ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بۈيۈك تەدبىرنىڭ 6 ئاساسىي ئۇلى: تالاش-تارتىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش

بۈيۈك تەدبىرنىڭ 6 ئاساسىي ئۇلى: تالاش-تارتىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش

ۋاقتى: 2016-07-31 ئاۋاتلىقى: 361 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


تالاش-تارتىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش
كۆپىنچە ئادەملەر ئىختىلاپتىن ئۆزىنى تارتىدۇ.   DKEA تەتقىق قىلىپ ئېچىش شىركىتىدىكى كامېن(DEAN KAMEN)بولسا ئىختىلاپ ئىزدەپ، باشقىلارنى  زىددىيەتلىشىشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ. ئۇنىڭ بايقىشىچە، ئوخشىمىغان ئارقا كۆرۈنۈشتىكى، ئوخشىمىغان پىكىردىكى ئادەملەرنى بىر يەرگە يىغىپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ مەيدانىدا تۇرغۇزۇپ بەس-مۇنازىرىگە سالغاندا، ئۇلارنىڭ مۇرەككەپ قارارلارنى چىقىرىشىغا پايدىسى بولىدىكەن.
كامېن مۇنداق دېگەن: "مەن مۇنداق مەنزىرىنى بەك ياخشى كۆرىمەن: يەنى پىكرى پەقەتلا ئوخشاش بولمىغان 10 ئادەمنىڭ يېغىن زالىغا كىرىپ، كەسكىن بەس-مۇنازىرىگە چۈشۈشى."  لېكىن، مەلۇم بىر يات ئادەمگە بۇنداق يىغىننىڭ ياخشى تەسىر بەرمەيدىغانلىقىنى ئۇمۇ ئېتىراپ قىلىدۇ.
ئەلۋەتتە، بارلىق تەدبىرلەر ھەممىسى كۆپچىلىكنىڭ كەڭ كۆلەمدە بەس-مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلمايدۇ. ئەمما، قېيىن تاللاشقا دۇچ كەلگەندە، ئۇنداق شىددەتلىك بوراندەك كەسكىن بەس-مۇنازىرە بەلكىم  ياخشى بولغان ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىپ چىقىشتىكى ئەڭ ياخشى قورال بولسا كېرەك. ئەقىللىق رەھبەرلەر بىلىدۇكى، بۇ خىلدىكى بەس-مۇنازىرە پەقەتلا ئاڭلىق بولغان كارخانا مەدەنىيىتى ئاستىدا بارلىققا كېلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئەركىن ھالدا ئۆز پىكرىنى بايان قىلىپ، ئورتاق بىر نىشان ئۈچۈن تىرىشىدۇ.
"مېنىڭ خىزمىتىم بولسا، مۇنازىرىنى قاچاندا توختىتىشنى بەلگىلەش ۋە يەكۈن چىقىرىش."  كامېن دەيدۇ: "كۆپچىلىكنىڭ يىغىن زالىدىن ئايرىلىشى ئورتاق بىر غايە ئۈچۈن تىرىشىشنىڭ باشلىنىشىدۇر."
موتۇرۇلا شىركىتىنىڭ سابىق رەئىسى ۋە CEO گالۋىن (BOB GALVIN) شىركەتنىڭ پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان 88 نەپەر يۇقىرى قاتلامدىكى دىرېكتورلىرىنى چاقىرىپ، بىرىنچى قېتىملىق پۈتۈن شىركەت دائىرىسىدىكى باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەرنىڭ يىغىنىغا قاتناشتۇرغان. بۇ قېتىملىق يىغىندا، ناھايىتى ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر دىرېكتور ئورنىدىن تۇرۇپ: "بىزنىڭ ھازىر مۇزاكىرىلىشىۋاتقىنىمىز ئەڭ مۇھىم مەسىلە ئەمەس، مەن بۇ قېتىملىق يىغىن ئاخىرىلاشقاندا بىزنىڭ تېخى ئۇ مەسىلە توغرىلىق توختالماي قىلىشىمىزدىن ئەنسىرەيمەن. بىز ئەسلى مۇزاكىرىلىشىشكە تېگىشلىك مەسىلە موتۇرۇلا مەھسۇلاتىنىڭ ناچار سۈپىتى."
يىغىن ئەھۋالىدا تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش بولۇپ، سۈپەت ئەڭ مۇھىم مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى. يىغىن ئاخىرىلاشقاندىن كېيىن، گالۋىن ۋە باشقا دىرېكتورلار سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشقا كېلىشتى، بۇ ھەم ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ جەڭگىۋار روھىنى ئۇرغۇتۇشىنىڭ ئەڭ ياخشى ئامالى ئىدى. بۇ يەكۈننىڭ چىقىرىلىشى پەقەتلا ئۇلار ئارىسىدىكى بىر كەسىپدىشىنىڭ مائاشىنىڭ تۆۋەنلىشى ياكى كۈلكىگە قىلىشىدىن قورقماي يۈرەك سۆزىنى ئېيتىشىدىن كېلىپ چىققان. گالۋىن: "بىزنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ بىزنىڭ ئالدىمىزدا ھەر قانداق گەپنى قىلسا بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، مېنىڭچە، باشقا شىركەتلەردە بۇنداق جۈرئەتلىك، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا شىركەت مەھسۇلاتىنىڭ سۈپىتى ناچار دەپ ئېيتالايدىغان ئادەم بولۇشى ناتايىن. لېكىن، ئۇ ئۆزىنىڭ موتۇرۇلا شىركىتىدە مۇشۇنداق دېسە بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. بىزنىڭ شىركەتتە شۇنداق بىر مۇھىت بەرپا بولدىكى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر كۆڭلىدە نېمە بولسا شۇنى دېيەلەيدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق شىركەتكە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ."
موتۇرۇلا سۈپەتنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئامالىنى تېپىپ چىقالىدى، ئۇ بولسىمۇ بۈگۈنكى كۈندە ھەممىگە تونۇشلۇق 6 سىگىما (شىركەت ئۈنۈمىنىڭ ئۆلچىمى، مېتودولوگىيەسى ۋە باشقۇرۇش  قۇرۇلمىسى) ئىدى.
ئاڭلىق بولغان شىركەت مەدەنىيىتىنى يارىتىشنىڭ تەلەپلىرى: پۈتكۈل ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاكتىپ ھالدا شىركەت خوجىلىق ئىشلىرىغا قاتنىشىشى، ياندا قول قوشتۇرۇپ تۇرماسلىقى كېرەك. يەڭ ئىچىدە سودا قىلىش، سودا تالىشىش ۋە كىچىك گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈشنى چەكلىشى، خىزمەتچىلەر مۇستەقىل ھۆكۈم قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك. ئوخشاش بولمىغان پىكىر ۋە كۆز قاراشلارنى ئىزدەش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى