ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ مەزمۇنى

كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ مەزمۇنى

ۋاقتى: 2016-02-03 ئاۋاتلىقى: 608 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ ئېنىقلىمىسىغا ئاساسلانغاندا، كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ مەزمۇنى كەڭ دائىرىلىك بولىدۇ، لېكىن بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاساسلىقلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. ئىگىلىك باشقۇرۇش پەلسەپىسى: بۇ يەنە كارخانا پەلسەپىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ بىر كارخانىنىڭ خاس بولغان ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە پائالىيەتلەرنى باشقۇرۇشتىكى مېتودولوگىيە پىرىنسىپى بولۇپ، كارخانىنىڭ پائالىيەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ ئاساسى. بىر كارخانا كەسكىن بازار رىقابىتى مۇھىتىدا، نۇرغۇنلىغان زىددىيەت ۋە تاللاشلارغا دۇچ كېلىدۇ، بۇ كارخانىدىن بىر ئىلمىي مېتودولوگىيەنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشىنى، بىر يۈرۈش لوگىكىلىق تەپەككۇر پىروگراممىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى قارار قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ دەل ئىگىلىك باشقۇرۇش پەلسەپەسىدۇر.
مەسىلەن ياپونىيەنىڭ قۇمىرە شىركىتىنىڭ «ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئىنتىلىش، ياشاش ئىرادىسىگە ئەھمىيەت بېرىش، ھەممە ئىشتا مەۋجۇت بولۇشنى ۋە تەرەققىي قىلىشنى كۆزلەش» بۇ دەل ئۇلارنىڭ ئىستراتېگىيەلىك قارار چىقىرىش پەلسەپىسى. بېيجىڭ كۆك ئارال سودا سارىيى 1994-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلار «سەمىمىيەتنى ئاساس قىلىش، مېھرىبانلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش» باشقۇرۇش پەلسەپىسى بويىچە، «كۆيۈنۈش ئارقىلىق مەجبۇرىيەتنى ئىپادىلەش، مەجبۇرىيەت ئارقىلىق پايدىغا ئېرىشىش، مەجبۇرىيەت ۋە پايدىنى بىرلەشتۈرۈش» تە چىڭ تۇرغانلىقتىن، شىركەت قۇرۇلغان ئۈچ يىل ئىچىدە سودا ئوبوروتى بىر ھەسسىلىنىپ، پايتەختتىكى سودا ساھەسىدە 4-ئورۇنغا ئۆتكەن.
 
2. قىممەت قارىشى: قىممەت قارىشى دېگىنىمىز كىشىلەرنىڭ مەلۇم مەنپەئەت ياكى ھەققانىيەت نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ، كىشىلەرنىڭ (شەخس ياكى تەشكىل) مەۋجۇتلۇقى، ئىش-پائالىيەتلىرى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىگە قارىتا باھالاش ئېلىپ بېرىشتىكى ئاساسىي كۆز قارىشىدۇر. مۇنداق دېيىشكە بولىدۇ، ھاياتلىق دەل قىممەتكە ئىنتىلىش، قىممەت قارىشى كىشىنىڭ شۇ قىممەتكە ئىنتىلىشتىكى پائالىيەتلىرىنى بەلگىلەيدۇ.
#p#
قىممەت قارىشى كىشىلەرنىڭ مەلۇم ۋاقىت ياكى مەلۇم ئىش سەۋەبلىك شەكىللەنگەن ئەمەس، بۇ ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمەلىيەت جەريانىدا شەكىللەنگەن قىممەتكە قارىتا بولغان ئاڭ تۈزۈلمىسى. كارخانىنىڭ قىممەت قارىشى كارخانا خادىملىرىنىڭ كارخانا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئەھمىيىتى، باشقۇرۇش مۇددىئاسى، باشقۇرۇش قىبلىنامىسىنىڭ قىممىتىگە بولغان باھاسى ۋە ئۇنىڭغا بولغان ئىنتىلىشىنىڭ بىرلىككە كەلگەن شۇنداقلا شەخسكە خاس بولغان ئاۋام ئېڭى بولۇپ، ئۇ كارخانىدىكى بارلىق خادىملارنىڭ ئورتاق بولغان قىممەت ئۆلچىمىدۇر.
پەقەت ئورتاق قىممەت ئۆلچىمى ئاساسىدىلا ئاندىن كارخانىنىڭ توغرا قىممەت مۇددىئاسى شەكىللىنىدۇ. توغرا قىممەت مۇددىئاسى بولغاندىلا ئاندىن شۇ قىممەت مۇددىئاسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغلىشىدىغان ھەرىكەت بولىدۇ، شۇندىلا كارخانىدا ئۈمىد بولىدۇ. شۇڭلاشقا كارخانا قىممەت قارىشى خادىملارنىڭ پائالىيەت يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدىغان بولۇپ، بۇ كارخانىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. پەقەت ئىقتىسادىي ئۈنۈمگىلا ئەھمىيەت بەرگەن كارخانا نىشاندىن چەتنەپ كېتىدۇ، بۇ دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچرىتىپلا قالماي، يەنە كارخانا ئوبرازىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ پەقەت كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنى كۆزلىگەندە، بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرۈپ، قىسقا مۇددەتلىك ھەرىكەت ئېلىپ بارىدۇ، كارخانا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ، ئاخىرىدا ۋەيران بولىدۇ.
مەملىكىتىمىزدىكى كونا بىر ئەۋلاد مىللىي كارخانىچى لۇ زوفۇ (卢作孚) (خەلق ئىگىلىكىدىكى پاراخوت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى) «شەخس كەسىپ ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ، كەسىپ جەمئىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ، شەخسنىڭ مۇلازىمىتى ئۆز ھەققىدىن ھالقىغان بولىدۇ، كەسىپنىڭ مۇلازىمىتى ئىقتىسادتىن ھالقىغان بولىدۇ.» دېگەننى تەشەببۇس قىلىدۇ. ۋە شۇ بويىچە «جەمئىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، ئاۋامغا قولايلىق يارىتىش، ئىگىلىكنى گۈللەندۈرۈش، دۆلەتنى روناق تاپقۇزۇش» قىممەت قارىشىنى تۇرغۇزغان. بۇ ۋەتەن ۋە خەلقنى چىقىش قىلغان قىممەت قارىشى خەلق ئىگىلىكىدىكى شىركەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى تېزلەتتى.
بېيجىڭ شىدەن (西单) سودا سارىيىنىڭ قىممەت قارىشى بولسا ئەمەلىيەتچىل بولۇشنى يادرو قىلغان، يەنى: «ھەقىقىي مەھسۇلات، ھەقىقىي باھا، ھەقىقىي مۇلازىمەت» باشقۇرۇش جەريانىدا، مالنى كىرگۈزگەندىكى تەكشۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش؛ مالنى كىرگۈزگەندىكى تەننەرخىنى كونترول قىلىپ، مەھسۇلاتنىڭ قوشۇمچە قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، «ھەرۋاقىت چۈشىنىشكە تېگىشلىكى خېرىدار، ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىكى ئۆزىمىز» دېگەن قاراشنى تەشەببۇس قىلىپ، مۇلازىمەت دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كارخانىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرى سۈرگەن.
 #p#
3. كارخانا روھى: كارخانا روھى دېگىنىمىز كارخانا ئۆزىنىڭ خاس ئالاھىدىلىكى، ۋەزىپىسى، قىبلىنامىسى، دەۋرنىڭ ئېھتىياجى ۋە تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ئاساسەن، ئىنچىكىلىك بىلەن تەربىيەلەش ئارقىلىق شەكىللەنگەن كارخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ روھىي قىياپىتىنى كۆرسىتىدۇ. كارخانا روھى كارخانىدىكى بارلىق خىزمەتچىلەرنىڭ ئاڭلىق ئەمەلىي پائالىيىتىدە ئەكس ئېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ يەنە كارخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىدىيە-قاراش، ئالغا ئىنتىلىش روھىنىڭ سىرتقى رەۋىشتە ئىپادىلىنىشى. كارخانا روھى كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ يادروسى، بارلىق كارخانا مەدەنىيىتىدە ئىدارە قىلىش رولىنى ئۆتەيدۇ. كارخانا روھى قىممەت قارىشىنى ئاساس قىلىدۇ، قىممەت مۇددىئاسىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىدۇ. كارخانىنىڭ باشقۇرۇش پەلسەپىسى، باشقۇرۇش تۈزۈمى، ئەخلاق ئادىتى، كوللېكتىپ ئېڭى ۋە كارخانا ئوبرازى قاتارلىقلارغا ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسىتىدۇ. كارخانا روھىنى كارخانىنىڭ جىنى دېيىشكە بولىدۇ.
كارخانا روھى كۆپىنچە ھەم پەلسەپىگە تويۇنغان، ھەم يىغىنچاق بولغان سۆز-ئىبارىلەر ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ، خىزمەتچىلەرمۇ ئاسان ئەستە قالدۇرالايدۇ ۋە دائىم ئۆزىنى ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرالايدۇ؛ سىرتقا تەشۋىق قىلىشقىمۇ قولايلىق بولىدۇ ھەم ئاسانلا كىشىلەرنىڭ ئېسىدە قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن جەمئىيەتتە خاسلىقى روشەن بولغان كارخانا ئوبرازى شەكىللىنىدۇ. مەسىلەن ۋاڭفۇجىڭ تۈرلۈك ماللار بىناسىنىڭ «بىر دۆۋە ئوت» روھى، يەنى شۇ بىنادىكى كىشىلەرنىڭ يورۇقلۇق ۋە ھارارىتى بىلەن ھەربىر قەلبنى ئىللىتىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن، ماھىيىتى دەل ئەلا مۇلازىمەت قىلىشتۇر؛ شىدەن سودا سارىيىنىڭ «ئەمەلىيەتچىل، ئالغا ئىلگىرىلەش» روھى ئەمەلىيەتچىل بولۇشنى يادرو قىلغان قىممەت قارىشى ۋە سەمىمىي بولۇشنى ئىپادىلەپ، ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان بازار باشقۇرۇش ئىستىلىنى كېڭەيتكەن.
4. كارخانا ئەخلاقى: كارخانا ئەخلاقى دېگىنىمىز مەزكۇر كارخانا بىلەن باشقا كارخانىلار، كارخانا بىلەن خېرىدارلار، كارخانىدىكى خىزمەتچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ھەرىكەت ئۆلچىمىنىڭ يىغىندىسى. ئۇ ئەخلاق مۇناسىۋىتىنىڭ نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ، ياخشى-يامان، ئومۇمىيلىق-شەخسىيلىك، شەرەپ-نومۇس، سەمىمىي ۋە ساختا قاتارلىق ئەخلاق دائىرىسىدىكى ئۆلچەملەر ئارقىلىق كارخانىنى باھالايدۇ ۋە قېلىپلاشتۇرىدۇ. كارخانا ئەخلاقى قانۇن قائىدىسى ۋە تۈزۈم قائىدىسى بىلەن ئوخشىمايدۇ، ئۇلاردەك مەجبۇرلاش خۇسۇسىيىتى ۋە چەكلەش كۈچى بولمايدۇ، لېكىن ئاكتىپ ئۈلگە كۆرسىتىش رولى ۋە كۈچلۈك تەسىرلەندۈرۈش رولى بولىدۇ، كىشىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، ئۆز ئۆزىنى چەكلەش رولى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ماسلىشىشچانلىقى بولىدۇ، بۇ كارخانا ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش پائالىيەتلىرىنى چەكلەشتىكى مۇھىم ۋاسىتە. جۇڭگونىڭ داڭلىق ماركىسى توڭرىنتاڭ دورىخانىسىنىڭ 300 يىلدىن بېرى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئېسىل ئەخلاق پەزىلەتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەتكە سىڭدۈرۈپ، خاس بولغان كەسىپ ئەخلاقىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىدە، يەنى «خەير-ساخاۋەت قىلىش، مۇكەممەللىككە ئىنتىلىش، چوڭ-كىچىكلەرنى بوزەك قىلماسلىق، ھەممىگە بىردەك مۇئامىلە قىلىش.»
5. كوللېكتىپ ئېڭى: كوللېكتىپ دېگىنىمىز تەشكىل، كوللېكتىپ ئېڭى دېگىنىمىز شۇ تەشكىلدىكى ئەزالارنىڭ كوللېكتىپ قارىشى. كوللېكتىپ ئېڭى كارخانا ئىچكى ئۇيۇشۇشچانلىقىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ مۇھىم پىسخىكىلىق ئامىلى. كارخانا كوللېكتىپلىق ئېڭىنىڭ شەكىللىنىشى كارخانىدىكى ھەربىر خىزمەتچىنى ئۆزىنىڭ خىزمىتى ۋە ئىش پائالىيىتىنى كارخانىنىڭ نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ بىر قىسمى دەپ قاراپ، ئۇلاردا ئۆزىگە نىسبەتەن ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ، كارخانىنىڭ نەتىجىلىرىگە نىسبەتەن پەخىرلىنىش ھېسسىياتىدا بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كارخانىنى ئۆز مەنپەئەتىنىڭ بىردەكلىكى دەپ تونۇيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كارخانىنىڭ نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بارلىق كۈچى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ، ئاڭلىق ھالدا كارخانىنىڭ نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن قارشى ھەرىكەتلىرىنى چەكلەيدۇ.
#p#
6. كارخانا ئوبرازى: كارخانا ئوبرازى دېگىنىمىز كارخانا سىرتقى ئالاھىدىلىكى ۋە باشقۇرۇش ئەمەلىي كۈچى ئارقىلىق ئىپادىلەپ چىققان، خېرىدارلار ۋە ئاۋام ئېتىراپ قىلغان كارخانىنىڭ ئومۇمىي تەسىرى. سىرتقى ئالاھىدىلىكى ئىپادىلىگەن كارخانىنىڭ ئوبرازى سىرتقى تەسىرات دېيىلىدۇ. مەسىلەن، ۋىۋىسكا، دۇكاننىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى، ئىزناك، ئېلان، تاۋار ماركىسى، كىيىم -كېچەك، تىجارەت مۇھىتى قاتارلىقلار. بۇلار كىشىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئاسانلا باشقىلاردا تەسىرات قالدۇرالايدۇ؛ باشقۇرۇش ئەمەلىي كۈچى ئارقىلىق ئىپادىلەپ چىققان تەسىرات ئىچكى تەسىرات دېيىلىدۇ. بۇ كارخانا ئىچكى ئامىللىرىنىڭ مەركىزىي ئىپادىلىنىشى، مەسىلەن خىزمەتچىلەرنىڭ ساپاسى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، باشقۇرۇش سەۋىيەسى، دەسمايە كۈچى، مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتى قاتارلىقلار. سىرتقى تەسىرات ئىچكى تەسىراتنى ئاساس قىلغان بولىدۇ، ئەگەر ئىچكى تەسىراتتىن ئىبارەت بۇ ئاساس بولمىسا سىرتقى تەسىرات ساختا بولۇپ قالىدۇ ۋە ئۇزۇن پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. ئوبوروت كارخانىلىرى ئاساسلىق تاۋار ئىگىلىكى ۋە مۇلازىمەت كەسپى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن، خېرىدارلار بىلەن ئۇچرىشىشى بىر قەدەر كۆپ، بۇ ۋاقىتتا سىرتقى تەسىرات بىر قەدەر مۇھىم رول ئوينايدۇ، لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ ئىچكى تەسىراتنى ئىككىنچى ئورۇنغا قويساق بولىدۇ دېگەن گەپ ئەمەس.
بېيجىڭ شىدەن سودا سارىيى «سەمىمىيلىك بىلەن خېرىدار كۈتۈش، سەمىمىيلىك بىلەن كىشىنى تەسىرلەندۈرۈش، سەمىمىيلىك بىلەن كىشىنى ئۇزىتىش، سەمىمىيلىك بىلەن كىشىلەرگە يول قويۇش» ئارقىلىق بارلىق ئىخلاسى بىلەن خېرىدارلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئوبرازىنى تىكلىگەن، بۇ مۇلازىمەت دەل گۈزەل مال سېتىۋېلىش مۇھىتى، ئىشەنچلىك بولغان مەھسۇلات سۈپىتى، ھەقىقىي مال باھاسى قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان، يەنى كۈچلۈك بولغان ماددىي ئاساس ۋە باشقۇرۇش ئەمەلىي كۈچى ئەلا مۇلازىمەتنىڭ كاپالىتى بولغاندا، سىرتقى تەسىرات ۋە ئىچكى تەسىراتنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
7. كارخانا تۈزۈمى: كارخانا تۈزۈمى دېگىنىمىز ئىشلەپچىقىرىش باشقۇرۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا شەكىللەنگەن، كىشىنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە نىسبەتەن چەكلەش رولى بولغان ۋە بەلگىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرەلەيدىغان ھەرخىل قائىدىلەرنى كۆرسىتىدۇ. كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ قاتلام تۈزۈلۈشىدىن قارىغاندا، كارخانا تۈزۈمى ئوتتۇرا قاتلامغا تەۋە، ئۇ مەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى، ماددىي مەدەنىيەتنىڭ بارلىققا كېلىشىنىڭ كاپالىتى. كارخانا تۈزۈمى خىزمەتچىلەرنىڭ ھەرىكەت ئۆلچىمى ئەندىزىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شەخسنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ قائىدىلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، ئىچكى-تاشقى كىشىلىك مۇناسىۋەتنى تەڭشەپ، خىزمەتچىلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ. كارخانىنى رەتلىك تەشكىللەپ، كارخانىنىڭ نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى