خەتكۈش ‘ئىلىمداستان’
2014مارت16

ئىلىمداستان

يېقىندا مەن، شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئسىتانسىيەسىنىڭ «مەدەنىيەت بوستانى» پروگراممىسىدا بېرىلگەن،«ئىلمىي فانتازىيە ئەسەرلىرى ۋە ئىلىم پەن روھى» ناملىق سۆھبەتنى تېلىۋىزوردىن كۆرۈپ، ئاڭلاپ چىقتىم. بۇ سۆھبەت ناھايىتى ياخشى پۇرسەتتە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ رىئال جەمىيەتىمىزگە بولغان ئەھمىيەتى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتىمىزدا بولىدىغان ئەھمىيەتى ناھايىتى زور. بۇ سۆھبەتنىڭ مۇنبىرىدىن ئورۇن ئالغان مۆھتەرەم ئەپەندىلەر، رىياسەتچىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان سوئاللىرىغا چامىسىنىڭ يېتىشىچە چۈشەنچە بەردى. ئەمما، بۇ سۆھبەتتە ئەڭ كۆپ قىتىم تىلغا ئىلىنغان «ئىلمىي فانتازىيە» دىگەن سۆز مىنى بىئارام قىلدى. چۈنكى بۇ ئۇيغۇرچە سۆز ئەمەس، قوراشتۇرلغان ئەبجەش سۆز. بۇنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان ئۇيغۇرچە سۆز يوقمىدۇ؟ دەپ ئويلاپ قالدىم. ھەمدە، بۇنى ئۇيغۇرچە «ئىلىمداستان» دىگەن ئىسىم سۆز بىلەن ئاتىساق بولمامدۇ دەپ قارىدىم. بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە پەقەتلا «ئىلىمداستان» دىگەن نىمە؟ دىگەن مەسىلدە ئۆز كۆز قاراشلىرىم بايان قىلىندى.