ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

باشقۇرۇش دېگەن نېمە؟

باشقۇرۇش دېگەن نېمە؟

ۋاقتى: 2016-06-23 ئاۋاتلىقى: 411 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

باشقۇرۇش بولسا بەلگىلىك مۇھىت ئاستىدىكى تەشكىللىگۈچىنىڭ بارلىق ئىگە بولغان بايلىق مەنبەسىگە قارىتا ئۈنۈملۈك ھالدا ئېلىپ بارغان پىلان، تەشكىل، رەھبەرلىك ھەم كونترول قىلىشلار ئارقىلىق مەلۇم خىل تەشكىللەش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇدىغان جەرياندۇر.

باشقۇرۇشنى چۈشىنىشتە ئۇنىڭ ئەڭ دەسلىپىدىن چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ. ئىنسانلار مەدەنىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىيلىقى بەلگىلىك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغاندا ئاندىن تەشكىللەش پەيدا بولغان. باشقۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاۋۋالى ئىش باشقۇرغۇچىلىقتۇر. رىۋايەت قىلىنىشىچە خۇاڭ دىي مەزگىلدە يۈزلۈك نەۋھەر تەسىس قىلىنغان، ئۇلار ئاساسلىقى ھەر تەرەپتىكى تۈرلۈك ئىشلارنى باشقۇرىدىغان مەنسەپتۇر. باشقۇرۇش دېگەن بۇ سۆز ناھايىتىمۇ بۇرۇنلا مەيدانغا كەلگەن، ئەڭ دەسلەپ پېئىل ۋە ئىسىم تۈركۈمى بولۇپ كەلگەن. باشقۇرۇش دېمەكلىك ئىش باشقۇرماق، ئىدارە قىلماق، كونترول قىلماق، تەرتىپكە سالماق، مەسئۇل بولماق، يۈرگۈزمەك، ئېلىپ بارماق، تىزگىنلىمەك دېگەن مەنىلەردە. چەتئەللەردە بۇ سۆزنىڭ ئىسىم ھالىتى Management، پېئىل ھالىتى بولسا Manage دەپ قوللىنىلغان.  Management دېگەن بۇ سۆز ھەم باشقۇرۇشنى ھەم باشقۇرغۇچىنى بىلدۈرىدۇ. ئىلمىي باشقۇرۇش ئاتىسى دەپ نام ئالغان فىرىدەررېك تايلور (Frederick Winslow Taylor) نىڭ قارىشىچە باشقۇرۇش دېمەكلىك ئېنىق ھالدىكى باشقىلارنىڭ نېمە قىلىشىنى بىلىش ھەم ئەڭ ياخشى ئۇسسۇل بىلەن قىلدۇرۇش دېگەنلىكتۇر. نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ھېربېرت سايمېن (Herbert A. Simon) نىڭ باشقۇرۇشقا بەرگەن ئېنىقلىمىسى مۇنداق: باشقۇرۇش بولسا تەدبىر بەلگىلەشتىن ئىبارەتتۇر. پېتىر دېراكېر (Peter F. Drucker) مۇنداق قارايدۇ: باشقۇرۇش بولسا بىرخىل خىزمەت بولۇپ ئۇنىڭ ئۇسلۇب، ئۇسسۇل ۋە قوراللىرى بولىدۇ. باشقۇرۇش بولسا تەشكىلگە ھاياتلىق، ئېنېرگىيە، پوزىتسىيە بېرەلەيدىغان بىر خىل ئەزادۇر، ئۇ بولسا بىر خىل پەندۇر. ھېنرى فەيول (Henri Fayol) نىڭ قارىشىچە: باشقۇرۇش بارلىق ئىنساننىڭ تەشكىلدە بولىدىغان بىر خىل ھەرىكەتتۇر، بۇ ھەرىكەت 5 خىل ئېلېمېنتتىن تەشكىل تاپقان بولىدۇ. پىلان، تەشكىللەش، قوماندانلىق، ماسلاشتۇرۇش ۋە كونترول قىلىشتىن ئىبارەت. ئۇنىڭ بۇ قارشى كېيىنكىلەرنىڭ قوبۇل قىلىشقا ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشكەن. ستېفېن روببىنس (Stephen P. Robbins) مۇنداق قارىغان: باشقۇرۇش بولسا باشقىلارغا باشلامچىلىق ياكى باشقىلار پائالىيىتى ئارقىلىق ئىشنى ئۈنۈملۈك قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. باشقۇرۇش پەقەتلا سودا سانائەتنى باشقۇرۇشلا بولماستىن سودا باشقۇرۇشتىن باشقا يەنە تۈرلۈك باشقۇرۇشلارنى مەسىلەن مەمۇرىي باشقۇرۇش، ئىقتىساد باشقۇرۇش، شەھەر باشقۇرۇش، جەمئىيەت باشقۇرۇش، سەھىيە باشقۇرۇش قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەر بىر تەشكىللەش چوقۇم ئۇنىڭ تۈرلۈك ئىشى، خادىملىرى، بايلىقلىرىغا قارتا باشقۇرۇشقا موھتاج بولىدۇ. كارخانا باشقۇرۇشنى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ: ئادەم كۈچى باشقۇرۇش، مالىيە باشقۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىۋېلىشنى باشقۇرۇش، سودا تىجارەت باشقۇرۇش قاتارلىقلار. كارخانا سىستېمىسى باشقۇرۇشتا كارخانا ئىستراتېگىيەسى، كەسىپ باشقۇرۇش شەكلى، كەسىپ ئېقىمى، كەسىپ قۇرۇلمىسى، كارخانا تۈزۈمى، كارخانا مەدەنىيىتى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ. بازار ئىگىلىكى قاتتىق تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە  قانۇن ئاڭچانلىق (法商) نى باشقۇرۇش دېگەن بىر تۈر يېڭىدىن مەيدانغا چىقتى.

ئۇنداقتا، باشقۇرۇشنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكلىرى بار؟ ئۇلار قايسىلار؟ بۇ ھەقتىكى بىلىمگە قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق يازمىنىڭ كېيىنكى بېتىدە بولسۇن!
#p#

باشقۇرۇشنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى:

1.   باشقۇرۇش بولسا بىرخىل مەدەنىي پائالىيەت

2.   باشقۇرۇشنىڭ ئوبيېكتى باشقۇرغۇچىدۇر.

3.   باشقۇرۇشنىڭ ۋەزىپىسى، فۇنكسىيەسى ۋە قاتلاملىرى.

باشقۇرۇشنىڭ ۋەزىپىسى ۋە پىرىنسىپى

باشقۇرۇشنىڭ ۋەزىپىسى بىر خىل مۇھىت يارىتىپ، بۇ مۇھىت ئاستىدىكى كىشىلەر ئەڭ تۆۋەن چىقىم بىلەن بەلگىلەنگەن نىشانغا يېتىشنى كۆرسىتىدۇ. ئىنچىكە دېگەندە مۇنداق تۆت خىل ئەھۋال بولىدۇ. مەھسۇلات ئۆزگەرمەي خىراجەت ئازىيىدۇ، خىراجەت ئۆزگەرمەي مەھسۇلات كۆپىيىدۇ، خىراجەت كۆپىيىدۇ مەھسۇلات تېخىمۇ كۆپىيىدۇ، خىراجەت ئازىيىدۇ مەھسۇلات كۆپىيىدۇ قاتارلىقلار.

بۇ يەردىكى خىراجەت بولسا مەبلەغ، ئادەم كۈچى، ۋاقىت، ماتېرىيال ۋە ئېنېرگىيەنى كۆرسىتىدۇ. ئومۇملاشتۇرغاندا باشقۇرۇشنىڭ ئاساسى پىرىنسىپى ئاز كۈچ بىلەن كۆپ ئۈنۈمگە ئېرىشىشتۇر.

باشقۇرۇشنىڭ ئاساسىي فۇنكسىيەسى

باشقۇرۇش فۇنكسىيەسى بولسا باشقۇرۇش ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا تىگىشلىك باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ. يەنى: پىلان، تەشكىللەش، رەھبەرلىك، كونترولنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

فايۇر ئەڭ دەسلەپ ئوتتۇرىغا قويغان باشقۇرۇش فۇنكسىيەسى بولسا پىلان، تەشكىللەش، رەھبەرلىك ۋە تەڭشەش، كونترولنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ كېيىنچە يەنە باشقا تەتقىقاتچىلار خادىم سەپلەش، رەھبەر، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تەكشۈرۈش، كونترول قىلىش، تەڭشەش قاتارلىق ئالتە تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دەپ قارايدۇ. ئادەم كۈچى، رەھبەر، تەشكىللەش قاتارلىق ئۈچ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقۇرۇش فۇنكسىيەسى باشقۇرۇشنىڭ توققۇز چوڭ فۇنكسىيەسى دەپ ئاتىلىدۇ.

نىشان تەدبىر قۇرۇلمىسى

كارخانىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك باشقۇرۇلۇشى تۆۋەندىكى بىر قانچە قاتلام تەدبىرگە بۆلۈنىدۇ: ئۇلار بولسا ھاياتى، ئىستىقبالى، نىشانى، تەدبىرى، ئىستراتېگىيەسى قاتارلىقلار.

باشقۇرۇشنىڭ مەنىسى

باشقۇرۇشنىڭ مەنىسى- پائالىيەتلەرنى ئۈنۈملۈك ھالدا يولغا قويۇپ، خىزمەتنى ئەلالاشتۇرۇپ، خېرىدار ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك ھالدا قاندۇرۇپ، ئۈنۈم ۋە پايدىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى