىققاندا قۇرۇق يانچۇق بېرىپ خەققە ئىشلەپ پۇل تاپىدۇ، پۇل تېپىپ يول تاپىدۇ، يول تېپىپ پۇل تاپىدۇ. بۇلار كېيىنكى ئۈچ خىل كىشىلەرنىڭ ئىزباسارلىرى.

ئەگەر سىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولسىڭىز جەمئىيەتكە چىقىش تەييارلىقىنى پۇختا قىلىڭ. قۇرۇق كىرىپ قۇرۇق چىكىتىشتىن ھەزەر قىلىڭ.  سىزنىڭ بىلىم ئېلىشتىن ئارتۇق ۋەزىپىڭىز يوق، ۋاقىتنى قەدىرلەڭ.

يەنە كىملەر (قايسى كەسىپتىكىلەر) باردۇ؟ قىزىقىۋاتامسىز؟ قېنى ئەمىسە دىققىتىڭىز داۋاملىق كېيىنكى بەتتە بولسۇن!
#p#

ئىككىنچى:  ئوقۇتقۇچى، دوختۇر، دۆلەت كادىرى، تەتقىقاتچىلار...

ئۇلار  بىرىنچى خىل شەكىلدىن پايدىلىنىپ جان بېقىۋاتقانلار، بۇلار ھۆكۈمەت بەرسە يەيدۇ، بولمىسا قاراپ ئولتۇرىدۇ (ئامال يوق،  شارائىت شۇنداق).

  ئەگەر سىز بىرىنچى تۈردىكى كىشىلەرگە تەۋە بولسىڭىز سىزگە تەۋسىيە بولسۇنكى سىز ئىككىنچى تۈرنى ئويلىشىپ بېقىڭ (كۆزىڭىز يەتسە كەسىپ ئالماشتۇرۇڭ، يەتمىسە قوشۇمچە قىلىڭ) ئۆيدىن چىقماي پۇل تاپقىلى بولىدىغان دەۋردە ياشاۋاتىسىز، توردىن پايدىلىنىشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ.

ئۈچىنچى: سودىگەرلەر

ئەگەر سىز سودىگەرلەر تۈردىكى كىشىلەرگە مەنسۇپ بولسىڭىز مەن سىزگە مەبلەغ سالغۇچىلار تۈرنى تەۋسىيە قىلىمەن،  سودىڭىزنى نورمال ماڭغۇزىۋاتىسىز،  تۇرمۇشىڭىزمۇ قېلىپقا چۈشۈپ قالدى،  ئەمدى سىز دەرھال پۇلىڭىزنى جەملەپ مۇقىم كىرىمىڭىز،  ئايلانما مەبلىغىڭىزنى بىر ئىسىتاتىستىكىلاپ كۆرۈڭ، سىزنىڭ مۇقىم ئايلانماي تۇرۇۋاتقان مەبلىغىڭىز خېلى بار. سىز بۇ پۇللاردىن پايدىلىنىپ يېڭى ساھەلەرنى ئېچىڭ.

ئوتى بار يەرنىڭ سۈيى يوق،  سۈيى بار يەرنىڭ ئوتى يوق دېگەندەك نۇرغۇن باي سودىگەرلىرىمىز بار،  پۇل خەجلەيدىغان يەر تاپالماي،  يەنە نۇرغۇن ياشلىرىمىز بار ئىگىلىك تىلەش يولىدا قىينىلىپ جاپا تارتىپ يۈرۈۋاتقان، بولسا مۇشۇنداق كاللىسى ئۇچۇق ياشلىرىمىز بىلەن پاراڭلىشىڭ،  چۈنكى بۇ ياشلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى ئەڭ يېڭى، سىز ئۆتمۈشتە سودا قىلىپ باققان كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ تەجرىبە ئىگىلىگەن بولسىڭىز ئەمدى،  ماۋۇ بىلىم قۇرۇلمىسى خېلى مۇكەممەل بولغان ياشلار بىلەن پاراڭلىشىپ ئۇلارنىڭ يېڭىچە ئىدىيەسىدىن پايدىلىنىپ يېڭىچە پۇل تېپىشنى ئويلىشىپ كۆرۈڭ.

تۆتىنچى: مەبلەغ سالغۇچىلار

بۇنداقلار ئارىمىزدا كۆپ ئەمەس ئەلۋەتتە،  لېكىن ئەگەر سىز مەبلەغ سېلىپ پۇل تېپىۋاتقان،  خېلى بىر مال دۇنيانىڭ ئىگىسى بولۇپ قالغان بولسىڭىز سىزگە تەكلىپىم، سىز تاپىدىغاننى تاپتىڭىز،   كۆرىدىغاننى كۆردىڭىز سىز ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدا شۇنداق كۆپ جاپالارنى تارتقان ئىدىڭىز، ئاشۇ چاغلاردا ھەي مۇشۇنچىلىك پۇلۇم بولسا مانداق ئىشلارنى قىلىپ ئىگىلىك تىكلىسەم دەيدىغان خىياللىرىڭىز بار ئىدى، ئۇنتۇپ قالماڭ سىزگە ئوخشاش ئويلىغان، سىزدەك پۇل تېپىپ يۇرتىنى باي قىلىشنى ئويلاۋاتقان،  ئۇچۇق پىكىرلىك كاللىسى ئۆتكۈر ياشلار ئاز ئەمەس.

ئۇنداقتا، سىز بۇ خىل ئەھۋالدا قانداق قىلىشىڭىز كېرەك؟ بۇ ھەقتە ئويلىنىپ كۆردىڭىزمۇ؟ ئەگەر جاۋابىڭىز «ياق» بولسا، قېنى يازمىنىڭ كېيىنكى بېتىنى ئۆرۈڭ، ئازتولا ياردىمى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس!
#p#

سىزنىڭ پۇلىڭىز بار غېمىڭىز يوق،  بۇنداق غەمسىز ياشاشمۇ مەنچە تازا ياخشى ئەمەس،  شۇڭا پۇل تاپقان،  يۈز تاپقان بۇ چېغىڭىزدا،  ئەمدى ئەلنىڭ غېمىنى قىلىڭ.

نۇرغۇن ياشلار ئىشسىز،  ئىش قىلاي دېسە مەبلەغ يوق،  يول يوق،  يۈرۈپ كېتىۋاتىدۇ،  ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بىر ئىككى يىلغىچە خىزمەت تاپالماي چۈشكۈنلىشىپ كېتىۋاتقان ياشلارمۇ ئاز ئەمەس،  ئاشۇلار بىرەر ئۇستازنىڭ كېلىپ يول كۆرسىتىشىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ .

ھەر قېتىملىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئاياغلاشقاندا ئوقۇغۇچىلار بەس بەستە ئىمتىھانلارنى بىرىپ ئوقۇتقۇچىلىق،  دۆلەت مەمۇرىي بولۇش دېگەنلەرنى تالىشىدۇ. ناھايىتى ئاز بىرقىسىم ئوقۇغۇچىلارلا بۇ خىل ياشاشنى راۋا كۆرمەيدۇ.

ئاتا-ئانىلار بولسا ئوقۇپ كاللىسىنى ئېچىلىپ كەلگەن بۇ بالىسىنىڭ ئانا-دادا مەن پۇل تاپاي، ئىگىلىك تىكلەي دېگىنىگە ئۇنىماي ئۇنى دۆلەت كادىرى قىلىدۇ،  ئوقۇتقۇچى قىلىدۇ.

ئاشۇ –ئاتىلارغا، ئاشۇ ئانىلارغا سۆزۈم: ئەي قەدىردانلار سىلەر كېتىسىلەر بىز قالىمىز،  سىلەر مەڭگۈ بىزگە يول كۆرسىتىپ بېرەلمەيسىلەر، بالىڭىزنى ئۇچسۇن دېسىڭىز ئۇنىڭ ئەركىن پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ قويۇڭ، زادى كاللىڭىزدىن ئۆتمىسە ئالى مەكتەپ تەربىيەسى كۆرگەن بىرەر قېرىندىشىڭىزغا مەسلىھەت سېلىپ بېقىڭ.

ھەر يېلى ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇش پائالىيەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، لېكىن مىللىي كارخانىلار، سودىگەرلەر بۇ يەرلەردە ئاساسەن يوق،  بار يوقى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بىلەن بىرقىسىم ئۇيغۇر ياشلارنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتى ئاز بولغان  شىركەتلەر.

بىر يىلدا ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچى قانچىلىك؟ ئۇلارنىڭ قانچىسى كاللىسى ئۇچۇق ئىدىيەسى ئىلغار ئەڭ ئالدى بولۇپ ئوقۇغانلار؟ ئۇلار نېمە خىزمەت قىلماقچى ئىدى؟ ھازىر نېمە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ؟ نېمىشقا ئاشۇ خىزمەتنى قىلماقچى بولۇپ قالدى؟

گەپنىڭ قىسقىسى سىز مەبلەغنى مۇشۇ ياشلارنىڭ كاللىسىغا سېلىڭ، بۇلار سىز پۇل تاپقاندا ئەقىل تاپقان،  ئۇلارنىڭ كاللىسىدىن پايدىلىنىپ،  پۇل تېپىڭ، ئۇلارغا ئۆزىنى راۋاجلاندۇرالايدىغان ماكان بىرىڭ. ۋاقتى كەلگەندە سىز ئاشۇلاردىن پەخىرلىنىسىز، ئۇلار سىزنى تېخىمۇ بەخت تۇيغۇسىغا چۆمدۈرىدۇ.

يۇقىرىدا ئۈچ خىل پۇل تېپىش شەكلى ۋە بىزدىكى تۆت خىل  كىشىلەر ئاددىيغىنا مۇلاھىزىمىزدە بولدى،  بۇ ئۈچ خىل ئۇسۇل تۆت خىل كىشىدىن ئۆزىڭىزنى كۆرەلىسىڭىز قەلەم خوش،  قەۋم خوش.

گەپنى يىغىنچاقلىغاندا مەبلەغنى بىلىمگە سېلىپ پۇل تېپىڭ، ياشلارنىڭ ئىدىيەسىدىن يول ئېچىڭ، شىنجاڭ يىغىنى ئېچىلدى، سىياسەت كەڭرى،  پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇپ يەنە خەقتىن ئاغرىنىپ يۈرسىڭىز بولمايدۇ،  بۇنداق پۇرسەت ئەمدى كەلمەسلىكى مۇمكىن شۇڭا تىرىشىپ ئۆزىڭىزنى، دىيارىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇڭ.

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا باتۇرلۇققا تايىنىپ پۇل تاپقىلى بولاتتى، 90-يىللاردا مۇناسىۋەتكە تايىنىپ پۇل تاپقىلى بولاتتى، لېكىن ھازىر چوقۇم بىلىمگە تايىنىشىمىز كېرەك.

                                     ئالى بابا گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى: ما يۈن

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى