ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش مىساللىرى(1)

تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش مىساللىرى(1)

ۋاقتى: 2016-11-11 ئاۋاتلىقى: 548 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش مىساللىرى(1)


بىرىنچى مىسال: جۇڭگو نېفىتىنىڭ ئېلېكترونلۇق سودىسى


نېفىت خىمىيە كارخانىلىرىنىڭ مال سېتىۋېلىشنى باشقۇرۇش تۈزۈمى پىلانلىق ئىگىلىك دەۋرىدە شەكىللەنگەن بولۇپ تۆۋەندىكىدەك تۆت جەھەتتە نامۇۋاپىق: مال سېتىۋېلىش كەسپى ئۇزىراپ كەتكەن، ھالقىلىرى كۆپ، ئۈنۈمى تۆۋەن، باھا ھەر بىر ھالقىدا بىر قېتىم ئۆرلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئوخشاش مالنى ھەرقايسى جايدىكى شىركەتلەر ئۆز ئالدىغا سېتىۋالىدۇ. مۇنداق بولغاندا زور مىقداردا سېتىۋېلىش ئۈستۈنلىكىنى يوقىتىپ قويىدۇ. جۇڭگو نېفىتىنىڭ ھەر قايسى جايدىكى شىركەتلىرى مال ئېكسپورت قىلغاندا خەلقئارادىكى ئاز سانلىق چوڭ تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەر باھانى بىرلىكتە ئۆستۈرىۋالىدۇ. يەنە مال سېتىۋېلىشتا تەمىنلىگۈچى سودىگەر ھەرخىل ئامال-چارىلەرنى قوللىنىپ سېتىۋېلىشنى پەردە ئارقىسىدا كونترول قىلىپ چىرىكلىك پەيدا قىلىدۇ. جۇڭگو نېفىتى مال سېتىۋالغاندا كۆپىنچە نەچچە يۈز مىليونلۇق ھەتتا نەچچە مىلياردلىق مال سېتىۋالىدۇ. ئەگەر ئەنئەنىۋى سېتىۋېلىش ئۇسۇلى قوللىنىلسا مەبلەغنىڭ ئايلىنىش ئاستا، ئۈنۈمى تۆۋەن بولىدۇ. شۇڭلاشقا ھازىرقى زامان ئۇچۇر تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، سېتىۋېلىشنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، تەننەرخنى چۈشۈرۈپ، پۈتكۈل شىركەتنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش جۇڭگو نېفىتىنىڭ ئىچكى ئىھتىياجى.

 

ئېلېكترونلۇق سودا تور بېكىتى قۇرۇش ئارقىلىق ئىچكى مال سېتىۋېلىش بىلەن مەھسۇلات سېتىشنى بىرلەشتۈرۈش پۈتكۈل جۇڭگو نېفىتى شىركىتىنىڭ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو نېفىتى ئەنئەنىۋى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىدىن تەرەققى قىلغان، پېيى بازارغا سېلىنغان خەلقئارالىق كارخانا بولغانلىقى ئۈچۈن خەلقئارادىكى چوڭ نېفىت شىركەتلىرى ئىشلىتىۋاتقان باشقۇرۇش ئىدىيىسى ۋە باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ئىشلىتىپ كارخانا باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك. ھازىر خەلقئارادىكى داڭلىق نېفىت شىركەتلىرى ئاساسەن ئېلېكترونلۇق سودا ئارقىلىق سېتىۋېلىش ۋە سېتىش ئىشلىرىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك باشقۇرماقتا. يەنە جۇڭگو نېفىتىنىڭ ماي گاز مەشغۇلاتى تەننەرخى تۆۋەنلىشى كېرەك. لېكىن ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە ئەنئەنىۋى ئۇسۇلنى قوللىنىپ تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش بارغانسېرى تەسلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. ئەمما ئېلېكترونلۇق سودا مال سېتىۋېلىش ۋە سېتىپ چىقىرىش كەسپىنى ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈپ، باشۇرۇش ۋە خىزمەت تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يوچۇقلارنى ئېتىپ، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىدۇ.

 

ئۈچىنچى: ئەگەر جۇڭگو نېفىتى نېفىت ساھەسىدە باش بولۇپ ئېلېكترونلۇق سودىنى يولغا قويۇپ، پىلانلاش ۋە ئىستىراتىگىيىلىك ھەمراھىنى تاللاش قاتارلىقلارنى تاماملىسا نېفىت ساھەسىدىكى بازار پۇرسىتىنى باشقىلاردىن بۇرۇن تۇتۇۋالالايدۇ.

 

جۇڭگۇ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە تەمىنلەش زەنجىرى ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش ئۇنىۋېرسال سۇپىسى قۇرۇش ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنى ئېلېكترونلۇق سودىغا يۈزلەندۈرۈشنىڭ مۇھىم ھالقىسى ئەنئەنىۋى باشقۇرۇش ئۇسۇلى ۋە تىجارەت ئىدىيەسىنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتىش ئاساسىدا مۇناسىۋەتلىك ساھەدە ئۇچۇرلارنى ھەمبەھرلىنىشكە كاپالەتلىك قىلىش.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى