ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ دېرىكتورى

چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ دېرىكتورى

ۋاقتى: 2015-05-05 ئاۋاتلىقى: 574 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


5. چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ دېرىكتورى

1.دېرىكتورنىڭ تەسىس قىلىنىشى، ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىنىشى (ياكى ۋەزىپىدىن بوشتىلىشى)، خىزمەت ھوقۇقى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە دېرىكتور تەسىس قىلىنىدۇ. دېرىكتورنى مۇدىرىيەت ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىدۇ ياكى ۋەزىپىدىن بوشىتىدۇ. 

چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە قانۇن بويىچە مۇدىرىيەت تەسىس قىلىنماي بىر نەپەر ئىجرائىيە مۇدىرىيەت ئەزاسى قويۇلغان بولسا، ئىجرائىيە مۇدىرىيەت ئەزاسى شىركەتنىڭ دېرىكتورلىقىنى قوشۇمچە ئۆتسە بولىدۇ.

«شىركەت قانۇنى»نىڭ 50-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، دېرىكتور مۇدىرىيەتكە مەسئۇل بولىدۇ ھەمدە تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ:

1) شىركەتنىڭ  ئىشلەپچىقىرىش، ئىگىلىك باشقۇرۇش خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، مۇدىرىيەتنىڭ قارارلىرىنى يولغا قويۇشقا تەشكىللەيدۇ؛
2) شىركەتنىڭ يىللىق تىجارەت پىلانى ۋە مەبلەغ سېلىش لايىھەسىنى يولغا قويىدۇ؛
3) شىركەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا باشقۇرۇش ئاپپاراتى تەسىس قىلىش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ؛
4) شىركەتنىڭ ئاساسىي باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى تۈزۈپ چىقىدۇ؛
5) شىركەتنىڭ كونكرېت قائىدە-نىزاملىرىنى تۈزۈپ چىقىدۇ؛
6) شىركەتنىڭ مۇئاۋىن دېرىكتورى، مالىيەگە مەسئۇل خادىمىنى ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىش ياكى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ سۇنىدۇ؛
7) مۇدىرىيەت ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىدىغان ياكى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلىدىغانلاردىن باشقا مەسئۇل باشقۇرۇش خادىملىرىنى ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىدۇ ياكى ۋەزىپىدىن قالدۇرىدۇ؛
8) شىركەتنىڭ نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن ۋە مۇدىرىيەت بەرگەن باشقا خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ.

دېرىكتور مۇدىرىيەت يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىدۇ.

2. دۆلەت ئىلكىدىكى ئۆز ئالدىغا مەبلەغ سالغان شىركەت دېرىكتورلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى، ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىنىش (ياكى ۋەزىپىدىن قالدۇرۇلۇش)، خىزمەت ھوقۇقى  دۆلەت ئىلكىدىكى ئۆز ئالدىغا مەبلەغ سالغان شىركەتلەردە دېرىكتور تەسىس قىلىنىدۇ. دېرىكتورنى مۇدىرىيەت ۋەزىپىگە تەكىلىپ قىلىدۇ ياكى ۋەزىپىدىن قالدۇرىدۇ.
دۆلەت مەبلەغ سېلىشقا ھوقۇق بەرگەن ئاپپارات ياكى دۆلەت ھوقۇق بەرگەن تارماقنىڭ قوشۇلۇشى ئارقىلىق، مۇدىرىيەتنىڭ ئەزالىرى دېرىكتورلىقىنى قوشۇمچە ئۆتسە بولىدۇ.
دېرىكتور «شىركەت قانۇنى»نىڭ 50-ماددسىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى