ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

دۇنيادىكى ئەڭ تەلۋە مىليادىر

دۇنيادىكى ئەڭ تەلۋە مىليادىر

ۋاقتى: 2016-01-11 ئاۋاتلىقى: 1631 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

دۇنيادىكى ئەڭ تەلۋە مىليادىر

ئەگەر تارىختىكى پۇلنى قەغەزدەك خەجلەيدىغان بايۋەتچىلەرنى تەرتىپكە تىزساق ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغىنى خوۋارد.ھۇگىس، ئۇ لاسۋىگاستىكى بىر قانچە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنى سېتىۋېلىپ قايسى پروگراممىنى قاچان كۆرمەكچى بولسا بىر تېلېڧون ئارقىلىقلا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

ئۇ يەنە نەچچە مىليون ئامېرىكا دوللىرى خەجلەپ بىر قىمارخانىنى سېتىۋالدى.
ھۇگىس يەنە ئاياللارغىمۇ نۇرغۇن پۇلىنى خەجلىگەن. بىرلا ۋاقىتتا 80 دىن ئارتۇق ئايال بىلەن ئارىلاشقان. ئەينى ۋاقىتلاردا ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئايال ئارتىسلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئارىلاشقان.
ئۇ ئېلزابىت.تايلېر بىلەن ئارىلاشقان ۋاقىتتا بىۋاستە تايلېرنىڭ ئاپىسى بىلەن كۆرۈشۈپ مۇنداق دېدى: مەن قىزىڭىز بىلەن توي قىلىمەن. قوشۇلسىڭىز بىر مىليون پۇل بېرىمەن " خەلق پۇلىغا سۇندۇرساق يۈز مىليون يۈەن".
ئويلىمىغان يەردىن تايلېرنىڭ ئاپىسىنى بوش چاغلاپ قاپتۇ: -بۇ ئالدىن تاپشۇرۇلىغان باج پۇلىمۇ؟!

تايلېر ئاخىرىدا ئاتا-ئانىسىنى ئويلاپ بۇ تويغا قارشى چىقتى.
ھۇگىس ئۇ ۋاقىتلاردا كېلىشكەن ئەر ھېسابلىناتتى.

ئۇنىڭ پۇل خەجلەش سۈرئىتى يەنىلا پۇل تېپىش سۈرئىتىگە يېتىشەلمەيتتى. ئون نەچچە تۈرلۈك سودا ئىمپېرىيىسى بار.
ئەڭ مۇبالىغىسى شۇكى ھۇگىس لاسۋىگاستىكى نۇرغۇن كەچلىك بەزمىخانىلارنى سېتىۋالدى.

ھۇگىس مىكروب، ۋىرۇستىن قورقاتتى. بولۇپمۇ " ئۇچقۇچى" ڧىلىمىدە ئالاھىدە تەسۋىرلەنگەن.
ھۇگىسنىڭ ئوبسېسسىئونال نېۋروزىيە يەنى مەجبۇرلاش كېسىلى بار. ئەڭ ئاددىيسى تەخسىدىكى پۇرچاقلار چوقۇم كىچىكتىن چوڭغا تەرتىپ بويىچە رەتلىك تىزىلىشى كېرەك.

60 يىل ئىلگىرى ھۇگىس ئىئانە ڧوندى ئارقىلىق قۇرۇلغان خوۋارد.ھۇگىس تىببىي تەتقىقات ئورنى يەر شارى بويىچە ئىككىنچى چوڭ تىببىي تەتقىقات جەمئىيىتى، مەبلىغىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى، بېل.گەيتىس ڧوندىدىن قالسىلا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

ھۇگىس ئۆزى بىر قوللۇق ھۇگىس ئايروپىلان شىركىتىنى قۇردى. ئاي شارىغا چىقىش تەكشۈرگۈچنى كەشپقىلدى.
گالىلېي يۇپتېر تەكشۈرگۈچ --- ھۇگىس ئايروپىلان شىركىتى كەشپ قىلدى.

خوۋارد.ھۇگىس تىببىي تەتقىقات جەمئىيىتىدە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەردىن 10 نەچچىسى بار.
گەرچە بىر ئۆمۈر يۇقىرى پەن-تېخنىكا بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا كىتاپ ئوقۇشنى ياخشى كۆرمەيتتى. مەكتەپتىمۇ نەتىجىسى بەك ناچار. ئۇنىڭ دادىسى خارۋات ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن ، بەزىدە ھۇگىسنىڭ نەتىجىسىدىن خىجىل بولاتتى.
ئۆگىنىش نەتىجىسى ناچار بولغىنى بىلەن ئەمما قۇرۇلۇش، ئىنژېنېرلىق جەھەتتە ئالاھىدە ئىقتىدارى بار. 11 ياش ۋاقىتلىرىدا سىمىسز رادىئو بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرەتتى.
12 ياش ۋاقتىدا توكلۇق ۋېلىسپىت كەشپ قىلغان ئىدى.

ھۇگىسنىڭ دادىسى ئۇنى ئىنژېنېر قىلىش ئۈچۈن كالڧورنىيە شىتاتى ئۇنىۋېرسىتېتىغا بىر مۇنچە پۇلنى ئىئانە قىلىپ ئەكىرىپ قويدى. ئويلىمىغان يەردىن ئەمدىلا ئالىي مەكتەپ تۇرمۇشىغا كۆنگەن ۋاقتىدا ئۇ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالدى. دادىسى قۇرغان نەچچە يۈز مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق نېڧىت قىدرىپ تەكشۈرۈش شىركىتى ئۇنىڭغا مىراس قالدى.
ھۇگىسنىڭ بۇ تەرەپتىن قىلچىمۇ قىزىقىشى بولمىغاچقا باشقا باشقۇرغۇچى تەئىنلەپ ئۆز قىزىقىشى ئۆز ئارزۇسى ئۈچۈن يۈرۈش قىلدى.
گولۇڧ توپ ئويناشقىمۇ قىزىقىپ توپ ماھىرى بولۇش ئىستىكى بىلەن تىرىشقان بولسىمۇ لېكىن ئاخىرىدا يەنىلا گولوڧ توپ گۇرۇپىسىدىن چېكىنىپ چىقتى.

ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كىنو ئىشلەش ئىستىكى پەيدا بولۇپ 80 مىڭ ئامېركا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ قىلغان كىنوچىلىقىمۇ ئاقمىدى. ھەم باشقىلارنىڭ بىكارچى، بايۋەتچە دېگەندەك مەسخىرىسىگە ئۇچرىدى.
كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھۇگىس داڭلىق بىر رېژىسسور بىلەن تونۇشۇپ قالدى. ئىككىسى بىرلىشىپ 3 كىنو ئىشلىدى. ئاخىرىدا ئۇلار ئىشلىگەن " ئىككى ئەرەبىستانلىق چەۋەنداز" نامىلىق كىنو تۇنجى ئوسكار ئەڭ ياخشى ڧىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

21 يېشىدا كىنو ساھەسىدە داڭق چىقارغا ھۇگىس يەنە ئايروپىلانغا قىزىقىپ قالدى.
ئاستا-ئاستا ئايروپىلان ئاساسىي تېما قىلىنغان ئۇرۇش ڧىلىمى ئىشلىدى.
ھۇگىس ئۆزى سىنارىيەلەشتۈرگەن ۋە رېژىسسورلۇق قىلغان " دوزاخ مەلىكىسى " ناملىق ئورۇش ڧىلىمىگە 1700 دىن ئارتۇق ئارتىس قاتناشتى. 300 مىڭدىن ئارتۇق ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلدى. ڧىلىمنىڭ تېخىمۇ ئېسىل چىقىشى ئۈچۈن ھۇگىس يەنە 87 دانە ئايروپىلان ئېلىپ كەلدى. ئايروپىلانلارنى قويۇش ئۈچۈن 400 مىڭدىن ئارتۇق سەرپ قىلىپ مەخسۇس ئورۇن ھازىرلىدى.
ئۇنىڭ كىنوچىلىقى ئۈچۈن تەييارلانغان ئايروپىلان، ئۇرۇش تىك ئۇچار قاتارلىقلارنى يىغسا بىر دۆلەتنىڭ ھاۋا ئارمىيىسىنى تەمىنلىگۈدەك كۆپ ئىدى.

دوزاخ مەلىكىسى ڧىلىمىدىكى ئايال باش ئارتىس جىيىن.خارلوۋ

بۇ ڧىلىمنى ئىشلەش جەريانىدا ھۇگىس ئايروپىلان ھەيدەش پىراۋىسىنى ئالدى، ئىلگىرى پىراۋىسىز ھەيدىگەن.

ھوللىۋۇدتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ھۇگىسنى مەغلۇب بولىدۇ قارىدى. ئەمما بۇ ڧىلىم كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. سەرپ قىلغان مەبلەغدىن ئىككى ھەسسە ئارتۇق كىرىم قىلدى.
بۇ ئىشتىن كېيىن ھۇگىس ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتتى. ئىككى ئاي ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسگە يېڭىدىن ئۇچقۇچى قوبۇل قىلىندى، ئەمما ئۇنىڭ بارلىق پىراۋا كىنىشكىسى ساختا بولۇپ چىقتى، بۇ دەل ھۇگىس.

ھۇگىس ئىسمىنى چارلىز. خاۋاردقا ئۆزگەرتىپ ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىدە 3 ھەپتە خىزمەت قىلدى.

ھەممە ئىشنى قىلىپ كۆرگەن ھۇگىس ئامېرىكىنىڭ ئاساسىي ئۇرۇش ئايروپىلانى p-12 نى سېتىۋېلىپ پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ لايىھىلەپ چىقتى.

ھۇگىس ۋە ئۇنىڭ ئىنژېنېرى بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ يېڭىچە تىپتىكى ئايروپىلان ھۇگىس 1-نومۇرنى ياساپ چىقتى. "H-1"
1935-يىلى 9-ئايدا تۇنجى قېتىم ئۇچقان ۋاقىتتا 352 ئىنگلىز مىلى سائەتلىك سۈرئىتى بىلەن دۇنيا رېكورتىنى ياراتتى.
كىشىلەر H-1 ئايروپىلانىغا " كۈمۈش رەڭلىك پاترون " ، " ئەڭ كۆركەم ئايروپىلان" دەپ نام بەردى.

كۆكتە ئۇچىۋاتقان H-1 نىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى
ئامېرىكىدا ھۇگىس ساراڭ دەپ قارالدى. ئەمما ئۇ دۇنيا رېكورتىنى ياراتتى.
مەيلى كىنوچىلىق ساھەسىدە بولسۇن ياكى باشقا جەھەتلەردە بولسۇن ھۇگىس ئامېرىكا بويىچە داڭلىق شەخسكە ئايلاندى.
1938-يىلى ھۇگىس پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ لايىھىلەنگەن يېڭىچە تىپتىكى ئايروپىلاننى ھەيدەپ 3 كۈن ئىچىدە يەرشارىنى ئايلىنىپ چىقىشتەك رېكورتنى ياراتتى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھۇگىسقا ئەڭ يۇقىرى شەرەپ مۇكاپاتى بەرگەندە ھۇگىس مۇكاپاتىنى ئېلىشقا بارمىدى.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھۇگىس ئەتراپىدىكى ئاۋىئاتسىيە قۇرۇلۇش ئىنژېنېرلىرىنى بىر يەرگە يىغىپ ھۇگىس ئايروپىلان شىركىتىنى تېخىمۇ كېڭەيتتى.

ھۇگىس كەشپ قىلىپ ياسىغان ئايروپىلاننىڭ ئېگىزلىكى 5 قەۋەتلىك بىنانىڭ ئېگىزلىكى بىلەن تەڭ بولۇپ، ھەددىدىن زىيادە چوڭ، ھەم قوپال دەپ قارىلىپ باھالىغۇچىلار تەرىپىدىن تەستىقتىن ئۆتمىدى. لېكىن ئاخىردا ئاسارە ئەتىقە ئورنىدا مۇزېيغا كىرگۈزۈلدى.

پەقەت بىر قانىتىلا مۇشۇنچىلىك چوڭلۇقتا .
ھۇگىس باشقىلار تەرىپىدىن بايچەتچە، بىكار تەلەت ساراڭ دەپ قارالغان ۋاقتىدا، ئۇ پەقەت تۆۋەندىكىدەك بىر جۈملىنىلا دېدى: -مەن ساراڭ ئەمەس. مەن بايۋەتچىمۇ ئەمەس، لېكىن مېنىڭ دادام ئاپام بايۋەتچە ئىكەنتۇق".
ھەقىقەتەن شۇنداق، ھۇگىس دادىسى قالدۇرغان مىراستىن ئازراقمۇ ئىشلەتمىدى .

مەنبە:tv رەستە

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى