ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ماركا ھۇقۇقىنى بېكىتىش ۋە قوغداش: ماركا ۋاكالەتچىلىكىگە دائىر سوئال-جاۋابلار

ماركا ھۇقۇقىنى بېكىتىش ۋە قوغداش: ماركا ۋاكالەتچىلىكىگە دائىر سوئال-جاۋابلار

ۋاقتى: 2016-11-04 ئاۋاتلىقى: 582 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1. ماركىنى نېمىشقا رويخەتكە ئالدۇرىمىز؟ رويخەتكە ئالدۇرماي ئىشلەتسەك بولمامدۇ؟
ماركا-ئوخشاش تۈردىكى تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرىدىغان بەلگە، ماركىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشتىكى مەقسەت ماركىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشىش بولۇپ، بۇنداق زۆرۈرىيەت بولمىسا رويخەتكە ئالدۇرماي ئىشلەتسىمۇ بولىۋېرىدۇ. ئەمما باشقىلار رويخەتكە ئالدۇرغان ماركىنى ئۆز مەيلىچە ئىشلەتكەنلەر ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىغا تارتىلىشى مۇمكىن.

2. ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇشنىڭ قانداق يوللىرى بار؟ ۋاكالەتچىنى قانداق تاللاش كېرەك؟
ماركا قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، دۆلەت ئىچىدىكى تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا تەشكىلاتلار ماركا رويخەت ئىلتىماسىنى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ ماركا ئىدارىسىغا بىۋاسىتە سۇنسا ياكى قانۇن بويىچە قۇرۇلغان ماركا ۋاكالەتلىك تەشكىلاتىغا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ. يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بويان، جەمئىيەتتە «ماركا ۋاكالەتچىلىكى قىلىمىز» دەيدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر سەل كۆپىيىپ قالدى، ھەتتا بەزىلەر ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇشنى قانۈنسىز«قارا ۋاكالەتچى»گە ھاۋالە قىلىپ قۇيۇپ، ئىقتىساد ھەم ۋاقىت جەھەتتە قوشلاپ زىيان تارتىۋاتىدۇ. شۇڭا ماركا رويخەت ئىلتىماسىنى ۋاكالەتچى ئارقىلىق بېجىرمەكچى بولغانلار ۋاكالەتچى تاللاشتا تۆۋەندىكى ئىككى نۇقتىغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك؛ بىرى، ماركا ئىدارىسى رەسمىي ۋاكالەتلىك ھوقۇقى بەرگەن قانۇنلۇق ۋاكالەتچىنى تاللاش كېرەك، يەنە بىرى، ماركا ھوقۇقىنى بېكىتىش ۋە قوغداشقا دائىر قانۈن بىلىملىرىدىن تولۇق خەۋەردار، ئۆزىگە ھاۋالە قىلىنغان ئىشنىڭ قانۈنىي خېيىم-خەتىرىنى تولۇق كونترول قىلش ئىقتىدارى بار، تەجرىبىلىك مەسئۇلىيەتچان ۋاكالەتچىنى تاللاش كېرەك.

3. ماركا رويخەت ئىلتىماسى سۇنۇشقا قانداق ماتېرىياللار تەييارلاش كېرەك؟
ماركىنى كارخانا نامىدا رويخەتكە ئالدۇرۇشتا تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ كوپىيەسى بىلەن ماركا رەسىمى تەييارلانسىلا كۇپايە، ماركىنى تەبىئىي شەخس نامىدا رويخەتكە ئالدۇرۇشتا شۇ تەبىئىي شەخس نامىدىكى يەككە تىجارەت كىنىشكىسى ۋە كىملىكنىڭ كوپىيەسى، ماركا رەسىمىنى تەييارلاش كېرەك.

4. ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇشقا قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟ ماركا ھوقۇقى قاچان كۈچكە ئىگە بولىدۇ؟
ماركا رويخەت ئىلتىماسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىنىشىغا نورمال ئەھۋالدا بىر يىل ۋاقىت كېتىدۇ، بۇ مەزگىل ماركىنى ئالدىن ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئەمما قانۇنىي يۇسۇندىكى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقى «ماركا رويخېتى» تارقىتىلغاندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ، ماركىنىڭ رويخەت قەرەلى ئون يىل بولىدۇ، قەرەل توشقاندا رەسمىيەت بېجىرىپ يەنە ئون يىلدىن ئۇزارتىشقا بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى