ئىنساننى ئاللا قانداق ياراتقان؟
ئىنساننى ئاللا قانداق ياراتقان؟ جىمسارى سۇئال چۈشتى ئىنسان قانداق يارالغان؟ ئاللاھ دىدى «تۇپا، سۇدىن ياراتقان»؟!. شەكىلگە روھ بېرىپ ئاڭنى ئۇيغاتقان شەكىل، ئەقىلدە ھەممىدىن ئاشقان!.
ئىنساننى ئاللا قانداق ياراتقان؟ جىمسارى سۇئال چۈشتى ئىنسان قانداق يارالغان؟ ئاللاھ دىدى «تۇپا، سۇدىن ياراتقان»؟!. شەكىلگە روھ بېرىپ ئاڭنى ئۇيغاتقان شەكىل، ئەقىلدە ھەممىدىن ئاشقان!.
جاۋاپ چىقمىدى قانچە ئەسىردىن؟ جىمسارى توخو تۇخۇمدىن چىققان ئەزەلدىن؟! تۇخۇمنى توخو تۇغقان ئەزەلدىن؟! توخو بۇرۇنمۇ؟ تۇخۇم بۇرۇنمۇ؟ جاۋاپ چىقمىدى قانچە ئەسىردىن؟!
ماددا، روھ بولمىسا تەپەككۈرمۇ يوق جىمسارى چاماندۇركى شوق، زامان ئاتقان ئوق، چامان-زاماندا بولامدۇ بىر روھ؟ روھدۇر بىر ماددا، ماددا ئۆزى روھ، ئىككى بولمىسا، تەپەككۈرمۇ يوق. ئىزاھات: «چاماندۇركى شوق» دىكى «چامان» دىيىلگىنى، ئا. رەھمەتۇللا جىمسارى ئىجات قىلغان ئاتالغۇ بولۇپ، ئىگىزلىكى، …
ئادەم نىمىشكە ھەممىدىن كاتتا؟ جىمسارى دۇنيا بىر ماددا، ئالەممۇ ماددا، ئادەم، جانىۋار ھەممىسى ماددا. ھەر كىمدە تۇرسا، روھ بىلەن ماددا، ئادەم نىمىشكە ھەممىدىن كاتتا؟! ئىزاھات: ھەركىمدە دىيىلگىنى، بارلىق جانىۋارلارنى كۆرسۈتىدۇ.
ئادەم ۋە مايمۇن ئوخشاشمۇ نىمە؟ جىمسارى دۇنيا، ئالەمدە ئەينى قۇمۇلاق؟، ئىنسان ھاياتى دەۋرى يۇمۇلاق؟ ئادەم ۋە مايمۇن ئوخشاشمۇ نىمە؟ تەپەككۇر بولمىسا ئادەمدە بىراق؟
كىم بەردى ئىنسانغا تەپەككۈر، ئىلمىي ئىشتىياق؟ جىمسارى كىم قىلدى دۇنيانى شۇنچە يومۇلاق؟ ئىناق ھەم تەرتىپتە، توغرا دومۇلاق؟ زىمىندا ھاياتلىق، قوياشنى چىراق؟ ئىنسانغا تەپەككۈر، ئىلمىي ئىشتىياق؟
دۇنيا بۇزۇلسا، ئالەم بولامدۇ چولاق؟ جىمسارى دۇنيا دومۇلاق، ئالەم يومۇلاق، دۇنيا ئالەمدە ئىجىل ھەم ئىناق. دۇنيا تەرتىپتە بولمىسا ئىتپاق ، ئالەم بۇزۇلۇپ بولامدۇ چولاق؟
بارمۇ بۇلاردا ئەقىل يا ئەخلاق؟ جىمسارى قۇياشلەمدە بار نۇرغۇن دومۇلاق، نۇرغۇن دۇنيادۇر ھەممە يۇمۇلاق. نۇرغۇن دومۇلاق مۇستەقىل ئىناق، بارمۇ بۇلاردا ئەقىل يا ئەخلاق؟
ئاي نىمىشكە جىمجىت توپۇلاق؟ جىمسارى زىمىنلەمدە بار ئىككى دومۇلاق، بۇلار چوڭ كىچىك ئەمما يومۇلاق. زىمىندا باردۇر ھاياتلىق قايناق، ئاي نىمىشكە جىمجىت توپىلاق؟
ئىلىم ئال جىمسارى نادان ساغلام تەن، ئېغىرنى يېڭەر، چىچەن بىمار تەن، مۈشكۈلنى يېڭەر. شۇڭا دىگەن قۇرئاندا، «ئىلىم ئال»، بولمىسا، ھالىڭ دوزاقتا ئۆتەر.