‘ئۇنىۋېرسال’ 分类下的所有文章
2014ئاپرېل16

قۇياشلەم، بەنىدئىزىم پەرەزىدەك پەيدا بولغانمۇ؟

«ئاكادېمىيە تور بېكىتى»دە جىمسارىنىڭ «قۇياشلەم، بۇلۇتئىزىم پەرەزىدەك پەيدا بولغانمۇ؟»، «قۇياشلەم، توپانئىزىم پەرەزىدەك پەيدا بولغانمۇ؟» ناملىق ئەسەرلىرى نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭدا، قۇياشلەم، قانداق پەيدا بولغان؟ دىگەن مەسىلدە، كىشىلەر ئوتتۇرىغا قويغان « بۇلۇتئىزىم پەرەزى»، « توپانئىزىم پەرەزى» ئىخچام بايان قىلىنغان. ئەمما، بۇ پەرەزلەرنىڭ ئەمەلىيەت سىناقلىرىنىڭ ھەم ئالەمنامە ئىلىم-بىلىملىرىنىڭ گۇمانلىرىدىن مۇستەسنا ئەمەسلىكى، يەنىلا كىشىلەرنى قايىل قىلالمايدىغانلىقى قەيىت قىلىنغان. ئەندى بۇ قىتىم يازىلغان مەزگۇر ئەسەردە، قۇياشلەمنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى يەنە بىر مۇھىم پەرەز« بەنىدئىزىم پەرەزەى» قىسقىچە بايان قىلىندى.

2014ئاپرېل4

«ئىز» دىن ئىز

قالدى ئىز تورلار ئارا گاھى دۇنيالار ئارا،

قالدى نى نى ئەزىمەتلەر تور دۇنيادا ئىز-نامسىز.

نامسىز قالدى دىمەڭ، تور تۇتاشقان جايدا بىز،

گۈل چىچەككە پۈركەيدۇ ياخشى يازغان يازمامىز.

2014مارت23

تاپالمىساجانغا زامىن بولىدىغان 4 سۇئال

مىلادىدىن 5 ئەسىر بۇرۇن، پۈتۈن زىمىندا «زىمىنەل» ناملىق بىرلا مەملىكەت بولغان ئىكەن. زىمىنەل مەملىكەتنىڭ پاتىشاسىنىڭ نامى، « زىمىنشاھ» ئىكەن. زىمىنشاھ، نۇرغۇن يىل ئۇرۇش قىلىپ، زىمىندىكى تارقاق بولغان بەگلىك، پاتىشالىق، سولالە ۋە كىنەزلىكلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، زىمىنەل دۆلىتىنى قۇرۇپ چىققان ھەم ئۆزىمۇ زىمىنشاھ دوپ ئاتالغان ئىكەن. زىمىنەل دۆلىتى قۇرۇلۇپ، 4-يىلى، زىمنشاھ، كىسەل بىلەن ۋاپات بولۇپتۇ. شۇ زاماندىكى قائىدە بويىچە، زىمىنشاھنىڭ 15 ياشلىق ئوغۇل پەرزەنتى، كۈنقۇت، ئاتىسى زىمىنشاھنىڭ ئورنىغا ۋارسلىق قىلىپ، زىمىنەل مەملىكەتنىڭ پاتىشاسى بولۇپتۇ.بىر كۈنى، كۈنقۇت پاتىشاھ، ئوردىدىكى ۋەزىرلەرنى «پەرمان» ناملىق قەسىرەگە يىغىپ، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ مەقسەت مۇددىئاسىنى ئېيتىپتۇ ھەمدە، ۋەزىرلەرگە مۇنداق پەرمان چۈشۈرۈپتۇ:

2014مارت16

ئىلىمداستان

يېقىندا مەن، شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئسىتانسىيەسىنىڭ «مەدەنىيەت بوستانى» پروگراممىسىدا بېرىلگەن،«ئىلمىي فانتازىيە ئەسەرلىرى ۋە ئىلىم پەن روھى» ناملىق سۆھبەتنى تېلىۋىزوردىن كۆرۈپ، ئاڭلاپ چىقتىم. بۇ سۆھبەت ناھايىتى ياخشى پۇرسەتتە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ رىئال جەمىيەتىمىزگە بولغان ئەھمىيەتى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتىمىزدا بولىدىغان ئەھمىيەتى ناھايىتى زور. بۇ سۆھبەتنىڭ مۇنبىرىدىن ئورۇن ئالغان مۆھتەرەم ئەپەندىلەر، رىياسەتچىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان سوئاللىرىغا چامىسىنىڭ يېتىشىچە چۈشەنچە بەردى. ئەمما، بۇ سۆھبەتتە ئەڭ كۆپ قىتىم تىلغا ئىلىنغان «ئىلمىي فانتازىيە» دىگەن سۆز مىنى بىئارام قىلدى. چۈنكى بۇ ئۇيغۇرچە سۆز ئەمەس، قوراشتۇرلغان ئەبجەش سۆز. بۇنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان ئۇيغۇرچە سۆز يوقمىدۇ؟ دەپ ئويلاپ قالدىم. ھەمدە، بۇنى ئۇيغۇرچە «ئىلىمداستان» دىگەن ئىسىم سۆز بىلەن ئاتىساق بولمامدۇ دەپ قارىدىم. بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە پەقەتلا «ئىلىمداستان» دىگەن نىمە؟ دىگەن مەسىلدە ئۆز كۆز قاراشلىرىم بايان قىلىندى.

2014مارت8

خۇتۇن-قىزلار بايرىمىغا تەبرىك

بۈگۈن، 21-ئەسىرنىڭ 14-يىلىدىكى 8-نۇرۇز كۈنى. بۈگۈن، زىمىندىكى ھايات خۇتۇن-قىزلارغا دۇنياۋى بايرام كۈن. بۈگۈن، بارلىق خۇتۇن-قىزلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنىڭ مۇقەددەسلىكىنى يەنە بىر قىتىم دۇنيا ئەھلىنىڭ ئىسىگە سالىدىغان كۈن. بۈگۈن، دۇنيادىكى بارلىق دۆلەت-ئاپاراتلارنىڭ ھەم بارلىق ئەر-يىگىتلەرنىڭ، خۇتۇن-قىزلارنى ھىمايە قىلىش، ئاسراش، ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇلۇغلاش مەجبۇرىيەتلىرىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى يەنە بىر قىتىم جاھان ئەھلىگە جاكارلايدىغان كۈن. مەن، ئاكادېمىيە تورىدىن پايدىلىنىپ، زىمىنىمىزدا ياشاۋاتقان بارلىق خۇتۇن-قىزلارنىڭ دۇنياۋى بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. خانىملار، سىلەرنىڭ 103 قېتىملىق دۇنياۋى بايرىمىڭلارغا مۇبارەك. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مەزگۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، 8 -نۇرۇز ھەققىدە بىلگەنلىرىمنى بايان قىلدىم.

2014فېۋرال15

يەتتە ئەۋلاد ناملىرى

مەن كىچىك چاغلىرىمدا ياشانغان ئۇرۇق تۇققانلىرىمىز كۆپ ئىدى. ئۇلار بىرى-بىرىنى چەۋەم، چەنەم، بالكام، مالكام، دادام، ئانام، ئاتام، ئاپام دىگەندەك ناملاردا ئاتىشاتتى. كىچىكلەرنى بولسا، نەۋرەم، چەۋرەم بەزىلىرىنى كەۋرەم دىگەندەك ناملاردا ئاتىشاتتى. دىمەك، بىزدە يەتتە ئەۋلادنىڭ ناملىرى بار. ئەمما، بىز يەتتە ئەۋلاد نامىنى ھەر قايسى يۇرتلاردا ھەر خىل ئاتاپ كەلگەندەك قىلىمىز. بەزى ناملار ئوخشاش، بەزى ناملار پەرقلىنىدۇ. مەسىلەن: ئاتا، ئاپا دىگەن نامنى، بەزى يەرلەردە دادا، ئانا دەپ ئاتايدۇ. دادا، ئانا دىگەن نامنى بەزىلەر چوڭ دادا، چوڭ ئانا دەپ ئاتايدۇ. بەزىلەر بوۋا، موما دەپ ئاتىسا، بەزىلەر چوڭ بوۋا، چوڭ موما دەپ ئاتايدىكەن. چەۋەم، چەنەم دىگەن ناملارنى بەزىلەر، ئۇلۇق بوۋام، ئولۇق مومام دەپ ئاتايدىكەن. كەۋرەنى بەزىلەر كۆك نەۋرە ياكى كۆكۈن نەۋرە دەپ ئاتايدىكەن. ئومۇمەن ئالغاندا، يەتتە ئەۋلاتنىڭ ئۇيغۇرچە ناملىرى ھەر خىل ئىكەن. مەن تا ھازىرغىچە بىرلىككە كىلىنگەن ئىخچام ناملىرىنى ئۇچراتمىدىم ياكى ئاڭلاپ باقمىدىم. بۇرادەرلەرنىڭ مۇھاكىمە قىلىپ باقىشى ۋە پايدىلىنىشى ئۈچۈن، ئائىلىمىزنى مىسال قىلىپ، يەتتە ئەۋلاتنى رەتى بويىچە تىزىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە نامىنى ئاتاپ تۈزۈپ چىقتىم.

2014يانۋار26

لامىم شىپائى

گىيازات ناملىرىنى ئۇيغۇرچە ئىلمىي، قائىدىلىك، ئىخچام ھەم ئېنىق قىلىپ ئاتاش ۋە يازىش ھەم ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇش نۆۋەتتە ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بولۇپ قالدى. بۇرادەرلەر بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە، ئەنە شۇ مەقسەتتە، «لامىم شىپائى» توغرىسىدا بىلگەنلىرىمنى بايان قىلدىم.

2013دېكابىر12

شىنجاڭدىكى جەزىرە ئوتلاقلار

جەزىرە ئوتلاقلار، شىنجاڭدىكى ئوتلاقلارنىڭ ئەڭ چوڭ تەركىۋى قىسمىنى ئىگەللەيدۇ [1]. شۇڭا، جەزىرە ئوتلاقلار، ئاپتونۇم رايونىمىز چارۋىچىلىقىدا، ھەم بىر قىسىم ياۋايى ھايۋاناتلارنىڭ ياشىشىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرۇدۇ. ئۇنداق بولسا، جەزىرە ئوتلاق دىگەن نىمە؟ ئۇلارنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى جەزىرە ئوتلاقلارنىڭ قانداق تىپلىرى بار؟ ئۇلارنىڭ يەرمەيدانى قانچىلىك؟ ئۇلارنىڭ ئوتچۆپ ئىشلەپچىقىرىش كۈچى قانچىلىك؟ دىگەندەك مەسىلىلەرگە قارىتا بىر چۈشەنچە ھاسىل قىلىش زۆرۆر تېپىلىدۇ. مانا مۇشۇ ۋەجىدىن، بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە، شىنجاڭدىكى جەزىرە ئوتلاقلارنىڭ ئەنە شۇ قاتارلىق ئەھۋاللىرىدىن قىسقىچە مەلۇمات بېرىلدى.

2013نويابىر22

200-ئەسەر

مەن 60 يىلدىن بېرى جەمىيىتىمىزدە، خۇسۇسى ئىگىلىك، ھەمكارلىق ئىگىلىك، كوپىراتىپ ئىگىلىك، سوتسىيالىستىك ئىگىلىك، كوممۇنىستىك ئىگىلىك، پىلانلىق ئىگىلىك ۋە شەخسى ئىگىلىك، بازارلىق ئىگىلىك دىگەندەك ئىگىلىك شەكىللىرىنى كۆردۈم، مەكتەپلەردە بۇ توغرىدىكى دەرىسلەرنى ئوقۇدۇم، پارتىيە مەكتەپلىرىدە بۇ ھەقتىكى لېكسىيە ياكى نۇتۇقلارنى ئانچە-مۇنچە ئاڭلىدىم. ھازىر مىنىڭدە، كۆرگەن-بىلگەن ئەمەلىيەتلەرنى بىر قۇر ئەسلەپ، خۇسۇسى ئىگىلىك تۈزۈمى، ئىنسانلار تەرەققىياتىنىڭ تەبىئى قانۇنىمۇ؟ دىگەن سۇئال پەيدا بولۇپ قالدى. دىمەك، مەزگۇر ئەسەردە، نىمە ئۈچۈن شۇنداق تۇنۇشقا كىلىپ قالغانلىقىم قىسقىچە بايان قىلىندى.

2013ئۆكتەبىر25

مەرىپەت ۋە مەدەنىيەت

ئۇيغۇر تىلىمىزدا، ئادەتتە، مەرىپەت ۋە مەدەنىيەت دىگەن ئىككى سۆزنى كۆپ قوللۇنىمىز. قوللانغاندىمۇ بۇ ئىككى سۆزنىڭ جايىنى تېپىپ قوللانمايمىز. چۈنكى بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسى بىزگە مۇجىمەل. نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بولىدۇ؟ بۇنى چۈشەندۈرگۈچىلەرنىڭ ئۆزى مۇجىمەلدەك قىلىدۇ. مەن، مەرىپەت ۋە مەدەنىيەت دىگەن ئىككى سۆزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىزاھاتىنى كۆردۈم، ئەمما، بۇنىڭغا قانائەت ھاسىل قىلمىدىم.

«ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» دە، «مەرىپەت» بىلەن «مەدەنىيەت» دىگەن ئىككى سۆزگە مۇنداق ئىزاھ بېرىلگەن:

«مەرىپەت، ئى[ئە] ① كىشىلەرنىڭ ئاڭ-سېزىمىنى، بىلىمىنى، مەدەنىيەتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان تەلىم-تەربىيە، ئوقۇش-ئۇقۇتۇش؛ مائارىپ؛ مەرىپەت يۇرتى؛② ئاياللارنىڭ ئىسمى».

«مەدەنىيەت، ئى[ئە] ① ئىنسانلارنىڭ جەمىيەت تارىخى تەرەققىياتى جەريانىدا ياراتقان ماددى ۋە مەنىۋى بايلىقلىرى، ئۇتۇقلىرى. ئادەتتە ئۇ كۆپرەك مەنىۋى بايلىقلارنى يەنى ئەدەبىيات-سەنئەت، مائارىپ، ئىلىم-پەن قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. ② بىرەر ئىجتىمائى گۇرۇپپا،سىنىپ ياكى خەلقنىڭ مەلۇم دەۋردە قولغا كەلتۈرۈلگەن شۇنداق ئۇتۇقلىرىنىڭ دەرىجىسى: سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت. پرولىتارىيات مەدەنىيىتى. بۇرژۇئازىيە مەدەنىيىتى.③ <ئارخېئول> ئوخشاش بىر تارىخى دەۋردە، تارقىلىش نوقتىسىنىڭ يۆتكىلىشىگە قارىماستىن ساقلىنىپ قالغان خارابە ئىزلىرى ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ يىغىندىسى.④ يېزىق ئىشلىتىش قابىلىيىتى، ئومۇمى ساۋات؛ تەلىم-تەربىيە كۆرگەنلىك، زىيالىلىق؛ مەرىپەت: مەدەنىيەتتە ئارقىدا قالماق. مەدەنىيەت ئۆگىنىشى. مەدەنىيەت سەۋىيىسى».

«مەرىپەت» بىلەن «مەدەنىيەت» دىگەن ئىككى سۆزگە بېرىلگەن « ئىزاھ»، مىنىڭچە بەكلا ئۇزۇن شۇڭا، مۇجىمەل بولۇپ قالغان. بۇ ئىزاھلاردىن، بۇ سۆزلەرنىڭ پەرقىنى ئايرىۋالماق تەس. ئەگەر، بۇ ئىككى سۆزنىڭ «ئىزاھ»دىكىدەك روشەن پەرقى بولمىسا، نىمە ئۈچۈن تىلىمىزدا بۇ ئىككى سۆز پەيدا بولۇپ قالغان؟ بۇ توغرىدا ئىزدىنىپ بېقىش زۆرۆردەك قىلىدۇ.